ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت قايىم بولغان بولسىمۇ، قولۇڭلاردا تىكمەكچى بولغان بىرەر كۆچەت بولسا، ئۇنى تىكىڭلار» [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان (183)، بۇخارى «ئەدەبۇلمۇفرەد» دە (479) كەلتۈرگەن، سەھىھ ھەدىس]
بۇ ھەدىس شەرىپتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:
1- ھاياتتىكى ئاخىرقى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، قولدىن بەرمەسلىككە تەرغىب قىلىش.
2- ئۆلگەندىن كېيىن ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى بولغان ئىنسانلارغا پايدىلىق دەل-دەرەخلەرنى تىكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
3- ھەرقانداق پۇرسەتتە ياخشى ئىش قىلىشقا سەل قارىماسلىق.
4- ئۆزىگە ۋە جەمئىيىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشتا ئاكتىپ ۋە بېرىملىك بولۇش، ھەر ئىشنى ۋاقتىدا قىلىش، ھورۇن، سۆرەلمە بولماسلىق.
5- ۋاقىتنى قەدىرلەش، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى مەنىسىز ئۆتكۈزمەسلىك.
6- ئۈمىدۋار بولۇش، پارلاق كېلەچەك ئۈچۈن توختاۋسىز ئىشلەش.
7- پايدىسىنى ئۆزى كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنىمۇ خۇددى ئەتىسى نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ قىلىش. ھەدىستىكى «كۆچەت تىكىش»كە ئۈندەش بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
8- پۇرسەت كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېلىشقا ئالدىراش.
9- بۇ ھەدىستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلەشكە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى كېچىكتۈرمەسلىككە تەرغىب قىلغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
10- قىيامەتنىڭ ۋاقتى تۇيۇقسىز كېلىدۇ.
11- ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەربىر پەيتى قىممەتلىك بولۇپ، ئۇنى زايى قىلىشقا بولمايدۇ.
12- قولىدىن كېلىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش.
13- ئۆز مېھنىتى بىلەن يېيىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تائامىڭلار ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئىشلەپ يېگەن تائامدۇر؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يەيتتى» دېگەن. [بۇخارى: (2072)]
14- مۇسۇلماننىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ۋە ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە قىلغان بارلىق ئىشى ساۋابلىق ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ. مەسىلەن: بۇ ھەدىستىكى جىرىم تىكىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشنى يا بىر ئىنساننىڭ يا بىر ئۇچارلىقنىڭ يا بىر ھايۋاننىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى نىيەت قىلسا، ئۇ ساۋابلىق ئىشقا ئايلىنىدۇ.
15- بۇ ھەدىس دەرەخ تىكىش ئارقىلىق مۇھىتنى ئاسراش، شەھەر ۋە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشكە تەرغىب قىلىدۇ.
16- باشقىلارنىڭ تىكىپ قويغان دەرەخلىرىدىن پايدىلانغىنىڭىزدەك، سىزمۇ كېيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دەرەخ تىكىڭ. مۇنداق بىر قىسسە بار: بىر پادىشاھ زەيتۇن دەرىخى تىكىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ: "زەيتۇن دەرىخى ئۇزۇندا مېۋە بېرىدىغان دەرەخ، سىز قېرىپ قالغان بوۋاي ئىكەنسىز، نېمە ئۈچۈن زەيتۇن دەرىخى تىكىسىز؟" دەپ سورىغاندا، بوۋاي: "بۇرۇنقىلارنىڭ تىكىپ قويغان دەرىخنىڭ مېۋىسىنى بىز يېدۇق، بىزدىن كېيىنكىلەر يېسۇن، دەپ بۇ دەرەخنى تىكىۋاتىمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
17- ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بولماستىن، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان بولۇش.
18- ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسكە «مال ئىشلەپ چىقىرىش» دەپ ماۋزۇ قويۇش بىلەن، بۇ ھەدىسنىڭ تېرىلغۇ قىلىش ۋە دەرەخ تىكىشنىڭ مال ئىشلەپ چىقىرىش يوللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
19- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئالدىدا قىيامەتكە ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئەھۋالنىڭ كېلىۋاتقانلىقى مۇسۇلماننى ئىشلەشتىن – ھالال كەسپ قىلىشتىن توختىتىپ قويماسلىقى لازىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
20- جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى شەخسلەرنىڭ جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىغا باغلىق.
21- بۇ ھەدىس مۇسۇلمانلارنى ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ۋە بىكارتەلەپلىكنى تاشلاپ، تەرەققىيات ئۈچۈن توختاۋسىز خىزمەت قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ.
22- ھالال كەسب بىلەن ئىشلىگەن كىشى ھەم ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ ھەم باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئالغۇچى ئەمەس بەرگۈچى بولىدۇ. چۈنكى ئۈستۈن (بەرگۈچى) قول تۆۋەن (ئالغۇچى) قولدىن ياخشىدۇر.
23- بۇ ھەدىس قانچىلىك قىيىنچىلىقتا بولسا بولسۇن، قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلمان بىر دەرەخ تىكىپ قويسا يا بىر نەرسە تېرىپ قويسا، ئۇنىڭدىن بىر ئۇچارلىق يا بىر ئىنسان ياكى بىر ھايۋان يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
باشقا خىزمەتلەر