ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
بۆلۈنۈش سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

بۆلۈنۈش سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

ئەلۋەتتە ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر پىكىر ھەققىدە ئىلمىي تالاش- تارتىش قىلىش بىلەن تالاش- تارتىش قىلىش نەتىجىسىدە بۆلۈنۈپ كېتىش ۋە جېدەل – ماجىرا قىلىش ئارىسىدا زور پەرق بار. دىنىمىزغا قارايدىغان بولساق شەرئى دەلىللەرنىڭ كۆپ قىسمى ھەرخىل ئىزاھلاشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە رېئاللىقنى چۈشىنىش مەسىلىسى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزقاراشنىڭ تۈرلۈك بولۇشى تەبىئىي مەسىلە. لېكىن كۆزقاراش ھەققىدە ئىلمىي تالاش- تارتىش قىلىشتىن ھالقىپ كېتىش پىكىر مۇتەئەسسىپلىكىگە ۋە ئەخلاقتىن چەتنەشكە ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە جېدەل -ماجىرا ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ.  ئىلمىي تالاش- تارتىش جېدەل- ماجىراغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا بىز شەرىئەت چەكلىگەن دائىرىگە كىرىپ قالىمىز.

بىرىنچى، بۆلۈنۈش كۆرۈنۈشلىرى

 ئىجتىمائىي ھاياتىمىزغا قارايدىغان بولساق، بەزىبىر كۆزقاراش ھەققىدە بولۇۋاتقان سۆھبەتلەر ياكى تالاش-تارتىشلارنىڭ دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەخلاقتىن چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا مۇئەييەن بىر كۆزقاراش ھەققىدە بولۇۋاتقان تالاش- تارتىشلار ھەقىقەت ۋە توغرىلقنى كۆزلىمەستىن، ھەر تەرەپنىڭ ئۆزىگە يان بېسىش، باشقا تەرەپنى مات قىلىش ۋە باشقا تەرەپنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىش بولۇۋاتىدۇ.

تالاش تارتىش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ مۇسۇلمان ھەمدە نىشان- مەقسەتلىرى بىر تۇرۇپمۇ، بۆلۈنۈپ ياكى جېدەللىشىپ ھەرىكەت قىلىشى ئەقىلغا ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك، چۈنكى دەۋەت بىلەن بۆلۈنۈش ياكى سىياسەت بىلەن بۆلۈنۈش بىرلەشمەيدۇ.

ئىككىنچى، بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبلىرى

دەۋەتچىلەرنىڭ ياكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى جېدەل -ماجىرا ۋە بۆلۈنۈش بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. گەرچە بۆلۈنۈش ۋە جېدەل -ماجىرانىڭ پەيدا بولۇشىدا دۈشمىنىمىزنىڭ چوڭ رولى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىمىز دۈشمەننىڭ پىلانلىرىغا سەگەك بولالىساق، دۈشمەننىڭ بۇ توغرىدىكى سۈيىقەستلىرىدىن ساقلىنىپ قالاتتۇق، بۆلۈنۈپ كەتمەيتۇق. ھالبۇكى، بىزگە كېلىۋاتقان خاپىلىق ۋە خاپىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئۆزىمىزدىن پەيدا بولماقتا: «سىلەرگە ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن بولىدۇ» (شۇرا سۈرىسى، 30 – ئايەت).

ئۈچىنچى، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار

1  . سىياسىي رېئاللىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە توغرا- خاتا ياكى كۈچلۈك – ئاجىز پىكىر دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا «ھەق ياكى باتىل» دەپ مۇئامىلە قىلىش.

2 . ئىجتىھادنى قوبۇل قىلمايدىغان كەسكىن مەسىلىلەر بىلەن ئىجتىھادنى ۋە تۈرلۈك كۆزقاراشتا بولۇشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئايرىماسلىق.

3 . ھازىرنىڭ ئۆزىدە جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار چۈشەنچىسى ۋە ئەۋزەللىك ئۇقۇمىنىڭ يوقلۇقى.

4 . ھالقىلىق چوڭ مەسىلىلەردە بىلىمسىز ۋە تەجرىبىسىز كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىشى ياكى پەتىۋا بېرىشى.

5 . تالاش- تارتىش قىلىش چۈشەنچىسى ۋە مۇنازىرە قىلىش ئەدەب- ئەخلاقىنىڭ يوقلۇقى.

6 . يېتەكچى سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ كۈچلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك ھەر تەرەپنىڭ ئۆز تەشكىلاتىنىڭ كۈچلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى.

7 . ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىش ئۇقۇمىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشنى ئەمەلىي جەھەتتىن تۈگەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قاراشتىن ئىبارەت.

تۆتىنچى، ئەخلاق كرىزىسنىڭ مۇھىم كۆرۈنۈشلىرى

1  . سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە پىكىرلىشىش ئەخلاقىنىڭ يوقلۇقى.

2  . كۆيۈنۈشنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئېغىر بېسىق بولۇشنىڭ يوقلۇقى.

3  . ئىمانى قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئاجىزلىقى.

4  . ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، مەنمەنچىلىك قىلىش ۋە كىبىرلىك.

5 . غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، بوھتان، تىللاش، ھاقارەتلەش دېگەندەك تىل ئاپەتلىرى.

6  . ھەقىقەت، پىرىنسىپ ياكى توغرىلىقنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ، ئۆزىگە يان بېسىش.

7  . باشقىلارغا يامان گۇماندا بولۇش ۋە شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىش.

8  . پىكىر ياكى ئېقىم ياكى تەشكىلاتقا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش.

9  . ئالىملارنى ۋە كەسپى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىمەسلىك.

10  . چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ۋە كىچىكلەرنى قەدىرلىمەسلىك.

بەشىنچى، ئىمان تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى

ئىمان تەربىيەسى ۋە قەلبىنى پاكلاش تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە رىئايە قىلىنمايۋاتىدۇ. ھەمدە قېرىنداشلىق كۈچلۈك بولسا، ئىماننىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى، قېرىنداشلىق ئاجىز بولسا، ئىماننىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىنمايۋاتىدۇ.

ئالتىنچى، بۆلۈنۈشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماسلىق

بىلىمسىزلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ھېس قىلماسلىقى نادان ھالەتتە قېلشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭدەك سىياسىيەتچىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ۋە بىرلىشەلمەسلىكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقى بۆلۈنۈش ھالىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قېرىنداشلار ئارىسىدا پايدىسىز تالاش- تارتىش كۆپەيگەنسېرى، ئۇلارنىڭ كۈچلىرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ۋە ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ: «ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئىشلىرىڭلار ئۈنۈملۈك بولمايدۇ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ» (ئەنفال سۈرىسى، 46 – ئايەت).

بۆلۈنۈش مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولىدۇ.

كۈچنىڭ پارچىلىنىشىغا ۋە تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئىشلىرىنىڭ بەرىكەتسىز بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.

يەتتىنچى، بۆلۈنۈشنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى

1 . ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ سەۋەبلەرنىڭ ئارىسىدا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدۇ، چۈنكى قىيىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن قۇتۇلۇش قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئاڭ ياخشى چارىسىدۇر.

2 . سىياسىي ئېقىملار ئارىسىدا پىرىنسىپال ئورتاق نۇقتىلاردا ھەمكارلىشىش، بىر-بىرىگە مەدەت بېرىش، بىرى يەنە بىر تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى دەپ قاراش، ھەمدە تەشكىلاتلار ياكى سىياسىي ئېقىملار ئارىسىدا ھەمكارلىق مەجلىسى شەكىللەندۈرۈش.

3 . سىياسىي تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئىسلامنىڭ قېرىنداشلىق ئېڭىنى ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەت ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى قانات يايدۇرۇش

4 . سىياسىي ئېقىملار ئارىسىدا ئورتاق كېلەلەيدىغان نۇقتىلارنى ئورتىغا چىقىرىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش.

5 . مېنىڭ كۆزقارىشىم توغرا، لېكىن خاتا بولۇشى مۇمكىن، باشقىلارنىڭ كۆزقارىشى خاتا، لېكىن توغرا بولۇشى مۇمكىن» ۋە «ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلغان كىشى ئىككى ساۋابقا، خاتالىشىپ قالسا بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ھەر ئىككىسىدە ياخشىلىق بولىدۇ» دەيدىغان قائىدىگە ئاساسىدا تالاش- تارتىش قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرىنى جانلاندۇرۇش لازىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

 

بۆلۈنۈش سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى – ئەزھەرىي تورى (azheri.com)

باشقا خىزمەتلەر