ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
دۇنياغا ئالدىنىپ كېتىش

دۇنياغا ئالدىنىپ كېتىش

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي

 جاھاندىكى ئەڭ تەنتەك ئادەملەر دۇنياغا بېرىلىپ، دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن ئالدىنىپ ياشايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ دۇنيانى قويۇپ، بۇ دۇنيانى تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا دېگەن نەق، ئاخىرەت نېسى، نەق نېسىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟!»

ئۇلارنىڭ بەزىسى: «ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دېيىشىدۇ.

يەنە بەزىلەر: «دۇنيا لەززىتى ئېنىق، ئاخىرەتتىكى ھوزۇر-ھالاۋەتلەر نامەلۇم، نائېنىق نەرسىلەرنى دەپ ئېنىق نەرسىلەرنى تاشلىمايمىز» دەيدۇ.

مانا بۇلار شەيتانغا ئەل بولغانلاردۇر. ھايۋانلارمۇ ئۇلاردىن ئەقىللىقلراق. شۈبھىسىزكى، ھايۋان جېنىدا قانچە ئۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە زىيانلىق يەرلەرنى بىلىپ تۇرۇپ قەدەم باسمايدۇ. بۇ ئادەملەر نائېنىق بولغان ئېھتىماللىقتا تۇرۇپ، ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنىڭ بوسۇغىلىرىغا دەسسەپ باقىدۇ.

ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقان بۇ ئادەملەر، ناۋادا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاخىرەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ مۇكاپات-جازالىرىغا ئىشەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ تۇرۇپ ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىشى ئۇلارغا ئىنتايىن ئېغىر ھەسرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاخىرەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ مۇكاپات-جازالىرىغا ئىشگەنمەيدىغان ئادەملەر بولسا، بۇ ئۇلارغا تېخىمۇ ئېغىر ھەسرەت بولىدۇ.

نەق نېسىدىن ياخشى دېگۈچىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ: «ناۋادا نەق بىلەن نېسى ئوپئوخشاش، باپباراۋەر بولسا، ئۇنداقتا نەق ياخشى. ناۋادا نېسى كۆپرەك، ياخشىراق بولسا، نېسى ياخشى. پۈتۈن دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتتىكى بىر نەپەسچىلىك تۇرسا قانداقسىگە ئىككىسىنى تەڭلەشتۈرگىلى، سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!»

مۇستەۋرەد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «دۇنيا ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دېڭىزغا چۆكۈرۈپ تارتىۋالغىنىغىلا ئوخشايدۇ، قاراپ باقسۇن، بارمىقىغا قانچىلىق سۇ يۇقىدۇ؟»[1]

شۇنچىلىك (ئەرزىمەس) نەقنى (ئەۋزەل، بۈيۈك) نېسىگە تېگىشىش مىسلىسىز زىيان تارتقانلىق ۋە نادانلىق قىلغانلىقتۇر. پۈتۈن دۇنيا ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئىكەن، ناۋادا بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاخىرەتكە سېلىشتۇرۇلسىچۇ؟! ئەقللىق ئادەم قايسىنى تاللايدۇ! قىسقا مۇددەتلىك نەق نەرسىلەرنى دەپ، ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ياخشىلىقلارنى قولدىن بېرىپ قويامدۇ ياكى بەرىبىر قولدىن كېتىدىغان، ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، يوقالمايدىغان، سان-ساناقسىز، تۈگىمەس-پۈتمەس، بىباھا ياخشىلىقلارنى تاللامدۇ؟!

ئەمما، بەزىلەرنىڭ «مەن نائېنىق نەرسىلەرنى دەپ نەق نەرسىلەرنى قولدىن بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىگە قارىتا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ: سەن ئاللاھنىڭ ۋەدىلىرى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىللىقىغا گۇمانىي قاراشتا بولۇشىڭ ياكى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىنى تەستىق قىلىشىڭ مۇمكىن. ناۋادا سەن يۇقىرىقلارنىڭ ھەممىگە ئىشەنسەڭ، سەن پەقەت شەك بولمىغان، مەڭگۈ قولدىن كەتمەيدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەرىبىر قولدىن كېتىدىغان نەرسىلەرنى تەرك ئەتكەن بولىسەن. ناۋادا ئاللاھنىڭ ۋەدىلىرى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىللىقىغا گۇمانىي قاراشتا بولساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، قۇدرىتى، خاھىشى، بىرلىكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن تەھلىل قىلىپ باققىن! (ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە) نەزەر سېلىپ باققىن! پەيغەمبەرلەر ئاللاھ نامىدىن بايان قىلغانلىرىنىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكى؛ ئالەملەرنىڭ ۋە ئاسمان-زېمىنلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر بەرگەن خەۋەرلەرنىڭ زىتلىق ۋە ئوخشىماسلىقلاردىن تامامەن خالىي ئىكەنلكى ئايدىڭ بولغانغا قەدەر مۇنازىرە ئېلىپ بارغىن. كىمكى ئاللاھنى ئاللاھ ئۆزى سۈپەتلىگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى سۈپەتلىگەندىن باشقا سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىسە، ئۇ، ئاللاھقا بىئەدەبلىك قىلغان ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغان، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ساغلام تەبىئەتلىك ھەرقانداق ئادەم ھەقىقى پادىشاھ ئاللاھنى ئاجىز ياكى ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، گەپ قىلمايدىغان، بۇيرىمايدىغان، توسمايدىغان، مۇكاپات بەرمەيدىغان، جازالىمايدىغان، خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلمايدىغان، خالىغان كىشىنى خار قىلمايدىغان، ئۆز مەملىكىتىنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدىغان، پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايلا، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن بىلىمسىز دەپ سۈپەتلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق سۈپەتلەر ئادەتتىكى بىر پادىشاھلارغىمۇ لايىق كەلمەيدىغان تۇرسا، قانداقسىگە ھەقىقىي پەرۋەردىگار ئاللاھنى بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش راۋا بولسۇن!

ناۋادا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىسپېرما ھالەتتىن ھازىرقىدەك مۇكەممەل ئادەم ھالتىگە كېلىش باسقۇچلىرىنى ئويلىنىپ باقىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىپ، خىلمۇ-خىل باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرگەن بىر زاتنىڭ بارلىقى؛ ئۇ زات ھەرگىزمۇ ئۇنى ھېچ نەرسىگە بۇيرۇماي، ھېچ نەرسىدىن توسماي، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تونۇتماي، ئۇنىڭغا مۇكاپات ياكى جازا بەرمەيلا بىكار تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بولاتتى.

ناۋادا بىر ئادەم تېگىشلىك رەۋىشتە ئويلىنىپ باققان بولسا، ئەلۋەتتە ئۆزى كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنىڭ راست ئىكەنلىكىگە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بولاتتى.

يۇقىرىقى سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى بايان قىلىمىز: «مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن، (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن).  بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر.»[2]

ئۇنىڭغا يانداش يەنە مۇنۇ ئايەتنىمۇ كەلتۈرىمىز: «زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا ئاللاھقا چىن ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر.»[3]

شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنىڭ، پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنىڭ، بارلىق كامالى سۈپەتلىرىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

بىر ئادەم ئاللاھقا ئىشەنگەن بولسۇن ياكى ئىنكار قىلغان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇيالمىغانلا بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئالداپ ياشىغان ئادەمدۇر.

بىر ئادەمدە قايتا تىرىلىشكە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئەمەل قىلماسلىق قانداقمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولسۇن!

قايتا تىرىلىشكە، جەننەتكە ۋە دوزاخقا بولغان ئىشەنچ بىلەن ئەمەل-ئىبادەتنى تەرك ئېتىش بىر ئادەمدە قانداقمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولسۇن! بىر ئادەم تاڭلا پادىشاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق جازا ياكى كاتتا مۇكاپاتلارغا نائىل بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويماستىن، ھېچ تەييارلىقمۇ قىلماستىن كۈنلىرىنى غەپلەتتە، پەرۋاسىزلارچە ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟!

بەرھەق، بۇ نۇرغۇن ئادەملەردىن سوراپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر سوئال. ئەمەلىيەتتىمۇ مەزكۇر ئىككى ئىشنىڭ بىر شەخستە تەڭلا مەۋجۇت بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىشىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەب بار:

1. ئىلىمىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق ۋە ئىشەنچنىڭ كەملىكى. «كىشىلەرنىڭ ئىمانى پەرقلىق بولمايدۇ» دېگەن ئادەملەرنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ خاتا ۋە باتىل سۆزدۇر.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە غەيبىي ھالەتتە ئېنىق بولغان ئۇقۇملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرۈدىغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«مۇسنەدى ئەھمەد»دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «(ئاڭلىغان) خەۋەر كۆرگەن ئىشقا ئوخشاش بولمايدۇ.»

ئىلىمنىڭ كەمچىللىكى ئىلىمدىن دەل جايىدا پايدىلىنالماسلىق ياكى ئىلىمگە نالايىق ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىلىمنىڭ قەلىبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى بىلەن بىرلەشسە؛ بۇلارغا تېخى زىددىيەتلىك خاراكتېر، ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش، شەھۋەتكە ئەل بولۇپ كېتىش، نەپسى خاھىشنىڭ چىرايلىق كۆرسىتىشى، شەيتاننىڭ ئالدىشى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى كىچىككەن ساناش، چەكسىز ئارزۇ-ئارمانغا بېرىلىش، غەپلەت ئۇيقۇسى، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش، دۆڭ كېچىك ئىزدەش، ئادەتلەرنىڭ كەينىدىن سوكۇلداش قاتارلىقلار قوشۇلسا... شۈبھىسىزكى، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىمانىنى ئاسمان-زېمىننى ساقلاپ تۇرغان ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشى ساقلاپ قالالمايدۇ. مانا، ئىنسانلاردا يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە تېپىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئەمەللىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ھەتتاكى، ئۇلاردىكى ئىمان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدۇ.

يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئاڭ ۋە سەۋرنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا سەۋر ۋە مۇستەھكەم جەزمىيەتكە ئىگە ئادەملەرنى مەدھىيىلىدى ۋە ئۇلارنى دىننىڭ پېشۋالىرى قىلدى. «ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق.»[4]

 
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىنھاجىم

[1] ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى

[2] سۈرە ھاققە 38،39،40-ئايەتلەر

[3] سۈرە زارىيات 21-ئايەت

[4] سۈرە سەجدە 24-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر