ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئىبادەت بىلەن ئىلىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق
مۇھەممەد يۈسۈپ
مەن ھاياتىمدا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى ياقتۇرمايدىغان نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى كۆردۈم. مەن بىھۇدە گەپ تالىشىپ، ئۆزلىرى بىلمىگەن دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە جېدەل قىلىشىپ ئولتۇرغان قېرىنداشلارنى كۆرۈپ: «ھەي بۇرادەرلەر! قۇرۇق گەپ تالاشقاندىن كۆرە كىتاب ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇلار: «كىتاب ئوقۇغانلار نېمە ئىش قىلالاپتۇ؟ سىلى كىتاب يېزىپ نېمە غەلىبە قىلالىدىلا؟ دېدى. مەن دېدىمكى: «كىتاپ ئوقۇغان ئادەم بىلمىگەننى بىلىدۇ، ھېچبولمىسا ئادەم بولىدۇ. ئەمما مەن ئۆزۈمنى چوڭ ئىش قىلدىم دېيەلمەيمەن، مەن پەقەت بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىرىمەن».
ھەرەمدە ئىبادەت قىلىش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن پەزىلەتلىك ئىش _ ھە! ئەمما مەن ئىشەنچلىك، تەقۋادار ئالىمنىڭ كىتابىدىن بىرەر ماۋزۇنى ئوقۇشنى ھەرەمدە ئىككى رەكئەت نەپلى ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەل كۆرىمەن. چۈنكى ئوقۇغان ۋە بىلگەن ئادەمنىڭ ئىككى رەكئەت نامىزىنى نادان مۇسۇلماننىڭ يۈز رەكئەت نامىزىدىن ئەۋزەل كۆرىمەن. بەلكى بۇ ئويلىغىنىم خاتادۇر. خاتالاشقان بولسا، جانابى ئاللاھتىن ئەپۇ سورايمەن. مەن نېمىشقا شۇنداق دەيمەن؟ چۈنكى دىننىڭ بېشى ئوقۇشتۇر. شۇڭا پەيغەمبىرىمىزگە تۇنجى ۋەھيى«ئوقۇ!» دەپ كەلگەن. يەنە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر . ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرى ئابىد، يەنە بىرى ئالىم ئىككى كىشىنىڭ قايسىسى ئەۋزەل ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئارتۇقلىقى مېنىڭ سىلەرگە بولغان ئارتۇقلىقىمغا ئوخشايدۇ» دېدى. بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرمەكچى بولساق دەيمىزكى، بىر مەلۇم بىر مەكتەپتە 30 _ 40 يىلدىن بېرى مەكتەپكە قارايدىغان بىر دەرۋازىۋەن بار دەپ پەرەز قىلساق، بۇ دەرۋازىۋەن مەكتەبتىكى كاتتا ئۇستازغا ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇ كاتتا ئۇستازغا ھەر كۈنى ۋە ھەر سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىدۇ. ئەمما بۇلار ئۇنىڭدا ئوقۇپ بىلىم ئالىدۇ، ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى تىڭشايدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تۇرغان ۋاقتى ئاران 5 _ 6 يىل بولسىمۇ، بىر ئۆمۈرگە يەتكۈدەك بىلىم ئالىدۇ، ئادەم بولىدۇ، ئۆزگىرىدۇ، ئەخلاقلىنىدۇ. ئەمما ھېلىقى دەرۋازىۋەن ئۇستازلارغا شۇنچىلىك تۆۋەنچىلىك بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ مەكتەپتە 30 _ 40 ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇ مەكتەپتىن دەسلەپتە بۇ مەكتەپكە قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىشلەش جەريانىدا مائاش ئېلىپ قورسىقىنى باققاندىن باشقا ھېچ نەرسە ئالالمىغان ھالدا قۇرۇق قول چىقىدۇ.
مۇسۇلمان ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا يىللارچە ئىبادەت قىلسىمۇ، ئەگەر ئۇ ئوقۇپ بىلىم ئالمىسا، بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تولۇقلىمىسا، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆگەنمىسە، ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا قۇلچىلىق قىلالمايدۇ، قىيىنچىلىقلار، زور سىناقلار ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. مۇنداقلارنىڭ ئىمانى ئاجىز بولغانلىقتىن ئىرادىسىمۇ ئاجىز كېلىدۇ. ئەمما رەببىنى بىلىم يولى بىلەن تونۇغان، ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن مۇئمىن ئادەم دۇنيانىڭ ھەر قانداق ئازدۇرغۇچ كۈچلىرى ۋە زالىملارنىڭ قانلىق قامچىلىرى ئالدىدا تىز پۈكمەيدۇ، خۇددى تۇنجى ئىسلام شېھىتلىرى ياسىر ۋە سۇمەييەلەردەك ئەقىدە يولىدا جېنىنى قۇربان قىلالايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھتىن پەقەت ئۇنىڭ ئالىم بەندىلىرىلا قورقىدۇ . يەنى ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇغان ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى، كاتتا قۇدرىتىنى بىلەن ئادەم ئاللاھ تائالادىن ھەممە ئادەمدىن بەكرەك قورقىدۇ ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، ئوقۇڭ، ئۆگىنىڭ ۋە بىلىملىك مۇسۇلمان بولۇڭ!
باشقا خىزمەتلەر