ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ھازىرقى زاماندا ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ مىڭ تۈرلۈك يولى بار
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب
2011- يىلى 5 – ئاينىڭ 22 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ھازىرقى زاماندا ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ مىڭ تۈرلۈك يولى بار» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
بىز ياشاۋاتقان زامان تەرەققىيات ۋە تېخنىكا ئەڭ تەرەققىي قىلغان زامان بولۇپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە يوللار بار. ئىسلام ئۈممىتىنى ھازىرقى ھۇشسىز ۋە جانسىز ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى سەلەف-سالىھلار بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەستىن، بۇنداق بىر گۈللىنىشكە يېتىش مۇمكىن ئەمەس.
ھازىرقى زامان پىتنە-مۇسىبەتلەر، داۋالغۇشلار ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەر كۆپ سادىر بولىدىغان زامان بولۇپ، ئۈممەت قەلبىگە ئۈمىتسىزلىك، ئاجىزلىق ۋە خارلىق تۇيغۇسى چاپلىشىۋالغان، شۇڭا ئىنسانلار بۇ دۇنيانىڭ سىناق-ئىمتىھان دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان. دەۋەت ۋە ئىسلاھات يولى بولسا، مۇشەققەتلىك ۋە ئۇزۇن يول بولۇپ، بۇ يولدا تۈرلۈك بالايى-مۇسىبەتلەر، كۈتۈلمىگەن دەرت-ئەلەملەر ۋە خورلۇق-كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىش تەبىئىي ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ يولىغا ماڭغان ئىكەنمىز، توسالغۇلار، ئازارلار ۋە ھەرتۈرلۈك زەربىلەرگە ئۇچرىشىمىزمۇ نورمال ئەھۋال. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى بارلىق توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يېڭىپ چىقىشىمىز كېرەك.
نۇھ ئەلەيھىسسالام دەۋەت يولىدا ئىنسانلارنى 950 يىل ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرىپ، ئاران 80 گە يېقىن ئادەم ئىمان ئېيتقان. ئىبراھىم خەلىلۇللاھ ئوتقا تاشلانغان، ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق ئۈچۈن بوينىغا پىچاق سۈركەلگەن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەرزان باھادا قۇللۇققا سېتىۋېتىلگەن ۋە ئۇزۇن يىللار تۇرمىدا يېتىشقا رازى بولغان. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەرە بىلەن ھەرىدىلگەن. يەھيا ئەلەيھىسسالام بوغۇزلانغان، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇرۇپ قىينالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، تۈرلۈك ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە دۇچ كەلگەن، مەجنۇن، سىھرىگەر دەپ تۆھمەت قىلىنغان، يۇرتىدىن پالانغان، ئەگەشكۈچىلىرى ئازابلانغان، ئۆلتۈرۈلگەن، ھەتتا ئازابلىق يىللاردىن بىرسى «غەم-قايغۇ يىلى» دەپ نام بېرىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر شۇنچە ئېغىر ۋە ئەلەملىك بولىشىغا قارىماي، دەۋەت يولىدا بىر مىنۇتمۇ بوشاشماستىن، ئىرادىسى مۇستەھكەم ھالدا، روھلۇق ۋە جانلىق ئىلگىرىلەپ، ئاخىرى غەلىبە قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ئەھۋاللىرىدا نەسىھەتچى، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى يەتكۈزگۈچى، مۇئەللىم ۋە رەھىمدىل پەيغەمبەر ئىدى. ئالىملار بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ھەقىقىي ۋارىس بولغان ئالىم، ئەنە شۇ مىراستىن نېسىۋىسىنى ئالماي مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەر ئالىملارنىڭمۇ بېشىغا كېلىشى تەبىئىي. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن رەببانىي ئالىملارنىڭ مىسالىنى كەلتۈردى. بۇنداق مىساللارنى كەلتۈرۈشتىن مەقسەت، بىز مۇئمىنلەرنى ئىىلگىرىكىلەرنىڭ ئىمان كارۋىنىغا ئۇلاش ۋە مۇئمىنلەر ئارىسىدا يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاشتۇر.
شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى، ئەقىدە ۋە ئىمان يولى ھەر زامان ئوخشاشلا تىكەنلىك يولدۇر. ھەقىقىي رەببانىي ئالىملار بالا-مۇسىبەتلەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ قىلچە بوشاشماي، كۆرەش يولىدا مۇستەھكەم ماڭىدۇ، يىغلاپ-قاخشىمايدۇ ۋە دۈشمەنلەرگە قەتئىي تەسلىم بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتتىنمۇ قاچمايدۇ. ئاللاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى رەببانى بولۇشقا چاقىرىدۇ، رەببانىي ئالىمنىڭ، رەببى بۇيرىغان ھەر قانداق بۇيرۇققا بويسۇنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
{قُلۡ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحۡيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ}
{(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، «مىنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت- ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر}[1].
رەببانى مۇسۇلمان ئاللاھ نېمىگە بۇيرىسا، شۇنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ، نېمىدىن توسسا دەرھال قول ئۈزىدۇ. مۇسىبەت كەلسە يىغلاپ-قاخشىماستىن سەۋر قىلىدۇ، خاتالىشىپ قالغان تەقدىردە دەرھال ئاللاھقا يېلىنىپ تۆۋبە-ئىستىغفار قىلىدۇ. ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە رەببانىي ئالىملارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:
{وَ كَأَيِّنْ مِنْ نَبِيٍّ قاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثيرٌ فَما وَهَنُوا لِما أَصابَهُمْ في سَبيلِ اللَّهِ وَ ما ضَعُفُوا وَ مَا اسْتَكانُوا وَ اللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرينَ}
{نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگوي ئالىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار اﷲنىڭ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ}[2].
ھەقىقىي ئالىملار، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت ئولۇغۋار خىزمەتنى بىجىرىدۇ، قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىنى يەتكۈزىدۇ، چوڭلاردىن بۇرۇن كىچىكلەرنى تەربىيلەيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھېكمەتلىك كىشىلەر ئالىملاردۇر»، مەزكۇر خىتابلار بارلىق مۇئمىنلەرگە ئام بولۇپ، ھەر بىر شەخس ياخشىلىق تەشۋىقاتچىسى بولۇش كېرەك.
دېمەك، ئۈممەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئالىملارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. مۇئمىنلەر باشقىلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك سەۋىيەدە ئىلىم ئىگىسى ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولمىسا، يەر يۈزىدە ئورۇنباسارلىققا يارىمايدۇ.
راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كەتكەن ئادەم، ئىتائەت مەرتىۋىسىگە يىتەلمەيدۇ، بىز ئىنسانلار بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن يارىتىلمىدۇق، بۈيۈك بىر مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلدۇق. سىلەرنى دۇنيا ھاياتى مەغرۇرلاندۇرمىسۇن، ئاخىرەتتىن بىپەرۋا قىلمىسۇن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرمەيدۇ. زىيان-زەخمەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭلار! پاسىقلارنىڭ مۇشتۇمزورلىقىدىنمۇ ئۈمىتسىزلەنمەڭلار! سىلەر ھىدايەت تاپساڭلار، ئۇلارنىڭ پاسىقلىقى ۋە زالىملىقى سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى رىسالەت دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە ئارام تاپمىغان ۋە يولى راۋان بولمىغان. چۈنكى، بالا-مۇسىبەت ۋە سىناق-ئىمتىھانلار ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. مۇسۇلمانلار قاچان بوشىشىپ، بىخۇتلىشىپ قالىدىكەن، شەيتان دەرھال ئارىغا كىرىپ، ھەقىقەتتىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان تەقۋالىققا ئالدىرايدۇ، ھەقىقىي مۇئمىن ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سالىدۇ.
ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرىشنىڭ مىڭلىغان يولى بار بولۇپ، قايسى ۋاقىت، قايسى يول، قايسى ئۇسۇل مۇناسىپ بولسا، شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋەت قىلىش كېرەك. زامان، ماكان ۋە شارائىت ئىتىبارى بىلەن دەۋەتنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قانچە ئېغىر كۈلپەت كەلسۇن، دەۋەت ئۈچۈن شارائىت يار بەرمەي قېلىشى ۋە چىقىش يولى يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئاللاھ بىزلەرنى توغرا يولدا ماڭغانلار، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغانلاردىن قىلسۇن..
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر