ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
مۇسۇلمان كىشى ھەر ۋاقىت پىتنىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىش كېرەك

مۇسۇلمان كىشى ھەر ۋاقىت پىتنىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىش كېرەك

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور ئۇسامە بىن ئابدۇللا خەييات   

(17/02/1434ھ = 30/12/2012م)

2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى

 

ئىمام خۇتبىسىدە، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ–سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا: «مۇسۇلمان ھەر زامان پىتنىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! تەقۋالىق بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمىگە بۇيرىغان بولسا شۇنىڭغا بىجانىدىل ئەمەل قىلىش، نېمىدىن توسقان بولسا شۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈش ھەقىقىي تەقۋالىقتۇر. پىتنە-پاساتتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىنمۇ ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگىمۇ يېقىنلاشماسلىق بولسا، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋە شەپقەتلىك ئاللاھتائالادىن ھەقىقي قورقىدىغانلارنىڭ ئىشىدۇر.

پىتنىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىبنى قەييۇم جەۋزى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق شەرھىلىگەن: پىتنە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: شۈبھىلەر پىتنىسى ۋە شەھۋەتلەر پىتنىسىدۇر. بىر بەندە يۇقارقى ھەر ئىككىلا پىتنىگە مۇبتىلا بولۇپ قېلىشى ۋە ئۇ ئادەمدە ئۇ ئىككىلا پىتنە بىرلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بىر كىشىدە بىرى تېپىلىپ يەنە بىرى تېپىلماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۈبھىلەر پىتنىسى بولسا ئىنساننىڭ بەسىرەت كۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەڭ چوڭ پىتنە بولسا شەھۋەت ياكى ھاۋايى ھەۋەس پىتنىسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئورۇنلاردا ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگەشكەن ئادەم ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغان بولىدۇ، دېگەن.

پىتنىلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، كۇپرىلىق، مۇناپىقلىق ۋە بىدئەت پىتنىسىمۇ بولىدۇ. مەزكۇر پىتنىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا چارىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، دىننىڭ زاھىرى ۋە باتىنى تەرەپلىرىنى تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتۇر. ئەقىدە، ئەمەل ۋە ئىبادەت قاتارلىق شەرىئەتنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىدا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۇ پىتنىلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن. ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي تەلەپلىرى بولسا تاھارەتنى كامىل ئېلىش، نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش، زاكاتنى ئۇنىڭغا لايىق كىشىلەرگە بىرىش، رامىزاندا بىر ئاي روزىنى تولۇق تۇتۇش، قۇدرىتى يەتكەن كىشىلەر بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج قىلىشتەك ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئۇ پىتنىدىن ساقلىنىش مۇمكىن.

پىتنىنىڭ ئىككىنچى تۈرى بولسا ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋەت پىتنىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئىككى پىتنىنىڭ ئوتتۇرسىنى باغلاپ مۇنداق دېگەن: {كَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنكُمۡ قُوَّةٗ وَأَكۡثَرَ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا فَٱسۡتَمۡتَعُواْ بِخَلَٰقِهِمۡ فَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِخَلَٰقِكُمۡ كَمَا ٱسۡتَمۡتَعَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُم بِخَلَٰقِهِمۡ وَخُضۡتُمۡ كَٱلَّذِي خَاضُوٓاْۚ أُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ} {(ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ- قۇۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال- مۈلۈكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر}[1].

يەنى ئۇلار دۇنيادىكى نېسىۋىسىدىن ۋە شەھۋەتلىرىدىن پايدىلاندى. ئاللاھ مەزكۇر ئايەتتە دىللارنىڭ بۇزۇلۇشى، دىنلارنىڭ بۇزۇلىشى ۋە دۇنيانىڭ لەززىتىدىن باتىل يوللار ئارقىلىق پايدىلىنىشنىڭ پىتنە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. دىننىڭ بۇزۇلىشى بولسا، ئېتىقادنىڭ بۇزۇلىشى ۋە ئوقۇغان بىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شەخسى قاراشلىرىمىزنى شەرىئەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇش ۋە ئەقلى دەلىلنى نەقلى دەلىلدىن ئەلا بىلىش شەھۋانى پىتنىدۇر.

شۈبھىلەر پىتنىسىدىن ئاللاھقا بولغان كامىل ئىمان ۋە ئىشەنچ ئارقىلىقلا ساقلىنىش مۇمكىن. شەھۋەت پىتنىسىدىن بولسا، سەۋر قىلىش ۋە بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق ساقلىنىش مۇمكىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {وَجَعَلۡنَا مِنۡهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا لَمَّا صَبَرُواْۖ وَكَانُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَا يُوقِنُونَ} {﴿ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەبىر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشىۋالار قىلدۇق}[2].

ئاللاھ ئۆز بەندىسىگە كۈچلۈك ئىمان بىلەن سەۋر-تاقەت ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ پىتنىسى ھىچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى دىن ۋە دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

 



[1]  تۆۋبە سۈرىسى: 69- ئايەت.

[2]  سەجدە سۈرىسى: 24- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر