ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا خالىغانچە باھا بەرمەسلىك كېرەك
ھۆرمەتلىك دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۇرەيم
2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 29 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماستىن ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالغانلارنى جازالاش ۋاجىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا خالىغانچە باھا بەرمەسلىك كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
بىلىم ئىگەللەۋاتقان ئوقۇغۇچى ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتقا ئىگە بولماستىن سۆزلىمەسلىكى ۋە پەتىۋا بەرمەسلىكى لازىم. دوختۇر كېسەلگە دىئاگنوز قويالمىسا، داۋالىماسلىقى كېرەك. يازغۇچىلار ۋە ئالىملارنىڭ سورۇنلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ پەتىۋا بېرىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئورنىنى بىلىشى ھەمدە ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا قوشۇق سېلىپ، ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلىماسلىقى ۋە شەرىئەتكە خالىغانچە تىل ئۇزارتماسلىقى كېرەك. ئىنسانلار ئېغىزىدىن چىققان ھەر بىر كەلىمە ھەققىدە ئاللاھتىن قورقىشى لازىم.
بىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھاكىمنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنىشىمىز، دوختۇرنىڭ دوختۇرلىقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئىقتىسادى قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. خۇلاسە قىلغاندا، ھەممە تەرەپ بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتكە چاقىرىدىغان ئۇلۇغ شەرىئەت، بىزلەرنى بىر يەرگە توپلىشى كېرەك. بىر كەسىپتە ماھارەت ھاسىل قىلغان ۋە مۇتەخەسسىس بولغان ئىختىساس ئىگىسى شۇ كەسىپتە خاتالاشمايدۇ ۋە مۇكەممەل دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ھەقىقىي كامالەت ۋە خاتالاشماسلىق، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خاستۇر. لېكىن ھەقىقىي خاتالىق ئىختىساس ئىگىسى بولغان ۋە مەسئۇلىيەت تاپشۇرىۋالغان ئادەم، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماستىن خاتالاشقان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالماسلىقتۇر. بولۇپمۇ مەسىلە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە شۇ زىيانغا سەۋەب بولغانلار ھېساب بېرىشى، ۋاقتى كەلگەندە جازاغا تارتىلىشى كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى دېگىنىمىزدە دىنىي بولسۇن ياكى دۇنيالىق بولسۇن ئوخشاشتۇر.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ئاپىتىدە جان، ماللىرىدىن ئايرىلىپ شەھەر قۇرۇلىشىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان مەسئۇللارنىڭ قۇربانى بولدى. ئىش ئىگىلىرى خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرغان خىزمەتلەرگە خىيانەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماستىن ئىنسانلارنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالدى. بۇنداق مەسئۇللار كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھېساب ئېلىنىشى ۋە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك. بۇنداق چوڭ بىر پاجىئەدە ھەر كىم مەسئۇلىيەتتىن قاچسا، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلاشتا خاتالاشقانلار مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئۇنداقتا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنىڭ مەسئۇلى كىم بولىدۇ؟
ئىنسانلار ئىختىلاپلاشقان ھەرقانداق مەسىلىنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنغا توغرىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
قارايدىغان بولساق، خەلق ئاممىسى بولسۇن، گېزىتلاردا كۈنلۈك ماقالە يازغۇچىلار بولسۇن، ئېغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ دىنىي ۋە دۇنياۋىي مەسىلىلەردە ھاكىمغا، ئالىمغا ۋە ئىسلاھاتچىلارغا خالىغانچە تىل ئۇزارتىدىغان، يازغان، سۆزلىگەنلىرىدە قانۇن ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا رىئايە قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرمەكتىمىز. ئىش ئىگىلىرى بولغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلىمىگە ھۆرمەت قىلىشمۇ يوق. خالىغان ئادەم خالىغان ماۋزۇدا ئەقلىگە كەلگەننىڭ ھەممىنى سۆزلەۋاتىدۇ، ۋاھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر بىر ھەق ئېگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن.
ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاپ، ھەممىنى بىلىدىغاندەك دىنىي ۋە دۇنياۋىي ئىشلارغا قارىتا مۇپتىدەك پەتىۋا بېرىدىغان، دوختۇردەك دىئاگنوز قويىدىغان، ئىقتىسادشۇناستەك سۆزلەيدىغان ۋە مۇتەپەككۇردەك جۆيلۈيدىغان ئىنسانلار كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ پەقەتلا گېزىتلەرنىڭ بۇرجىكىدىن ئورۇن بېرىلگەن مەسئۇلىيەتسىز يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارلىشىشى، شۆھرەت قازىنىش ۋە جاسارەتلىك دېگەن نام-نىشانغا ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.
بىلىش كېرەككى، پەقەت ئىسلام شەرئىتىدە ناقىسلىق ۋە خاتالىق يوق. قالغان بارلىق ئىنسانلار خاتالىشىدۇ، ياكى توغرا قىلىدۇ. ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ غەلبىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، زەپەر قازىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شۇنداق قىلغاندىلا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ھەمدە ھېچكىم-ھېچكىمگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ. بارلىق ئىشلاردا بىزنىڭ مىزانىمىز ۋە ئەندىزىمىز قۇرئان ھەدىس بولىشى كېرەك.
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر