ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Eylül 2021

چىكىنىڭ
ۋەسۋەسە ۋە قارا بېسىشلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى

ۋەسۋەسە ۋە قارا بېسىشلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تەلىب

 

(19/5/1432ھ -  23/4/2011م)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ۋەسۋەسە ۋە قارا بېسىشلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ياخشىلىقنىڭ قانداق بىر دەرۋازىسى بولسا، جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان قانداق بىر يول بولسا ۋە بەخت-سائادەتنىڭ قانداق بىر مەنزىلى بار بولسا، بىزنى ئۇنىڭغا باشلىغان ھەمدە بىزگە سۈننەتلەرگە قانداق ئەمەل قىلىش ھەققىدە يوليۇرۇق بەرگەن، ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگۈتۈپ، بىزنى بارلىق ئەھۋاللىرىمىزدا ئاللاھنىڭ مۇرادىغا لايىق ھەرىكەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. بىز ئۇيقۇ ئۈچۈن تۆشەكتە ياتقىنىمىزدا، ئىبادەت ئۈچۈن مېھرابقا بارغىنىمىزدا، دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈپ ئىشلىگىنىمىزدە ۋە بارلىق ھالىتىمىزدە ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەشكە چاقىرغان.

ئىنسان داۋاملىق ئۇيقۇدا ياكى بولمىسا ئويغاق ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇ كىچە-كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىشىدەكلا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇيقۇ ئىنسان ھالىتىدىكى ئاجايىپ بىر ھادىسە بولۇپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بىر نېمەت ۋە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ ئىنسانلار ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. ئۇيقۇ ئۈچۈن ئىنسانلار ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدۇ، ئۆي، جايلارنى تەييارلايدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئۇيقۇ ھاياتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بەك مۇھىم، ئۇيقۇنىڭ كەملىكى ئىنسانغا زىيان ئېلىپ كەلسە، زىيادىلىقىمۇ ئادەمنىڭ جىسمى ۋە روھىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيقۇنىڭ كەم زىيادىلىكىنى تەڭشەش ئۈچۈن بەزىلەر كۆپلىگەن مەبلەغلەرنى سەرپ قىلىدۇ. ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ 3 تىن بىرىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ئاساستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇيقۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى ھەققىدە ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيقۇلىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولىشىنىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر. ئۇيقۇنى ياخشى ۋە تولۇق ئۇخلىغان كىشى بامدات نامىزىغا روھلۇق ھالدا ئورنىدىن تۇرالايدۇ، نامازنى خۇشۇ-خۇزۇ بىلەن ئوقۇيالايدۇ، ۋەسۋەسە ۋە قارا بېسىشلارغا ئوخشاش روھىي كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇيقۇ ھەققىدىكى ئەدەپ-ئەخلاق سۈننەتلىرى بولسا، ئىنساننىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى ئۈچۈندۇر. ئاخشامدا كېچىكمەستىن ئۇخلاش، ئۇيقۇدىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇش، چىراقلارنى ئۆچۈرۈش، ئىشىكلەرنى تاقاش، قاچا-ئىدىشلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قولىنى ۋە ئېغىزنى يۇيۇش، تاھارەت ئېلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۇئا ئوقۇش، بىسمىللاھ دەپ ئورۇنغا بېرىش، ئۇخلىغانلار بىر بىرلىرىدىن يىراق ئۇخلاش، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش، ئوڭ قولىنى مەڭزى ئاستىدا قويۇپ ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت يېزىپ قويۇشتەك ئىشلار ئۇخلاشتىكى سۈننەتلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇم يېتىپ ئۇخلاشتىن توسقان، چۈنكى ئۇ ئەھلى دوزىخىلارنىڭ يېتىشىدۇر. ئىنسان ئۇخلاش جەريانىدا بەزىدە قارا باسىدۇ، چۆچۈپ ۋە قورقۇپ ئويغىنىدۇ، ئۇنداق چاغلاردا ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش كېرەك.

چۈش كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك سۈننەتلەر بار بولۇپ، چۈش ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، بىرى رۇيا دىيىلىدۇ، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان چۈشتۇر، ئىككىنچىسى قورقۇنچلۇق چۈش بولۇپ، ئۇ شەيتاندىندۇر. قايسى بىرىڭلار چۈشىدە ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ھالەتنى كۆرگەن بولسا، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈپ، ئاللاھتىن پاناھ تىلىسە، زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. بەندە بارلىق ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بىجا كەلتۈرسە، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس كېسەللەردىن ساقلىنالايدۇ، جىن-شەيتانلار سۈيقەست قىلالمايدۇ. ۋەسۋەسە، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قارا بېسىش قاتارلىق روھىي كېسەللەردىن ساقلىنىدۇ. قارايدىغان بولساق، بۇ كۈنلەردە جىن چاپلىشىۋالىدىغان، سېھىرنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق ئىللەتلەردىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ-كىچىك سۈننەتلىرىگە بىجانىدىل ئەمەل قىلىشتۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەللەردىن، ۋەسۋەسە ۋە قارا بېسىشلاردىن ئامان قىلسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشنى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!.

 سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.

باشقا خىزمەتلەر