ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
ۋەتەننى قانداق ئادەملەر تۇتۇپ تۇرالايدۇ ؟

ۋەتەننى قانداق ئادەملەر تۇتۇپ تۇرالايدۇ ؟


مۇھەممەد يۈسۈپ


شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ۋەتەن شۇ ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلگەن، ئۇنىڭ يولىدا جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىشتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدىغان، ۋەتەن مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىدا تۇرىدۇ، شۇنداق ئادەملەرلا ۋەتەننى قوغداپ قالالايدۇ. تۈركلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى كۆرگىنىمىزدە بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشنىۋاتىمىز.
ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئاچقان بۇ ئىقتىساد ئۇرۇشى مۇندىن يۈز يىللار ئىلگىرى بىرىتانىيەنىڭ ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى ئاچقان ئىقتىسادىي ئۇرۇشىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى خىرىسى 15 – ئىيۇل سۇيىقەستىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىز ئۇيغۇرلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتمەكتە ۋە بىزگە ئەمەلىي ساۋاق بەرمەكتە. تۈركىيەدە دوللارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن شەخسلەر ئۈچۈن دوللارنى ۋە ئالتۇننى ساتماي ساقلاپ قېلىش مەنپەئەتلىك كۆرۈنۈۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بۇ خەلق ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋازكېچىپ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىدى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ «ياستۇقۇڭلارنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇننى ۋە ساقلاپ كېلىۋاتقان دوللارنى تۈرك لىراسىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، دوللار ۋە ئالتۇننى سېتىش ئۈچۈن بانكىلارنىڭ ئالدىدا سەپ بولۇپ تۇرۇپ كەتتى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چەتكە چىقىش ئۈچۈن دوللارلىرىنى تۈرك لىراسىغا ئالماشتۇردى. خەلقنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالمىسىمۇ، ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسەتتى، ھېچبولمىغاندا بۇ خەلق ئۆز ۋىجدانىنى راھەتلەتتى ۋە باشقىلارغا ئۆرنەك بولدى.

تۈركىيەنىڭ تۈركلىرى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرلىكى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۆپ سەۋىيە پەرقى بار. چۈنكى بىز مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى تۈركىيە خەلقى چاناققەلئەدە ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئىسسىق جېنىنى بەرگەن چاغلاردا، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ لەززىتى ۋە ئارامى بىلەن مەشغۇل ئىدۇق. بىز ۋەتەن دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەلدۇق. بىز ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىلگەن بولدۇق. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ كىرىزىس كۈچەيگەندىن كېيىن بىلگەن بولدى.

ئەزىز قېرىنداشلىرىم! ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ قولىدىكى دوللار پۇللىرىنى تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرۇپ تۈركىيەگە ھەسسە قوشۇش ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر قولىدا دوللار، يەنە بىر قولىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا بانكىلاردا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى مېنى بەكمۇ خۇش قىلدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە تۈركىيەدىكى بەزى تەشكىلا ت مەنسۇپلىرىغا بۇنى تەۋسىيە قىلغان بولدۇم.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز ئۆز قېنىمىزدىن، ئۆز دىنىمىزدىن بولغان بۇ خەلقنىڭ مۇشۇ ئەۋزەللىكىنى بولسىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆزىمىزگە يەرلەشتۈرۈشىمىز ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىىمىز لازىم.

باشقا خىزمەتلەر