ھىجرىيە: | مىلادىي: 6 Şubat 2023

چىكىنىڭ
پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بەزى خاتالىقلار

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بەزى خاتالىقلار

 

مۇھەممەد يۈسۈپ


دۇنيالىقنى دەپ ئاخىرەتلىكنى ئۇنتۇپ كېتىش
دۇنيالىققىلا بېرىلىپ، ئاخىرەتلىكنى ئۇنتۇپ كېتىش كۆپىنچە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. كۆرۈۋاتىمىزكى، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاخىرەتلىكى توغرىلىق سۆز ئاچمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا ياخشى ئوقۇپ دىپلوم ئېلىپ چوڭ مەنسەپلەرگە، ئالىي تۇرمۇشقا ئېرىشىش ۋە يۈز_ئابرۇي قازىنىش توغرىسىدا نەسىھەتلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا تەرىپى يوق. ھەر قانداق ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ قەلبىگە دىپلوم ئۈچۈنلا ئوقۇماستىن، ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان بىلىملەرنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەتلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئوقۇشتىن ئىبارەت غايىنى پۈكتۈرۈش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش ئەھۋالىنى، ئۆگىنىش قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرى ۋە ئەخلاق-پەزىلەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە كېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سورىمايدۇ.

نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇۋاتامدۇ، ياكى تاشلىۋەتتىمۇ؟

ئەتىگەن-ئاخشامدا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتامدۇ، ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟

مۇئەللىمگە ۋە دوستلىرىغا دۇرۇس مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ، ياكى يالغان ئېيتامدۇ؟

ئىمتىھاندا دۇرۇس بولامدۇ، ياكى كۆچۈرۈپ تاپشۇرامدۇ؟ بۇلارنى سوراپ قويمايدۇ.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى


 .1 ئىش شۇنداق داۋام قىلىپ كېتىۋەرسە، بالىلار چوڭ بولغاندا ماددىنى مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان، ھەر ئىشتا ماددىي مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، مەنىۋى قىممەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2  . كىچىكىدىن ئىبادەتلەرگە ئادەتلەندۈرۈلمىگەن بالىلارغا، چوڭ بولغانلىرىدا بۇ ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

3  . ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن دىن-دىيانەت، ئەخلاق-پەزىلەت  نۇقتىسىدىن دائىم نازارەت قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ھەر خىل يامان يوللارغا كىرىپ كېتىش ئېىھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى


1
 .ئاتا-ئانا ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: )وَكَأَيِّنْ مِنْ دَابَّةٍ لَا تَحْمِلُ رِزْقَهَا اللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ (يەنى)نۇرغۇنلىغان جانلىقلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ( ([1]) دېگەن سۆزىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنچ قىلىپ، «رىزىق پەقەت ئاللاھ تائالادىندۇر» دېگەن ھەقىقەتكە قارىتا ئىمانىنى يېڭىلىشى لازىم.

2  . ھەقىقىي ئۇتۇقنىڭ ئۆلچىمى ئالىي دىپلوملارنى ئېلىش ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق ۋە دۇرۇسلۇق ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمىغان ئاساستا ئىش كۆرۈشى لازىم.

3  . ئاتا-ئانىلار ئاخىرەتلىك بىلەن بۇ دۇنيالىق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان ھالدا، بالىلارنىڭ ھەم دۇنيالىق، ھەم ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى، ئاخىرەتلىكىنى دۇنيالىقىنىڭ ئالدىغا قويۇشنى ئۆگىتىشى لازىم.

4  . ئەگەر ئاتا-ئانىلار غەپلەتتىن ئويغىنىپ، بالىلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بولمايدىكەن، كېيىنچە ئۇلار بۇ چوڭ خاتالىقنىڭ بەدىلىنى چوقۇم ئېغىر بىر شەكىلدە تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

كىچىك بالىلارنى چوڭلاردىن قاچۇرۇش ئادىتى
بەزى ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىلىرىنى چوڭلارغا ئارىلىشىشتىن توسىدۇ، ئۇلاردىن قاچۇرىدۇ، ھەتتا ئۆيگە مېھمان كەلگەندىمۇ بالىلارغا مېھماننىڭ ئالدىغا كىرمەسلىك ھەققىدە قاتتىق تەلىماتلارنى بېرىدۇ. بۇ بەزى ئائىلىلەردىكى قالاق ئادەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن، ياكى بالىلارنىڭ مېھماننىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويۇشىدىن قورققانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى


1
 . بالىلاردا چوڭلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقۇش پىسخىكىسى يېتىلىپ قالىدۇ.

2  . بالىلاردا كىشىلەردىن خىجىل بولۇش، تارتىنىش ۋە مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماسلىق كەيپىياتى يېتىلىدۇ.

3  . بالىلاردا يالغۇزلۇقنى تاللىۋېلىش، چوڭلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىدىن خەۋەرسىز قېلىش قاتارلىق سەلبىي كەيپىياتلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

1  . بالىلارنى چوڭلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇش، مەسجىدلەرگە بىرگە ئېلىپ چىقىش، ئىلمىي سورۇنلارغا ئىشتىراك قىلدۇرۇش لازىم. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز بالىلارنى چوڭلارغا ئارىلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بالىلارنى 7 يېشىدا نامازغا بۇيرۇش ۋە مەسجىدلەرگە بىرگە ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇشتىكى سەۋەبمۇ ئۇلارغا چوڭلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

2  . بالىلارغا ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ چوڭلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.

3  . بالىلارنى ئۆلىما ۋە تەقۋا كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، بىرگە نەسىھەت ئاڭلاش ۋە بالىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش.

ئۈلگىلىك رولنىڭ يوقۇلۇشى
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەربىيەسىگە ۋە ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. نەتىجىدە، بۇ بالىلار كوچا تەربىيەسى بىلەن ئۆسىدۇ-دە، ئۆزلىرىگە جەمئىيەت داشقاللىرىنى، لۈكچەكلەرنى، سەنئەتچى كىنو چولپانلىرىنى، تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى ئۈلگە قىلىۋالىدۇ.

بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بۇ ئاتا-ئانىلاردىن بەزىلەرنىڭ ئۇلارغا ياخشى ئىشلاردا، تەقۋالىقتا، گۈزەل ئەخلاقتا، ئىبادەتلەرگە قىزىقىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، قىمار ئويناش، ئائىلىدە ئۇرۇش-جېدەل قىلىش ۋە جىمى ئەخلاقسىزلىقلاردا سەلبىي نەمۇنە بولۇشى، ياكى بالىلارنىڭ تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى بالىلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى نابۇت قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى

 

1 .  بالىلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاقتا بۇزۇلۇشى، دىيانەتتە ئاجىزلىشىشى.

2  . ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلالماسلىق، پىكىر قىلالماسلىق ۋە ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولۇپ قېلىش.

3  . بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئەقىدىسىنىڭ ۋە ئىشەنچىسىنىڭ زەئىپلىشىپ قېلىشى.

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى
1
 . ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىش ۋە دىنغا تولۇق مەنسۇپ بولۇش.

2  . ياخشى كىشىلەرنى، تەقۋادار ئۆلىمالارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش.

3  . ھالالدىن يەپ-ئىچىش، ھارامدىن يىراق تۇرۇش.

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى
ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغان خاتالىقتۇر. ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلمىغان بالا، قانداقمۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسۇن؟

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، بالىغا قىلغان تەھدىدلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىشى ۋە ساختىپەزلىك قىلىشى قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردۇر.

ئاتا-ئانا بالىسىغا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بالىلار بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنۇتمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىدە بالىلارنى قورقۇتۇش نىيىتى بىلەن «ئۆلتۈرىمەن»، «بوينۇڭنى ئۈزىمەن» دېگەنگە ئوخشاش تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بالىلارنى تېخىمۇ ئىسيانكارلىققا مايىل قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بوينىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەلىك لازىم.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى


1
 . بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ قىلغان چىرايلىق نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەھدىدلىرىدىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

2  . بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇ ئىشەنچنى كوچىدىكى دوستلىرىغا، ياكى مۇئەللىمىگە، ياكى ساۋاقداشلىرىغا باغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دوستلار، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلار ئۈلگە بولۇشقا تېگىشلىك دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولسىغۇ مەسىلە يوق. ناۋادا ئۇلار ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز، ھەتتا ئىمانسىز كىشىلەردىن بولۇپ قالسىچۇ؟ بۇ چاغدا ئەھۋال نېمە بولماقچى؟

شەكسىزكى بۇ ئەھۋالدا، بالىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەڭلا زىيان تارتقىنى تارتقان. بۇ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش بەكمۇ قىيىن، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.

3  . ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراشنى خالىمايدىغان بالىلار باشقىلاردىنمۇ ئاغرىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، كىشىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ بارىدىغان دوستى، مۇئەللىمى ۋە ساۋاقدىشى ھەمىشە ئۇنىڭ دەرتلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بولىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

 

1  . ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش لازىم، ئۇلار ئاتا-بالا ئەمەس، گويا دوستلاردەك سىرداش بولۇپ كېتىشى كېرەك.

2  . بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئائىلىنىڭ بەزى ئىشلىرى ۋە پىلانلىرى توغرىلىق ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىش، ھەمدە ئۇلارغا يېشىغا ۋە سەۋىيەسىگە مۇناسىپ ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرىنى يۈكلەش.

3  . ئاتا-ئانا بالىلارغا قىلغان ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشى، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشقا ۋەدە بەرمەسلىكى لازىم. مۇبادا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغاندەك بولۇپ قالسا، دەرھال بالىلارغا ئۆزرىسىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشى لازىم.

بالىلاردا ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق كىرىزىسى
نۇرغۇن بالىلار ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە يول كۆرسىتىشىگە تەلمۈرىدىغان بولۇپ يېتىشكەنلىكتىن، ئازراقلا قىيىنچىلىق ئالدىدا يېڭىلىدۇ، ئاددىي ئىشلارنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدىن شەكلىنىدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ.

بالىلارنىڭ مۇنداق بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغۇچىلارمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىلاردۇر.

 

 بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:

1  . ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشتا «قىل» ۋە «قىلما» دېيىشتىن ئىبارەت كەسكىن بۇيرۇق بىلەن باشقۇرۇشى.

2  . بالىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ياراتماسلىقى ۋە كۆپ تەنقىدلىشى.

3  . بالىلارنىڭ مۇستەقىل بىرەر ئىش قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكى، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىشتىنمۇ خاتالىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ توسۇپ قويۇشى... قاتارلىقلاردۇر.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى


1
 . بالىلارغا بەزى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىتىش، ئاددىي خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە چوڭ خاتالىقلىرى بولسا، سىلىقلىق بىلەن تۈزىتىش بېرىپ، داۋاملىق ياخشى قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش.

2  . بالىلارغا يېشى ۋە سەۋىيەسىگە قاراپ ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش.

3  . بالىلار قازانغان ئاددىي بىر ئۇتۇقنىمۇ چوڭايتىپ تەقدىرلەش.

4  . بالىلارنىڭ ئاددىي بىر پىكرىنىمۇ چوڭلارنىڭ پىكرىدەك ئالقىشلاپ ئاڭلاپ بېقىش، ئەگەر توغرا بولسا قوبۇل قىلىش.

بالا ئۈچۈن ئارتۇقچە ئەنسىرەش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىغا بولغان پەۋقۇلئاددە ئامراقلىقى تۈپەيلى ئۇلارغا بىرەر زىيان يېتىپ قېلىشىدىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ، ھەمىشە قورقۇپلا يۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي قورقۇشنىڭ نورمال دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىپ، بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلىۋېتىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارىدۇ. مۇنداق ئاتا-ئانىلار  ناۋادا بالىسى دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتسىمۇ، «بالامنىڭ بېشىغا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالارمۇ» دەپ قورقىدىغان. مەكتەپكە كەتسە قايتىپ كەلگۈچە ئەنسىرەش بىلەن ئۆتىدىغان، بالىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن قورقۇپ، ئەنسىرەپ، غەم قىلىپلا يۈرىدىغان  بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىشنى ئۇنۇتقان.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى


1
 . بۇنداق قىلىش بالىلارنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە، بالىلار ئۆز كۈچىگە، تالانتىغا ۋە قابىلىيىتىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، قانداقلا بىر ئىش قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭدا مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2  . بالىلارنى ئىجاد قىلىش، ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنى ھەر ئىشتا ئىككىلىنىدىغان، بىرەر ئىشقىمۇ قورقماي بەل باغلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

1  . بالىلارنىڭ مېڭىسىگە كىچىكىدىنلا «بىلگىنكى، پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىشىپ ساڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت ساڭا ئاللاھ ئىرادە قىلغاندىن باشقىسىنى يەتكۈزەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىشىپ ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزمەكچى بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا پۈتكەندىن باشقىسىنى يەتكۈزەلمەيدۇ»([2]) دېگەن ھەقىقەتنى سىڭدۈرۈش.

2  . ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان مەخسۇس ۋەزىپىلەرنى (زىكىرلەرنى) تەرك قىلماستىن داۋام قىلدۇرۇش. چۈنكى بۇ زىكىرلەر ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قورغان، بالا-قازانى توسىدىغان قالقاندۇر.

 3  . ئاتا-ئانا توغرا ئىش قىلىش، ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، بالىلارنىمۇ شۇنداق تەربىيەلەش.

بالىلاردىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ قورقماسلىق، ئىختىيارسىز قورققاندىمۇ بۇنى بالىلارغا چاندۇرماسلىق لازىم.

بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى تېڭىش
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ھەرگىزمۇ مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلىرى بولغىنىدەك، بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئارزۇ-ئارمانلىرى، پىلانلىرى ۋە كېلەچەك ئۈچۈن ئويلىغانلىرى بولىدۇ.

ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نەرسىسىگە ئېتىبار بەرمەستىن، پەقەت ئۆزلىرى ئويلىغانلىرىنى ۋە ئۆزلىرى يېتەلمىگەن ئارمانلارنى بالىلارغا تاڭماقچى بولسا، ئۇلار غەلىبە قىلالمايدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاتا-ئانىلار لەنىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ، ياكى ئاتالمىش تۆت كىشىلىك گۇرۇھ زامانىنىڭ كاساپىتى سەۋەبلىك يېتەلمىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بالىسىغا مەجبۇرىي تېڭىپ، «سەن چوقۇم دوختۇر بولىسەن، چۈنكى مەن دوختۇر بولۇش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەنتىم، ئەمدى بۇ ئارمانغا سەن يەتكىن» دەيدۇ. ئەمما بالىنىڭ ئارزۇ-ئارمانى نېمە؟ ئۇ كېلەچەكتە نېمە بولماقچى؟ دوختۇر بولماقچىمۇ؟ ياكى مۇئەللىم بولماقچىمۇ؟ ئاتىسى قىزىققانغا ئۇمۇ قىزىقىۋاتامدۇ ياكى باشقىسىغا قىزىقىۋاتامدۇ؟ بالىنىڭ ئىقتىدارى قايسى سەۋىيەدە؟ ئاتا-ئانا بۇلارنى ئويلىمايدۇ ۋە سورىمايدۇ. ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بالا ئېلېكتىرونلۇق سايمان ئەمەس تىزگىنەك بىلەن باشقۇرغىلى بولىدىغان، ياكى قوي-كالا ئەمەس تاياق بىلەن يولغا سالغىلى بولىدىغان.

بۇخاتالىقنىڭ زىيانلىرى


1
 . ئۆزى قىزىقمايدىغان كەسىپكە زورلانغان بالا، ئۇ ئىشتا نەتىجە قازىنالمايدۇ. بۇ ئاددىي بىر ساۋات. بۇنى ھەركىم ياخشى بىلىدۇ.

2  . ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بالىسىغا تېڭىش ئارقىلىق بالىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرىنى بەربات قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا يا ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان، ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا تاڭغان ئارزۇ-ئارمانلارنى روياپقا چىقىرالمىغان، بالىنىڭ ئىككى ئوتتۇرىدا زايە بولغىنى بولغان.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

1  . بالىلارنى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۇلارغا تاڭماسلىق ۋە بالىلارنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى قوغداش لازىم.

2  . بالىلارنىڭ تاللايدىغان مەكتىپى بىلەن كەسپىنى ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە مايىللىقىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، قارار قىلىش لازىم.

بالىنىڭ سۆيگۈسىنى تالىشىپ قېلىش

ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسىنىڭ بالىلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھەر زامان ئۇلارغا نامايان قىلىپ تۇرۇشى لازىم.  ئەمما بەزى ئاتا-ئانىلار بالا سۆيگۈسىدە بىر-بىرىدىن قىزغىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ قالىدۇ ۋە گاھىدا ئاتا بىلەن ئانا ئىككىسى سەلبىي يوللار بىلەن ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشۈش نەتىجىسىدە، بالىغا بىرى يەنە بىرىنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ.

يەنە بەزىدە ئانا بالىنى سۆزگە كىرگۈزۈش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭ كەپسىزلىكىنى، ياكى قانداقلا بىر خاتالىقىنى ئاتىسىغا چېقىشتۇرىدىغانلىقى، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ئۇنى جازالايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، بالىسىغا ئاتىنىڭ ئوبرازىنى قورقۇنۇشلۇق قىلىپ كۆرسىتىش نەتىجىسىدە بالىنى ئاتىسىغا ئۆچ قىلىپ قويىدۇ.

يۇقىرىقى ئىككى خاتالىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان سۆيگۈسىنى نابۇت قىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن تەربىيە خاتالىقلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ھەممىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.

 

 («پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى).

([1])  29 - سۈرە ئەنكەبۇت  60-ئايەت.

 

          
([2])
ئىمام تىرمىزىنىڭ «سنن الترمذي» ناملىق ھەدىس توپلىمى « أَبْوَابُ صِفَةِ الْقِيَامَةِ وَالرَّقَائِقِ وَالْوَرَعِ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ » 2516- ھەدىس.

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بەزى خاتالىقلار (dinhayat.com)

باشقا خىزمەتلەر