ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇماندا بولۇش

 ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇماندا بولۇش

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇماندا بولۇشتۇر. ئاللاھقا ناتوغرا گۇماندا بولغۇچىلار ئېنىقكى ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كامالىتىگە زىت گۇمانلاردا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە قارشى ئويلارنى ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قارىتا ناتوغرا گۇماندا بولغانلارغا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە تەھىدىت سالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىشى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا قارىتا يامان ئويلاردا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!.»[1]

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارغا قارىتا قىلغان ناتوغرا گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.»[2]

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تىلىدىن مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟.  ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»[3]

ئى ئادەملەر سىلەر ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدە سىلەرنى باشقىلارغا ئېھتىياجلىق قىلغۇدەك دەرىجىدە نۇقسان بار دەپ قاراپ تۇرۇپ... مۇشۇ ھالىتىڭلاردا ئاللاھقا ئۇچراشساڭلار، ئاللاھ بىزنى قانداق جازالار، دەپ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟!

ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق سۈپەتلىرى بارلىقىنى، ھەر نەرسىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى، ھەر نەرسىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى، ھەر نەرسىنىڭ ئاللاھقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا باشقا ھېچكىشىنىڭ شېرىك بولالمايدىغانلىقىنى، بارلىق ئىشلارنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە بىلىدىغانلىقىنى، مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچبىر ئىشىنىڭ ئاللاھقا مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۆزىلا ھەر نەرسىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى، ھېچبىر ياردەمچىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى، ئۆزى مۇتلەق شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى خىيالىڭلارغا كەلتۈرمىدىڭلارمۇ؟!

ئاللاھ تائالا ھەر قايسى تەرەپلەردىن پادىشاھ، ئەمەلدار ۋە باشقا كاتىۋاشلارغا ئوخشىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار، ئەمەلدارلار ۋە باشقا كاتىۋاشلار پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاپ ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان ئايغاقچىلارغا، پۇقرالارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشتا ھەمكارلىشىدىغان خىزمەتچىلەرگە، ئۆزىدىن ئىلتىپات كۈتىدىغان ھاجەتمەنلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى، بىقوۋۇللىقى، ئاجىزلىقى ۋە ئىلمىي نۇقسانىنىڭ ئورنىنى توشقۇزىدىغان زۆرۈر ۋاستىلەرگىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئەمما ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىر زاتتۇركى، ئۇ ھەر نەرسىدىن مۇتلەق بىھاجەتتۇر. ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇركى، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى تامامى شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ بىلەن مەخلۇقلار ئارىسىغا ۋاستە پەيدا قىلىۋېلىش ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق، ئىلاھلىق ۋە بىرلىك ھەققىگە چېقىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھقا ناتوغرا گۇماندا بولغانلىق دەپ قارىلىدۇ. بەندىلەردىن بۇنداق ناشايان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ. ساغلام ئەقىل، ساغلام ئىنسانىي تەبىئەتمۇ بۇنداق ئىشلارنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدۇ. ساغلام ئەقىلمۇ بۇ ئىشنى ئېغىر قاباھەت دەپ قارايدۇ.

شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، چوقۇنغۇچى ئۆزىنىڭ مەبۇدىنى چوڭ بىلىدۇ. مەبۇدىنى ئىلاھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا تامامەن بويسۇنىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى غايەت دەرىجىدە ئەرزىمەس ھېس قىلىدۇ. پەقەتكىنە ئاللاھ تائالا مۇتلەق چوڭ بىلىشكە، ئىلاھ دەپ بىلىشكە، بويسۇنۇشقا، بەندە ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۆۋەن تۇتۇشقا لايىق زاتتۇر. بۇ ئىشلار پەقەتكىنە ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. ئاللاھنىڭ ھەققىنى باشقىلارغا بېرىۋىتىش، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ھەققى ئارىسىغا قىستۇرۇلۇۋېلىش نېمىدىگەن قەبىھ زۇلۇم ھە! بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدا شېرىك بولۇۋالىدىغانلار ئاللاھنىڭ قۇللىرى، بەندىلىرى بولسىچۇ، تېخى!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزەڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز.»[4]

«يەنى سىلەرنىڭ بىرىڭلار قۇلىنىڭ رىزقىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىدىن نومۇس قىلىسىلەر-يۇ، ئەمما قانداقسىگە پەقەت ماڭىلا خاس بولغان، مەندىن باشقا ھېچكىشىگە لايىق كەلمەيدىغان، دۇرۇسمۇ بولمايدىغان ئىلاھلىق ھوقۇقتا بەندىلىرىمنى ماڭا شېرىك قىلىسىلەر؟!»

كىمكى شۇنداق قىلىۋالسا، ئۇ مېنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇمىغان بولىدۇ. مېنى لايىق رەۋىشتە چوڭ بىلمىگەن بولىدۇ. باشقىلارسىز ئۆزۈملا يالغۇز بولغان ئىلاھلىقىمدا مېنى يالغۇز بىلمىگەن بولىدۇ. ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇمىغان ئادەملەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! (يەنى مۇشرىكلار جامائەسى!) بىر مىسال كەلتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ؟)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇشپۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر. ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.»[5]

ئاللاھقا ھېچبولمىغاندا بىرەر تال جانۋار ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىمۇ يارىتالمايدىغان، بەلكى بىرەر تال چىۋىن ئۇنىڭ بىر نەرسىسىسىنى تارتىۋالسا قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىبادەت قىلغان ئادەملەر ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇمىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.»[6]

شۇ قەدەر بۈيۈك ھۆرمەت ۋە ئەزەمەتكە ئىگە زاتقا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردە ھېچقانداق قىممىتى، ھۆرمىتى بولمىغان، بەلكى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ بىقوۋۇل نەرسىلەرنى شېرىك قىلىۋالغان ئادەم ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇمىغان بولىدۇ.

يەنە شۇنىڭدەك «ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىغا پەيغەمبەر ئەۋەتمىدى، كىتاب چۈشۈرمىدى» دەپ قارىغان، بەلكى مەخلۇقاتلارغا پەرۋاسىزلىق قىلىش، ئۇلارنى زايا قىلىۋېتىش، ئۇلارنى بىھۆدە تاشلاپ قويۇش، بىكارغىلا يارىتىش دېگەندەك ئاللاھقا نالايىق نەرسىلەرنى ۋە ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى نىسبەت بەرگەنلەرمۇ ئاللاھنى توغرا رەۋىشتە قەدىرلىمىگەن بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئاللاھنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش، ئىرادە قىلىش، ئىختىيار قىلىش، بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئالىي بولۇش، سۆزلەش ۋە ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغانلىرى بىلەن سۆزلىشىشىنى ياكى ئاللاھنىڭ بارلىق قۇدرەتلىرىنى ۋە ئۇ قۇدرەتلەرنى بەندىلەرنىڭ تائەت ۋە مەئسىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش؛ بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاللاھنىڭ قۇدرەت، خاھىش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش رامكىسىدىن چىقىرىۋېتىپ، «بەندىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىسىزلا ئۆزىگە زۆرۈر خالىغان نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ، ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىدە ئاللاھ خالىغان ئىشلار بولماي قالىدىغان ۋە خالىمىغان ئىشلار بولۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ» دېگەندەك قاراشلاردا بولغان كىشى ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە تونۇيالمىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مەجۇسىيلارنىڭ دېگەنلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر.

شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ھەمراھى بار ياكى بالىسى بار دەپ قارايدىغان ياكى ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا چۈشىدۇ دەپ قارايدىغان ئاللاھنى مۇشۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ (يەنى تەبىئەتنىڭ) ئۆزى دەپ قارايدىغانلار ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە تونۇمىغان بولىدۇ.

«ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرمەيدۇ، قەبرىلەردىن قايتا چىقارمايدۇ، مەخلۇقاتلىرىنى ياخشىلىقىغا مۇكاپات، يامانلىقىغا جازا بېرىش ئۈچۈن ھەشىر قىلمايدۇ، مەزلۇمغا زالىمدىن ھەققىنى ئېلىپ بەرمەيدۇ، بۇ دۇنيادا ئاللاھ يولىدا جاپا تارتقانلارنى ئەۋزەل مەرتىۋىلەرگە ئىرىشتۈرمەيدۇ، مەخلۇقاتلار ئىختىلاپلىشىپ قالغان مەسىلىلەرنى قىيامەت كۈنىدە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلمايدۇ» دەپ قارىغۇچىلار ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇيالمىغانلاردۇر.

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كۆزگە ئىلماي ئاسىيلىق قىلغان؛ چەكلىمىلىرىدىن يانمىغان؛ ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايا قىلىۋەتكەن؛ ئاللاھنى زىكرى قىلىشقا سەل قارىغان؛ ئاللاھتىن غاپىل ھالەتتە ياشىغان؛ ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنىڭ ئالدىدا قويغان؛ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن بەندىگە بويسۇنۇشنى مۇھىم دەپ قارىغان؛ دىلى، تىلى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھقا ئورۇن قالدۇرمىغان؛ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل-خاھىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا قويغان؛ ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى يەڭگىل سانايدىغان؛ ئاللاھتىن ھايا قىلىشنىڭ ئورنىغا بەندىدىن ئەيمىنىدىغان؛ ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا ئىنسانلاردىن قورقىدىغان؛ مەخلۇقلارغا لايىق كەلمەيدىغان رەۋىشتە چەكتىن ئاشۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان؛ ئاللاھقا ناھايىتى ئادەتتىكىچە، كۆزگە ئىلماسلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان؛ ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تېرىشىپ، پەرۋەردىگارىغا خىزمەت قىلىشتا ئاران – ئاران ۋەزىپىنى تاماملىغۇدەك دەرىجىدە قىلىدىغان؛ باشقىلارغا بېرىشتىن نومۇس قىلىدىغان نەرسىلىرىنى ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلدىغان... ئادەملەر قانداقسىگە ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە تونۇغان بولسۇن؟!

كاتتىلىق، ئۇلۇغلۇق، ئىتائەت قىلىنىش، بوي سۇنۇلۇش، قورقۇلۇش، ئۈمىد قىلىنىش قاتارلىق پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان سۈپەتلەردە ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى ئورتاق قىلىۋالغان ئادەم قانداقسىگە ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە تونۇغان بولىدۇ؟! ناۋادا ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بىر مەخلۇقنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالسا ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق، ئاللاھنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھېسابلىنىدىغان تۇرسا... ناۋادا ئاللاھقا ئۇنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى شەيتاننى شېرىك قىلۋالسىچۇ؟!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟! سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟»[7]

مۇشرىكلار ئۆزىچە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىۋېدى، ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ئەمەلىيەتتە شەيتانلارغا قىلىنغان ئىبادەت دەپ قارالدى. ئۇلار تېخى ئۆزىنى پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلدۇق دەپ ئويلايتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ.  ئۇلار ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس، سەن. (ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى) بەلكى جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى».»[8]

شەيتان مۇشرىكلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى پەرىشتە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇياشپەرەسلەر، ئايغا چوقۇنغۇچىلار، يۇلتۇزپەرەسلەر ئۆزلىرىنى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىكى روھقا چوقۇنىمىز دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چوقۇنغۇچىلارمۇ گەرچە بۇلار مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولسىمۇ، بىراق بۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا كۈشكۈرتكىنى شەيتان بولغانلىقى، ئۇلار ئىشنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىماستىنلا شەيتانغا ئەگىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ماھىيەتتە شەيتانغا چوقۇنغۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟.»[9]

بىراۋ ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلغان بولسا، نەتىجىدە ئۇ شەيتانغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ. دېمەك، ئىبادەت قىلغۇچى ئىبادەت قىلىنغان نەرسىدىن بىر نەرسە كۈتىدۇ ۋە ئۆزىنى شۇنىڭغا ئىرىشتىم دەپ قارايدۇ. ئىبادەت قىلىنغۇچىمۇ ئىبادەت قىلغۇچىدىن تەلەپ قىلغان ئۇلۇغلۇق ۋە ئاللاھقا بولغان شېرىكلىك مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ماھىيەتتە شەيتاننىڭ كۆزلەيدىغىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوسىتلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ، شۈبھسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.»[10]

مەزكۇر ئايەت كەرىمىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ گۇناھ سانىلىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلماي ۋاپات بولۇپ كەتسە مەڭگۈلۈك ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا نازۇك ئىشارەتلەر بار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈشنى ھارام قىلىپلا قالماي، بەلكى بەندىلىرىنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە شېرىك قىلىۋېلىشىنى مۇمكىن ئەمەس ئىشلار قاتارىدىن سانايدۇ. يەنە شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىگە، بۈيۈكلۈك تەرىپلىرىگە زىت كېلىدىغان قاراشلارنىمۇ پۈتۈنلەي يىراق سانايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، قانداقسىگە پەرۋەردىگارلىق، ئىلاھلىق، بۈيۈكلۈك ۋە ئۇلۇغلۇقتا يىگانە بولغان زات ئۆزىگە باشقىلارنىڭ شېرىك قىلىنىشىغا يول قويسۇن ياكى رازى بولسۇن؟! ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە فەتھ 6-ئايەت

[2] سۈرە فۇسسىلەت 23-ئايەت

[3] سۈرە ساففات 85، 86، 87-ئايەتلەر

[4] سۈرە رۇم 28-ئايەت

[5] سۈرە ھەج 73، 74-ئايەتلەر

[6] سۈرە زۇمەر 67-ئايەت

[7] سۈرە ياسىن 60-61-ئايەتلەر

[8] سۈرە سەبەئ 40-41-ئايەتلەر

[9] سۈرە ياسىن 60-61-ئايەتلەر

[10] سۈرە ئەنئام 128-ئايەتلەر

باشقا خىزمەتلەر