ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
كۇپرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
نىزامىددىن تەمكىنى
بىر قىسىم ئىنسانلار مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاياتى جەريانىدىن خەۋەرسىز، ئاڭسىز ھالدا ياشاشنى (ئىلاھى قانۇنىيەت ئاساسىدا) داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ياراتقان ئىگىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقلىنى، زېھنىنى ۋە سەزگۈ قابىلىيىتىنى ئىشلەتمەستىن، ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
كۇپرىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى، يوشۇرماق، يۆگىمەك، پەردىلىمەك دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى (يارىتىلىشىدىكى) ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ. (چۈنكى ئىنسان پىترەت ئۇستىگە تۇغۇلىدۇ) ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ، ئەزالىرى، مۇسكۇل ۋە نېرۋىلىرىنىڭ ھەربىر تالاسى تەبىئي قانۇنىيەتكە بوي سۇنغان ھالدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۈرمەكتە.
كۇپۇر، جاھالەت (بىلىمسىزلىك، نادانلىق) نىڭ ئۆزى دېمەكتۇر. كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە بىردىن بىر ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەئالانى بىلمەسلىكتىنمۇ بۈيۈك جاھىللىق ۋە نادانلىق بولماس!. ئىنسان ئەتراپىدىكى تەبىئەتنىڭ چەكسىز مەنزىللىرىنى، كېچە-كۈندۈز توختىماستىن ئىشلەۋاتقان ئاجايىپ تەبىئەت مېخانىزىمىنى ھەمدە كائىناتنىڭ ھەر يىرىدە ئاشكارا مەۋجۇد بولغان بۈيۈك مەۋجۇداتلارنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بۇلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنى تونۇماسمۇ!؟، مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئىشلەۋاتقان كەم كۈتىسىز بىر ئورگانىزمدىن ئىبارەت ۋۇجۇدىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى خالىغان مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. لېكىن، بۇلارنى ياراتقان قۇدرەتنى، بۇ مېخانىزىمىنى سېزىپ پىلانلىغان ئىنژېنېرنى تونۇمايدۇ ۋە ياكى تونۇشقا ئىنتىلمەيدۇ. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقى ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرگىنى يۈرگەن.
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئۇنىڭغا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئائىت بىلىملەرنى ئۈگۈنۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمىتىگە كۇپۇر قىلغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى» [ئال ئىمران سۈرىسى 117-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
دېمەك بىزنىڭ ھاياتتا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئىكەن، ئۇنداق بولغانىكەن، بىز نېمىشقا ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىمىزنى ئىسپاتلاشقا تىرىشمايمىز؟. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ.» [رەئد سۈرىسى 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھتىن ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ۋە ئۆز رەھمىتىگە نائىل قىلىشىنى سورايمەن.
باشقا خىزمەتلەر