ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئىختىلاپ ئاداۋەتكە ئېلىپ بارمىسۇن

ئىختىلاپ ئاداۋەتكە ئېلىپ بارمىسۇن
 ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

بۇ دۇنيادا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىر خىل پىكىردە، بىر خىل دىن ۋە بىر خىل ئېتىقادتا ياشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانلار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى، دىن ئىختىلاپى، بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق. ئىنسانلارنىڭ ئىختىلاپلىشىپ ياشىشى ھايات قانۇنىيەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر دىندا قىلاتتى، ئۇلار (دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن) ياراتتى.[1]

ئىختىلاپ - پىكرىي ئىختىلاپ، دىنىي ئىختىلاپ، تەنقىدلىنىدىغان ئىختىلاپ، ئالقىشلىنىدىغان ئىختىلاپ دېگەنلەرگە ئوخشىغان بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ بۇلارنىڭ پەرقلىرىنى ياخشى بىلىشى، ئۇلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، قېرىنداشلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان يامان ئىختىلاپلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشى، دىئالوگ مېتودىنى ۋە ئۇنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئىتتىپاقلىققا بولغان چاقىرىق ئىختىلاپنى تۈپتىن بىكار قىلىش ئۈچۈن ئەمەس

ئىسلام قېرىنداشلىققا، ئىتتىپاقلىققا تەشەببۇس قىلىپ، تەپرىقىچىلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئايرىلمىچىلىقلاردىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا ـ جۇداسەن.[2] ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار.[3] سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار.[4]

ئىجتىھاد قىلىش ۋە كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جايىز بولىدىغان مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار پىكىر بايلىقنىڭ مەنبەسى ۋە توغرا قارارغا يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇنداق ئىختىلاپلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەڭچىلىك ۋە رەھمەتتۇر. ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن.[5] دېگەن ئايىتى كەرىمىدىكى ئىشتا كېڭىشىش پىرىنسىپى بۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ تەنقىدلىنىدىغان ئىختىلاپلار ئەمەس، بەلكى ئالقىشلىنىدىغان ئىختىلاپلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىختىلاپ كۆپىيىپ كېتىپ ھۆكۈم ئېنىق بولماي قېلىپ، چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقمىسىلا، بەزى ئەھكاملاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپلار ئۈممەت ئۈچۈن كەڭچىلىك ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەيلەن كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا كىتابۇلئىختىلاپ دەپ ئىسىم قويغاندا، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا كىتابۇئەسسىئە يەنى كەڭچىلىك كىتابى دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى ھەر ئىككى ئاتالغۇ بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېگەن ئىكەن. بەزىدە ھۆكۈمنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ئاللاھنىڭ مۇئمىن-مۇسۇلمانلارغا بولغان كەڭچىلىكى ۋە رەھمىتىدۇر.[6]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھىم ئىشلاردا ساھابىلىرىغا مەسلىھەت سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئالاتتى، پىكىر ئىختىلاپلىرىنى تەنقىد قىلمايتتى، بەزىدە بىر - بىرىگە قارشى ئىككى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ھېچ بىرىگە ئېتىراز بىلدۈرمەستىن ياكى كۈچلەندۈرمەستىن سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكىرىنى قوللايتتى، توغرىسىنى ۋە ھەقىقەتنى تېپىش ئۇلارنىڭ غايىسى ئىدى. مەسىلەن: بۇخارى ۋە مۇسلىمدە بايان قىلىنغاندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن ئەسىر نامىزىنى مەدىنىدە ئوقۇپ يولغا چىققانلارغىمۇ ياكى بەنى قۇرەيزەگە بېرىپ ئوقۇغانلارغىمۇ كايىمىغان ئىدى. بۇ، شەرىئەت دائىرىسىدە ۋە ئىجتىھاد بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلاردىكى ئىختىلاپلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەيھىسسالامنىڭ مۇئمىن-مۇسۇلمانلارغا بەرگەن مۇھىم تەلىماتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلىپە سايلاش مەسىلىسى، زاكات بېرىشتىن باش تارتقانلارنى بىتەرەپ قىلىش مەسىلىسى، قۇرئان كەرىمنى توپلاش مەسىلىسى قاتارلىقلارغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە ساھابىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن چىرايلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىنغان ئىدى، يەنە بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا دىنىي قېرىنداشلىقنى، بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامنى يوقاتمىغان ئىدى.

تابىئىنلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارمۇ ئۇلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىققا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئىدى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىختىلاپلار ئاساسەن قېرىنداشلىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، تەپرىقچىلىققا سەۋەب بولىدىغان ئىختىلاپلاردۇر. قېرىنداشلىق كاتتا نېمەت ۋە رەھمەتتۇر، تەپرىقچىلىق چوڭ مۇسىبەت ۋە ئازابتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىن-مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ دىندا قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ناۋادا ئۇلار ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دەرھال تۈزەشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.[7]

ئەپسۇسكى بىز بۈگۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مەندىن كېيىن ياشىغانلار كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. دېگىنىدەك، كۆپ ئىختىلاپلار يۈز بېرىپ، قېرىنداشلىق ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. ئىلاھى، كىتابى، پەيغەمبىرى، قىبلىسى، تىلى ھەتتا نىشانى بىر بولغان ئىككى مۇسۇلمان ياكى ئىككى جامائەتنىڭ ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسى مەسىلىلىرىدە ئەمەس، بەلكى ئىجتىھاد ۋە تالاش-تارتىشنى قوبۇل قىلىدىغان تارماق مەسىلىلىرىدە ۋە ياكى نىشانغا يېتىش ۋاسىتىلىرىدە ئىختىلاپلىشىش نەتىجىسىدە، ئىنساپ ۋە ئادالەتنى ئۇنتۇپ، بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈۋاتقانلىقىغا، بىر-بىرىنى ئازغۇنلۇققا، پاسىقلىققا ھەتتا كاپىرلىققا چىقىرىشىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ۋەھالەنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى پىكىر ئىختىلاپچىلىرى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان ئېتىقاد ئىختىلاپچىلىرىدىن سۆزلىرىگە دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، خرىستىيانلار خرىستىيان بولمىغان ئادەم ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار، دېگىن.[8]

ئاللاھ تائالا بۇ ئايىتى كەرىمىدە، پەيغەمبىرىنى ئىختىلاپلاشقۇچىلار خاتا ئېتىقادتىكى كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇق، پاسىقلىق ۋە كاپىرلىق قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەشتىن يىراق بولغان ھالدا، ئۇلاردىن سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق، ئىختىلاپلاشقۇچىلارغا ئىنساپ ۋە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەخلاقىنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەف سالىھلار داۋاملىق سۆزلىرىگە دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ سۆزلەيتتى، قارشى پىكىردىكىلەردىنمۇ سۆزلىرىگە دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى.

ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، قارىغۇلارچە مۇنازىرىلىشىشتىن ساقلىنىپ، قارشى تەرەپتىن ھەربىر سۆزىگە دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئىسلام پىكىردە باشقىلارنىڭ سايىسى بولماستىن مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا، ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە دەلىل-پاكىتقا تايىنىشقا، ئىختىلاپلاشقۇچى باشقا پىكىر ھەتتا باشقا دىندىكى كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا، چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىشكە، ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلامغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.[9]

ئىنسان بەزىدە خالاپ-خالىماي باشقىلار بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىنساننى ئازدۇرۇشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن شەيتان دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئارىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنى قىزىقتۇرىدۇ. قېرىنداشلىقنىڭ كۈچىيىشى شەيتاننى بىئارام قىلغىنىدەك، ئۇنىڭ بۇزۇلۇشى شەيتاننى قاتتىق سۆيۈندۈرىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: شەيتان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (بۇزۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنى) قىزىقتۇرۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىدى.[10]

ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدە بۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان ئىللەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.[11]

يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن، چىراي تۇتۇق بولۇپ قالغانلارغا تەبەسسۇم قىلىش بىلەن، يۈز ئۆرۈگەنلەرگە سالام قىلىش بىلەن تاقابىل تۇرغىنىمىزدا، ئارىمىزدا ئاداۋەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان شەيتاننى قوغلىۋېتەلەيمىز.

يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى سەۋرلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا شەيتان بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سالىدۇ، لېكىن سەۋرلىك ۋە كۈچلۈك ئىرادىغا ئىگە نېسىۋېلىك ئادەم شەيتان ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ.[12]

يولسىزلىق قىلغانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغان، يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلغان تەقۋادارلار چوقۇمكى ئۆز ئاكىلىرى تەرىپىدىن يولسىزلىققا ئۇچرىغان يۈسۇف ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپىتىگە نائىل بولغاندەك، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئېسىل مۇكاپاتلارغا نائىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.[13]

ئىختىلاپلاشقۇچىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ بەزى قائىدە يوسۇن ۋە ئەدەب - ئەخلاقلىرى:

1- ئىختىپلاشقۇچىغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش. ئىختىلاپ ئىنساپسىزلىققا ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. ھەسەت ۋە ئىنساپسىزلىق پىتنە-پاساتقا، جېدەل-مەجرالارغا ۋە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) پەقەت ئۆزلىرىگە (ئىسلامنىڭ ھەقلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدىكى) ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى.[14]

2- ئىختىلاپتىن كېلىپ چىقىدىغان پايدا-زىياننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئىشى شەرىئەتكە كۆرە، قارشى تۇرۇشنى ۋە ئىختىلاپلىشىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىش بولغان تەقدىردە، نەخ مەيداندا قارشى تۇرۇش ۋە ئىختىلاپلىشىشنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدا-زىيىنىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ ئىش قىلىش كېرەك. يامان ئىشقا قارشى تۇرىمەن ۋە يامان ئىش قىلغانلار بىلەن ئىختىلاپلىشىمەن دەپ ئۇنىڭدىنمۇ يامان ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئاچماسلىق كېرەك. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ.[15]

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يامان ئىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنىڭ كېلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامان ئىشقا قارشى تۇرۇشنى يولغا قويغان، يامان ئىشقا قارشى تۇرۇش ئۇنىڭدىنمۇ يامان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشقا سەۋەب بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇ مەيداندا قارشى تۇرۇش جايىز بولمايدۇ.[16]

3-ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ۋە مۇددىئاسىنىڭ نېمىلىكىنى ياخشى بىلىش. ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىن ۋە ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەستىنلا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىگە ئۆتۈش قەتئىي توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئىنساپسىزلىق بولۇپ، ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار دېيىلگەندەك، بەزى سۆزلەر سۆز ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئىزاھلاشقا مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئاۋۋال قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلەش لازىم بولىدۇ.

4- كېيىن پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن، ئاۋۋال ئېنىقلاش. كۆپىنچە ئىختىلاپ باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا يۈز بېرىدۇ، ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى خەۋەرنى ئاۋۋال ئېنىقلاپ كۆرۈشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.[17]

5- ئىختىلاپلاشقۇچىغا قارىتا يامان گۇماندا بولۇشتىن ساقلىنىش. ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇل ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ پىكىر قىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىردىنمۇ ياخشى ۋە پايدىلىق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلماي ئىختىلاپلىشىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىگە قارىتا يامان گۇماندا بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى يامان گۇمانلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر.[18]

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: مۇئمىن قېرىندىشىڭىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزىگە قاراپ، ئۇنىڭغا ھەرگىز يامان گۇماندا بولماڭ، سىز چوقۇم ئۇنىڭ سۆزىدە ياخشىلىق بارلىقىنى ئالدىرماي بىلىپ قالىسىز.[19]

6- ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ ئېغىزىدىن ھەق سۆز چىقسا، ئۇنىڭ ھەق سۆزىگە باش ئېگىش. ئىختىلاپلاشقۇچى قانداق ئىنسان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەق ۋە توغرا گەپ قىلسا، ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى ھەقنى قوبۇل قىلىش مۇئمىن-مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

7- ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ ئەيىب ۋە خاتالىقلىرىنى يېپىش. بەزىلەر پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئىختىلاپلاشقۇچىنىڭ كونا-يېڭى ئەيىب ۋە خاتالىقلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلماقچى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئىسلام ئەخلاقىغا زىت بولغان چوڭ خاتالىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقىلارنىڭ ئەيىب ۋە خاتالىقلىرىنى يېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ (ئەيىب ۋە خاتالىقلىرىنى) ياپىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ (ئەيىب ۋە خاتالىقلىرىنى) ياپىدۇ.[20]

8- ئىختىلاپ چىقماسلىققا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىرىشىش. تىرىشقان بولسىمۇ، يەنە ئىختىلاپ چىققان تەقدىردە، ئىختىلاپ بولغان مەسىلىنى دەرھال قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەرگە سېلىپ، ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئالدىراش، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىگە مۇتلەق بويسۇنۇش.

9- ئىزاھلاشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەردە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرا ۋە خاتالىق ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆز پىكرىدە مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق.

10- ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى ياخشى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بىر-بىرىگە يول قويۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇنازىرىدە چوڭقۇرلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش، سىلىق ۋە چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش، قوپال ۋە قەبىھ سۆزلەردىن يىراق بولۇش ئارقىلىق ئىسلام ئەدەب-ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىش.

ئاخىرىدا، ئىجتىھاد ۋە تالاش-تارتىشنى قوبۇل قىلىدىغان تارماق مەسىلىلەردە ۋە ياكى نىشانغا يېتىش ۋاسىتىلىرىدە ئىختىلاپلىشىش نەتىجىسىدە، ئىنساپ ۋە ئادالەتتىن چەتنەپ، بىر-بىرىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۋاتقان، بىر-بىرنىڭ پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىشۋاتقان بىر-بىرىنى ئازغۇنلۇققا، پاسىقلىققا ھەتتا كاپىرلىققا چىقىرىشىۋاتقان مۇئمىن - مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئۈستىدىكى دىنىي قېرىنداشلىق ھەققىنى ئادا قىلىشقا، ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئۇلارنى ئىنساپسىزلىققا، ئۆچمەنلىكنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىققا چاقىرىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.[21]