ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Eylül 2021

چىكىنىڭ
ئىسلامى قېرىنداشلىق رىشتىسى نەسەب رىشتىسىدىن كۈچلۈك

 

ئىسلامى قېرىنداشلىق رىشتىسى نەسەب رىشتىسىدىن كۈچلۈك

شەيخ سالىھ بىن ھۇمەيد

(20/3/1431ھـ - 6/3/2010م)

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:
پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھتىن قورقۇپ، بۈيۈك مەھشەر كۈنى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تەقۋالىق بىلەن زىننەتلىشىمىز ۋە ئۆز-ئۆزىمىزدىن داۋاملىق ھېساب ئېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك، «ئەھلى ئىسلام ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسى نەسەب رىشتىسىدىن كۈچلۈك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. مۇسۇلمانلار تەقۋالىق قىلىشى، تەقۋالىقىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى، تەقۋادارلىق ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشى ۋە ئۆزلىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا كەمتەر بولۇشى كېرەك.
بىلىڭلاركى، مەخلۇقلارغا رەھىمدىل بولۇش، رەھمان تائالانىڭ رەھمەت دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. رەھىم-شەپقەتلىك دىللارغا رەھمان تائالامۇ رەھىم قىلغۇچىدۇر. ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى قىيامەت كۈنىدىكى مەھشەرگاھنىڭ ھېساباتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. بۇ دۇنيادا ئۆزى بىلەن ھېسابلاشقانلار ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ھېساباتى يەڭگىل بولىدۇ.
ئەھلى ئىسلام ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسى ئالاھىدە رىشتە بولۇپ، ئۇ ئىنسانىي ئالاقىلەردە گۈللىنىشكە تېگىشلىك رىشتە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام رىسالىسىنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بار. ئىنسانلارنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسى، ھېسسىيات، پىرىنسىپلار، خۇشاللىقلار ۋە قايغۇلارغا ئالاقىلىقتۇر. قېرىنداشلىق ئىسلامنىڭ روھى (جەۋھىرى) بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىسلامنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە شەرىئەت نىزاملىرىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەقىقىي قېرىنداشلىق بولسا، ئىسلام تەلىماتى ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى ئاساس قىلغان قېرىنداشلىقتۇر.
ئىسلام دىنى، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرى ۋە يۈكسەك ئەخلاقى بىلەن ئىنسانىيەتنى ۋە ئىنسان روھىنى يۈكسەكلەرگە، ئەدەپ - ئەخلاق ۋە پەزىلەت ئۇپۇقىغا ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىدا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ھاۋايى- ھەۋەس، خاتا يول ۋە زۇلۇملار قاپلىۋالغان چاغدا، ئىسلام تەلىماتى، دىن بىلىملىرى ۋە ئەھكاملىرى ئىنسان قەلبىدە زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ.
ئىنساننىڭ دىلى قاتتىق، ئەقلى ئازغۇن بولسا، ئۇنداق ئادەمنى ھېچقاچان دىندارلىق بىلەن سۈپەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. ھەقىقىي دىندارلىق، قەلب، ئەقىل ۋە روھتىن ئىبارەت ئىنسان ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىبادەتنىڭ ئاساسىي غايىسى، روھىي دۇنيانى تازىلاش ۋە ئىچكى دۇنيانىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىز ئىلاھىي مەئبۇد بولغان ئاللاھ تائالاغا بولغان سەمىمىيىتىمىزنى خالىس قىلماي ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىمىزنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، دۇنيا- ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيمىز.
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىپ تۇرۇپمۇ، باشقىلارغا ئوچۇق چىراي بەرمەيدىغان، باشقىلارغا يامانلىقنى ئويلايدىغان ۋە زۇلۇمنى راۋا كۆرىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىبادەتلىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
بىلىڭلاركى، نامازنى ئادا قىلىپ، زاكاتنى بېرىپ، روزىسىنى تولۇق تۇتۇپمۇ، يەنىلا «مۇپلىس» (پۇلدىن ئايرىلىپ قالغان) سانىلىدىغان ئادەم بار، ئۇ بولسا بىرلىرىنى تىللىغان، بىرلىرىگە تۆھمەت قىلغان، يەنە بىرلىرىگە قارا چاپلىغان، باشقىلارنىڭ مېلىنى ھارام يېگەن، يەنە كىملەرنىڭ قېنىنى ناھەق تۆككەن كىشى بولۇپ، قىيامەتتە ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىپ، مۇپلىس بولۇپ قالىدۇ، ئۇنداق ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرى قالمىغان تەقدىردە ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ- دە، ئاخىرى ئوتقا تاشلىنىدۇ. بىز ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىدىكەنمىز، دىننى ئىچكى دۇنيايىمىزدا تىرىلدۈرشىمىز كېرەك. يەنە شۇ دىننى ئەخلاقىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە يوليورۇقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ئەخلاق، باياشات تۇرمۇشنىڭ ئاساسىدۇر.
ئەھلى ئىلىملەر، دىن پۈتۈنلەي ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر، دېگەن. كىمكى سىزدىن ئەخلاقتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە، ئۇ دىندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ خەرىتىسىنى دىن سىزىدۇ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن بەلگىلەرنىمۇ دىن قويىدۇ. ئۇنداقتا دىن ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ئەخلاق، ساغلام ئەخلاق ھېسابلانمايدۇ. دىن بىلەن ئەخلاق بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قوشكېزەكلەردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە كېلىشىچە: ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بەندىلەر، ئەخلاقى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر. مۇئمىنلەرنىڭمۇ ئەۋزىلى ئەخلاقى ياخشىلاردۇر. ئىنسان دۇنيادا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى بايلىق ئەخلاق بايلىقىدۇر. قىيامەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يېقىن ئىنسان، ئەخلاقى ياخشى بولغان ئىنساندۇر. قىيامەتتە تارازا- مىزانغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە، ياخشى ئەخلاقتۇر.
جەمئىيەت ئىنتىزامىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش مۇمكىن، بىراق ئەخلاق بولمىسا، يولغا قويۇلغان تۈزۈملەر قانچە مۇستەھكەم ۋە چىڭ بولىشىغا قارىماي نەتىجە بەرمەيدۇ. ياخشى ئەخلاق ئىگىسى كەچۈرۈمچان كېلىدۇ ۋە ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇپمۇ كەچۈرۈم قىلىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا باغلىقتۇر. ئەخلاقنى يوقاتقان مىللەت، زاۋاللىققا قاراپ ماڭىدۇ- دە، ئاخىرى يوقىلىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى.

 
 

باشقا خىزمەتلەر