ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
شەيتان ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىڭلار

شەيتان ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىڭلار

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

(2011-3-)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

 «شەيتان ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئەقىللىق ۋە ئاڭلىق كىشىنىڭ خىسلىتى، دۈشمەننىڭ ھىلە-مىكىرىدىن ئاگاھ بولۇشتۇر. دۈشمەننىڭ خەتىرىنىڭ چوڭ-كىچىك بولىشى، دۈشمەننىڭ كىملىكى ۋە كۈچىگە باغلىق. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلغان ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەننىڭ كىملىكى قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدە نامايەن بولىدۇ:

 {إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لَكُمۡ عَدُوّٞ فَٱتَّخِذُوهُ عَدُوًّاۚ إِنَّمَا يَدۡعُواْ حِزۡبَهُۥ لِيَكُونُواْ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ}

 {شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دەۋزەختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ}[1].

شەيتاننىڭ دۈشمەن ۋە رەزىللىكى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىش بىلەن باشلىنىپ، جەننەتتىن قوغلىنىشى بىلەن يەكۈنلىنىدۇ. شەيتان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغاندىن بىرى، ئادەم بالىسىنى ئازدۇرۇش ۋە توزاققا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بەلكى قىيامەتكىچە شۇنداق داۋام قىلىدۇ. شەيتاننى ئەڭ قاتتىق بىئارام قىلىدىغان نەرسە، مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۈلپەت، دوستلۇق، رەھىمدىللىق ۋە بىرلىك-باراۋەرلىك بولۇپ، مۇسۇلمانلار كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ، سېپىنى تۈزلەپ، دۈشمەنگە قارشى جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرسا، شەيتان بىئاراملىقتىن ئۆلەي دەپ قالىدۇ.

شەيتان داۋاملىق مۇئمىنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پىتنىنىڭ ئۇرۇغىنى چېچىش، بىر-بىرىگە تىغ تەڭلەتكۈزۈپ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. شەيتاننىڭ بۇ قىلمىشى قىيامەتكىچە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ. شەيتان ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىن ھېچبىر زامان بوشاپ، سوۋۇپ قالمايدۇ. شەيتان ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش يولىدا بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشقا سالىدۇ. شۇڭا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەۋلادلىرى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بىر-بىرىگە قارشى چىقىدۇ، بىر-بىرىگە تىغ تەڭلەيدۇ، ئاتالمىش مەنپەئەتىنى قوغداش باھانىسى بىلەن بىر-بىرىنى دۈشمەن كۆرىدۇ. ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشمايدۇ، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىماي، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئارقىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.

قاراپ بېقىڭلار! يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئەگىشىپ يۈسۈپكە نىمىلەرنى قىلدى؟ ئاكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋەسۋەسە پەيدا قىلىپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلاشقا ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشقا ئېلىپ باردى ئەمەسمۇ! ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئەڭ ئېغىر جىنايەت ھېسابلىناتتى. ئاللاھنىڭ بىزگە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە قىسسە بايان قىلىشى، ئەلۋەتتە بىزلەرنىڭمۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا ئەگىشىپ شۇنداق ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ سېلىشىمىزدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئەگەشمەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرىمۇ كۆپ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى ئاستىغا ئالغاندۇر. شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىغا ئەگىشىشتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىگە ئالدىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشڭ مۇھىم ئۇسۇلى، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مۇستەھكەم ئېسىلىش بىلەن بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكى ئايەتتە گەۋدىلىنىدۇ:

 {وَٱعۡتَصِمُواْ بِحَبۡلِ ٱللَّهِ جَمِيعٗا وَلَا تَفَرَّقُواْۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ كُنتُمۡ أَعۡدَآءٗ فَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم بِنِعۡمَتِهِۦٓ إِخۡوَٰنٗا وَكُنتُمۡ عَلَىٰ شَفَا حُفۡرَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنۡهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ}

 {ھەممىڭلار اﷲنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى اﷲنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار) اﷲنىڭ سىلەرگە بەرگەن نىئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲنىڭ نىئمىتى بىلەن ئۆز- ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دەۋزەخ چوقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ}[2].

ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بولغان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلامنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكاملىرىغا چىن ئەمەل قىلىش، ئىنساننى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىشنىڭ يەنە بىر چارىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى ئەسلەشتۇر. ئاللاھ يەنە قۇرئان كەرىمدە توغرا يولدا مېڭىش ھەققىدە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان:

{وَأَنَّ هَٰذَا صِرَٰطِي مُسۡتَقِيمٗا فَٱتَّبِعُوهُۖ وَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلسُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمۡ عَن سَبِيلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ}

 {بۇ مىنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (اﷲنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دەۋزەختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ}[3].

يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە قىلغان رەببانىي ۋەسىيەتلىرىدۇر. توغرا يولدا مېڭىشنى خالىغانلار ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى ئۆزىگە يول خەرىتىسى قىلىشى كېرەك. شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىشنى خالىغان ئادەم تىلىنى داۋاملىق ياخشى سۆزگە كۆندۈرۈش كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

 {وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ ٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ يَنزَغُ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٗا مُّبِينٗا}

 {بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر}[4].

ياخشى سۆز ۋە چىرايلىق گەپ، ياخشىلىق ئەلچىسىدۇر، ئۇ جەمئىيەتتە ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت تېرىيدىغان ئۇرۇقتۇر. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىك ئورنىتىپ بىرگەۋدە بولغاندا شەيتان ئۈمىتسىزلىنىپ ئازابلىنىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى جىدەل-ماجرادىن يىراق بولۇش، ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىكتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«... وَلَا تَنَٰزَعُواْ فَتَفۡشَلُواْ وَتَذۡهَبَ رِيحُكُمۡۖ ...»

(تالاش-تارتىش قىلىپ جېدەللەشمەڭلار، مەغلۇب بولىسىلەر، كۈچۈڭلار پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىدۇ)[5].

شەيتان داۋاملىق ئىنسانغا زىيانلىق، مۇنكەر ئىشلارنى چىرايلىق، پايدىلىق كۆرسىتىپ ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بەزى تەشۋىقات، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئىنتېرنېت تورلىرى ئىنسانلار ئارا قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلىپ، ئاساسسىز يالغاب ىاۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق ئۇخلىغان پىتنىنى ئويغىتىپ، ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كېرەكسىز قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، پىتنىنى ئويغاتماسلىق كېرەك. پىتنە ئويغانسا، ئۇنى ئۇخلىتىش ۋە يوقىتىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھېكمەت بېرىلگەن ھەر قانداق ئىنسان ئاڭلىق ۋە ھېس-تۇيغۇلۇق بولۇپ، پايدا-زىياننى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە ئۈممەتنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى بايقىيالايدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارغا سان-ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، شۇ نېمەتلەر ئىچىدە باياشات تۇرمۇش ۋە ئامانلىق نېمىتى ئەڭ مۇھىمدۇر، يەر يۈزىدە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، ئەنە شۇ 2 ئىشقا مەركەزلىشىدۇ. تۇرمۇش پاراۋان بولۇش - ئىقتىسادى ئەركىنلىكنىڭ مەنبىئى ۋە ئامانلىق بولسا سىياسىي ئەركىنلىكنىڭ مەنبىئىدۇر. ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئەنە شۇ 2 تۈرلۈك شەرت تېپىلسا، ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان ئىمان، تائەت-ئىبادەت، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش. ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھالال بىلىش ۋە ھارام قىلغاننى ھارام بىلىش ئاسان ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىسۇن ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

 

 

 



[1]  سۈرە فاتىر: 6- ئايەت.

[2]  سۈرە ئالى ئىمران: 103- ئايەت.

[3]  سۈرە ئەنئام: 153- ئايەت

[4]  سۈرە بەنى ئىسرائىل: 53- ئايەت.

[5]  سۈرە ئەنفال: 46- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر