ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ئىخلاس قىلىش ۋە بارلىق ئەمەللەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش لازىم

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ئىخلاس قىلىش ۋە بارلىق ئەمەللەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش لازىم

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

 

2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 2 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ئىخلاس قىلش ۋە بارلىق ئەمەللەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش لازىم»

دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىلگىرىكى زامانلاردا كىشىلەرنىڭ ئالىملارغا بولغان ھۆرمىتى ئىتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئالىملارغا ۋە چوڭلارغا قارىتىپ خىتاب قىلغاندا، ئىنتايىن ئەدەپلىك ۋە ئەخلاقلىق مۇئامىلە قىلاتتى. يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دېققەت قىلاتتى. ئىسلام دىنى بىزنى ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ۋە دىننىڭ تۈۋرۈكى بولغان نامازغا قانداق تۇرۇش، ناماز ئارقىلىق ئاللاھقا قانداق ۋەسىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. بىز ئاللاھقا يېلىنغاندا ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر ئارقىلىق يىلىنىشىمىز كېرەك. ئاللاھتىن كەرەملىك كىم بار؟ ئاللاھتىن ئۇلۇغ كىم بار؟ ناماز ئوقۇغاندا  بەدەنلىرىمىزنىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىپ قانداق ھەرىكەتلەنگەنلىكىگە قاراڭ. ناماز ئوقۇغان كىشى ناماز ئىبادىتىنى تاماملاپ، سالام بېرىشتىن بۇرۇن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەزىمىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئەسلەيدۇ، ئۆزىنىڭ خوجايىن ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ۋە قۇلچىلىقىنى ياد ئېتىدۇ. نامازدا ئولتۇرغانلىق، خارلىق ۋە قۇلچىلىق ئىزھار قىلىشتىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەدەپلىك كۆرۈنۈشتۇر. بەندە تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئاللاھقا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە تۆۋەندىكىدەك ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ:

«التحيات لله والصلوات والطيبات السلام عليك ايها النبي و رحمة الله وبركاته السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين اشهد ان لا اله ان الله وان محمدا عبده ورسوله اللهم صلي على محمد كما صليت على ابراهيم وعلى ال ابراهيم وبارك على محمد كما باركت على ابراهيم وعلى ال ابراهيم في العالمين انك حميد مجيد».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نامازغا تۇرغاندا: ئاللاھقا بەندىلىرىدىن سالاملار بولسۇن! پالانى-پۇستانىلارغا سالاملار بولسۇن! دەيتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: «ئاللاھقا سالاملار بولسۇن! دېمەڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۆزى سالامدۇر، لېكىن: ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى وەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن» دەڭلار، شۇنداق دېسەڭلار، ئاسمان-زىمىندىكى ياكى ئاسمان-زىمىن ئارلىقىدىكى بارلىق مەخلۇقلارغا يېتىدۇ» دېگەن.

كىشىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، بىرەر كىشى پادىشاھلارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، ئۇ پادىشالارنى شۇلارنىڭ ماقامىغا لايىق ماختاپ كېتىدۇ. نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغان ئادەم، بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يېلىنغان ھالدا ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ ئولتۇرىدۇ. كاتتىلىق ۋە ئەزىمەت ئاللاھقا خاستۇر، سالاۋات ئاللاھقا خاستۇر، ناماز دېگەن سۆز، لۇغەت ۋە شەرئىي ئىستىلاھ بويىچە، مەخسۇس ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىنىدىغان قۇلچىلىقنىڭ ئىسمىدۇر. نامازلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەخلۇق ئۈچۈن ناماز ئوقۇلمايدۇ، دۇئا قىلىشمۇ ئاللاھقا خاس بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىغا دۇئا قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدۡعُونِيٓ أَسۡتَجِبۡ لَكُمۡۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِي سَيَدۡخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ}

{پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مىنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ}[1].

ئۇنداقتا بارلىق ھەمدۇ-سانالار ۋە نامازلار ئاللاھ ئۈچۈنلا بولىشى كېرەك. بىز باشتا زىكىر قىلغان «تەييىبات» سۆزى بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھقا ئالاقىلىق تەرىپى ۋە بەندىنىڭ قىلىقلىرىغا ئالاقىلىق تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا ئالاقىلىق تەرىپى بولسا، ئاللاھنىڭ ماقامىغا لايىق سانا ئېيتىش بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە لايىق سانا ئېيتىش بىلەن بەندىنى ماختاش توغرا ئەمەس، بىراق بەندىلەرنى ماختاشتا ئىلاھلىق ماقامىغا يەتكۈزمەستىن، ھەر شەخسنىڭ ئۆز ئورنىغا لايىق ماختىسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعِزَّةَ فَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ جَمِيعًاۚ إِلَيۡهِ يَصۡعَدُ ٱلۡكَلِمُ ٱلطَّيِّبُ وَٱلۡعَمَلُ ٱلصَّٰلِحُ يَرۡفَعُهُۥۚ وَٱلَّذِينَ يَمۡكُرُونَ ٱلسَّيِّ‍َٔاتِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۖ وَمَكۡرُ أُوْلَٰٓئِكَ هُوَ يَبُور}

 {كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە- مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ}[2].

ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ ۋە ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئالاھىدە ماقام بېرىپ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ (ئې پەيغەمبەر ساڭا سالاملار، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن! دېگەن. سالام ئاللاھنىڭ ئىسمىدۇر، ئاللاھ مۇنداق دېگەن:

{هُوَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡقُدُّوسُ ٱلسَّلَٰمُ ٱلۡمُؤۡمِنُ ٱلۡمُهَيۡمِنُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡجَبَّارُ ٱلۡمُتَكَبِّرُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ}

 {ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (موتلەق) پادىشاھتۇر، (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نوقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھىر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر}[3].

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەللەرنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھ يەنە بىزلەرنى ھەر نامازدا ئاللاھقا سانا ئېيتىپ بولۇپلا ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇشقا، ئاللاھتىن ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەشكە چاقىردى. گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولسىمۇ، مىراجغا چىققاندا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان، يەنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامىدۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى ئىبادەتتە ئىخلاس قىلغۇچى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە غافىر: 60- ئايەت

[2]   سۈرە فاتىر: 10- ئايەت

[3]  سۈرە ھەشىر: 23- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر