ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
رامىزان ۋە روزا

                                           رامىزان  ۋە   روزا

ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن يىلدا بىر ئاي رامزاندا روزا تۇتۇش پەرىز. مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى ناھايىتى خۇشال ۋە ياخشى كەيپىياتتا قارشى ئالىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا روزا تۇتىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا ئادەتلەنمىگەن بەزى ئىبادەتلەرنىمۇ ياخشى كەيپىياتتا ئادا قىلىدۇ .

      نۇرغۇن كىشىلەر رامىزان ۋە روزا ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. ۋاھالەنكى، ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىبادىتى، ھەتتا نورمال تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنىمۇ ياخشى چۈشۈنۇپ، بىلىپ قىلىشنى ئاللاھ بۇيرىغان. تۆۋەندە رامىزان ۋە روزا ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز:

    ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك رامىزان ئېيى يىلدا بىر كىلىدىغان، ھىجرىيە يىلى ھېسابىدا 9- ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا پەرىزدۇر. "روزا" ئەرەبچە "صوم" سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى بولۇپ: ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەن بولىدۇ، تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغىچە يېمەك - ئىچمەك، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ئۆزىنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر .

    روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى بەك چوڭ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسى-قۇدسىدا (ئاللاھ تائالادىن نەقىل قىلغان ھەدىس) مۇنداق دېگەن :«ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ. بىراق روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزەم بېرىمەن. روزا ئىنساننى گۇنا- مەئسىيەتتىن ساقلايدۇ، ئەگەر بىرىڭلار سەت گەپ، ھاياسىز سۆزلەرنى قىلماي، جېدەل ماجرا قىلماي، ھەتتا بىرسى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا تەڭ رەددىيە قايتۇرماستىن مەن «روزىدار» دەپ ئىككى قېتىم جاۋاپ بەرسە، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) نىڭ جېنى قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئۇنداق روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاغزىنىڭ ھېد-بويى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىپارنىڭ ھېد-بويىدىنمۇ خۇش - بۇي بولىدۇ». (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

     روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى، كەچتە ئىپتار قىلغاندىكى خۇشاللىق. ئىككىنچىسى، ئاللاھقا ئۇچراشقاندىكى خۇشاللىق. بەندە تۇتقان روزىسىدىن خۇشال بولىدۇ .

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«روزا ۋە قۇرئان قىيامەت كۈنى بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا ئاللاھقا شۇنداق دەيدۇكى، ئې رەببىم مەن ئۇنى كۈندۈزدە يېمەك - ئىچمەك ۋە شەھۋەتلەردىن توسۇپ قويدۇم، ئۇنى شاپائەت قىلىشىمغا رۇخسەت قىل دەيدۇ. قۇرئان ئېيتىدۇ، ئې رەببىم مەن ئۇنى كېچىدە ئۇخلاشتىن توسۇپ قويدۇم، ئۇنى شاپائەت قىلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭ دەيدۇ .» (ئەلبانى توغرا باھا بەرگەن ھەدىس)

    رامىزان روزىسىنىڭ مەرتىۋىسى شۇنداق ئۇلۇغكى، ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

   مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى بىپەرۋا ئۆتكۈزمەسلىكى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەلبىنى تازىلىشى، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

   يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا رامىزان روزىسىنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئىدۇق، ئەمدى ئۇنىڭ ھۆكمى ۋە رامزاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمىز .

   رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى: قۇرئان، ھەدىس ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەرزدۇر. قۇرئاندا روزىنىڭ پەرزلىكىگە ئوچۇق ئايەت كەلگەن. ھەدىستە بولسا، رەسۇلۇللاھ روزىنى ئىسلامنىڭ 5 ئاساسىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :« ئىسلام 5 نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلدى  (1) ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش.

(2) نامازنى رۇسلاپ ئوقۇش.

(3) زاكات بېرىش .

(4) رامزاندا بىر ئاي روزا تۇتۇش.

(5) بەيتۇللانى ھەج قىلىش .

  دېمەك، روزا ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساس بولۇپ، رامزاندا ھېچقانداق سەۋەبسىز روزا تۇتمىغانلىق، تولۇق مۇسۇلمان بولمىغانلىق دېمەكتۇر .

    روزىنىڭ پەرىزلىكىنى ئىنكار قىلغان، پەرزلىكىگە تانغان كىشى كاپىر بولىدۇ. روزا ھىجرەتنىڭ 2- يىلى شەئباننىڭ 2- كۈنى دۈشەنبە كېچىسى پەرز قىلىنغان .

   رامىزان ئېيى باشقا ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە ئۇ ئايدا قىلغان ئەمەللەر باشقا ئايلاردىكى ئەمەللەردىن پەزىلەتلىكراق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيى كەلسە ساھابىلارغا: «سىلەرگە مۇبارەك ئاي يېتىپ كەلدى، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى، بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ، بۇ ئايدا قەدىر كېچىسى باردۇر، ئۇ كېچىدە قىلغان ئىبادەت مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ياخشىدۇر، بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالغان كىشى ئەبەدىي مەھرۇم قالىدۇ » دەيتتى.

   يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« 5 ۋاخ ناماز ، جۈمە دىن يەنە بىر جۇمەگىچە، بىر رامزاندىن يەنە بىر رامىزانغىچە ئارىلىقتا قىلىپ سالغان گۇناھلار ئىككىنچى جۈمە ۋە رامىزانلار بىلەن يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزمىگەن تەقدىردە قىلغان كىچىك گۇناھلارنىڭ ھەممىسىگە كاپارەت بولىدۇ».

   ھېچقانداق سەۋەبسىز رامزاندا روزا تۇتماسلىق ناھايىتى چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئىسلام بۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان .                              

                                  روزا ھەققىدە سۇئال - جاۋابلار 

     سۇئال: ئىسلام دىنىدا روزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

   جاۋاپ: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ھەر بىر مۇسۇلمان، بالىغ، ئەر - ئايال ھەممىسىگە پەرىز دۇر. روزىنىڭ پەرزلىكى ئايەت بىلەن سابىت بولغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: « يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ».(سۈرە بەقەرە183)

«ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.»

 رامىزان ئېيىدىكى روزىدىن باشقا روزا نەپلە روزا ھېسابلىنىدۇ. تۇتقانلارغا ئەجىر بېرىلىدۇ. تۇتمىغانلار گۇناھقا تارتىلمايدۇ. ئەمما بىر كىشى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر كۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋاجىپ .

     سۇئال: روزىنىڭ لۇغەت ۋە شەرئى مەنىسى نېمە ؟ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىمۇ؟

    جاۋاپ: روزىنىڭ لۇغەت مەنىسى: ئۆزىنى بىر نەرسىدىن تۇتۇۋېلىش. شەرئى مەنىسى: روزا نىيىتى بىلەن تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن كىرىپ كەتكىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسى ئالاقىدىن پۈتۈنلەي توختاشتىن ئىبارەت .

    سوئال: قانداق كىشى رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ ؟

   جاۋاپ: نامازنى قەسىر قىلغۇدەك ئۇزۇنلۇقتىكى سەپەرگە چىققان ئادەم، كېسەل بولۇپ روزا تۇتسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قىلىشىدىن قورققان كىشى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ئۇلار رامزاندىن كىيىنلا كېچىكتۈرمەستىن قازاسىنى تۇتۇشى كېرەك. سەپەرگە چىققان مۇساپىر ئەگەر ئېغىر كەلمىسە ئۆز ۋاقتىدا روزا تۇتقىنى ياخشى .

    سوئال: مۇساپىر ياكى كېسەل روزا تۇتماي مۇساپىرلىق، كېسەللىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇلار جازاغا تارتىلامدۇ ؟

    جاۋاپ: ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ كەلمەيدۇ .

   سوئال: كېسەل ساقىيىپ ، مۇساپىر ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلسە، تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسى كېلەمدۇ ؟

    جاۋاپ: ئۇلار تۇتالمىغان روزىسىنى ھېسابلاپ قازاسىنى تۇتىدۇ .

   سوئال: مۇساپىرمۇ ئەمەس، كېسەلمۇ ئەمەس كىشىلەردىن رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدىغان كىشىلەر كىملەر ؟

   جاۋاپ: ھامىلدار، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار بالىسىغا تەسىر يېتىدىغاندەك بولسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما كېيىن قازاسىنى تولۇق تۇتۇشى كېرەك.

    سوئال: رامزاندا روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كىشىلەرمۇ بارمۇ ؟

   جاۋاپ: بار، ھېيىزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. ئەمما ھېيىز ۋە نېپاستىن پاك بولغاندىن كىيىن، قازا روزىسىنى تولۇق تۇتۇشى ۋاجىپ (يەنى لازىم) .

    سوئال: تۇتالمىغان روزىسىغا قازا كەلمەي، پىدىيە كىلىدىغان كىشىلەر بارمۇ ؟

   جاۋاپ: ياشتا چوڭۇپ قالغانلىقتىن روزا تۇتالمىغان ئادەم قازاسىنى قىلماي، پىدىيە بەرسە بولىدۇ .

    سوئال: پىدىيە دېگەن نېمە؟

   جاۋاپ: پىدىيە دېگەن كاپارەت بەرگەنگە ئوخشاش، ھەر كۈنى بىر مىسكىننى يېمەك-ئىچمەك بېرىپ تويغۇزۇشتىن ئىبارەت.

   سوئال: بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي ، كېيىن پۇرسەت كەلسىمۇ قازاسىنى قىلماي ئۆلۈپ كەتسە نېمە قىلىدۇ؟

  جاۋاپ: قىلىپ سالغان گۇناھىغا ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۆز مېلىدىن بىر كۈنگە بىر مىسكىننى تائام بېرىپ تويغۇزۇشقا ۋەسىيەت قىلىدۇ. بۇغدايدىن يېرىم سا، خورما ياكى ئارپا بولسا بىر سا بېرىلىدۇ .( بىر سا 2500 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ)

   سوئال: رامىزان ئىچىدە كۈندۈزدە بىر كىچىك بالا بالاغەتكە يېتىپ قالسا ياكى بىر كاپىر مۇسۇلمان بولۇپ قالسا، نېمە قىلىدۇ؟

   جاۋاپ: بالاغەتكە يەتكەن ۋە مۇسۇلمان بولغان سائەتتىن باشلاپ، يېمەك-ئىچمەكتىن توختاپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئەينى كۈننىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ .

   سوئال: رامىزان ئېيىدا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ھۆكمى نېمە؟

    جاۋاپ: روزىغا نىيەت قىلىپ كۈندۈزدە ئايلىنىپ كەتسە، ئەينى كۈننىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. ئەمما ئۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە يەنە ئايلانسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

     سوئال: ساراڭ رامىزان ئىچىدە ساقىيىپ قالسا نېمە قىلىدۇ ؟

    جاۋاپ: ساقايغان ۋاقىتتىن تارتىپ روزا تۇتۇپ،  ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

    سوئال: مۇساپىر روزىنى نىيەت قىلماي ئۆيىگە كېلىپ قالسا، ھېيىزدار ئايال ساقىيىپ قالسا نېمە قىلىدۇ؟

    جاۋاپ: ئۆيگەكەلگەن ۋە ساقايغان مىنۇتتىن باشلاپ، روزىسىنى سۇندۇرىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىدۇ. چۈنكى ، رامىزان ئېيىغا ئېھتىرام قىلىشى كېرەك.

 سىراجىدىن ئەزىزى تەييارلىدى.

باشقا خىزمەتلەر