ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
ئاللاھقا بىر نەرسىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق شېرىك كەلتۈرۈش
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلەر بار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا بىر نەرسىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق شېرىك كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالانى چوڭ بىلىش بولىدۇ. ئۇ ئادەم «ئاللاھ بەك بۈيۈك، ئۇنىڭغا گويا پادىشاھلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندەك ۋاستىلار ئارقىلىق ۋە شاپائەتچىلەر ئارقىلىقلا يىقىنلاشقىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ مۇشرىكنىڭ قارىشىچە باشقىلارنى ۋاستە ۋە شاپائەتچى قىلىۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئاللاھنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنى بۈيۈك بىلگەنلىكىدىندۇر. ئۇ مۇشرىك «مەن بۇ ۋاستىلارغا پەقەت ئاللاھقا مېنى يىقىنلاشتۇرار، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا باشلاپ بارار دېگەن مەقسەتتىلا چوقۇنىمەن» دەيدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى مەقسەت ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان، ئۇلۇغلاۋاتقان نەرسىلەر پەقەت ۋاستە ۋە شاپائەتچىلەردۇر. ئۇنداقتا ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە نارازىلىقىغا ئۇچرايدۇ، نېمىشقا ئۇ مۇشرىكنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئۇنىڭ قېنىنى، ئاياللىرىنى ۋە ماللىرىنى ھالال قىلىدۇ؟!
يۇقىرىقى مەسىلىگە مۇنداق بىر سوئال ئەگىشىپ كېلىدۇ: «ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئۆزىگە يىقىنلىشىشتا ۋاستە ۋە شاپائەتچىلەرگە تايىنىشنى رۇخسەت قىلىپ بولۇپ، ئاندىن شەرئىي نامدىن ھۆكۈم چىقىرىپلا ئۇنى ھارام دەمدۇ؟! ياكى باشقا نەرسىلەرنى ۋاستە ۋە شاپائەتچى قىلىۋېلىش ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىتى ۋە ئەقلىگە زىت كېلىدىغان بولغاچقا شەرىئەت ئۇنىڭدىن چەكلىگەنمۇ؟! شەرىئەت ساغلام ئەقىل ۋە ساغلام ئىنسانىي تەبىئەتتە ئەڭ قەبىھ ھېسابلىنىدىغان مۇشۇنداق ئىشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرەمدۇ؟! مۇشرىكلىق نېمە ئۈچۈن «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.»[1] دېگەن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك باشقا گۇناھلارغا ئوخشىمىغان ھالدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەيدۇ؟
مەزكۇر سوئالنى ياخشىراق ئويلىنىپ باقايلى، قەلبىمىزنى ۋە زېھنىمىزنى بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا مەركەزلەشتۈرەيلى، بۇ مەسىلىگە ھەرگىز سەل قارىمايلى! شۈبھىسىزكى مۇشرىك بىلەن مۇۋەھھىد، ئاللاھنى بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر، دوزىخىيلار بىلەن جەننىتىيلەر مۇشۇ جاۋابتا پەرقلىنىدۇ.
شېرىك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ
بىز بۇ مەسىلىنى ئىزاھلاشتىن ئاۋۋال ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەدەت سورايمىز. ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە توغرا دىت تەلەپ قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن كىشىنى ھىدايەت قىلالىغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ بەرگەننى توسۇپ قالغۇچى، ئاللاھ بەرمىگەننى بېرەلىگۈچى بولمايدۇ.
بىرىنچى تۈردىكى شېرىك، ئاللاھنىڭ زاتىغا، ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بولغانلىرى.
ئىككىنچى تۈردىكى شېرىك، ئىبادەت ۋە مۇئامىلىدىكى شېرىكتۇر. ئىبادەت ۋە مۇئامىلىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر ئاللاھنىڭ زاتى -سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە شېرىكى بار دەپ ئېتىقاد قىلمايدۇ.
ئاللاھنىڭ زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە كەلتۈرۈلگەن شېرىك ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى، ئىنكارچىلىق
شېرىك تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ئىنكارچىلىقتۇر. بۇ گويا فىرئەۋننىڭ مۇشرىكلىقىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «فىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋرەدىگارى دېگەن نىمە؟»[2]
ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ ھامانغا دېگەن گېپىنى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «فىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا – ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى.»[3]
شېرىك بىلەن ئىنكار ئايرىلماس قوشكىزەكلەردۇر. ھەرقانداق مۇشرىك ئىنكارچى كېلىدۇ. ھەرقانداق ئىنكارچى مۇشرىكتۇر. لېكىن شېرىك ئەسلىدە ئىنكارنى لازىم تۇتمايدۇ. بەلكى مۇشرىك ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئىقرار قىلىدۇ. بىراق تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى ئىنكار قىلىدۇ.
شېرىكنىڭ يىلتىزى ۋە مەنبەسى ئىنكاردۇر. ئىنكار ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
«ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد» قارىشىدىكىلەر مۇشۇ تۈرگە تەۋەدۇر. ئۇلار «ياراتقۇچى، يارالغۇچى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، بارلىق مەۋجۇتلۇق بىر نەرسە، بەلكى ۋاجىبەل ۋۇجۇد مەخلۇقنىڭ ئۆزى» دەپ قارايدۇ.
«ئالەمنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىشى يوق، ئۇ قەدەمىي ھەم ئەزەلىيدۇر، ئالەم ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىدى، مەڭگۈ يوقالمايدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ مۇشۇ تۈرگە تەۋەدۇر. ئالەمدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر تامامەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەب ۋە ۋاستىلەرگە قاراشلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭچە ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب ۋە ۋاستىلىرى ئەقىلدۇر.
ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان جەھمىي ۋە قەرامىتىلەرمۇ مۇشۇ تۈردىكى مۇشرىكلاردۇر. زاتنىڭ مۇكەممەللىكى ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان تۇرۇپ، ئۇلار ئاللاھقا ئىسىم ۋە سۈپەت ئىسپاتلىمايدۇ. دېمەك، ئۇلار «مەخلۇقلارنى ئاللاھتىن مۇكەممەل» دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدلارنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىش
ئاللاھنىڭ زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە كەلتۈرۈلگەن شېرىكنىڭ ئىككىنچىسى ئاللاھقا باشقا مەبۇدلارنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىشتۇر. بۇ خىلدىكى مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
مەسىلەن: ناسارالار «ئاللاھ ئۈچ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭچە مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئىلاھتۇر.
مەجۇسىيلار ياخشىلىقلارنى نۇرغا، يامانلىقلارنى زۇلمەتكە نىسبەت بېرىدۇ.
قەدەرىيلەر «بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەرىكىتى جانلىقلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھىي خاھىش، ئىلاھىي قۇدرەت ۋە ئىلاھىي ئىرادە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئۇلارمۇ مەجۇسىيلارغا ئوخشايدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن پەرۋەردىگار توغرىسىدا جاڭجاللاشقان نەمرۇدنىڭ قىلغانلىرىمۇ مۇشۇ تۈردىكى شېرىككە ياتىدۇ. «پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قۇيۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىگىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەرپتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.»[4]
ئازغۇن، گۇمراھ نەمرۇد ئۆزىنى ئاللاھقا سېلىشتۇردى، ئۆزىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدى. ئاللاھنىڭ ئۆلتۈرۈپ تىرگۈزگىنىدەك «ئۆلتۈرەلەيمەن ۋە تىرگۈزەلەيمەن» دەپ ئويلاپ قالدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نەمرۇدنى «گېپىڭ راست بولسا قۇياشنى ئاللاھ چىقارغان شەرقتىن ئەمەس، بەلكى غەربتىن چىقىرىپ باققىنا قېنى» دەپ پاكىتقا قىستىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشى بىر قىسىم جىدەلخورلارنىڭ دېگىنىدەك گەپ ئوينىتىش بولماستىن، بەلكى گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ دەلىل كەلتۈرۈشكە قىستاشتۇر.
يەنە نۇرغۇن مۇشرىكلار ئاسماندىكى پىلانتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئۇ پىلانتلارنى بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ سابىئىي ئېقىمىدىكى ۋە باشقا بىر قىسىم ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئېتىقادىدۇر.
يەنە بىر قىسىم مۇشرىكلار قۇياشقا چوقۇنىدۇ ۋە بەزىلەر ئوتقا چوقۇنىدۇ... ۋەھاكازالار.
مەزكۇر مۇشرىكلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆزى چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىنى ھەقىقى ئىلاھ دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇ ئىلاھلىرىنى «چوڭ ئىلاھ» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزى چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىنى «نۇرغۇن ئىلاھلار ئىچىدىكى بىرى» دەپ قارايدۇ. بۇ مۇشرىكلارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا ئۇلار ئىلاھلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۆزىنى ئاتىۋەتسە، ئىلاھلىرى ئۇنىڭغا ئالدىنى قىلىدۇ ۋە ئۇنى پاناھىغا ئالىدۇ. بەزى مۇشرىكلار «تۆۋەن ئىلاھىمىز بىزنى يۇقىرى ئىلاھقا يەتكۈزىدۇ، يۇقىرى ئىلاھىمىز ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىلاھقا يەتكۈزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا ھەقىقى پەرۋەردىگارغا ئۇلىشالايمىز» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. دېمەك، بەزى مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھى ۋە ۋاستىچىلىرى كۆپ، بەزىلىرىنىڭ ئاز بولىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر