ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتى

 

يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

 

ئەبۇ ھۈرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن ھەر يۈز يىلنىڭ باش تەرەپلىرىدە دىنىي چۈشەنچىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغان كىشىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن[1]. ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى مەلھەمە كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ بۇ ھەدىسنى بۇ ئورۇنغا قويغانلىقىدا بىرقانچە نۇقتىلار بار:

 

1. مۇجەددىد (مۇجتەھىد، يېڭىلىق ياراتقۇچى) ئالىم دېگەن ئۈممەت دۇچ كېلىدىغان بۈيۈك ۋەقەلەردىن ۋە ئىسلامغا قىلىنىۋاتقان ئاشكارا دۈشمەنلىكلەردىن يىراق تۇرمايدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئالىمنىڭ ئورنى بۈگۈنكىدەك مۇسۇلمانلارنى سورۇپ تاشلاۋاتقان ھادىسىلەردىن يىراق ھالدا يۈكسەك ئۈستۈنلۈكتىكى داچىلاردا بولمايدۇ، شۇنداقلا جىھادتىنمۇ يىراق تۇرمايدۇ. ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قولىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا قويالمايدىغان كىشى مۇجەددىد ھېسابلانمايدۇ.

 

2. دىننى يېڭىلاشنىڭ مەنىسى دىننى يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن شەكىللىنىۋاتقان جەڭلەر ۋە مەلھەمىلەردە دىننىڭ غەلىبە قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى مەلھەمە كىتابىنىڭ بېشىغا تىزىش ئارقىلىق ئاشۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرنى تەكىتلىمەكچى بولسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى ۋە يېتەكچىلىك ماقامى ھەققىدە بېشارەت بېرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھەدىسىنى بۇ كىتابنىڭ بېشىدا كەلتۈرگەن.

 

3. رەسۇلۇللاھ ئالدىن خەۋەر بەرگەن جەڭلەر ۋە مەلھەمىلەر ئاساسەن ئىسلام دىنىنى يوقىتىشنى ياكى سەتلەشتۈرۈۋېتىشنى نىشان قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ دىننى ۋە بۇ دىننىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ھەمدە ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ۋە جەڭلىرى سەۋەبلىك بۇ دىننىڭ ئۆچۈپ قالغان بەلگىلىرىنى روشەنلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇجەددىدلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.

 

4. دىنىي چۈشەنچىنى يېڭىلاش ھەرىكىتى بىرىنچى دەرىجىلىك جىھاد ھەرىكىتىدۇر، بۇ ھەرىكەت ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، چۈنكى مۇجەددىد ئالىملار يوقىلىپ كېتىۋاتقان پەرزلەرنى ۋە سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. دىنغا سۇقۇنۇپ كىرگەن بىدئەتلەر، خۇراپاتلار ۋە ئازغۇن ئىدىيىلەرنى يوقىتىپ تاشلايدۇ.

 

5. پىتنە، جەڭ ۋە مەلھەمە زامانلىرىدا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۇجەددىلەرگە بولغان ئېھتىياجى بەك قاتتىق ۋە بۈيۈك بولىدۇ، چۈنكى مۇجەددىدنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ئۈممەتنى ئويغىتىشتۇر ۋە پۇتلىشىپ يىقىلغان يەرلىرىدىن ساغلام ۋە غەلىبە قازانغان ھالدا قەد كۆتۈرگۈزۈشتۇر.

 

بۇ ھەدىسنىڭ نىشانى توغرىسىدا:

 

بۇ ھەدىس ئۈممەت كۆڭلىدە ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ ۋە دۇنيا بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنلەرگە بۇ دىننىڭ ئۆلمەيدىغانلىق رىسالىسىنى ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە ھەر زاماندا دىنىي چۈشەنچىسىنى ۋە دىنىي پىكىرلىرىنى يېڭىلاپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ ئۈممەتنى تېڭىرقىغان ھالدا تاشلاپ قويمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى چوڭقۇر ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان، بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان، مەغلۇبىيىتىگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ۋە مۇستەبىتلەردىن ئازاد قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.

 

دېمەك، بۇ بۈيۈك ھەدىس ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچىلەر ۋە توسقۇنلۇق پەيدا قىلغۇچىلار تارقىتىۋاتقان ئۈمىدسىزلىك ۋە مەنىۋى مەغلۇبىيەت دولقۇنىغا قارشى تۇرىدۇ. ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچىلەر ئىسلامنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى، كۇپرىنىڭ غەلىبە قىلىپ كېتىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇندىن كېيىن باش كۆتۈرۈشىدىن ئۈمىد يوقلۇقى قاتارلىقلار ھەققىدە پسىخىكا ھۇجۇمى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەدىس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەر كۆڭۈللەرنى قاپلاپ كەتكەن ئۈمىدسىزلىكنى چۆرۈپ تاشلايدۇ ۋە نائۈمىد بولۇش دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ: «ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» [2].

 

ئەمەلىيەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى ئارىسىدا ئىسلامنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەر بار، بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەددىد (يېڭىلىق ياراتقۇچى مۇجتەھىد) توغرىسىدىكى ھەدىس بىلەن نىشان بىرلىكى ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىدا بىر – بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ ھەدىسلەردىن بىرقانچە ھەدىسنى مىسال ئالايلى:

 

1. رەسۇلۇللاھ: «بۇ ئۈممەتكە ئاسانچىلىق، ئۈستۈنلۈك، قەدىر – قىممىتىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە غەلىبە قىلىشى بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇلاردىن قايسىبىرى ئاخىرەتنىڭ ئىشىنى ۋاسىتە قىلىپ دۇنيالىقى ئۈچۈن ئىش قىلسا، ئۇ كىشى ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن[3].

 

2. رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ مىسالى يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋۋىلى ياكى ئاخىرىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەن[4].

 

3. رەسۇلۇللاھ: «بۇ دىن كېچە – كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرىدىكەن زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە يېتىدۇ، ئاللاھ شەھەر ۋە يېزىدىكى ھەرقانداق بىر ئۆيگە بۇ دىننى ئەزىزنىڭ ئىززىتى بىلەن ياكى خارنىڭ خار بولۇشى بىلەن كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئىسلامنى ئەزىز قىلىدۇ ۋە كۇپرىنى خار قىلىدۇ» دېگەن[5] .

 

4. رەسۇلۇللاھ: «سىلەر مەندىن ھەدىس ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزىسىلەر، باشقىلار سىلەردىن ئاڭلايدۇ، باشقىلار سىلەردىن ئاڭلىغانلاردىن ئاڭلايدۇ» دېگەن[6].

 

5. رسۇلۇللاھ: «پەيغەمبەرلىك سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مەلۇم مەزگىل بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە پەيغەمبەر يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان خەلىپىلىك بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ بۇنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە مىراسخور پادىشاھلىق بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ بۇنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئاندىن مۇستەبىت پادىشاھلىق بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ بۇنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئاندىن يەنە پەيغەمبەر كۆرسەتمىسى بويىچە خەلىپىلىك تۈزۈمى بولىدۇ» دېگەن[7].

 

6. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ ماڭا زېمىننى قاتلاپ كۆرسەتتى، مەن زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپلىرىنى كۆردۈم، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ھاكىمىيىتى زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپلىرىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ» دېگەن[8].

 

7. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن ھەر يۈز يىلنىڭ باشلىرىدا دىنىي چۈشەنچىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغان مۇجەددىدلەرنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ» دېگەن[9].

 

خۇلاسىلىغاندا، بۇ ھەدىسلەر بولۇپمۇ يېڭى بىر مۇجەددىدنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ۋەدە قىلغان بېشارەتلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. بۇ بۈيۈك ھەدىس ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۈچلۈك ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئەمەل قىلىش، كۈچ چىقىرىش، جىھاد قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتە كۈچلۈك تۈرتكە ئاتا قىلىدۇ.

 

ھەدىسنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرى توغرىسىدا:

 

1. بۇ ھەدىسنى مۇلاھىزە قىلغان كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىرىنچى جۈملە رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاللاھ ئەۋەتىدۇ» دېگەن سۆزىدۇر، بۇ سۆز ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىگە ئىشەنچ، ئىمان پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ مۇجەددىدنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەۋەتىش دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە يېڭىلىق يارىتىش ئامانىتىنى، ئويغىتىش مەجبۇرىيىتىنى ۋە گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان مۇجەددىد كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، چۈنكى مۇجەددىد ئۆلىمالار پەيغەمبەرنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرىدۇر.

 

2. «بۇ ئۈممەت ئۈچۈن» دېگەن سۆزىگە قاراڭ. چۈشەنچىنى يېڭىلاش ھەرىكىتى ئاساسەن بۇ ئۈممەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، پىكرىي ۋە تەربىيىۋى… مەنپەئەتلىرىنى نىشان قىلىدۇ. شۇنداقلا مۇجەددىد ئالىملار ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ ياكى ئۈممىتىدىن يىراق ھالدا كىتابلىرى ۋە كۇتۇبخانىسىغا مەھبۇس بولۇپ ياشىمايدۇ. ھەقىقىي مۇجەددىد دېگەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ ئۈممەتنىڭ ئورنى ۋە شارائىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ ئۈممەت ئۈچۈن ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ياشايدۇ.

 

3. «ھەر 100 يىلنىڭ بېشىدا» دېگەن سۆزگە ئاساسەن، بۇ يۈز يىلنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار بولغان. ھەر يۈز يىلنىڭ باشلىنىشىدىكى كۈچلۈك كۆز قاراش ھىجرىيە تارىخىدىن باشلىنىدۇ، چۈنكى ئۆلىمالار ھىجرىيە تارىخىنى ئاساس قىلىدۇ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار بۇ تارىخنى قوللىنىپ كەلگەن.

 

رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاللاھ ھەربىر ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇجەددىد ئەۋەتىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، مۇجەددىد ئالىمنىڭ ۋەزىپىسى ھەر ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلىنىدۇ، بۇ خۇددى ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە باشلانغانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەدىستە يېڭى ئەسىرنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغانلىقى، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا، بولۇپمۇ پىتنە، مەلھەمە ۋە مۇسىبەت ئېغىرلىشىپ كەتكەن زامانلاردا ئاللاھنىڭ مۇجەددىدلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇجەددىد ئالىملار قايسى يىلدا بولمىسۇن، كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ بۇ پەزلىنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ.

 

4. «دىنىنى يېڭىلاپ بېرىدىغان» دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئاللاھ نازىل قىلغان دىننى ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ يېڭىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەدىستە ئاللاھنىڭ دىنىنى دېمىگەن، بەلكى ئۈممەتنىڭ دىنىنى، يەنى دىنىي چۈشەنچىسىنى دەپ بايان قىلغان. مۇجەددىدنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىنىي چۈشەنچىسىنى ئاللاھ پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان دىنغا ئۇيغۇن ھالدا يېڭىلاپ بېرىش دېگەن بولىدۇ.

 

ئەمدى مۇجەددىد دېگەن يالغۇز بىر كىشى بولامدۇ؟ ياكى بىرقانچە كىشى بولامدۇ؟ دېگەن سۆزگە كەلسەك، مۇجەددىد دېگەن بىر كىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى بىرقانچە كىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى بىر ھەرىكەت ياكى بىر ئېقىم بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم ئاللاھ سىياسىي چۈشەنچىنى ياكى ئىسلام ئىقتىساد چۈشەنچىسىنى يېڭىلايدىغان كىشىنى ئەۋەتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا تەربىيە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىسلام ھەرىكىتىنى ياكى سۈننەتنى بىدئەتتىن تازىلايدىغان ياكى ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشىنىشتە يېڭىلىق يارىتىدىغان ياكى جىھاد بايرىقىنى كۆتۈرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى ئەۋەتىشى مۇمكىن.

 

بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە، ئۈممەتنى ئويغىتىپ ۋە يىقىلغان يېرىدىن قوزغاپ ھەممە تەرەپتىن يېڭىلىق يارىتىدىغان ئومۇميۈزلۈك يېڭلىق يارىتىش ھەرىكىتىگە ئېھتىياجىمىز بار.

 

يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتى – ئەزھەرىي تورى (azheri.com)

 


 

[1] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

 

[2] يۈسۈپ سۈرىسى، 87 – ئايەت

 

[3] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 21223 – ھەدىس، سەھىھ ھەدىس

 

[4] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 12327 – ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى، 2869 – ھەدىس

 

[5] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 16701 – ھەدىس

 

[6] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، 3228 – ھەدىس

 

[7] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 18406 – ھەدىس

 

[8] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى، 2889 – ھەدىس

 

[9] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، 4291 – ھەدىس

 

 

 

باشقا خىزمەتلەر