ھىجرىيە: | مىلادىي: 28 Kasım 2023
روزىدىكى سىر - ھېكمەتلەر
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى
ئىسلامدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىش بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئىبادەت بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا نۇرغۇن سىر - ھېكمەتلەر ۋە پايدا - مەنپەئەتلەر بار. بۇ پايدا - مەنپەئەتلەردىن ئاللاھ تائالا پايدىلانمايدۇ، بەلكى بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز پايدىلىنىمىز. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ۋە ھېچنېمىگە مۇھتاج بولمايدىغان بەلكى ھەممە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ھېچنەرسىنى بىكارغا ياراتمىغاندەك، ھېچقانداق بۇيرۇق ياكى چەكلىمىلەرنى بىكارغا چىقارغان ئەمەس. «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكارغا ياراتقىنىمىز يوق. ئۇلارنى بىز پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.» [سۈرە دۇخان 38-، 39- ئايەتلەر].
بىز مۇسۇلمانلار بۇيرۇلغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىكى سىر - ھېكمەتلەرنى بىلسەك - بىلمىسەك، ئۇلارغا چوقۇم ئەمەل قىلىمىز. لېكىن بىلىپ ئەمەل قىلغانلار بىلەن بىلمەي ئەمەل قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. بىلگەنلەرنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۈك، ئەمەل قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئۈستۈن، ئىسلام بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. شۇڭا بىز چوقۇم «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا، ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ سىر - ھېكمەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. ھەرقانداق پەرز، ۋاجىپ ئىبادەتلەردە سىر - ھېكمەتلەر بولغىنىدەك، سۈننەت ۋە مۇستەھەپ چاغلىق ئەمەللەردىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەسىلەن: ئېغىز ۋە چىشلارنى پاكىز تۇتۇشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنمەكتە. ۋاھالەنكى بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن ئېغىز ۋە چىشلارنى پاكىزلايدىغان مىسۋاك ئىشلىتىش ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنىغان: «ئۇممىتىمگە مۇشەققەت سېلىپ قويۇشتىن قورقمىسام، ئۇلارنى ھەر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.» [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى]. «مىسۋاك ئېغىزنى پاكىزلايدۇ، ئاللاھنى رازى قىلىدۇ» [نەسەئى رىۋايىتى]. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا مىسۋاك ئىشلىتەتتى.» [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى]. «خەتنە قىلىش، ئەتىر چېچىش، مىسۋاك ئىشلىتىش، ئۆيلىنىشتىن ئىبارەت تۆت خىسلەت پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
تەتقىقاتچى ئالىملار ئىنسان ئېغىزىنىڭ مىكروبلارنىڭ ئۇۋىسى ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىزنى پاكىز تۇتماسلىقتىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئېغىز ۋە چىشلارنى پاكىز تۇتۇشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېغىز ۋە چىشلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ئاتمىش ياشتىن ئاشقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئۇرۇشتا چۈشۈپ كەتكەن چىشلىرىدىن باشقا بارلىق چىشلىرىنىڭ مارجاندەك پارقىراپ تۇرىدىغانلىقى، باشقا بىرمۇ چىشىنىڭ چۈشۈپ كەتمىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ 40 ياشلارغا بارماستىنلا چىشلىرى چىرىشكە باشلايدۇ. بۇ بولسا، ئېغىز ۋە چىشلارنى پاكىز تۇتۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئىنسان ئېغىزىنى پاكىز تۇتسا، بۇ دۇنيادا پايدىسىنى ئۆزى كۆرگىنىنىڭ ئۈستىگە، قىيامەت كۈنى ئېغىز ۋە چىشلارنى پاكىز تۇتۇشتىن ئىبارەت بىر سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئىسلامدا چەكلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىش بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ ئەلۋەتتە نۇرغۇن سىر - ھېكمەتلەر بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ھەقتە ئىزدەنسەك، ئەلۋەتتە ئۇنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولغان ھەرقانداق بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئۆزى پايدىلانغاننىڭ ئۈستىگە، ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ چەگلىگەنلىرىدىن يىراق بولغانلىقىنىڭ مۇكاپىتىنى ئالىدۇ.
تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدىن ئاز - تۇلا خەۋىرىمىز بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ چەكلىمىلىرىدىكى سىر - ھېكمەتلەرنى بىلگەن ئىنسان چەكلەنگەن ئىشلارنى پۇل خەجلەپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇل بېرىلگەن تەقدىردىمۇ قىلمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ھىدايەت قىلغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈنىدۇ.
ئۇنداقتا، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، ئىسلام ئۈممىتىگىمۇ پەرز قىلىنغان ۋە ئىسلامنىڭ مۇھىم بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولغان روزا ئىبادىتىدىمۇ ئەلۋەتتە نۇرغۇن سىر-ھېكمەتلەرنىڭ بارلىقى مۇقەررەر. بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىبادەتنى بەندىلىرىگە مۇشەققەت سېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى نۇرغۇن بەختسىزلىكلەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
روزىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتتىكى سىر - ھېكمەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ يەردە پەقەت ئىمانىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە، روزا ئىبىادىتىگە بولغان قىزغىنلىقىمىزنىڭ ئېشىشىغا ۋە مۇسۇلمانلىقىمىز بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بەزى سىر - ھېكمەتلەر ئۈستىدىلا توختىلىمىز. ئۇلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1- تەقۋالىقنى يېتىلدۈرۈش. روزا تۇتقان كىشى يېنىدا يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە ئايالى بار تۇرۇپ، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ يېيىش - ئىچىشتىن ۋە ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ئۆزىنى تۇتىۋالىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ روزىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتقىچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزىلا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزەيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم بالىسىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمىلى ئۆزى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ روزىسى مەن ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاىتىنى مەن ئۆزۈم بېرىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
روزىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆزىتىپ، بارلىق سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغانلىق تۇيغۇسى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ بولسا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر ھەدىسىدە خەۋەر بېرىلگەن ئېھسان مەرتىۋىسىدۇر. «ئېھسان ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشتۇر، گەرچە سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئۇ ئەلۋەتتە سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].
شەكسىزكى بۇ، تەقۋالىق مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ۋە تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىش ئامىللىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! تەقۋا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183- ئايەت].
تەقۋالىق ياخشى ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش، ناچار ئىشلاردىن يىراق بولۇش، گۇناھ -مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بىلەن يېتىلىدۇ. كۆزنى قاراش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە قاراشتىن، قۇلاقنى ئاڭلاش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاڭلاشتىن، تىلنى غەيۋەت - شىكايەت، سۇخەنچىلىك، يالغانچىلىق قاتارلىق ھارام قىلىنغان سۆزلەرنى سۆزلەشتىن، قورساقنى ئۆسۈم، پارىخورلۇق ۋە خىيانەت قاتارلىق ھارام يوللاردىن كەلگەن نەرسىلەرنى يېيىشتىن، پۇتنى مېڭىش ھارام قىلىنغان يوللارغا مېڭىشتىن، قولنى ھارام قىلىنغان ئىشلارغا ئۇزىتىشتىن ساقلىمىغۇچە تەقۋالىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
تەقۋالىق پەقەت روزا ئىبادىتىدىلا تەلەپ قىلىنىدىغان غايە بولماستىن، بەلكى ھەرقانداق بىر ئىبادەتتە تەلەپ قىلىنىغان غايىدۇر. «ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 21- ئايەت].
تەقۋا دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى بار بولۇپ، ئاساسەن ئاللاھتىن قورقۇش دېگەن مەنىگە ئىخچاملىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن قورققان ئادەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ياشايدۇ، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى جايىدا ئورۇندايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇپ يامان ئىش قىلمايدۇ. «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.» [سۈرە نىسا 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
روزا ھەققىدە كەلگەن ئايەتنىڭ ئاخىرىنى تەقۋا سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ سىرى شۇكى، روزا ئاللاھ تائالا بىلەن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىر ۋە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ ۋىجدانىغا تاپشۇرۇلىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۈزىتىشكە قادىر بولالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھېچكىمگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ روزىسنى بۇزۇۋېتەلەيدۇ. لېكىن ئۇ پەقەت ئاللاھتىن قورقۇپ ۋە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ روزىسىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىر مەزگىل داۋام قىلىشى ئۇنىڭدا مۇشۇنداق كاتتا خىسلەتنىڭ ئۆمۈر بويى داۋاملىشىشىنى يېتىلدۈرىدۇ.
ھەرقانچە پۇختا تۈزۈلگەن قانۇن - تۈزۈملەرمۇ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كونترول قىلىشتىن ئاجىزدۇر. قانۇن - تۈزۈملەر ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى كونترول قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئىنساننى تاشقىرى جەھەتتىنلا باشقۇرۇشقا يارايدۇ. روزا بولسا، ئىلاھىي پىرىنسىپ بولۇپ، ئۇ قەلب - ۋىجداننى ئويغۇتىدۇ، ھېسسىياتنى تىرىلدۈرىدۇ، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياتلىق زۇلۇم، ۋە چىرىكلىشىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى يالغان سۆزلەشنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوق.» [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].
روزىنىڭ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئىش - ھەرىكىتىدە چوقۇم ئىجابىي تەسىرى بولۇشى لازىم. ناچار ئىشلاردىن، غەيۋەت - شىكايەت، ھەسەت، بېخىللىق قاتارلىقلارغا ئوخشىغان تۈرلۈك يامان ئىللەتلەردىن توسالمىغان روزا قانداقمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان روزا بولسۇن؟
سالىھلارنىڭ بىرى مۇنداق دېگەنىكەن: "يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئاسان، لېكىن قوبۇل قىلىنىدىغان ھەقىقىي روزا تۇتماق قىيىن".
2- ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش. ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان بولۇپ، ئىبادەتلەر بىلەن ئەخلاق يېتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق ئورۇندىغاندا، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى يېتىلدۈرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكتۇر. ماھىيىتىنى بىلىپ روزا تۇتقانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نۇرغۇن پايدىلارغا ئېرىشكەننىڭ سىرتىدا، چىدامسىزلىق، سەۋرسىزلىك، بېخىللىق، ئىسراپخورلۇقلارغا ئوخشىغان يامان ئىللەتلەردىن نەپسىنى پاكلاش، مەرتلىك، سېخىيلىق ۋە سەۋرچانلىقلارغا ئوخشىغان ئېسىل خىسلەتلەرگە قاراپ يۈكسىلىش قاتارلىق نەق پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئىنسان روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى، خۇسۇسەن روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارقاندىن كېيىن، يىل بويى توقلۇق ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدۇ، بۇ ئارىدا ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى، يوقلۇق دەردىدە ئاچ قالغانلارنى ئەسكە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان مىننەتدارلىق بۇرچىنى، يوقسۇللارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىش روھى يۈكسىلىدۇ، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش كەيپىياتى ئاشىدۇ. [ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى].
3- ئىخلاسنى يېتىلدۈرۈش. روزا تۇتقان كىشى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەستىن روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق نەپسىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن كونترول قىلىپ، يېيىش - ئىچىشتىن ۋە ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ساقلايدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاللاھقا بولغان ئىخلاسنىڭ دەلىلىدۇر. مانا بۇ بارلىق ئىبادەتلەردە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىخلاستۇر. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى.» [سۈرە بەييىنە 5- ئايەت].
«روزىدا رىيا يوقتۇر» دېگەن ئەسەر ھەققىدە ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مەن روزا تۇتتۇم دېيىش ئارقىلىق رىيا قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن روزا تۇتۇشنىڭ ئۆزىدە رىيا تېپىلمايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدا «روزا مەن ئۈچۈندۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. روزا بەندە بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىر بولۇپ، ئۇنىڭغا رىيا ئارىلاشمايدۇ.»
4- نېمەتنىڭ قەدرى - قىممىتىنى تونۇتۇش. نېمەتنىڭ بىر مەزگىل ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتىپ قويىدۇ. ھەرقانداق بىر نېمەتنىڭ قەدرى - قىممىتى شۇ نېمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىلىنىدۇ. روزا تۇتۇپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىغان ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قايتا تونۇپ، نامراتلارغا، مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.
نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ توغرا يولى شۇكى، نېمەتنى گۇناھ - مەئسىيەت يوللىرىغا سەرپ قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشتۇر.
روزا ئىنسانغا نېمەتنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تۇنۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا نېمەتكە شۈكۈر قىلىش، نېمەتنى ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئويغۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا روزا ھەققىدىكى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئېغىزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 185- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
5- نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشنى ۋە ئۇنى يېڭىشنى ئۆگىتىش. ئىنسان ھاياتىدا ھەرۋاقىت نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشقا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. نەپسىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى پاك تۇتقان ئادەم ئۇنى يېڭىشقا قادىر بولالايدۇ. نەپسىنى كونترول قىلالمىغان ئىنساننىڭ ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. روزا نەپسىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. ئۆلىمالار رامىزان ئېيىنىڭ نەپسىنى تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. نەپسىنى كونترول قىلىشنى بىلگەن ئىنسان مەقسىتىگە يېتىدۇ. «نەپسىنى پاك تۇتقان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى.» [سۈرە ئەئلا 14- ئايەت].
6- شەيتاننىڭ نوپۇز ۋە كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش. بۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى يول بىلەن بولىدۇ:
بىرىنچىدىن، رامزاننىڭ كىرىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ شەيتانلارنى باغلىۋېتىشكە، ئۇنى ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىن توسۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان كەلسە، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ.» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].
ئىككىنچىدىن، روزىنىڭ شەھۋەتنى پەسەيتىشى، ھەۋەسنى تىزگىنلىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئى ياشلار جامائەسى، كىمكى سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتسە ئۆيلەنسۇن. چۈنكى ئۇ كۆزنى (نامەھرەملەرگە قاراشتىن) يۇمدۇرىدۇ، جىنسىي ئەزانى (ھارام ئىش قىلىپ سېلىشتىن) ساقلايدۇ. كىمكى ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىسە روزا تۇتسۇن. چۈنكى ئۇ شەھۋەتنى پەسەيتىدۇ.» ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
7- ۋاقىت ۋە نىزاملارغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ تەرتىپسىزلىكىنى، ۋاقىتقا پەقەت رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. روزا بىزگە ۋاقىت ۋە نىزاملارنىڭ ئىنچىلىكى ھەققىدە ئاجايىپ ساۋاقلارنى بېرىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «بىلالنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىساڭلار ئېغىزىڭلارنى ئەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىساڭلار ئېغىزىڭلارنى ئېتىڭلار.» بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان كىشىدىن بۇ ئىككى مۇئەززىننىڭ ئەزىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇنىڭ: ئاۋۋالقىسى ئەزان ئوقۇغان يېرىدىن چۈشەتتى، ئاندىن ئىككىنچىسى چىقاتتى دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. دېمەك، ئۇ ئىككى ئەزاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت بىرقانچە مىنۇتتۇر. بۇ، ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكىلىكىنى ۋە مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئېغىزلار سەھەردە بىر ئەزان بىلەن ئېتىلىدۇ، كەچتە يەنە بىر ئەزان بىلەن ئېچىلىدۇ. روزا تۇتقۇچى ۋاقىتقا رىئايە قىلماي، كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر - ئىككى مىنۇت قەستەن ئېغىز ئېچىپ قويسا، ئۇنىڭ بىر كۈن جاپا تارتىپ تۇتقان روزىسىنىڭ بىكار بولىدىغانلىقى ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ئىكەنلىكىگە يەنە بىر مىسالدۇر. مانا بۇ بىزگە، ئۆمرىمىز ھېسابلىنىدىغان ۋاقىتلىرىمىزغا رىئايە قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ناھايىتى ئېسىل دەرستۇر.
8- ئۆزگىرىشنىڭ ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇمكىنلىكىدىن ئۈمىدلەندۈرۈش. بۇ، روزا ئىبادىتىدىن پايدىلىنىدىغان مۇھىم دەرسلەرنىڭ بىرىدۇر. مۇسۇلمانلاردىكى ئىمانىي سۇسلۇق ۋە ئۇلاردىكى ناچار ئىللەتلەر ھەرقانداق بىر دەۋەتچىنى ۋە ئىسلاھاتچىنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ۋە ئىسلاھاتنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ۋە ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن بولۇشىدىن ئۈمىدسىزلىنىش چوڭ خاتالىقدۇر. ئىسلاھاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرسىلا ئۇلار چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، ئۇلاردىكى بېخىللىق سېخىيلىققا، تاش يۈرەكلىك رەھىمدىللىققا، غەپلەت ھوشيارلىققا ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ياخشى شاھىتتۇر. باشقا ۋاقىتتا بامدات ۋە جۈمە نامازلىرىدا بىكار قالغان مەسجىتلەرنىڭ رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەنلا تولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا بەزى مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەرگە جامائەتلەرنىڭ سىغىشماي يوللاردا سەپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئايدا ھەر تەرەپتىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ، ئىسلاھاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ روللىرىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالىسىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھامان ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. شۇنىڭدەك، نۇرغۇن يامان ۋە ناچار ئادەملەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدا ھىدايەت تېپىۋاتقانلىقى، بەڭگىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدا تاماكا چېكىشنى تاشلاۋاتقانلىقى، ئوغرى - قاراقچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئۆزگىرىشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا زور ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئۆزگىرىش ئۈچۈن چوقۇم كۈچلۈك ئىرادە ۋە زور تىرىشچانلىق كېرەك. ئاللاھ تائالا تىرىشقانلارنى ۋە كۈرەش قىلغانلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە ئەنكەبۇت، 69- ئايەت].
9- ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋرىچانلىقنى ئۆگىتىش. ئىرادە ئاجىزلىشىۋاتقان ۋە سەۋرسىزلىك ئومۇملىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىرادىنى كۈچەيتىشكە، سەۋرىچانلىقنى ئۆگىنىشكە قاتتىق مۇھتاج بولماقتىمىز. ئىرادىسىز ۋە سەۋرسىز ئىنسان تۈگەشكەن ئىنساندۇر. شۇڭا ئىنساننىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى نېمە؟ ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى روزا تۇتۇشتۇر. ئىنسان شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالدا روزا تۇتۇشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئىرادىسىنى كۈچەيتەلەيدۇ ۋە ئۆزىدە سەۋرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ روزا تۇتۇش جەريانىدا نەپسىنىڭ ئىشتىھالىرىنى يېڭىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى يېمەك - ئىچمەكلەردىن نەپىسىنى يىغىدۇ. شەھۋەتلىرىنى يېڭىپ، كۆز ئالدىدىكى ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىرادىسى تاۋلىنىپ، تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئىرادىسى تاۋلانغان ئادەم ئاللاھ يولىدا سەۋرى قىلالايدىغان بولىدۇ. سەۋرى قىلالىغان ئادەم نەپسىنى يېڭەلەيدۇ. نەپسىنى يەڭەلىگەن ئادەم دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.
ئىلىم ئۆگىنىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش دەۋەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نۇرغۇن ساھەلەردە سەۋرىگە مۇھتاج بولىمىز. «قۇرئان كەرىم»دە لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: «ئى ئوغلۇم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.» [سۈرە لوقمان 17- ئايەت].
روزا سەۋرىچانلىقنى ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتىپىدۇر، بەلكى روزىنىڭ ئۆزى سەۋردۇر. چۈنكى روزىدا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا سەۋرى قىلىش، ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىغا ھارام قىلغان نەرسىلەرگە يېقىنلىشىشتىن سەۋر قىلىش، روزا تۇتقۇچىغا يۈزلىنىدىغان ئاچلىقنىڭ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئەلەملىرىگە سەۋرى قىلىش قاتارلىق سەۋرنىڭ ئۈچ تۈرىنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. [ئىبنى رەجەب 284 ].
10- تەننى ساغلاملاشتۇرۇش. تەتقىقاتچى ئالىملار روزىنىڭ تەندىكى ئېنىرگىيىنى ساقلاپ، ئۇنى ھاجەت مىقدارى تارقىتىپ بېرىش، يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، نېرۋىنى ياخشىلاش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قاندىكى مايلارنى تازىلاش، ھۈجەيرىلەرنى بۇلغىنىشتىن ۋە زەھەرلىنىشتىن ساقلاش، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى زەھەرلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، نەپەس ئېلىشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بەزى دوختۇرلار «تىببىي روزا» دېگەن ئىستىلاھنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنى روزا بىلەن داۋالاپ نەتىجە قازانماقتا.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «روزا قالقاندۇر» يەنى قوغدىغۇچى ۋە ئالدىنى ئالغۇچىدۇر. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].
ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى رامىزان ئېيىنىڭ تاماكا چېكىشنى تاشلاشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. چۈنكى روزا ھۈجەيرىلەرنى تاماكا چەككەن سەۋەبلىك جىسىمدا چوغلانغان زەھەرلەردىن پاكىزلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيى تاماكا چېكىشنى تاشلاشقا كۆپ ياردەم بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ تاكاما چېكىش ئادىتىنى تاشلاش ئۈچۈن روزىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالىمىز.
ئالىملار بۇ ئەسىرنىڭ بالاسى بولغان سېمىزلىكىنى داۋالاشتا روزىدىن ئىبارەت يېڭى بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. چۈنكى ئارتۇق ماينى ئېرىتىش قاتارلىقلاردا روزا چوڭ رول ئوينايدۇ. گورمونلارنىڭ ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىشقا ۋە تەننىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. روزا ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى بولۇپ، قوللىنىش ئاسان ۋە چىقىمسىز داۋادۇر.
روزىنىڭ يەنە شەھۋەتنى بېسىقتۇرۇش، قەلبنى زىكىرگە تەييارلاش، ئاخىرەت تەشنالىقىنى يېتىلدۈرۈش ۋە باشىقا نۇرغۇنلىغان سىر - ھېكمەتلىرى بار بولۇپ، روزا ئىبادىتىدىن تولۇق بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلغان ئىنسان چوقۇم يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىشى لازىم.
روزىنىڭ سىر - ھېكمەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى بەندىلىرىنى قىيناش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكتىن ۋە ئۇلارنىڭ پايدا- مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ يولغا قويغانلىقىنى ھەقىقى تونۇپ يېتىدۇ.
ئى ئاللاھ، بىزنى رامىزانغا سالامەت يەتكۈزگىن، روزىنىڭ سىر - ھېكمەتلىرىنى بىلىپ روزا تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن تۇلۇق بەھرىلىنىشنى نېسىپ قىلغىن. ئى ئاللاھ، بىزنى كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان بەندىلىرىڭنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن. ئامىن.
باشقا خىزمەتلەر