ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە راۋاجلانغان ھەدىس توپلاش ھەرىكىتى

ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ھەدىس (1)

ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە راۋاجلانغان ھەدىس توپلاش ھەرىكىتى

دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان

مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىس دوكتورانتى

 

ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىش جەريانى

ھەدىس − پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ - سۆزى، ئىش – ھەرىكىتى، ماقۇللۇقى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇدۇر[1]. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەدىس − پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان سۆز، ئىش – ھەرىكەت، سۈپەت ۋە ماقۇللۇق قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. ئون تۆت ئەسىر ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان بۇ بىرىكمىنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىنىڭ ئۆزىنىلا بىر مۆجىزە دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى تۆت باسقۇچتىن تەركىب تاپقان:

1.  رىۋايەت باسقۇچى: ھەدىسلەرنىڭ ئاغزاكى رىۋايەت قىلىنىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ سائادەت دەۋرىدىلا باشلىنىپ بولغان.

2.  كىتابەت باسقۇچى: ھەدىسلەرنىڭ رەتلەنمەستىن يېزىلىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچمۇ سائادەت دەۋرىدە باشلانغان.

3.  تەدۋىن باسقۇچى: يېزىلغان ھەدىسلەرنى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا ئېلىپ كىتابلاشتۇرۇش باسقۇچى.  بۇ باسقۇچ ئەمەۋىي خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىبنى شىھاب زۇھرىي تەرىپىدىن باشلانغان.

4.  تەسنىف باسقۇچى: ھەدىس ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارنىڭ پەرقلىق مېتودلار بويىچە رەتلىنىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچ ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە باشلىنىپ، ئۈچىنچى ئەسىردە گۈللەنگەن. (ماقالىمىز بۇ باسقۇچ ھەققىدە بولىدۇ).

ھەدىسلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشىنى يۇقىرىقى باسقۇچلار بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر سۆز ياكى ئىش قىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا بىردىن كۆپ ساھابە سورۇندا مەۋجۇت بولاتتى. ساھابىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىپ، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئاز بىر قىسىم ساھابىلەر ھەدىسنى يېزىۋېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئالدىنقى سانلاردىكى ماقالىلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى شۇ پېتى يېزىۋالغان ساھابىلەر ۋە يازمىلىرى، ساھابىلەردىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى يېزىۋالغان تابىئىينلار ۋە ئۇلارنىڭ يازمىلىرى، شۇنداقلا ئەمەۋىي خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش بولغان ئىبنى شىھاب زۇھرىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشتىكى تۆھپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ھەدىسلەرنىڭ ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردىن ئاۋۋال پەقەتلا ئاغزاكى رىۋايەت بىلەن يەتكۈزۈلگەنلىك سەپسەتىلىرى بىتجىت قىلىنغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىردىن باشلاپلا ئىلمىي خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئاشۇ مۇقەددەس يولغا قايتماي تۇرۇپ، نىجاتىلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئەسلىتىلگەنىدى. ھۇزۇرىڭىزدىكى ماقالىمىز بولسا، ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە راۋاجلانغان ھەدىس يېزىش ھەرىكىتى ھەققىدە بولىدۇ. ساھابە ۋە تابىئىينلار دەۋرىدە باشلانغان ھەدىس يېزىش ھەرىكىتى تابىئىينلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ۋە ئەتبائى تابىئىينلارنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، ھەدىسلەر كىتابلىشىشقا قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەن. بۇ دەۋردە ھەدىسلەر مەلۇم مېتودقا باغلانماستىن ئەركىن يېزىلغان بولسىمۇ بەزى مېتودلار بۇ دەۋىرلەردە بايقىلىشقا باشلىغان. تۆۋەندە ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە يېزىلغان ئەپسۇسكى، كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن ھەدىس كىتابلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

ئىمام ماجىشۇننىڭ ئەسىرى

ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ سەلەمە ماجىشۇن ئەلمەدەنىي بولۇپ، ئەييۇب سىختىيانىي، ھۇمەيد تەۋىل، زەيد ئىبنى ئەسلەم، ئەبۇ ھازىم سەلەمە ئىبنى دىنار، ئابدۇللاھ ئىبنى دىنار، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. ماجىشۇندىن ئىبراھىم ئىبنى تاھمان، ئەسەد ئىبنى مۇسا، ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ ئىجلىي، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەسمەئىي، ئەلى ئىبنى جەئد، لەيس ئىبنى سەئد، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەزىد ئىبنى ھارۇن، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[2].

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب مۇنداق دەيدۇ: ھىجرىيە 148 – (766م) يىلى ھەجگە بارغانىدىم، بىر جاكارچىنىڭ:

- مالىك ئىبنى ئەنەس بىلەن ماجىشۇندىن باشقىلار مۇسۇلمانلارغا پەتىۋا بەرمىسۇن، - دەپ جاكارلىغىنىنى ئاڭلىدىم[3].

ئەھمەد ئىبنى كامىل مۇنداق دەيدۇ: ماجىشۇن بىر نەچچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىبنى ۋەھب رىۋايەت قىلغان[4].

يۇقىرىقى باياندىن ماجىشۇننىڭ ھەدىس ھەققىدە كىتاب يازغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كىتابلىرى كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ماجىشۇن 146ھ (781م) – يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان[5].

 

ئىبنى ئەبۇ لەيلانىڭ مۇسەننەف ناملىق ئەسىرى

ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا كۇفىي، 74ھ (693م) – يىلى تۇغۇلغان[6]. ئۇ سەلەمە ئىبنى كۇھەيل، ئامىر شەئبىي، ئاتائ ئىبنى ئەبۇ رەباھ، نافىئ، ئەبۇ زۇبەير مەككىي قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. ئىبنى ئەبۇ لەيلادىن بولسا، سۇفيان سەۋرىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئابدۇلمەلىك ئىبنى جۇرەيج، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[7].

ئىجلىي مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئەبۇ لەيلا ھەدىس ۋە فىقھى ئىلمىگە پىششىق ئىدى. شۇنداقلا قىرائەت ئىلمىدىمۇ كاتتا ئالىم ئىدى[8].

مەنبەلەردە ئىبنى ئەبۇ لەيلانىڭ ھەدىس ھەققىدە «مۇسەننەف»[9] ئىسىملىك بىر ئەسەر يازغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئەسەر كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئىبنى ئەبۇ لەيلا 148ھ (765م) – يىلى ۋاپات تاپقان[10].

 

سىيەر ئىمام ئەۋزائىي 

ئەبۇ ئەمر ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەمر ئىبنى يەھمۇد شامىي ئەۋزائىي 88ھ (707م) – يىلى شامدا تۇغۇلغان[11]. ئۇ رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھمان، سۇلەيمان ئىبنى مېھران ئەئمەش، ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم، ئەتائ ئىبنى ئەبۇ رەباھ، ئەمر ئىبنى شۇئەيب، قەتادە ئىبنى دەئامە، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن، مۇھەممەد باقىر، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، مەكھۇل شامىي، مەيمۇن ئىبنى مېھران، نافىئ، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، بەقىييە ئىبنى ۋەلىد، سۇفيان سەۋرىي، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇررەززاق ئىبنى ھەممام، مالىك ئىبنى ئەنەس، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبنى سەئىد قەتتان قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[12].

ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي مۇنداق دېگەن: ئۆز دەۋرىدە ھەدىس ئىلمىدە يېتىلگەن ئۆلىمالار تۆت ئىدى؛ شامدا ئەۋزائىي، ھىجازدا مالىك، كۇفەدە سۇفيان سەۋرىي ۋە بەسرەدە ھەمماد ئىبنى زەيد[13]. ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام مۇنداق دەيدۇ: تۇنجى كىتاب يازغانلار ئىبنى جۇرەيج ۋە ئەۋزائىيدۇر[14]. ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: ئەۋزائىي ئەگىشىشكە تېگىشلىك بىر يېتەكچىدۇر[15]. ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: ئىبادەتتە ئەۋزائىيدىنمۇ تېرىشچان بىرىنى كۆرمىدىم[16].

ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: ئەۋزائىي ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن كىتابلىرىنى مۇھەررىرگە بېرەتتى[17].

ئەۋزائىينىڭ «سىيەر» ئىسىملىك ئەسرىنىڭ قول يازمىسى[18] رىياد ئۇنىۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىمام ئەبۇ يۇسۇف ئۇنىڭ بۇ ئەسىىرىگە رەددىيە سۈپىتىدە ئەۋزائىينىڭ سىيەر كىتابىغا رەددىيە دېگەن كىتابىنى يېزىپ قالدۇرغان ۋە مەزكۇر ئەسەر 1990 – يىلى، بېيرۇتتا نەشىر قىلىنغان[19].

ئەۋزائىي 157ھ (774م) – يىلى بېيرۇتتا ۋاپات تاپقان[20].

 

ئىبنى ئەبۇ زىئبنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ ھارىس مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇغىرە ئىبنى ھارىس ئىبنى ئەبۇ زىئب مەدىنىي، 80ھ (699م) يىلى تۇغۇلغان[21]. ئۇ ھەسەن ئىبنى زەيد ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەلى، ئەبۇ زىناد، ئىكرىمە، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، نافىئ قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. ئىبنى ئەبۇ زىئبدىن بولسا، ئادەم ئىبنى ئەبۇ ئىياس، ئەسەد ئىبنى مۇسا، سۇفيان سەۋرىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسلەمە قەئنەبىي، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، ئەلى ئىبنى جەئد، مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ۋاقىدىي، مەئمەر ئىبنى راشىد، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبنى سەئىد قەتتان، يەزىد ئىبنى ھارۇن قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[22].

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئەبۇ زىئب ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان سالىھ كىشى ئىدى[23]. ئىمام شافىئىي مۇنداق دەيدۇ: لەيس ئىبنى سەئد بىلەن ئىبنى ئەبۇ زىئبنى كۆرەلمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن[24].

كەتتانىي مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىدە ھەدىس ھەققىدە كىتاب يازغان تۇنجى كىشى ئىبنى ئەبۇ زىئب ئىدى[25].

دارۇقۇتنىي مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئەبۇ زىئب مۇۋەتتەئ ئىسىملىك بىر ئەسەر يازغانىدى[26].

ئىبنى نەدىم مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئەبۇ زىئبنىڭ «سۇنەن» ئىسىملىك بىر ئەسىرى بار بولۇپ، بۇ ئەسەردە تاھارەت، ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار ھەدىسلەر بار ئىدى[27].

يۇقىرىقى بايانلاردىن ئىمام ئىبنى ئەبۇ زىئبنىڭ كىتاب يازغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئىبنى ئەبۇ زىئب 159ھ (776م) – يىلى ۋاپات بولغان[28].

 

ئىمام شۇئبە ئىبنى ھەججاجنىڭ ئەسىرى

ئەبۇ بەستام شۇئبە ئىبنى ھەججاج ئىبنى ۋەرد ۋاسىتىي 82ھ (701م) - يىللىرى ئارىسىدا ۋاسىتتا تۇغۇلغان[29]. ئۇ ئەبان ئىبنى تەغلىب، ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييە، سابىت ئىبنى ئەسلەم بۇنانىي، جەئفەر سادىق، ھۇمەيد تەۋىل، رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھمان، سۇلەيمان ئەئمەش، ئابدۇللاھ ئىبنى دىنار، ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد، ئوسمان بەتتىي، ئاتائ ئىبنى سائىب، ئەمر ئىبنى دىنار، مالىك ئىبنى ئەنەس، ئەبۇ زۇبەير مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم مەككىي، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد، سەلەمە ئىبنى كۇھەيل، قەتادە ئىبنى دەئامە، ئەمر ئىبنى دىنار، ئەييۇب سىختىيانىي، مەنسۇر ئىبنى مۇئتەمىر قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. شۇئبەدىن بولسا، ئەسەد ئىبنى مۇسا، سۇفيان سەۋرىي، شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ نەخەئىي، ئەبۇ ئاسىم نەبىل، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسلەمە قەئنەبىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەلى ئىبنى جەئد، نەزر ئىبنى شۇمەيل، ھۇشەيم ئىبنى بەشىر، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبنى سەئىد قەتتان، يەزىد ئىبنى زۇرەيئ، يەزىد ئىبنى ھارۇن، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[30].

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېگەن: شۇئبەنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭغا تەڭداش كىشى يوق ئىدى[31]. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: شۇئبە ھەدىس ئىلمىدە يېتەكچىدۇر[32]. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دەيدۇ: شۇئبە ھەدىس ئىلمىدا ئەمىرۇلمۇئمىنىن مەرتىۋىسىدىدۇر[33]. نەزر ئىبنى شۇمەيل مۇنداق دەيدۇ: شۇئبەدەك يوقسۇللارغا مېھرىبان بىرىنى كۆرمىدىم[34]. يەھيا ئىبنى مەئىن مۇنداق دېگەن: شۇئبە تەقۋادارلارنىڭ ئىمامىدۇر[35].

ئەلى ئىبنى مەدىنىي مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسلەرگە قارىغىنىمدا ئىسنادنىڭ زۇھرىي، ئەمر ئىبنى دىنار، قەتادە، يەھيا ئىبنى ئەبۇ كەسىر، ئەبۇ ئىسھاق ۋە ئەئمەشتىن ئىبارەت ئالتە كىشى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىلمى بولسا كىتاب ئاپتورلىرىغا ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەسرە خەلقىدىن شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئىبنى ئەبۇ ئەرۇبە، ھەمماد ئىبنى سەلەمە، مەئمەر ۋە ئەبۇ ئەۋانە بار[36].

ئەلى ئىبنى مەدىنىينىڭ يۇقىرىقى سۆزىدىن شۇئبە ئىبنى ھەججاجنىڭ ھەدىس ھەققىدە كىتابى بارلىقىنى بايقاش مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

شۇئبە ئىبنى ھەججاج 160ھ (776م) – يىلى بەسرەدە ۋاپات بولغان[37].

 

ئىمام زائىدە ئىبنى قۇدامەنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ سەلت زائىدە ئىبنى قۇدامە سەقەفىي كۇفىي، ئۇ ھۇمەيد تەۋىل، سۇفيان سەۋرىي، سۇلەيمان ئەئمەش، سىماك ئىبنى ھەرب، ئاسىم ئىبنى ئەبۇ نەجۇد، ئاتائ ئىبنى سائىب، مالىك ئىبنى مىغۋەل، ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، ئەبۇ زىناد قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. زائىدەدىن بولسا، ھەمماد ئىبنى ئۇسامە، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەبۇ ئىسھاق فەزارىي، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[38].

ئوسمان ئىبنى زائىدە رازىي مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم كۇفەگە كەلگىنىمدە، سۇفيان سەۋرىيدىن:

- كىمدىن ھەدىس ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ - دەپ سورىسام، ئۇ:

- سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە بىلەن زائىدە ئىبنى قۇدامەدىن ئۆگەنگىن، - دەپ جاۋاب بەرگەن[39].

زەھەبىي مۇنداق دەيدۇ: زائىدە ئىبنى قۇدامە ھەدىس، قىرائەت، تەفسىر ۋە زۇھد ھەققىدە ئەسەر يازغان[40].

مەنبەلەردە زائىدە ئىبنى قۇدامەنىڭ «سۈنەن»، «قىرائەت»، «تەفسىر»، «زۇھد»، «مەناقىب»[41] ئىسىملىك ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

زائىدە ئىبنى قۇدامە 161ھ (777م) – يىلى ۋاپات بولغان[42].

 

ئىمام ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ زىنادنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ زىناد ئابدۇللاھ ئىبنى زەكۋان مەدىنىي، 100ھ (718م) – يىلى تۇغۇلغان[43]. ئۇ دادىسى ئەبۇ زىنادتىن دەرس ئېلىش بىلەن بىللە، زەيد ئىبنى ئەلى، ئەۋزائىي، مۇسا ئىبنى ئۇقبە، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. ئىبنى ئەبۇ زىنادتىن بولسا، ھەمماد ئىبنى ئۇسامە، سەئىد ئىبنى مەنسۇر، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، ئىبنى جۇرەيج، ئەسمەئىي، مۇھەممەد ئىبنى سابباھ دولابىي، مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ۋاقىدىي، ھەنناد ئىبنى سەرىي، ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[44].

مۇسا ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىگە كېلىپ، مالىك ئىبنى ئەنەس بىلەن ئۇچراشتىم ۋە:

- ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم، كىمنى ئۇستاز تۇتسام بولىدۇ؟ - دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:

- ئىبنى ئەبۇ زىنادنى ئۇستاز تۇت، - دېدى[45].

مەنبەلەردە ئىبنى ئەبۇ زىنادنىڭ «مىراس»، «مەدىنىدىكى يەتتە فەقىھنىڭ فىقھىي قاراشلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچبىر ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن[46].

ئىبنى ئەبۇ زىناد 174ھ (790م) – يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان[47].

 

ئىمام لەيس ئىبنى سەئد ئەسەرلىرى

ئەبۇ ھارىس لەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئابدۇرراھمان فىھرىي 94ھ (713م) – يىلى مىسىردا تۇغۇلغان. لەيس ئاتائ ئىبنى ئەبۇ رەباھ، نافىئ، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، ئەبۇ زۇبەير، ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم، يۇنۇس ئىبنى يەزىد، ئەبۇ زىناد، قەتادە ئىبنى دەئامە، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن ئىبنى لەھىيئە، ھۇشەيم، ئىبنى ۋەھب، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، قەئنەبىي، سەئىد ئىبنى ئەبۇ مەريەم، يەھيا ئىبنى يەھيا لەيسىي، يەھيا ئىبنى يەھيا تەمىمىي، قۇتەيبە ئىبنى سەئىد، ھارىس ئىبنى مىسكىن قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[48].

لەيس ئىبنى سەئد مىسىرنىڭ ئەڭ كاتتا فەقىھى، ھەدىسشۇناسى، ئالىمى ۋە كاتتىسى ئىدى، ھەتتا مىسىرنىڭ ۋالى، قازى ۋە مۇپتىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇراتتى. ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئۇنىڭدىن مىسىرغا ۋالىي بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلغانىدى. ئىبنى ۋەھب مۇنداق دەيدۇ: ئىمام مالىك بىلەن لەيس ئىبنى سەئد بولمىغان بولسا، ئىنسانلار ئېزىپ كەتكەن بولاتتى. لەيس ئىبنى سەئدنىڭ ئوغلى شۇئەيب مۇنداق دەيدۇ: دادام (لەيس) بىلەن ھەجگە كەلگەنىدۇق، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس دادامغا بىر تاۋاقتا خورما ئەۋەتتى، دادام تاۋاقنى بىكارلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى. ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: لەيس ئىبنى سەئد مالىكتىنمۇ بەكرەك ئالىم ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ تالىپلىرى ئۇنىڭ ئىلمىگە ئىگە چىقالمىدى[49].

لەيس ئىبنى سەئدنىڭ تارىخ ۋە فىقىھىي مەسىلىلەر ئىسىملىك ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى مەنبەلەردە زىكىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى كۈنىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن[50].

لەيس ئىبنى سەئدتىن:

- بەزى ھەدىسلەرنى سەندىن ئاڭلايمىز، لېكىن كىتابلىرىڭدا تاپالمايمىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ:

- بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كىتابلىرىمدا بار دەپ ئويلامسىلەر، دىلىمدىكى بىلىمنى يازسام ماۋۇ پاراخوتقا پاتمىغۇدەك كىتاب بولۇپ كېتىدۇ، - دەپ جاۋاب بەرگەن[51].

يۇقىرىقى دىيالوگدىن لەيس ئىبنى سەئدنىڭ كىتاب يازغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ بىرمۇ ئەسىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

لەيس ئىبنى سەئد 175ھ (791م) – يىلى مىسىردا ۋاپات تاپقان[52].

 

ئىمام ھەمماد ئىبنى سەلەمەنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ سەلەمە ھەمماد ئىبنى سەلەمە ئىبنى دىنار بەسرىي، ئۇ 90ھ (709م) – يىلى بەسرەدە تۇغۇلغان[53]. ھەمماد دادىسى سەلەمە ئىبنى دىنار، ئەييۇب سىختىيانىي، سابىت بۇنانىي، ھۇمەيد تەۋىل، رەبىئە ئىبنى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، زەيد ئىبنى ئەسلەم، سەلەمە ئىبنى كۇھەيل، ئاسىم ئەھۋەل، ئەمر ئىبنى دىنار، قەتادە ئىبنى دەئامە، ئەبۇ زۇبەير مەككىي، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭدىن بولسا، ئادەم ئىبنى ئەبۇ ئىياس، ئەسەد ئىبنى مۇسا، خەلىفە ئىبنى خەييات، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسلەمە قەئنەبىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، نەزر ئىبنى شۇمەيل، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبى سەئىد قەتتان، يەزىد ئىبنى ھارۇن قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان.

يەھيا ئىبنى مەئىن مۇنداق دېگەن: ھەمماد ئىبنى سەلەمە ياكى ئىكرىمە ھەققىدە سەلبىي باھا بەرگەنلەرنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن شۈبھىلەنسەڭ بولىدۇ[54]. ھەججاج ئىبنى مىنھال مۇنداق دەيدۇ: ھەمماد ئىبنى سەلەمە ئىسلام دىنىنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىدىن ئىدى[55]. ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي مۇنداق دەيدۇ: ھەمماد ئىبنى سەلەمە ئۇنىڭغا بىرى ئەتە ئۆلىسەن، - دېسىمۇ ئەمەل – ئىبادىتىنى ئاشۇرۇپ قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئەمەل – ئىبادەت بىلەن مەشغۇل ئىدى[56].

زەھەبىي مۇنداق دەيدۇ: ھەمماد ئىبنى سەلەمە سەئىد ئىبنى ئەرۇبەگە ئوخشاش ھەدىس ھەققىدە تۇنجى ئەسەر يازغانلار قاتارىدىن ئىدى[57].

ئىمام ھەمماد ئىبنى سەلەمەنىڭ ھەدىس ھەققىدە «سۈنەن»، «ئەۋالىي»[58] «مۇسەننەف»[59] ناملىق ئەسەرلەرنى يازغانىلىقى مەنبەلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەسەرلەر كۈنىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

ھەمماد ئىبنى سەلەمە 176ھ (784م) – يىلى مەسجىدتە سەجدە قىلغان ھالىتىدە ۋاپات تاپقان[60].

 

ئىمام شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ نەخەئىينىڭ ئەسىرى

ئەبۇ ئابدۇللاھ شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىس نەخەئىي، 95ھ (713م) – يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان[61]. ئۇ سىماك ئىبنى ھەرب، ئاسىم ئەھۋەل، سۇلەيمان ئەئمەش، ئاتائ ئىبنى سائىب، ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئۇمەير، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە قاتارلىق ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان. شەرىكتىن بولسا، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، لەيس ئىبى سەئد، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەلى ئىبنى جەئد، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ھەنناد ئىبنى سەرىي، ئەلى ئىبنى ھىجر قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[62].

زەھەبىي مۇنداق دەيدۇ: شەرىك كاتتا فىقىھشۇناس ئىدى. شەرىك بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئارىسىدا بەزى ۋەقەلىكلىرى بولۇپ ئۆتكەن[63].

ھەمماد ئىبنى ئەسفاھانىي مۇنداق دەيدۇ: شەرىكنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىمدا ئابباسىيە خەلىپىسى ئابدۇللاھ مەھدىينىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى كىرىپ كەلدى ۋە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بىر ھەدىس سورىدى، لېكىن شەرىك ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، بىزگە دەرس سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. خەلىپىنىڭ ئوغلى قايتىدىن سورىغانىدى، شەرىك ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپىنىڭ ئوغلى:

- خەلىپە ئائىلىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتىسەنغۇ؟ - دېگەنىدى، شەرىك:

- ئۇنداق ئەمەس، لېكىن ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن ئىلىم ئىنتايىن ئىززەتلىك (لايىقىدا ھۆرمىتىنى قىلىش كېرەك)، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپىنىڭ ئوغلى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، سورىغانىدى ئاندىن جاۋاب بەردى[64].

شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ھەدىس يازغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: كۇفەدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقىنىمدا سۈتچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلۇمغا دەپتەر ۋە قەلەم سېتىۋېلىپ، ھەدىس ئىلمىنى يازاتتىم، كېيىن فىقىھ ئىلمىگە يۈزلەندىم[65].

ئىمام شەرىكنىڭ يۇقىرىقى سۆزىدىن ئۇنىڭ ھەدىس يازغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ 177ھ (794م) – يىلى كۇفەدە ۋاپات بولغان[66].

 

ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنىڭ مۇسەننەف ناملىق ئەسىرى

ئەبۇ ئۇتبە ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش ئىبنى سۇلەيم ئەنسىي، 108ھ (726م) – يىلى تۇغۇلغان[67]. ئۇ زەيد ئىبنى ئەسلەم، سۇفيان سەۋرىي، سۇلەيمان ئەئمەش، ئەۋزائىي، ئىبنى جۇرەيج، مۇسا ئىبنى ئۇقبە، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئىسمائىلدىن بولسا، سەئىد ئىبنى مەنسۇر، ئەبۇ داۋۇد تايالىسىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام، ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام، لەيس ئىبنى سەئد، مۇھەممەد ئىبنى سالام بەيكەندىي، ھەنناد ئىبنى سەرىي، ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم، يەزىد ئىبنى ھارۇن، يەھيا ئىبنى مەئىن قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[68].

يەئقۇب ئىبنى سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالىرىمىز: شام ئەھلىنىڭ ئىلمى ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش بىلەن ۋەلىد ئىبنى مۇسلىمدا ئىدى، - دېيىشەتتى[69]. يەزىد ئىبنى ھارۇن مۇنداق دەيدۇ: شام ۋە ئىراق تەرەپتە ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشتەك ھەدىس يادلىغان يەنە بىر ئادەم كۆرمىدىم[70].

ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنىڭ «مۇسەننەف»[71] ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىقى مەنبەلەردە زىىكىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

ئىسمائىل ئىبنى ئەيياش 181ھ (797م) – يىلى ۋاپات بولغان[72].

 

ئىمام ھۇشەيم ئىبنى بەشىرنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ مۇئاۋىيە ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ئىبنى دىنار ۋاسىتىي، 104ھ (م722) – يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان[73]. ئۇ ئەييۇب سىختىيانىي، ھۇمەيد تەۋىل، سۇلەيمان ئەئمەش، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئاسىم ئەھۋەل، ئوسمان بەتتىي، ئاتائ ئىبنى سائىب، ئەمر ئىبنى دىنار، لەيس ئىبنى سەئد، ئىبنى شىھاب زۇھرىي، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارىي، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد، ئەبۇ زۇبەير مەككىي قاتارلىق ئۆلىمارلاردىن دەرس ئالغان. ھۇشەيمدىن بولسا، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەھمەد ئىبنى مەنىئ بەغەۋى، ئەبۇ خەيسەمە زۇھەير ئىبنى ھەرب، سەئىد ئىبنى مەنسۇر، سۇفيان سەۋرىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەلى ئىبنى مەدىنىي، ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام، قۇتەيبە ئىبنى سەئىد، مالىك ئىبنى ئەنەس، مۇھەممەد ئىبنى ساباھ دولابىي، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، يەھيا ئىبنى مەئىن، يەزىد ئىبنى ھارۇن قاتارلىق ئالىملار دەرس ئالغان[74].

ھەمماد ئىبنى زەيد مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسشۇناسلار ئارىسىدا ھۇشەيمدەك ئېسىل بىرىنى كۆرمىدىم[75]. ئەمر ئىبنى ئەۋن مۇنداق دەيدۇ: ھۇشەيم 20 يىل بويىچە خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن بامدات ئوقۇغان[76].

مەنبەلەردە ھۇشەيم ئىبنى بەشىرنىڭ «تەفسىر»[77]، «سۇنەن»[78]، «قىرائەت»[79]، «جەنائىز»[80]، قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

ھۇشەيم 183ھ (799م) – يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان[81].

 

ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييەنىڭ ئەسەرلىرى

ئەبۇ بىشر ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى مۇقسىم ئەسەدىي، 110ھ (728م) – يىلى بەسرەدە تۇغۇلغان[82]. ئۇ ئەييۇب سىختىيانىي، بەھز ئىبنى ھەكىم، ھۇمەيد تەۋىل، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ئەرۇبە، سۇفيان سەۋرىي، شۇئبە ئىبنى ھەججاج، ئىبنى جۇرەيج، ئوسمان بەتتىي، ئاتائ ئىبنى سائىب، مالىك ئىبنى ئەنەس، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر، مەئمەر ئىبنى راشىد، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئىبنى ئۇلەييەدىن بولسا، ئىبراھىم ئىبنى تاھمان، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەھمەد ئىبنى مەنىئ بەغەۋى، ئىسھاق ئىبنى راھىۋەيھ، ھەمماد ئىبنى زەيد، ئەبۇ خەيسەمە زۇھەير ئىبنى ھەرب، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ شەيبە، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب، ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي، ئەلى ئىبنى مەدىنىي، قۇتەيبە ئىبنى سەئىد، مۇھەممەد ئىبنى سالام بەيكەندىي، مۇھەممەد ئىبنى ساباھ دولابىي، يەھيا ئىبنى مەئىن قاتارلىق ئۆلىمالار دەرس ئالغان[83].

شۇئبە ئىبنى ھەججاج مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۇلەييە فەقىھلەرنىڭ گۈلتاجى ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ پېشىۋاسىدۇر[84]. يەزىد ئىبنى ھارۇن مۇنداق دەيدۇ: بەسرەگە كىرگىنىمدە، ئۇ يەردە ھەدىسنى ئىبنى ئۇلەييەدەك بىلىدىغان يەنە بىر كىشىنى ئۇچراتمىدىم[85].

مەنبەلەردە ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييەنىڭ «تەفسىر»، «تاھارەت»، «ناماز»، «ھەج» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى كۈنىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن[86].

ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييە 193ھ (809م) – يىلى ۋاپات بولغان[87].

 

خۇلاسە: ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان ھەدىسنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئىسلامدىكى ئورنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى ھەدىستىن ئايرىپ، تەدرىجىي ھالدا قۇرئانغىمۇ تىل ئۇزىتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقىتىش دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىيالى بولۇپ كەلدى. ئەپسۇسكى، بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارمۇ ئەنە شۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ ئازغۇن يولىدا كېتىپ بارماقتا. دەل شۇنداق پەيتتە، ئىسلامنى بىر پۈتۈن قوبۇل قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئالىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈركۈم سالىھ ۋە تەقۋادار ئۆلىمالار ھەدىس ئىنكارچىلىرى ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ رەزىل مەقسەت – مۇددىئالىرىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ئۆلىمالار دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە پرىنسىپلارغا قاراتقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك سەپسەتىلىرىگە ئىلمىي ئاساستا رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوغداپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم ۋە ئازاب خەلقىمىزنى چىرمىۋالغان مۇشۇ كۈنلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنى ئۆلىما چاغلىۋالغان بىر تۈركۈم ئىنسانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تىل ئۇزىتىپ، ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئەپسۇسكى، ھەدىس ھەققىدە ئانا تىلىمىزدا تەييارلانغان مەنبەلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇ ئازغۇن پىكىرلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە چەكلىك دائىرىدە تەسىر قالدۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىس تارىخى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يېزىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ھەدىس ئىلمىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدىم. يازغانلىرىمنىڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ ئىلھامى، خاتالىرى بولسا نەپسىم ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىندۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ماقالىنى مۇقەددەس دىنىمىزغا قىلىنغان بىر خىزمەت بولۇپ قېلىشقا نېسىپ قىلسۇن ۋە ماقالىنى ئوقۇغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن... ئامىن!

 

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: مۇھەممەتئىمىن بېشارەت

 

 

 



[1]جامالىدىن قاسىمىنىڭ قواعد التحديث من فنون مصطلح الحديث ئىسىملىك ئەسىرى، 20 – بەت، بېيرۇت، 2004.

[2]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 18 – جىلد، 155 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[3]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 18 – جىلد، 157 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[4]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 354 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[5]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 18 – جىلد، 157 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[6]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)ئىبنى ئەبۇ لەيلا ماددىسى، ئاپتورى: ساففەت كۆسە.

[7]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 25 – جىلد، 624 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[8]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 25 – جىلد، 626 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[9]ئىبنى سەئدنىڭ (الطبقات الكبرى) ئىسىملىك ئەسىرى، 6 – جىلد، 379 – بەت. بېيرۇت – 1968.

[10]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 11 – جىلد، 385 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[11]ئىبنى سەئدنىڭ (الطبقات الكبرى) ئىسىملىك ئەسىرى، 7 – جىلد، 488 – بەت. بېيرۇت – 1968.

[12]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 17 – جىلد، 307 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[13]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 132 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[14]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 130 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[15]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 131 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[16]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 140 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[17]خەتىب باغدادىينىڭ (الكفاية في علم الرواية) ئىسىملىك ئەسىرى، 2 – جىلد، 155 – بەت. مىسىر – 2002.

[18]ئەۋزائىنىڭ (السير) ئىسىملىك ئەسىرى،  رىياد ئۇنىۋېرسىتىتى قول يازما كۈتۈپخانىسى، 193 – نۇمۇرلۇق قول يازما.

[19]ئەبۇ يۇسۇفنىڭ (الرد على سير الأوزاعي) ئىسىملىك ئەسىرى،  بېيرۇت – 1990.

[20]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)ئەۋزائى ماددىسى، ئاپتورى: سالىم ئۆگۈت.

[21]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)ئىبنى ئەبۇ زىئب ماددىسى، ئاپتورى: ئىبراھىم خەتىب ئوغلى.

[22]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 25 – جىلد، 634 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[23]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 25 – جىلد، 635 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[24]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 25 – جىلد، 636 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[25]كەتتانىينىڭ (الرسالة المستطرفة لبيان مشهور كتب السنة المصنفة) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – بەت. بېيرۇت – 1986.

[26]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 169 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[27]ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 315 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[28]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 167 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[29]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)شۇئبە ئىبنى ھەججاج ماددىسى، ئاپتورى: ئىبراھىم خەتىب ئوغلى.

[30]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 489 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[31]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 490 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[32]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 490 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[33]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 491 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[34]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 492 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[35]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 12 – جىلد، 493 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[36]ئىبنى ئەبۇ ھاتەم رازىينىڭ (الجرح والتعديل) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 129 – بەت. بېيرۇت – 1952.

[37]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 259 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[38]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 9 – جىلد، 276- بەت. بېيرۇت – 1980.

[39]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 423 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[40]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 13 – جىلد، 424 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[41]ئۆمەر رىزا كەھھالەنىڭ (معجم المؤلفين) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 731 – بەت. بېيرۇت – 1993، ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 316 – بەت. بېيرۇت  – 1978، باغدادلىق ئىسمائىل پاشانىڭ (هدية العارفين) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 195 – بەت. ئىستانبۇل – 1951.

[42]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) زائىدە ئىبنى قۇدامە ماددىسى، ئاپتورى: ھاياتى يىلماز.

[43]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ زىناد ماددىسى، ئاپتورى: مۇجتەبا ئۇغۇر.

[44]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 17 – جىلد، 97- بەت. بېيرۇت – 1980.

[45]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 17 – جىلد، 98- بەت. بېيرۇت – 1980.

[46]ئۆمەر رىزا كەھھالەنىڭ (معجم المؤلفين) ئىسىملىك ئەسىرى، 2 – جىلد، 96 – بەت. بېيرۇت – 1993، ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 315 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[47]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 15 – جىلد، 168 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[48]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 15 – جىلد، 137 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[49]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 15 – جىلد، 157 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[50]باغدادلىق ئىسمائىل پاشانىڭ (هدية العارفين) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 444 – بەت. ئىستانبۇل – 1951.

[51]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 24 – جىلد، 269 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[52]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) لەيس ئىبنى سەئد ماددىسى، ئاپتورى: شۈكرۈ ئۆزەن.

[53]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ھەمماد ئىبنى سەلەمە ماددىسى، ئاپتورى: تاييار ئالتىن كۇلاچ.

[54]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 7 – جىلد، 263 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[55]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 7 – جىلد، 263 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[56]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 7 – جىلد، 265 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[57]زەھەبىينىڭ (تذكرة الحفاظ) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 151 – بەت. بېيرۇت – 1998.

[58]باغدادلىق ئىسمائىل پاشانىڭ (هدية العارفين) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 176 – بەت. ئىستانبۇل – 1951.

[59]كەتتانىينىڭ (الرسالة المستطرفة لبيان مشهور كتب السنة المصنفة) ئىسىملىك ئەسىرى، 40 – بەت. بېيرۇت – 1986.

[60]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 7 – جىلد، 265 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[61]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ ماددىسى، ئاپتورى: مەھمەت ئەلى سۆنمەز.

[62]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد، 201 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[63]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد، 202 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[64]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 8 – جىلد، 207 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[65]خەتىب باغدادىينىڭ (تاريخ بغداد) ئىسىملىك ئەسىرى، 10 – جىلد، 384 – بەت. بېيرۇت  – 2002.

[66]ئەبۇ ئىسھاق شىرازىنىڭ (طبقات الفقهاء) ئىسىملىك ئەسىرى،  86 – بەت. بېيرۇت – 1970.

[67]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ماددىسى، ئاپتورى: سالاھىدىن پولات.

[68]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 168 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[69]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 171 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[70]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 172 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[71]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 175 – بەت، بېيرۇت – 1980، ئىبنى ئەبۇ ھاتەم رازىينىڭ (الجرح والتعديل) ئىسىملىك ئەسىرى، 1 – جىلد، 129 – بەت. بېيرۇت – 1952.

[72]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 15 – جىلد، 336 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[73]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi)ھۇشەيم ئىبنى بەشىر ماددىسى، ئاپتورى: مۇستافا ئەرتۈرك.

[74]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 30 – جىلد، 277 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[75]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 30 – جىلد، 280 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[76]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 30 – جىلد، 287 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[77]ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 50 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[78]ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 318 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[79]ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 318 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[80]ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ (العلل و معرفة الرجال) ئىسىملىك ئەسىرى، 2 – جىلد، 342 – بەت. رىياد  – 2001.

[81]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 30 – جىلد، 288 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[82]تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىسى (İslam Ansiklopedisi) ئىبنى ئۇلەييە ماددىسى، ئاپتورى: سالاھىدىن پولات.

[83]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 27 – بەت. بېيرۇت – 1980.

[84]مىززىينىڭ (تهذيب الكمال) ئىسىملىك ئەسىرى، 3 – جىلد، 27 – 28 - بەت. بېيرۇت – 1980.

[85]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 17 – جىلد، 115 – بەت. بېيرۇت – 1996.

[86]ئىبنى نەدىمنىڭ (الفهرست) ئىسىملىك ئەسىرى، 317 – بەت. بېيرۇت  – 1978.

[87]زەھەبىينىڭ (سير أعلام النبلاء) ئىسىملىك ئەسىرى، 17 – جىلد، 117 – بەت. بېيرۇت – 1996.

 

باشقا خىزمەتلەر