ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولىدىغانلار ئۈمىدنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى لازىم.
(1) ئۈمىد قىلغان نەرسىگە مۇھەببەت باغلاش
(2) ئۈمىد قىلغان نەرسىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن خەۋپسىرەش
(3) ئۈمىد قىلغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تېرىشچانلىق كۆرسىتىش
يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى ئۆزىدە ھازىرلىمىغان ئۈمىد قۇرۇق ئارمان ھېسابلىندۇ. ئۈمىد بىلەن ئارمان تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئۈمىد قىلغان ئادەملەر ئۈمىد قىلغان نەرسىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن خەۋپسىرەيدۇ. خەۋپسىرىگەن يولۇچى كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «(كىچىكىپ قېلىشىتىن) قورققان ئادەم قاق سەھەردە ماڭىدۇ، سەھەر يولغا چىققان ئادەم مەنزىلگە يېتىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ ماللىرى قىممەتتۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ مېلى جەننەتتۇر.»[1]
ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنى ئۈمىدۋار دەپ سۈپەتلىدى. شۇنىڭدەك يەنە خەۋپسېرەش تۇيغۇسىغا ئىگە دەپمۇ سۈپەتلىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۈمىدۋارلىق ۋە مەنپەئەتلىك خەۋپسېرەش تۇيغۇسى ياخشى ئەمەل بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندىلا ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر، پەرۋەدىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر، سەدىقە بېرىدىغان، ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر-ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر.»[2]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار (يەنى يۇقىرىقى ئايەتتە سۈپەتلەنگەن كىشىلەر) ھاراق ئىچىدىغان، زىنا قىلىدىغان، ئوغرىلىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، ئى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. لېكىن ئۇلار روزا تۇتىدىغان، ناماز ئۆتەيدىغان، سەدىقە قىلىدىغان ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىدىن خەۋپسىرەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، دەپ جاۋاب بەردى.»[3]
ئاللاھ تائالا سائادەتمەن، بەختلىك ئادەملەرنى خەۋپسىرەش تۇيغۇسى بىلەن تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، دەپ سۈپەتلىگەن بولسا، بەدبەخت، شەقىي ئادەملەرنى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا خاتىرجەم ھالدا قىلىۋېرىدۇ، دەپ سۈپەتلىدى.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر