ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى يەر يۈزىدە ئەدلى - ئادالەتنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ھەر قانداق شارائىتتا ئۇنى توغرا ئىجرا قىلىشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنى ئىمانغا باغلاپ مۇنداق دېدى:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَى أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَى بِهِمَا فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَى أَنْ تَعْدِلُوا وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا.
ئى مۇئمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر. سۈرە نىسا، 135- ئايەت.
يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآَنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. سۈرە مائىدە، 8- ئايەت.
ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۈممەتتىكى ئەدلى - ئادالەتنى ئەقىدىگە باغلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلى يەر يۈزىدە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشتە ئەڭ يۇقىرى ئۈلگە ياراتتى.
بۇ ئۈممەتنىڭ ئىنسانىيەتنى ياخشىلىققا يېتەكلىشى، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈستىدىن گۇۋاھچى بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ تەربىيلىنىش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ئۈممەتنى ئوتتۇراھال - ئېسىل ۋە ياخشى ئۈممەت قىلدى.
وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا
سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك، ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال يەنى ئېسىل ۋە ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سۈرە بەقەرە، 143- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆز ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىللەردىمۇ ئادالەتنى ئەمىلىلەشتۈرىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ دەرسلىكلىرى ئارقىلىق بۇ ئۇممەتنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە نازىل بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىلا مۇئمىنلەرگە مۇنداق تەلىم بېرىلدى:
ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ. الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ. وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآَخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
قۇرئاندا ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال- مۈلۈكتىن (بىزنىڭ يولىمىزغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ. سۈرە بەقەرە،1-4 ئايەتلەر.
بۇ تەلىماتلار مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە نازىل بولغان بىر قانچە ئايەتلەردە مۇنداق تەكىتلىنىدۇ:
آَمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ, كُلٌّ آَمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ, لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار ئىمان ئېيتىشتا) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز دەيدۇ. سۈرە بەقەرە،285- ئايەت.
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا آَمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنْزَلَ مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھ قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ. سۈرە نىسا، 136- ئايەت.
بۇ ئايەتلەر ئىمان ۋە ئەقىدىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرگە دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئۈممەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى قىلىپ تەييارلاشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن قەلبى نۇرلانغان ئۈممەت، باشقىلارغا ئاداۋەت تۇتماستىن ئادالەت مەيدانىدا دادىل تۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا توغرا ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. يەھۇدىلار ۋە خرىستىيانلاردەك بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ، بەزىلىرىگە ئىنكار قىلغانلارنىڭ دىللىرى ئىماندا ئۆزلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا ئاداۋەت ۋە ھەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. يەھۇدىلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە سالغان زۇلۇملىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىلار ۋە خرىستىيانلارنىڭ بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلۇملىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
ھەسەتخور، ئاداۋەتچى ناكەسلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى بولۇشتىن ئىبارەت بۇنداق شەرەپلىك خىزمەتنىڭ ئەھلى بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە يەھۇدىلار ۋە خرىستىيانلارنى تاللىمىغان. ئاخىرقى ئۈچ ئەسىردە خرىستىيانلارنىڭ ۋە بۈگۈنكى كۈنلەردە يەھۇدىلارنىڭ بۇنىڭغا ئىگە بولالىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەلۇم ھېكمەتلىرى بىلەن بولغان، ئاللاھ خالىسا بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.
ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى قىلىپ چىقارغان بۇ ئۈممەت ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە تۇلۇق ئىمان كەلتۈرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىنسانىيەتكە ھەسەت ۋە تارىخىي ئاداۋەت يوق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قەلبى ئىنسانىيەتكە بولغان دوستلۇق ۋە مېھرى - مۇھەببەت بىلەن تولغان، بۇنىڭغا تارىخ ئەڭ ياخشى شاھىتدۇر.