ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
زۇلھەججە ئېيىدىن پايدىلىنىشنىڭ يىگىرمە خىل ئۇسۇلى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاپتور: پەزىلەتلىك شەيخ خالىد دەرۋىش
تەرجىمىدە: ئابلاجان داموللام
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر جانابى ئاللاھقا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدىن ئىبارەت پەزىلەتلىك كۈنلەر بىزگە يېتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە ئۇ كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىشكە تۈرتكە بولىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : «ياخشى ئەمەل قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە بۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنلىرىدە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ بەكراق ئاللاھقا سۆيۈملۈك بولىدىغان كۈن يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى].
ئىبنى رەجەب (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) "لەتائىف ئەلمەئارىف" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدىكى قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەردىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ. بۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەل قىلىش ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئىكەن، ئۇ كۈنلەردە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل ھېسابلىنىدۇ.
پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرگۈچىلەرنىڭ غەنىمەت بىلىشى زۆرۈر بولغان ۋە ئىبادەت مەۋسۇمىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەر:
ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىلگىنكى، ئەمەللەرگە بېرىلىدىغان ئەجىرلەرنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىشى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبلەرگە باغلىق بولىدۇ: قىلىنغان ئەمەلنىڭ ھەرەمگە ئوخشاش بىر مۇقەددەس ئۇلۇغ زېمىندا قىلىنىشى سەۋەبلىك بولۇپ، يەنى مەككە ۋە مەدىنە مەسجىدىدە ئوقۇلغان نامازغا ھەسسىلەپ ئەجرى بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەمەل قىلىنغان ۋاقىتنىڭ رامىزان ئېيى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدەك شەرەپلىك ۋاقىتتا قىلىنىشى بولسا، مەزكۇر ئەمەلگە ھەسسىلەپ ئەجرى بېرىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر".
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى مۇبارەك ئون كۈنىدە ياخشى ئەمەل قىلىشقا ئالدىرايدىغانلار بارمۇ!؟.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدىكى ئەمەللەر لاھىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن قېرىنداشلارچە نەسىھەت:
1-زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنلىرىدە ئۈستىڭىزدە مەجبۇرىيەت بولمىغان مەشغۇلاتلاردىن ئۆزىڭىزنى پارىغ قىلىشقا تىرىشىڭ. بەندىلەرنىڭ ئۈستىڭىزدە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ھەقلىرى بولسا، بۇ مۇبارەك كۈنلەردە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىۋېتىڭ.
2- ئۆزىڭىزنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى 10 كۈنىدىن خەيرى-ئېھسان قىلىش، ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق مەنپەئەتلىنىشكە ھېرىسمەنلىكىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەرگە ھېس قىلدۇرۇڭ. بۇ سەۋەبلىك باشقىلار سىزگە ئەگەشسۇن.
3-زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى10 كۈنىدە ئاللاھ رازىلقىنى ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئەمەللىرىڭىزدە لەززەت تېپىشىڭىز ئۈچۈن بۇ ياخشى ئەمەللەرگە بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابلارنى ئەسلەڭ.
4-كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى10 كۈنىنىڭ كۈندۈزلىرىنى غەنىمەت بىلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئەمەل قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە بۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنلىرىدە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ بەكراق ئاللاھقا سۆيۈملۈك بولىدىغان كۈن يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى].
ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش لاھىيەسى:
بىرىنچى: قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش. سىزگە قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىز ئۈچۈن ئۈچ يولنى كۆرسىتىمەن:
ئا- ھەركۈنى 1 پارە قۇرئان ئوقۇش.
ب- 10 كۈننىڭ ھەر كۈنىدە 2 پارە قۇرئان ئوقۇش.
ت- 10 كۈن ئىچىدە قۇرئاننى بىر قېتىم تامام قىلىش.
ئىككىنچى: بەش ۋاقىت نامازنى مەسجىدتە ئوقۇشقا ئالدىراش ۋە تۆۋەندىكى ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش:
ئا-دۇئا قىلىش. يەنى ئاللاھ تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەپۇ قىلىشنى، سالامەت قىلىشنى سوراش.
ب-ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىش. يەنى «سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىيم» دېگەن زىكرىنى كۆپ ئۇقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ.
د-قۇرئان كەرىمدىن ئاز بولسىمۇ ئۇقۇش. قۇرئان تىلاۋەت بىلەن زىكرىنى بىرلىكتە قىلسا تېخىمۇ ياخشىدۇر.
ئۈچىنچى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 كۈنىدە سىز غەپلەتتە قالسىڭىز بولمايدىغان نامازلار:
1-ئىككى رەكئەت بولسىمۇ چاشگاھ نامىزى ئوقۇش.
2-ۋىترى نامىزى ئوقۇش.
3-تاھارەت ئالغاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇش.
تۆتىنچى: بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سۈننەتلەرنى ئوقۇش. جۈمە نامىزىغا تەييارلىق قىلىش.
بەشىنچى: تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ ۋاقىتنى دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- ۋاقىت: تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىت بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىستىغپار ئېيتىش مۇھىم.
2- ۋاقىت: بامدات نامىزىدىن كىيىن قۇياش كۆتۈرۈلگۈچە بولغان ۋاقىت، بۇ ۋاقىتتا ئەتتىگەندە ئۇقۇلىدىغان زىكىرلەرنى ئوقۇش.
3- ۋاقىت: شام نامىزىدىن كىيىن خۇپتەن نامىزىغىچە بولغان ۋاقىت.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بۇ ۋاقىتلارنى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيدە (مەسچىتتە) ئۆتكۈزۈپ ئاللاھقا يېقىن پەرىشتىلەرنىڭ «ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىل، ئۇنىڭغا رەھىم قىل» دېگەن دۇئالىرىغا ئېرىشىشىڭىز تەكلىپىنى بىرىمەن.
ئالتىنچى: ئەھلى-ئاياللىرىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوسلىرىڭىزغا بۇ ئون كۈندە ياخشى ئەمەل قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭ، سىزگە ئەسلەتكەنلىكنىڭ ئەجرى بولىدۇ، ئەسلىتىش مۆمىنلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەتتىنچى: ھېيت كۈنىدىن باشقا 10 كۈننىڭ كۆپىنچىسىدە روزا تۇتۇڭ، چۈنكى روزا ئەجرىدە مىسلى يوق ئەمەلدۇر.
ھەدىس قۇدسىيدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: «روزا ماڭا خاس، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەجرى بىرىمەن دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].
سەككىزىنچى: ئاللاھ ھۇزۇرىدا ساۋاب ئۈمىد قىلىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ. لا اله الا الله، الحمدلله، الله أكبر، سبحان الله، لا حول ولا قوة إلا بالله، استغفر الله ۋە ئۇنىڭدىن باشقا زىكىرلەرنى قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ھۇزۇرىدا ساۋاب ئۈمىد قىلىنىدىغان سۆزلەرنىلا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر.» [سۈرە نىسا 114-ئايەت].
توققۇزىنچى: ئون كۈندىن مەلۇم بىر ۋاقىتنى تاللاڭ ۋە قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىڭ، ئۈلۈكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىنىپ بېقىڭ، ئۇلارغا سالام بىرىڭ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا قىزغىنلىقىڭىز ئېشىشتىن ئىبارەت بىر نەتىجىنى ھېس قىلىسىز.
ئونىنچى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى10 كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە يالغۇز بولۇڭ ياكى ئەھلىڭىز بىلەن بولۇڭ، ماشىنىڭىزدا ياكى دوستلىرىڭىز ئارسىدا بولۇڭ لا إله إلا الله والحمدلله والله أكبر سۈزىنى كۆپ ئېيتىڭ.
ئون بىرىنچى: ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشقا ھېرىسمەن بولۇش. ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇش بولسا، ئىككى يىللىق گۇناھ ۋە خاتالىقنى يوققا چىقىرىدۇ، سىز يەنە ئەرەپات كۈنىنىڭ ئەتتىگەندىن باشلاپ كەچ كىرگۈچە قىلماقچى بولغان تائەت -ئىبادەتلەر ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن تولغان بىر كۈن بولىشى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش جەدۋىلى تۈزۈۋېلىڭ.
ئون ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا جەننەتتە مۆمىنلەرگە تەييار قىلغان نېمەتلەر ۋە دوزاختا كاپىرلارغا تەييار قىلغان ئازابلار توغرىسىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈش ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېسىڭىزگە ئېلىش بىلەن كۈندىلىك ھاياتىڭىزنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىڭ ۋە ئارىدىكى پەرققە قاراڭ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَرِيقٌ فِي الْجَنَّةِ وَفَرِيقٌ فِي السَّعِيرِ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ.» [سۈرە شۇرا7-ئايەت].
يەنە ئاللاھ تائالا : ﴿إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ. وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ، كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ.» [سۈرە ئىنپىتار 13-14-ئايەتلەر].
ئون ئۈچىنچى: ئەرەپات كۈنىدە بەزى روزا تۇتقانلارنى ئىپتار قىلدۇرۇڭ، روزا تۇتقانلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمەستىن سىزگە روزا تۇتقانلارنىڭ ئەجرى بولىدۇ. (ئىپتار قىلدۇرۇشتا: روزا تۇتقانلارنى ئىپتارغا چاقىرىش، مەسجىد جامائىتىنى ئىپتارغا چاقىرىش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىنلارنى، ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئىپتارغا چاقىرىش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ).
ئون تۆتىنچى: بەزى يېقىنلىرىڭىز ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىڭ، ئۇلار بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىڭ:
1-بۇ10 كۈندە ئىچىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ پەزىلىتى.
2-ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.
3- بۇ جەدۋەل- لاھىيەنى تارقىتىش.
4-ياخشى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابچە، لىنتا، ۋاراقچىلارنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا.
ئون بەشىنچى: (ئۈلگىلىك پىكىر) مۇشۇ مۇبارەك كۈنلەردە سىز قىلالايدىغان ئەمەللەرنى تاللاڭ ۋە كۈچىڭىز يېتىشىچە ئەمەل قىلىڭ. مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى ئەڭ كۆپ بولىدىغان تائەت -ئىبادەتلەرنى تاللاپ قىلىشى لازىم بولىدۇ.
ئون ئالتىنچى: ئىككى پەرىشتىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن كۈنىڭىزنى سەدىقە قىلىش بىلەن باشلاڭ. 10كۈن ئىچىدىكى ھەر بىر كۈنىڭىز بىرەر مىسكىن ياكى مۇھتاجنى خۇرسەن قىلىدىغان سەدىقە بېرىش بىلەن بولسۇن.
ئون يەتتىنچى: بۇ 10كۈندە سىزگە كەلگەن ھەرقانداق ياخشىلىق قىلىش پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىڭ. (جىنازىغا ئەگىشىش، جىنازە نامىزى ئۇقۇش، ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىش، مىسكىنلەرگە تائام بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىڭ).
ئون سەككىزىنچى: ھېيت كۈنلىرىگە ئالاقىدار بولغان ئەدەپ-قائىدىلەرنى ئۆگىنىڭ. قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئەدەپلىرى ئۆگىنىڭ ۋە ئۇنى تەتبىقلاڭ.
ئون توققۇزىنچى: بۇ لاھىيەنى سىز ئۇچراشقان ھەربىر مۇسۇلمانغا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا، پەزىلەتلىك ئىبادەت مەۋسۇملىرىنى غەنىمەت بىلىش ۋە ئۇلارغا ئەسلەتمە بولۇش ئۈچۈن تارقىتىڭ.
يىگىرمىنچى: ئاخىرىدا مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش، ياخشى ئەمەل قىلىش نىيىتىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. ياخشىلىقنى نىيەت قىلسىڭىز پەزىلەت ئۈستىدە بولغان بولىسىز. ياخشى ئەمەللەرنىڭ قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇڭ ياكى تائەت-ئبادەت ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم بىرىڭ، ئاللاھ خالىسا سىزگە شۇ ئىبادەتنى قىلغاندەكلا ئەجرى بېرىلىدۇ.
رەببىمىز ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە -تاۋابىئاتلرى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىگە رەھمەت قىلسۇن.
باشقا خىزمەتلەر