ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
دۇنياغا ئالدانماڭلار، بۇ دۇنيا ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆتكەلدۇر

دۇنياغا ئالدانماڭلار، بۇ دۇنيا ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆتكەلدۇر

ھۆرمەتلىك ئەللامە دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات 

2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «دۇنياغا ئالدانماڭلار، بۇ دۇنيا ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆتكەلدۇر ۋە ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ پەرقىنى ئايرىيدىغان سىناق دۇنياسىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەھشەرگاھتا توپلىنىدىغان ۋاقتىڭلارنى ئەسلەڭلار! كاپىر، كاشكى مەن توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسامچۇ! دەپ، ئارزۇ قىلىدىغان قورقۇنچلۇق كۈننى ئەسلەڭلار!

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مەنا-چۈشەنچىلەرنى كىشىلەرنىڭ زىھنىدە ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئوخشىتىش ۋە گۈزەل تەسۋىرلەشكە موھتاجدۇر. بۇ بالاغەتلىك سۆز ماھارىتى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: {أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَعِظۡهُمۡ وَقُل لَّهُمۡ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَوۡلَۢا بَلِيغٗا}

 {ئەنە شۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (يالغان ئېيتىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى، مىكرىنى) بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن}[1].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ دېققىتىنى دۇنيانىڭ ھەقىقىتى ۋە دۇنيانىڭ پىتنىسىگە ئالدىنىپ كېتىشتىن ئىبارەت رېئاللىق تەرەپكە جەلب قىلىشنى خالايدۇ. بۇ دۇنيا تاتلىق ھەمدە گۈزەلدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا بۇ دۇنيانى قانداق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ئاتا قىلدى ۋە ئورۇنباسار قىلدى. شۈبھىسىزكى، شۇ گۈزەللىك ۋە ھالاۋەتنىڭ ئىنسانلار قەلبىدە ئورنى بار بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار، لېكىن بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنسانلارنىڭ مەيدانى 2 خىل بولۇپ، بىرىنجىسى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئەقىل ئىگىلىرى ۋە توغرا يولنى تاللاپ ماڭغانلاردۇر. ئۇلار ئەڭ شەرەپلىك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققى بار تۇرۇپ، ئاگاھ بولغان ۋە دۇنيانىڭ رەڭگارەڭ نېمەتلىرى ئۇلارنى ئالدىيالمىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ نېمەتلەرنى ئەنە شۇنداق سالىھ بەندىلەر ئۈچۈن تەييارلىغاندۇر.

 

ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرىگە دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە توغرا كەلمەيدۇ، بەسلىشەلمەيدۇ ۋە ئورنىنى باسالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى ئۈچۈن بارلىق نېمەتلەردىن نەسىۋە بېرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ياخشى كىشىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تولۇق بويسۇنىدۇ، پەرىز-ۋاجىپلارنى مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىدۇ، چەكلىگەن ھاراملاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە ئاللاھقا نەفلە ئەمەللەر ئارقىلىق تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن يۈز ئۆرىمەيدۇ. پايدىسىز، كۆپۈكلەر بىلەن ئاۋارە بولمايدۇ. ئۇلار قىسقا ئۆمرىنى پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش يولىغا خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ياخشى كىشىلەر ئۇ دۇنيادا مەھسۇلات ئېلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا كۆچەت تىكىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ:

{مَنْ كانَ يُريدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ في‏ حَرْثِهِ وَ مَنْ كانَ يُريدُ حَرْثَ الدُّنْيا نُؤْتِهِ مِنْها وَ ما لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ نَصيب} {كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئەتنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق}[2]. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: {وَ مَنْ أَرادَ الْآخِرَةَ وَ سَعى‏ لَها سَعْيَها وَ هُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولئِكَ كانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورا} {كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (اﷲنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ}[3].

ئەبى ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇئمىن بەندىلىرىم ئۈچۈن، كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ قەلبىگە كەچمىگەن جەننەتنى تەييارلاپ قويدۇم».

ئىككىنجى قاراشتىكىلەر بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىنى پىچەتلىگەنلەردۇر. ئۇلار ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غاپىل بولغان، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەن، زالالەت-ئازغۇنلۇق يوللىرىنى تاللىۋالغان، توغرا يولدىن ئاداشقان، ئاللاھ بۇيرىغان پەرزلەرنى ئادا قىلىشتىن چېكىنگەن، ئاللاھ چەكلىگەن ھاراملاردىن ئۆزىنى تارتماستىن، ھاراملارنى سادىر قىلغان. ھارام يېيىشتىن ئۆزىنى تارتماستىن، دىنار، دىرھەملەرگە چوقۇنغان، بېخىللىقنى سېخىلىق ئورنىغا قويغان، پانىي دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ، باقى ئالەمنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان، دۇنيا توپلاشقا كىرىشىپ كېتىپ، ئاخىرەتنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان كىشىلەردۇر. ئۇنداقلار ئاللاھنىڭ مالامىتىگە لايىق بولغانلاردۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەققىدە قۇرئان كەرىمنىڭ تەكاسۇر سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن:

{أَلۡهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ حَتَّىٰ زُرۡتُمُ ٱلۡمَقَابِرَ كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ ثُمَّ كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ كَلَّا لَوۡ تَعۡلَمُونَ عِلۡمَ ٱلۡيَقِينِ لَتَرَوُنَّ ٱلۡجَحِيمَ ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيۡنَ ٱلۡيَقِينِ ثُمَّ لَتُسۡ‍َٔلُنَّ يَوۡمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ} {تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل- مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى. راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر. ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقى بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار). سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر. ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نىئمەتلەردىن سوئال- سوراق قىلىنىسىلەر}[4].

قانائەتچانلىق ئىنسان نەپسىنى يۈكسەك ماقاملارغا يەتكۈزىدۇ، ھايات گۈزەللىكى نامايەن بولىدۇ. قانائەتچانلىق پەيغەمبەر يوليورۇقى بولۇپ، قانائەتچان كىشىنىڭ قەلبى پاك، سېخى، باشقىلارغا مېھرىبان كېلىدۇ. ئەقىللىق ئىنسان ھېچقاچان دۇنيالىقى ئۈچۈن ئاخىرىتىنى زىيان تارتمايدۇ.

 

ئىككىنجى خۇتبە:

 

ئىمام ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: ئابدۇللاھ بىن ئەمر ئىبىنىلئاس رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان ئېتقان، يەتكۈدەك رىزىق بېرىلگەن، ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى، نىجات تاپقان بولىدۇ»[5].

ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ:

«ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئائىلىسىنىڭ رىزقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك قىلغىن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەبەۋى پرىنسىپى مۇسۇلمانلارنى قانائەتچانلىققا ئۆگىتىش بولۇپ، ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى ماكاندۇر، شۇڭا ئۇ ئاخىرەتكە ئۆزى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان نەرسىدىن باشقىنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرىدى.

ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى دۇنيا-ئاخىرىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بۇ دۇنيانى ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆتكەل قىلىدىغانلاردىن قىلغىن! ئۇلارنى ئالتۇن، تىللا بەندىسى قىلمىغىن، ئامىن!

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

 



[1] سۈرە نىسا: 63- ئايەت

[2]  سۈرە شۇرا: 20- ئايەت.

[3]  سۈرە ئىسرا: 19- ئايەت.

[4]  سۈرە تەكاسۇر.

[5] مۇسلىم رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر