ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
ئىسلامدا ئادالەت چۈشەنچىسى

 

ئىسلامدا ئادالەت چۈشەنچىسى

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

 

   ئادالەت لۇغەتتە ئۇدۇل، تۈز دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. ئىستىلاھتا ھەر نەرسىنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئورۇنغا قويۇش ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان شەكىلدە ئىجرا قىلىش دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئادالەتنىڭ ئەكسى زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقتۇر. ئاللاھ بۇيرۇغاننىڭ خىلاپىدا ئىش قىلىشنىڭ ئادالەتنىڭ ئەكسى بولغان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىق بولىدىغانلىقىدا ئادالەتنىڭ لۇغەت ۋە ئىستىلاھ مەنىلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ.

 

 ئىسلام ھەممە تەرەپنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىدىغان ئادالەتلىك ئائىلە، ئادالەتلىك جەمئىيەت، ئادالەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشقا تەشەببۇس قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ساھەدە ئادالەتلىك قانۇن - تۈزۈملەرنى قولغا قويدى. بۇ قانۇن - تۈزۈملەر ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىسلامدىكى ئادالەت پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ - ئېتىقادلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر - ھەممىسىگە تەتبىقلىنىدۇ.

 ئىسلامدىكى ئادالەت − ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى كېمەيتمەستىن ياكى زىيادە قىلماستىن تولۇق بېرىش ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش دېمەكتۇر. ئادا قىلىش پەرز بولغان ھەق - ھوقۇقلارنىڭ ئاۋۋىلى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «إنَّ لِرَبِّكَ عَلَيْكَ حَقًّا، ولِنَفْسِكَ عَلَيْكَ حَقًّا، ولِأَهْلِكَ عَلَيْكَ حَقًّا، فأعْطِ كُلَّ ذِي حَقٍّ حَقَّهُ» «شەكسىزكى، ئۈستۈڭدە رەببىڭنىڭ ھەققى بار، نەپسىڭنىڭ ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭ ھەققى بار. ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بەرگىن»[1].

ئسلامدىكى ئادالەت − ئىسلامنىڭ پۈتۈن تەلىماتلىرى، شەرئىي ئەھكاملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئاساسىي مەركەزدۇر. ئىسلامدا ئادالەت پەقەت ھەق - ھوقۇق مەسىلىسىلا بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ساغلام مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.

 ئسلامدىكى ئادالەت − مۇئمىنلەرنى ئۆز دىنداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەت مەنسۇپلىرىغا، باشقا دىن ئېتىقادچىلىرىغا، ھەتتا دۈشمەنلىرىگىمۇ ئادىل بولۇشقا چاقىرىدىغان، ئادالەتتىن چەتنەپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغان، ھەممىگە ئادىل بولۇشنى تەقۋالىق دەپ سانايدىغان ئەڭ مۇكەممەل ئادالەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآَنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ﴾ ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر﴾[2].

ئسلامدىكى ئادالەت − ئاللاھ تائالانىڭ ئاسماندىن كىتاپ نازىل قىلىشىنىڭ، پەيغەمبەر ئەۋەتىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە تەكىتلەنگەن ئادالەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ﴾ ﴿بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق﴾[3].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە كىتاپلارنى نازىل قىلىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئادالەت بەرپا قىلىشتۇر. ئاللاھ ئادالەتنىڭ يوللىرىنى بىر تۈرگىلا چەكلەپ قويمىدى، ئادالەت قايسى يول بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شەرىئەت − ئادالەت ۋە رەھمەتتۇر. ئادالەتتىن زۇلۇمغا، ھەقتىن ناھەقچىلىققا، رەھمەتتىن شەپقەتسىزلىككە چەتنەپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە، تەۋىل قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتكە كىرگۈزۈۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەرگىز شەرىئەتتىن سانالمايدۇ»[4].

ئىسلامدا ئادالەتنىڭ ئەھمىيىتى

ئىسلامدىكى ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەت تۈزۈمى ئىسلامنىڭ تېز تارقىلىشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بولغان. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئۇرۇشسىز ۋە مەجبۇرلانماستىن، بەلكى مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ راستچىللىق، مىھرىبانلىق، باراۋەرلىك، ئىخلاس ۋە ئادالەت ئاساسىدىكى گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئىسلامغا كىرگەن.

ئادالەت ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئىسلامنىڭ ئادالەتكە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤدُّواْ الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُواْ بِالْعَدْلِ﴾ ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ﴾[5]. ﴿إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَى﴾ ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (بارلىق خەلقكە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ﴾[6]. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى سۆزلىگەندىمۇ ئادىل بولۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  ﴿وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُواْ﴾ ﴿سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار﴾[7]. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى خەت يازغاندىمۇ ئادىللىق بىلەن يېزىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلْيَكْتُب بَّيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ﴾ ﴿ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم-زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن﴾[8].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇشنى سەدىقىلەرنىڭ تۈرلىرىدىن ساناپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «تَعْدِلُ بيْنَ الاثْنَيْنِ صَدَقَةٌ» «ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇشىڭىز سەدىقىدۇر»[9].

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  ﴿وَتِلْكَ الْقُرَى أَهْلَكْنَاهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا ﴿شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق﴾[10]. ﴿فَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ﴿نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق﴾[11].

ئادالەتتىن چەتنەش بىخەتەرلىكنىڭ يوقىلىشى، ھەق-ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشى، مەھكىمىلەرنىڭ ئېتىبارسىزلىشىشى قاتارلىق شەخس ۋە ئاممىنى راھەتسىز قىلىدىغان نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە، زالىملارغا ھەددىنى بىلدۈرىدىغان قوراللىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادالەتنىڭ غايىپ بولۇشى ئىنسانلارنىڭ، مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھالاك بولۇشىغا؛ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ[12].  

 ئىسلامدا ئىجتىمائىي ئادالەت ئۆلچەملىرى

 1. ۋىجدانىي ئازادلىق. بۇنىڭغا دىندا مەجبۇرلىماسلىق، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش داخىل بولىدۇ. ئىسلام ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ ساغلام فىترەت نىدالىرىنىڭ ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا تىرىشىپ كەلدى. يەنى ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە باش ئىگىشتىن ئازاد قىلدى.

 2. ئىنسانىي باراۋەرلىك. بۇ ھەق - ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ساھەلىرىدە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدا باراۋەر. ئۇلارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

 3. ئىجتىمائىي كاپالەت. ئۇ جەمئىيەتتە موھتاجلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى نىشان قىلغان نىزام بولۇپ، ئۇنىڭدىن جەمئىيەتتىكى پۈتۈن ئېھتىياج ساھىبلىرى ئىستىسناسىز تولۇق پايدىلىنىشقا ھەقلىق بولىدۇ.

 ئىسلامدا ئادالەتنىڭ تۈرلىرى

 ئىسلامدا ئادالەت ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئائىلىۋى ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. ئىنساننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى ئادالەتكە موھتاج بولىدۇ. ئىسلامدا ئادالەتنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە مىسال تەرىقىسىدە ئۇنىڭ بىر قانچە تۈرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز:

 ئىقتىسادىي ئادالەت

 ئىسلامدا ئىقتىسادىي ئادالەت − شەخس ۋە ئاممىنىڭ ئىقتسادىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلغان؛ ئۇلارنىڭ كەسپ قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە ھەرگىز سەل قارىمىغان؛ شەخسنى ئىگىلىك تىكلەشكە تەشەببۇس قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭغا زاكات، سەدىقىلەر بىلەن پەقىرلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان مىسلىسىز ئادالەتتۇر. خىيانەت، جازانە، ئالدامچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك قاتارلىق ئىللەتلەردىن چەكلەش ئىسلامدىكى ئىقتىسادىي ئادالەتنىڭ مىساللىرىدىندۇر.

 ئىجتىمائىي ئادالەت

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تەرغىب قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «أَيُّهَا النَّاسُ، فإنما أهلك الناس قبلَكم أنهم كانوا إذا سرق فيهم الشريفُ تركوه، وإذا سرق فيهم الضعيفُ أقاموا عليه الحدَّ، والذي نفسُ محمدٍ بيده، لو أن فاطمةَ بنتَ محمدٍ سرقتْ لقطعتُ يدَها» «ئى خالايىق! سىلەردىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنى ھالاك قىلغان نەرسە شۇ بولدىكى، ئۇلار ئارىسىدا ئابرۇيلۇق بىرى ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنى قويۇپ بېرەتتى، ئاجىز بىرى ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا جازا بېرەتتى. مۇھەممەدنىڭ نەپسى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن (يەنى ئاللاھ بىلەن) قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىنى كېسىمەن»[13]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتتە ھەق -ھوقۇقتا پەرق بولۇشتىن توسقانلىقى ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ مىساللىرىدىندۇر. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتنى ھىمايە قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «سىلەردىن كۈچلۈك كىشى (مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا) ئاجىز كىشىدۇر، ھەتتا مەن ئۇنىڭدىن (باشقىلارنىڭ) ھەققىنى ئېلىپ بېرىمەن. سىلەردىن ئاجىز كىشى (مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا) كۈچلۈك كىشىدۇر، ھەتتا مەن (باشقىلاردىن) ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىمەن»[14]. ئىسلامدا ئىجتىمائىي ئادالەت ئاجىزغا ياردەم بېرىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. جەمئىيەتنىڭ كۈچى ۋە قانۇن ئاجىز كىشى تەرەپتە بولىدىكەن ئاجىز كىشىگە ئۇنىڭ ئاجىزلىقى زەرەر قىلمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ كۈچى ۋە قانۇن كۈچلۈك كىشىگە قارشى تەرەپتە بولىدىكەن كۈچلۈك كىشىگە ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى پايدا بەرمەيدۇ. ئىسلامنىڭ سوت ئالدىدا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى پەرز قىلىشى، ئاللاھنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ھەققىدە يان بېسىشنى چەكلىشى ئىسلامدا ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مىساللىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىدىن بىر بەلگىمىنى ئىجرا قىلىشقا ئارا تۇرۇشقا ئورۇنغان بىرىگە كايىپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «أَتَشْفَعُ في حَدٍّ مِن حُدُودِ اللهِ؟» «ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىدىن بىر بەلگىمىگە ئارا تۇرماقچىمۇسەن؟»[15].

 سىياسىي ئادالەت

ئىسلامدا سىياسىي ئادالەت جەمئىيەت ئەزالىرىدىن دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا يارايدىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى مەقبۇل بولىدىغان شەرئىي، قانۇنىي سەۋەبسىز ئايرىۋەتمەستىن، ھەربىر كىشىگە سىياسىي ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىش، دۆلەتنىڭ ھەيئەت ۋە ئورگانلىرىغا ۋەكىل بولۇش سالاھىتىنى بېرىدۇ. ئىسلامدا سىياسىي ئادالەتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: شەكسىزكى، كاپىر دۆلەت بولغان تەقدىردىمۇ، ئادىل بولسا ئاللاھ ئۇنى ياشىتىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەت بولغان تەقدىردىمۇ زالىم بولسا ئاللاھ ئۇنى ياشاتمايدۇ.

شەخسلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ زايە بولۇشى؛ رەھبەر بىلەن خەلق ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى؛ پاراخورلۇق، چېرىكلىككە ئوخشىغان ئىجتىمائىي كېسەللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سىياسىي ئادالەت بولمىغانلىقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىندۇر. ئەمەلدار ۋە پۇقرا ھەممىسىگە قانۇننى ئوخشاش تەتبىقلاش ئىجتىمائىي ئادالەت كۆرۈنۈشلىرىدىندۇر. ئۇنىڭ بەزى مىساللىرى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىۋاد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىساس ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى غازىتىدا سەپنى تۈزلەش جەريانىدا، قولىدىكى بىر چىۋىق بىلەن سىۋاد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قورسىقىغا يېنىك چوقۇغاندا، ئۇ قورسىنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قورسىقىنى ئېچىپ: قىساسىڭنى ئېلىۋالغىن، - دېگەن. لېكىن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇچاقلاپ، قورسىقىغا سۆيۈۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى ئى سىۋاد؟ دېگەندە، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بولغان ئىشنى سىلە كۆرۈپ تۇرۇۋاتىلا، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا جىسمىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جىسمىلىرىگە تېگىۋېلىشىنى ئىرادە قىلغانتىم،- دېگەن[16]. 

مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئامىلىسى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن ئەبۇ مەريەم سەلۇلىينىڭ ھەق -ھوقۇقىنى  مەنئى قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ياقتۇرمايمەن. ئەبۇ مەريەم: سېنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىڭ مېنىڭ ھەق- ھوقۇقۇمنى مەنئى قىلامدۇ؟ ئۇ: ياق، - دەپ جاۋاپ بەرگەندە، ئەبۇ مەريەم: ئۇنداقتا سېنىڭ مېنى ياقتۇرمىغانلىقىڭنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق. ياقتۇرماسلىققا پەقەت ئاياللارلا قايغۇرىدۇ دېگەن[17].

قانۇنىي ئادالەت

ئىسلامدىكى قانۇنىي ئادالەتتىن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرمەستىن ھەربىر كىشىگە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى، ھەق - ھوقۇقىنىڭ مەھكىمىلەردە قانۇن بىلەن قوغدىلىشى ۋە بۇ قانۇننىڭ ھەربىر كىشىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى كىمەيتۋەتمەيدىغان ۋە ھەق - ھوقۇقىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىۋەتمەيدىغان قانۇن بولۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىسلام ئادالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قانۇنىي قائىدە - پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ زىيىنىغا، داۋاگەرلەرنىڭ پايدىسىغا بولغان تەقدىردىمۇ، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىش. ﴿وَلاَ يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلاَّ تَعْدِلُواْ اعْدِلُواْ هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى ﴿بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر﴾[18].

2. ئادىل بولۇشقا بۇيرۇش ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانى دەپ بىلىش. ﴿إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَى ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (بارلىق خەلقكە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ﴾[19].

3. ھەق - ھوقۇقلاردا ھەممەيلەن باراۋەر بولۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «لا فَضْلَ لِعَربيٍّ على عَجَميٍّ، ولا لعَجَميٍّ على عَرَبيٍّ، ولا أحمَرَ على أسوَدَ، ولا أسوَدَ على أحمَرَ؛ إلَّا بالتَّقْوى» «ئەجەمدىن ئەرەب، ئەرەبتىن ئەجەم، قارا تەنلىكتىن قىزىل تەنلىك، قىزىل تەنلىكتىن قارا تەنلىك ئۈستۈن ئەمەس، ئۈستۈنلۈك پەقەت تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ»[20].

مىللەتلەر ئارىسىدا ئادالەت

جەمئىيەتتە بىرەر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ياكى بىرەر دىن ئېتىقادچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشنى، ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنى راۋا قىلمايدۇ. سانى ئاز، كۈچى ئاجىز مىللەت ئەزالىرىمۇ ئادالەتتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇئاھىدكە (يەنى كېلىشىم تۈزگىچىگە) زۇلۇم قىلغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى داۋاگىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ألَا مَن ظلَم مُعاهَدًا أو انتقَصه أو كلَّفه فوق طاقتِهِ أو أخَذ منه شيئًا بغَيرِ طِيبِ نَفْسٍ، فأنا حَجيجُهُ يومَ القِيامةِ» «بىلىڭلاركى، كىمكى مۇئاھىدكە زۇلۇم قىلىدىكەن، ياكى ئۇنىڭ ھەققىنى قىسىپ قويىدىكەن، ياكى ئۇنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىدىكەن، ياكى ئۇنىڭ رازىلىقىسىز بىر نەرسىسىنى ئېلىۋالىدىكەن مەن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ داۋاگىرى بولىمەن»[21].

ئاياللار ئارىسىدا ئادالەت

ئىسلام نۇرغۇن ھېكمەتلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى ۋە ئۇلار ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ﴿وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَى فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَى وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلَّا تَعُولُوا﴾ ﴿ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر»[22]. 

كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ رۇخسەت بولۇشى ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشقا، ھەق - ھوقۇقلىرىنى كېمەيتىشكە يول ئېچىپ بېرىش دېگەنلىك بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ياشاڭلار﴾[23]. كىمكى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەرك ئېتىدىكەن چوقۇم زالىم بولىدۇ، ئادالەتتىن چەتنىگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرلەرنى ئاياللىرى ئارىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مَن كانتْ له امرأتانِ فمال إلى إحداهما جاء يومَ القِيامةِ وشِقُّهُ مائلٌ» «كىمكى، ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە بەكرەك مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى مايىل ھالدا كېلىدۇ»[24].

پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئادالەت

پەرزەنتلەر ئاللاھ بەرگەن نېمەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىپ بۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش توغرا بولمايدۇ. پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇش مۇئامىلىدە، خىراجەت قىلىپ بېرىشتە، ئوقۇتۇشتا، ھەديە - سوغات بېرىشتە ئادىل بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىش ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت، دۈشمەنلىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە بۇ ئىش ئۇلار ئارىسىدا سىلە - رەھىمنىڭ ئۈزۈلۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا - ئانىلارنى پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «اتَّقوا اللهَ، واعْدِلُوا بينَ أولادِكمْ» «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاۋلادلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار»[25].

داۋاگەرلەر ئارىسىدا ئادالەت

قازىنىڭ داۋاگەرلەرگە قاراشتا، تەبەسسۇم قىلىشتا، ۋاقىت بېرىشتە، خىتاب قىلىشتا ۋە ھەر ئىشتا ئادىل بولۇشى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئادىل بولغۇچىلارنى قيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ يېنىدا نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە ئولتۇرغۇزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «إنَّ المُقْسِطِينَ عِنْدَ اللهِ علَى مَنابِرَ مِن نُورٍ، الَّذِينَ يَعْدِلُونَ في حُكْمِهِمْ وأَهْلِيهِمْ وما ولوا» «ھۆكۈم قىلىشتا ئادىل بولغانلار، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلغانلار ئاللاھنىڭ ھۆزۇرىدا نۇردىن بولغان مۇنبەرلەر ئۈستىدە بولىدۇ»[26].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادالىتىدىن بەزى ئۆرنەكلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئادىلى ئىدى. ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ۋە كۈچلەندۈرۈلگەن پەيغەمبەر بولۇش ئېتىبارى بىلەن، ھەممە تەرەپلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ زاتنىڭ ئادالەتلىرىدىن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئادالىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئارىسىدا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئادىللىق قىلاتتى. ئاندىن قۇدرەت دائىرىسىدە بولمىغان ئىشلاردا يەنى ئاياللىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن بەكرەك ياخشى كۆرۈشتە رەببىنىڭ جازاغا تارتماسلىقىنى تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اللَّهمَّ هذا قسمي فيما أملِكُ، فلا تَلُمْني فيما تَملِكُ ولا أملِكُ» «ئى ئاللاھ، بۇ مېنىڭ مەن ئىگە بولالايدىغان نەرسىدىكى تەقسىماتىمدۇر، سەن ئۆزەڭ ئىگە بولىدىغان، مەن ئىگە بولالمايدىغان نەرسىدە ماڭا كايىمىغايسەن»[27].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئادالىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقا ئىنسانلار ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «وَايْمُ اللهِ لو أنَّ فَاطِمَةَ بنْتَ مُحَمَّدٍ سَرَقَتْ لَقَطَعْتُ يَدَهَا» «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىنى كېسىمەن»[28].

ئادالەتنىڭ مېۋىلىرى

ئادالەتنىڭ مېۋىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. ئادالەت ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقْسِطُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ «(ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولغانلارنى دوست تۇتىدۇ»[29].

2. ئادالەت زالىمنى زۇلۇمدىن قايتۇرىدىغان، مەزلۇمنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئېلىپ بېرىدىغان، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان يولدۇر.

3. ئادالەت ئەمەلدار بىلەن پۇقرا ئارىسىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ.

4. ئادالەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. جەمئىيەتكە ئامانلىق، خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ.

خۇلاسە:

ئىسلامدىكى ئادالەت − ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى كېمەيتمەستىن ياكى زىيادە قىلماستىن تولۇق بېرىدىغان ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان؛ مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەت تەۋەلىرى، باشقا دىن ئېتىقادچىلىرى، ھەتتا دۈشمەنلىرىگىمۇ ئادىل بولۇشقا چاقىرىدىغان، ئادالەتتىن چەتنەپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغان، ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشنى تەقۋالىق دەپ سانايدىغان؛ ئاللاھ تائالانىڭ ئاسماندىن كىتاب نازىل قىلىشىنىڭ، پەيغەمبەر ئەۋەتىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە تەكىتلەنگەن؛ دۇنياغا ئىسلامنىڭ تېز تارقىلىشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بولغان ئەڭ مۇكەممەل ئادالەتتۇر.

ئىسلامدىكى ئادالەت − پەقەت ھەق - ھوقۇق مەسىلىسىلا بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ساغلام مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.

ئادالەتتىن زۇلۇمغا، ھەقتىن ناھەقچىلىققا، رەھمەتتىن شەپقەتسىزلىككە چەتنەپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە، تەۋىل قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتكە كىرگۈزۈۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەرگىز شەرىئەتتىن سانالمايدۇ.

ئادالەتتىن چەتنەش بىخەتەرلىكنىڭ يوقىلىشى، ھەق - ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشى، مەھكىمىلەرنىڭ ئېتىبارسىزلىشىشى قاتارلىق نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ، مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھالاك بولۇشىغا؛ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. جەمئىيەتتە ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىسلامدىكى ئادالەت ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئائىلىۋى ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. ئىنساننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى ئادالەتكە موھتاج بولىدۇ.

ئاللاھ بىزلەرنى ئادىل بولۇشقا، ئادالەت ئىچىدە ياشاشقا، ھەممە تەرەپنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىدىغان ئادالەتلىك ئائىلە، ئادالەتلىك جەمئىيەت، ئادالەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.

 

***
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان

 


[1] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[2] مائىدە سۈرىسى، 8-ئايەت.

[3] ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت.

[4] إعلام الموقعين (4/283).

[5] نىسا سۈرىسى، 58-ئايەت.

[6] نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت.

[7] ئەنئام سۈرىسى، 152-ئايەت.

[8] بەقەرە سۈرىسى، 282-ئايەت.

[9] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[10] كەھف سۈرىسى، 59-ئايەت.  

[11] ھەج سۈرىسى، 45-ئايەت.  

[12] نظرة في مفهوم الإرهاب والموقف منه في الإسلام، صفحة 39.

[13] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[14] ئىبنى ھىشامنىڭ تەرجىمەھالى 240-بەت.

[15] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[16] رواه الألباني، في السلسلة الصحيحة، عن أشياخ من قوم حبان بن واسع، الصفحة أو الرقم: 808، إسناده حسن.

[17] جامعة المدينة العالمية، السياسة الشرعية، صفحة 390.

[18] مائىدە سۈرىسى 8-ئايەت.

[19] نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت.

[20] رواه شعيب، في تخريج المسند، عن رجل من الصحابة، الصفحة أو الرقم:23489، إسناده صحيح.

[21] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[22] نىسا سۈرىسى 3-ئايەت.

[23] نىسا سۈرىسى، 19-ئايەت.

[24] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

[25] ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.  

[26] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[27] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام نەسەئىي رىۋايىتى.

[28] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[29] ھۇجۇرات سۈرىسى، 9-ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر