ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسىنى مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھېچكىم ياسىيالمايدۇ
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللاھ بىن ھۇمەيد
(28/11/1431هـ 05/11/2010م)
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسىنى مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھېچكىم ياسىيالمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. تەقۋالىق قىلغانلار ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىدىن دەرھال قول ئۈزىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا سەمىمىي نىيەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بويسۇنىدۇ.
ھەقىقىي بەختلىك ئىنسان باشقىلاردىن ئىبرەت ئالغان كىشىدۇر. پۇل تېپىپ ئاللاھ يولىدا خەجلىمەي توپلىغان ئادەم، دۇنياسىدىن پايدىلىنالماسلىقى، مېغىزىنى باشقىلار چېقىشى مۇمكىن. ھەقىقىي كۈچلۈك ئىنسان، ئاللاھنىڭ تائىتىدە ئىزچىل داۋاملاشقان كىشىدۇر. ئاجىز كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرى ئالدىدا چارىسىز قالغان ۋە ئۆزىنى تۇتالمىغان كىشىدۇر. تەقۋالىقنىڭ ئاساسى بولسا ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن بولىدۇ. پەزىلەتنىڭ بېشى تىلنى ساقلاشتۇر.
بۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار ئىككى ھەرەم زېمىنىغا سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى. ھەقىقەتەن بارلىق دىللار مۇقەددەس ئورۇنلارغا، ۋەھيى مەنبىئىگە ۋە ئاللاھ ئۇلۇغ قىلغان ھەج پائالىيىتىگە تەلپۈنىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئاللاھ ئۆزى بىشارەت بەرگەن.
ئى ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى! ئىككى ھەرەمدىكى قېرىنداشلىرىڭلار، سىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلەڭلار، سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىدىن پەخرىلىنىدۇ. سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىشنى شەرەپ بىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئومۇمىي خەلق سىلەرنى قارشى ئالىدۇ. سىلەرنى زېمىندىن بۇرۇن دىللار قارشى ئالىدۇ. بارلىق كىشىلەر خىزمىتىڭلارغا ھازىردۇر. ھاجىلار خىزمىتى تەييارلىقلىرى ئاللىبۇرۇن تاماملانغان. سىلەرنىڭ بۇ مۇقەددەس زىمىنلارغا بولغان تەشنالىقىڭلار دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تەشنالىقىدۇر. سىلەرنىڭ غايەڭلار ئەڭ ئۇلۇغ غايىدۇر. ئاللاھ بۇ زېمىنلارغا كېلىشىڭلارنى ئاسان قىلغان بولسا، قالغان ئىشلىرىڭلارنىمۇ ئاسان قىلغۇسىدۇر. ئاللاھ تىرىشچانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ئاقىۋىتىڭلارنى ياخشى قىلسۇن.
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسىنى مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھېچكىم ياسىيالمايدۇ. يول تۈز ۋە پىلان توغرا بولسا، ۋاقىت داۋالاشنىڭ بىر قىسمىدۇر. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى مۇھىم ئەمەس، مەقسەت مەنزىلگە يېتىش. ئىسلام دىنى ھەقىقىي توغرا دىندۇر. ئۇنىڭ پاكىتى دىننىڭ ئۆزىدۇر. ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ئۆزىنىڭ تېكىستلىرى بىلەن تەتبىقلاشتۇر. ئىسلام دىنىنىڭ نۇر چىرىقى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتقان، نىزامنامىسى بولسا، مەغرىب بىلەن مەشرىقنى، شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرغاندۇر.
ئى مۇسۇلمانلار! ئى ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلار جامائىتى! بىز بەيتۇللاھنىڭ مۇشۇ مۇنبىرى ئارقىلىق جاكارلايمىزكى، ئىنسانىيەت يىڭى قانۇن-پىرىنسىپلارغا مۇھتاج ئەمەس، لېكىن ئۆزىدە بار قانۇن-پىرىنسىپلارنى سەمىمىيلىك ۋە ئادالەت بىلەن تەتبىقلاشقا ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مۇھتاج. ئاممىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە رىئايە قىلىشقا مۇھتاج.
ئەھلى ئىسلام قولىدىكى ئەنگۈشتەرگە قاراپ باقمىدىڭلارمۇ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرۇپ چىققان دۆلەت دائىرىسى، سەددىچىن سېپىلىدىن تا قاراڭغۇلۇقلار دېڭىزى بولغان ئاتلانتىك ئوكيانغىچە سوزۇلمىدىمۇ؟!
ئىسلام دۆلىتى ئەسىرلەر بويىچە دۇنياغا ھىدايەت نۇرىنى چېچىپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرمىدىمۇ!. ھەق دىننى ئەرۋاھلاردىن بۇرۇن روھلار قوبۇل قىلمىدىمۇ! ئىسلام دىنىنىڭ فەتىھلىرى دۇنيانىڭ بارچە مەدەنىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمىدىمۇ؟ ئادالەت، رەھىمدىللىق، بىلىم ۋە تەرەققىياتلار، بىلىمگە يېڭىدىن كۆز ئاچقان ۋە ئىلگىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى بىلمىگەن بىر ئۈممەتنىڭ قولىدا بارلىققا كەلمىدىمۇ!
ئەنە شۇلار ، ھەقىقەت ۋە نۇرنىڭ مەنبىئى بولغان، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقمىدىمۇ؟.
مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرى قان تومۇرلىرىدا تىز سۈرئەت بىلەن ئايلانماقتا، روھ بىلەن جەسەتنى بىرلەشتۈرمەكتە، دىن بىلەن دۇنيانى، ئۈمىت بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۇچراشتۇرماقتا. ئىسلام دىنى بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ. ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇللىقى يوق، ھەقىقىي قۇللۇق بولسا پەقەت ئاللاھقىدۇر.
ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل، رەھىمدىل ۋە ھېكمەتلىك بولۇپ، ھاياتىدا ئۆزىنىڭ تۇتقان پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلمىغان. ئۇنىڭدىن مەنسەپكە ۋە داھىيلىققا ئىنتىلىدىغان ھېچقانداق بىر سۆز ۋە ھەرىكەت سادىر بولمىغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئەقىل-ئىدراك بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە سىرلىرىنى ھېس قىلالايتتى. ئەخلاق، خۇش پىئىللىق ۋە سېخىلىقتا تەڭداشسىز ئىدى.
بىز ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرلىرىنى كەشىپ قىلىشقا باشلىساق، ئاجايىپ ھەيران قالىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكى تۇرمۇشىنى كۆزىتىپ بېقىڭلار، ئۇ ئائىلىسىدە ئاددىي - ساددا ۋە قانائەتچان ئىدى. ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەۋزەل كۆرۈشتەك ئالاھىدىلىكنى قىيامەتكىچە ئۆرنەك قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇ ئائىلىسىگە پۇل-دۇنيا قالدۇرمىغان. ھەتتا قىزى فاتىمە ۋە كۈيئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئۆيىدە خىزمەتچى تۇرغۇزىشىغا رۇخسەت قىلمىغان، بەلكى ئاللاھتىن كۈچ-قۇۋەت ۋە ياردەم تىلەشكە چاقىرغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبلىرى بولغان ئەھلى بەيتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدە ئالاھىدە ئورنى بولۇپ، ئۈممەت ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ۋە مۇھەببەت قىلىشى كېرەك. ئىسلام ئاللاھنىڭ دىنىدۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ بۇ دىننى ۋە قۇرئان كەرىمنى قىيامەتكىچە ئۆزى ھىمايە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە بولۇشىنى ئىرادە قىلغان. ئۇلار ۋەھيىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دەل ۋاقتىدا، يېڭى ۋە ساپ ھالدا قوبۇل قىلىپ باشقىلارغا يەتكۈزگەن، ساھابىلار بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىۋاسىتە تەربىيىسىگە مۇشەررەپ بولغان ئۇلۇغ كىشىلەردۇر. ئىنسانىيەت، ساھابىلاردەك ئۇلۇغ ئىنسانلارنى كۆرمىگەن. ئۇلار ئىسلامغا چاقىرىلغاندا دەرھال قوبۇل قىلغان، قۇرئاننى ئوقۇپ مۇكەممەل ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنى ھاكىمىيەت دەستۇرى قىلغان.
جىھادقا چاقىرىلغاندا قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ھېچ ئارقىسىغا قارىماستىن، جىھادقا ئاتلانغان. دىننى تارقىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. بىرلىك سەپ قۇرۇشتا تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر بولغان. ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، روزا تۇتۇتقانلىقتىن قورساقلىرى چاپلىشىپ قالغان. ساھابە كىراملارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە سەمىمىي ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئالاھىدە ئىخلاسمەن بولغانلىقىدا شەك يوق. بىزمۇ ئەنە شۇ ساھابىلاردىن بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئىبرەت ئېلىشىمىز ۋە ئۇلارنى پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ بىزنى ئىسلام بايرىقىنى ئىگىز كۆتىرىپ ماڭىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇكەممەل ئەمەل قىلىپ ئەگىشىدىغان ۋە ساھابىلار ھاياتىنى ئۆرنەك قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن، ئامىن!.
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر