ئىماننىڭ ھالاۋىتى ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھالاۋەت — لەززەت، زوق، راھەت –پاراغەت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىماننىڭ ھالاۋىتى بىلەن ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرى پەرقلىق بولۇپ، ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كىتابلاردىن ئوقۇش، ئۇستازلاردىن ئۆگىنىش، ئۆلىمالارنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى ئوقۇپ، ئۆگىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلىٍش بىلەنلا تېتىغىلى بولىدۇ. ئىماننىڭ ھالاۋىتى ئىنساننى ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىككە ئېلىپ بارىدىغان، كۆڭلىنى راھەتلەندۈرىدىغان، قەلبىنى تىنچلاندۇرىدىغان شىپادۇر. شەكسىزكى، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ثَلَاثٌ مَن كُنَّ فيه وجَدَ حَلَاوَةَ الإيمَانِ: أنْ يَكونَ اللَّهُ ورَسولُهُ أحَبَّ إلَيْهِ ممَّا سِوَاهُمَا، وأَنْ يُحِبَّ المَرْءَ لا يُحِبُّهُ إلَّا لِلَّهِ، وأَنْ يَكْرَهَ أنْ يَعُودَ في الكُفْرِ كما يَكْرَهُ أنْ يُقْذَفَ في النَّار» «كىمكى ئۇنىڭدا ئۈچ خىسلەت بولسا، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭغا ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى، بىراۋنى ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى ۋە كۇفرىغا يېنىشنى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەك يامان كۆرۈشىدۇر» . ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەدىسنى يۈزەكى چۈشىنىدۇ، مەسىلىگە ناھايىتى ئاددىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ھالبۇكى، مەسىلە بۇنداق ئاددىي ئەمەس. دۇنيادىكى ئىككى مىلياردقا يېقىن مۇسۇلماننىڭ ھەممىسىدىن بۇ سوئالنى سورىساق، ئۇلار ئەلۋەتتە «بىز ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمىز» دەيدۇ. ئەمما شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۆيگۈسى زىتلىشىپ قالغاندا، ھەممىلا ئادەم شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟ ھەممىلا ئادەم «مەن ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن» دېگەن پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالامدۇ؟ بىرەر مۇئمىننىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۆزىنىڭ ياكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كەلگەندە، ھەممىلا ئادەم ئاسۇ مۇئمىن ئادەمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرالامدۇ؟
ئۆلىمالار يۇقىرىقى ھەدىسنى مۇنداق شەرھلەيدۇ:
ھەدىستىكى «ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈشى» دېگەننىڭ مەنىسى: ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى ئەمر-پەرمانلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلەردىكى كۆرسەتمىلىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈش، ئۇنى ھەممىنىڭ ئالدىدا قويۇش، قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇيرۇلغانلارغا زىت كەلگەن ۋاقىتتا، شەخسىي مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ، قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر.
«بىراۋنى ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى» دېگەننىڭ مەنىسى: بىراۋنى ياخشى كۆرۈشتە، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشتا ۋە ئۇنىڭغا تەرەپدار بولۇشتا، ئۇنىڭ ئۆز يېقىنى بولغانلىقى ياكى بايلىقى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، مەنسىپى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى، ئۇ كىشىگە بولغان مۇھەببىتى ئۆزىنىڭ ياكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كەلگەن تەقدىردىمۇ، شەخسىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ ئۇ كىشىنىڭ ھەققىنى قوغدشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماسلىقى ۋە ھەقسىزلىق قىلماسلىقى دېگەنلىكتۇر.
«كۇفرىغا يېنىشنى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەك يامان كۆرۈشى» دېگەننىڭ مەنىسى: ئىمانىنى جان تىكىپ قوغدىشى، ئىماننىڭ قەدرىگە يېتىشى، ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق مەنپەئەتىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرۈشى، ئىمانىغا زىت كېلىدىغان بىر ئىشتا ئۆزى ياكى ئائىلىسى ئۈچۈن ھېسابسىز كاتتا مەنپەئەت بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. ساھابىلەرنى ساھابە قىلغان، ئۇلارنىڭ زىكرىنى قەلبلەرگە نەقش قىلغان نەرسە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىمانىدىكى مۇستەھكەملىك ئىدى. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغانلاردىن قىلغاي، ئامىن.