ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

(1)

دوكتور ئالىمجان بۇغدا

زامانىمىزدا تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھايات دائىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمۇ كۆپەيدى ۋە ھەرخىللاشتى. مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ  كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىدە يولۇققان يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن، بولسا مۇپتى، داموللام، بولمىسا ئەتراپىدا دىنىدىن ۋەز ئېيتقان ئاخۇنۇم، خەلپىتىم، قارىم، دوكتور، پروفېسسور، ئاخۇنۇم سۈپەت... قىسقىسى دىن نامىدىن گەپ قىلىدىغان كىم بولسا ئۇنىڭدىن، ئۇمۇ بولمىسا «گوگېل»دىن ئىبارەت «مەۋھۇم داموللام» دىن سوراپ مەسىلىنىڭ دىنىي جاۋابىنى تېپىپ ئۇنىڭغا كۆرە ئەمەل قىلىشقا تىرىشماقتا.

ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەيلى دۇنيالىق ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدا بولمسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدا بولمسۇن، بارلىق ئىشى ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى جانابى ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە ھەر ئىنساننىڭ قىلغان بارلىق ئىشىنىڭ ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىغا كۆرە سوئال سوراققا تارتىدۇ. ئىسلام دىنىغا ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئىش قىلغانلار جەننەتكە،ئۇيغۇن ئىش قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بۇنداق مۇھىم ۋە چوڭ بىر ئىشتا، مەيلى نورمال ئىسلامى ھاياتىنى ياشىغان ۋە بىلمىگەنلىرىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن «پەتىۋا سورىغۇچى» مۇسۇلمانلار ئاممىسى ۋە پەتىۋا بەرگۈچى «مۇفتى» ئۆلىمالار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىققەت قىلىشى لازىم بولغان بەزى مەسىلىلەر بار.

ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغان ۋە تازا ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ ئۆز ئىچىدىن ھاكىمىيىتى بار بولغان مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈن، پەتىۋاغا دائىر مەسىلىلەر بەك جىددىي بىر مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى دۆلىتى ۋە ھاكىمىيتى ھېچ بولىمىغاندا ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، قوغدايدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەتىۋا مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇھىم بىر مەسىلە. مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مۇستەقىل ھاكىمىيىتىمىزنىڭ يوقلۇقى، يەنە كېلىپ دىنسىز، ئەخلاقسىز خىتايدىن ئىبارەت ئەڭ ئىپلاس بىر مىللەت ۋە پاشىست كوممۇنىستىك بىر ئىدارىنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولۇپ قېلىشىمىز، مەۋجۇتلۇقى ئىسلام دىنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بىر تەرەپتىن كومېنىست خىتايلارنىڭ بار كۈچى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملېكىنى ۋە ئۆزگىچىلېكىنى شەكىللەندۈرگەن دىنىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ دىنىدىن ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمەي بار كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى، خىتاينىڭ ئۇ قەدەر قاتتىق بېسىمى ۋە ئىنتايىن ناچار شارائىتلار ئاستىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىنىنى ئۆگەنگەن ئۆلىمالىرىمىز، ئاشۇ ئىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ خىزمەت قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتە خىتاينىڭ مەكتەپلىرىدە ۋە ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، خىتاينىڭ قول چوماقچىلىقنى قىلىۋاتقان بەزى مانقۇرت ئۇيغۇرلار بىلەن، خىتاي زومىگەرلىرىنىڭ دىننى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بەزى كەمچىللىكلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان ئاتالمىش بەزى زىيالىيلار. يەنە بىر تەرەپتە، چەتئەللەردە يىللارچە دىنىي ساھەلەردە ئوقۇپ، ئالىم، ئەللامە، ئۆلىما ۋە دوكتۇر ئۇنۋانى ئالغان، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي پاشىستلىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىنى تامامەن يوق قىلىۋاتقان، دىنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىجتىمائىي ھاياتىنى پۈتۈنلەي ياتلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرشقا ئۇرۇنۇۋاتقان سۈيقەستلىرىنى كۆرمەستىن ۋە نەزەرگە ئالماستىن ئۆزى يېتىشكەن مۇھىت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان بەزى ئۆلىمالىرىمىز.  يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىگە قىلچە ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا، ئالدىغا قايسى بىر يازغۇچىنىڭ كىتىابى چىقىپ ئۇنىڭدىن تەسىرلەنسە، دەرھال ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش پىدائىيسى بولۇۋاتقان ۋە ئەڭ رادىكال پەتىۋالارنى بەس- بەستە تور- تورلاردا، دەرھال ئېلان قىلىپ، دەرھال خەلقىگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان داموللام ۋە ئۆلىمالىرىمىز. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، دىنىمىزنى ھاياتىمىزدا توغرا شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا توغرا پوزىتسىيەدە بولۇش، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېتەكلەىش ھەقىقەتەن بەسى مۈشكۈل. مەن بۇ يەردە مەسىلىنىڭ جەريانى ياكى مەسىلىلەرگە سىياسى مۇلاھىزە ئېلىپ بارمايمەن. پەقەت ھەربىر مۇسۇلمان دۇچ كەلگەن ھەرقانداق دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا بەرگەن مۇپتىلىرىمىزنىڭ ۋە دىنى مەسئىلىلەردە سوئال سورىغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلماقچى.

بۇرۇنقى زامانلاردا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش، بۇنىڭ ئىچىدىن ئسلام فىقھىگە مۇناسىۋەتلىك  ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ئالدىدا يىللارچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان، ئوقۇغان داموللام ۋە ئۇ مەدرىسىنىڭ ئىلمى تۆۋەن بولۇپ قالغان بولسا، شەھەر ئاتلاپ، ھەتتا مەملىكەت ئاتلاپ داڭلىق ئالىم ۋە مەدرىسە ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىدىغان ۋە ئۇستازلىرىدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن داموللاملىق قىلىدىغان، فىقھە ۋە شىەرىئەت ئىلمىگە ۋاقىپ ۋە لاياقەتلىك بولغانلار مۇپتىلىق قىلىدىغان بىر ئەنئەنە بار ئىدى. زامان تەرەققى قىلىپ مەدرىسىنىڭ ئورنىنى يېڭى دىنىي مەكتەپلەر ۋە فاكۇلتېتلەر ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، نورمال بىر دىنىي مەكتەپنى ئوقۇپ كېچىككىنە ئەرەبچە مۇتالىئەسى چىققان، ياكى ئىسلامىي فاكۇلتېتلىرىنى 5 يىلدا تۈگىتىپ بىرئاز دىنىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن بىر قانچە ئۇستازنىڭ سۆھبىتىدە بولغان، ياكى بىر ئىككى يىل ئەرەبچە ئۆگەنگەن، ياكى تەرجىمە قىلىنغان بىر قانچە دىنىي كىتاپ ئوقۇغان ياكى ئوقۇمايلام ئۆز ئەقلى بىلەن مۇنداق بولۇشى كېرەكتى دەپ ئويلىغان، .... قىسقىسى ھەممە ئادىمىمىز ھەر مەسىلىدە ئەھكام كېسىدىغان، دىنىي مەسىلىدە پەتىۋا بېرىدىغان بولۇپ كەتتى.

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىم بولغان ۋە ئاخىرەتتە سوئال – سورىقى بولىدىغان مەسىلىلەردە ھەممە ئادەم دىن نامىغا، ئاللاھ نامىغا ۋە پەيغەمبەر نامىغا ھۆكۈم بايان قىلىش، پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگىمۇ؟ بۇ قەدەر ئەھمىيەتلىك بىر مەسىلىدە ئىسلام كىملەرگە ۋە قايسى سۈپەتتىكى كىشىلەرگە ئەھكام بايان قىلىش ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى تونىدى؟ ئەھكام بايان قىلىش ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيتى بولمىغانلارنىڭ ئەھكام بايان قىلىشىنىڭ ۋە پەتىۋا بېرىشىنىڭ گۇناھى قايسى؟ بەرگەن پەتىۋالىرى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟.... قاتارلىق سوئاللار ۋە جاۋابلىرى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەرنى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر ۋە ئۆزۈر قوبۇل قىلمايدۇ.

ئىسلام شەرىئىتىدە پەتىۋا، ھەر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە شەرئىي جەھەتتىن سۆز ياكى يازما ھالەتتە ھۆكۈم بايان قىلىش دېمەكتۇر.  ئىسلام فىقھى ئىلىمىدە سورالغان دىنىي بىر مەسىلىگە جاۋاپ بەرگۈچى ۋە پەتىۋا بەرگۈچى «مۇفتى»، سوئال ۋە پەتىۋا سورىغۇچى «مۇستەفتى»، پەتىۋا بېرىش ئىشنىڭ ئۆزى بولسا «ئىفتا» دەپ ئاتىلىدۇ. پەتىۋا ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدىكى بىرقانچە ئايەتتە تەكرارلانغان «يَسْتَفْتُونَكَ/يُفْتِيكُمْ (پەتىۋا سوراۋاتىدۇ، سىلەرگە پەتىۋا (ھۆكۈم) بېرىدۇ)»[1] دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان.

قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەردە جانابى ئاللاھ، ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغان/سورالماقچى بولغان )يَسْتَفْتُونَكَ/يَسْأَلُونَكَ( «سەندىن پەتىۋا سوراۋاتىدۇ»، «سوئال سوراۋاتىدۇ»[2]  شەكىلدىكى سوئاللىرىغا )قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ( «دېگىنكى ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا (ھۆكۈم) بېرىدۇ»[3]  ئىپادىسى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەك ھۆكۈم قويغۇچى ۋە ھەقىقىي مەنىدە مۇپتى ئىكەنلېكىنى بايان قىلغان. يەنى ئىسلام شەرىئىتىدە ھەقىقىي مەنىدە مۇپتى، شارىئى مۇتلەق بولغان جانابى ئاللاھتۇر. ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەجازىي مەنادا«شارىئ/ئىلاھى ھۆكۈم قويغۇچى»، ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھىيگە ئاساسەن ھۆكۈم بايان قىلغۇچى، كەلگەن ھۆكۈمنى تۈنجى تەتبىق قىلغۇچى، ھۆكۈملەرنى شەرھىلەپ بەرگۈچى قىسقىسى ھەقىقىي پەتىۋا بەرگۈچى مۇپتىدۇر.

ئىسلام دىنى قىيامەتكىچە باقىدۇر ۋە ھۆكۈملىرىمۇ قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈملەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئاساسەن پىرىنسىپ خاراكتېرلىك ھۆكۈملەردۇر. پەيغەمبەر ئالايھىسسالام ھاياتتىكى ۋاقىتلاردا ھەر دىنىي مەسىلىگە ئىلاھى ۋەھيى ئارقىلىق ئۆزى جاۋاپ بېرەتتى. ساھابىلەرمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتگە تايانغان ئاساستا، ئانچە مۈنچە ئىجتىھاد قىلىپ پەتىۋا بېرەتتى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بەرگەن پەتىۋا ۋە ئىجتىھادلىرىنى تەستىقلىغان بولسا كۈچكە ئىگە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى بىر يەرگە ۋالى ياكى قازى قىلىپ يوللاشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىقھە ۋە شەرىئەت ئىلمىگە ئىگە ئەقلى ئۆتكۈر ۋە قابىلىيەتلىك بولغانلارنى تاللايتتى ۋە بەزىدە ئىمتىھانمۇ ئالاتتى.

مەشھۇر بىر ۋەقە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز دېگەن ساھىبىنى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) يەمەنگە ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن: «بىر مەسىلىگە دۇچ كەلسەڭ قانداق ھەل قىلىسەن؟» دەپ سورىدى. مۇئاز: «ئاللاھنىڭ كىتابى يەنى قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرئاندا ئۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم تاپالمىساڭ قانداق قىلىسەن» دېدى. مۇئاز: «سېنىڭ سۈننىتىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىنمۇ تاپالمىساڭچۇ؟» دەپ سورىدى. مۇئاز: «قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ ئىجتىھاد قىلىمەن» دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن»[4] دېدى .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن مىساللار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساسى پىرىنسىپ قىلغان ھالدا، مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەقەلەرگە، ھەر دەۋىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋا بېرىشىنى ۋە بۇ شەكىلدە ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

ئىجتىھادنىڭ، پەتىۋانىڭ داۋام قىلىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈم بەلگۈلىگۈچىلىك سۈپىتى (شارىئلىق سۈپىتى) داۋام قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا بېرىش ياكى دىنىي مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش، پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە (مۇپتى) بىرسى ئۈچۈن قانچىلىك ساۋاپلىق بىر ئىش بولغان بولسا، بۇ سالاھىيەتكە بولمىغان بىرىسى ئۈچۈن ئۇ قەدەر چوڭ گۇناھتۇر، ھەتتا ھارامدۇر. چۈنكى پەتىۋا بېرىش دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن ھۆكۈم بايان قىلىش دېمەكتۇر. پەتىۋا بەرگۈچى «مۇپتى» ھۆكۈم بەلگۈلىگۈچى بولۇش جەھەتتىن سوئال سورىغۇچى بىلەن جانابى ئاللاھ ئارىسىدىكى بىر ۋاسىتىدۇر. بۇ ۋاسىتە سايىسىدا مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر – پەرمان ۋە كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا دىننى ياشىتىدۇ. مۇپتىلىق باشقا بىر تەرەپتىن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئوخشايدۇ. يەنى «مۇپتى» دېمەك پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى، مۇتلەق قۇدرەت ئېگىسى ئاللاھ تائالانىڭ موھۇرى، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇنىڭ ئاپىرىدە قىلغان قۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈم بايان قىلىش جەھەتتىن ۋاسىتە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئىمام شاتىبى: «مۇپتى خەلق ئىچىدە پەيغەمبەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ»[5]  دېگەن.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشىمىز لازىمكى، پەتىۋا مۇسۇلمان خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا دۇچ كەلگەن ئىسلام شەرىئىتىگە ئائىت بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە ۋە ئىسلام دىننىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىش ۋە بايان قىلىش دېگەنلىكتۇر. پەتىۋا مەسىلىسدە پەتىۋاغا ئائىت مەسىلىنىڭ مەزمۇنى بىلەن پەتىۋا بەرگۈچى (مۇپتى) ۋە مۇجتەھىدنىڭ سالاھىيىتى بەكلا مۇھىمدۇر.

ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ (مۇپتى)، ئىسلام ئالىملىرى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان سۈپەت، قابىلىيەت ۋە شەرتلەرگە ئىگە ئىسلامىي مۇجتەھىد ئالىم بولىشى كېرەك. بۇ شەرتكە ئىگە بىر مۇجتەھىد يىڭى ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق دىنىي مەسىلىلەرگە ئىجتىھاد شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۆز ئالدىغا پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. مۇجتەھىدنىڭ يۈرگۈزگەن ئىجتىھادى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ھۆكۈمى ۋە بەرگەن پەتىۋاسى، پۈتۈنلەي قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسلانغان ھالدا جانابى ئاللاھىنىڭ مۇراد - مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولىشى لازىم. بۇ ئاساستا ئوتتۇرىغا چىققان شەرئىي ھۆكۈم ۋە بەرگەن پەتىۋا ئاللاھ دەرگاھىدا ۋە ئىسلام دىنىدا قىممەتكە ئىگە، ھەقىقىي پەتىۋا ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردىكى ئىجتىھاد، بىر مۇجتەھىدنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ، شەرىئەت بەلگۈلىگۈچى ئاللاھنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بارچە زېھنىي ۋە ئەقىلىي كۈچىنى سەرپ قىلىش، بۇ ئارقىلىق يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر مەسىلىدە، ئىسلام دىننىڭ ئەسلى مەنبەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي پىرىنسىپقا مۇۋاپىقلاشقان ئاساستا ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىشتۇر. ئەگەر پەتىۋا بەرگۈچى (مۇپتى) ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقارغۇدەك ئىسلامىي ئىلىملەردىن ۋايىغا يەتكەن، قابىلىيەتلىك ۋە مۇجتەھىدلىك مەرتىۋىسىدىكى بىر ئالىم بولمىغان بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ باشقا مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋا ۋە كۆرۈشلىرىنى نەقىل ئارقىلىق بايان قىلىشىغا بولىدۇ ۋە بۇنداق كىشىلەرگىمۇ مەجازىي مەنىدە «مۇفتى» دېيىشىگە بولىدۇ. ھەقىقى پەتىۋا بولسا ئىجتىھاد قىلىشنىڭ شەرت، ئۇسۇل ۋە قائىدىلىرىگە  ئۇيغۇن ھالەتتە مۇجتەھىدلىك شەرتىگە توشقان بىر مۇجتەھىد تەرىپىدىن بېرىلگەن پەتىۋادۇر.

ئىسلام شەرىئىتىدە ھۆكۈم بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى پەقەتلا جانابى ئاللاھقا خاستۇر. ئىجتىھاد قىلىش، پەتىۋا بېرىش مەسىلىسى يا بىر مۇجتەھىد ياكى مۇپتىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە بار بولغان بىر ھۆكۈمنى تېخىمۇ روشەن قىلىپ بايان قىلىشى ياكى بولسا سورالغان بىر مەسىلىگە پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىي قابىلىيىتى نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ھۆكمىنى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىسدا يورۇتۇپ بېرىشى دېگەنلىكتۇر. يەنى ئىجتىھاد قىلشتا بولسۇن ۋە ياكى پەتىۋا سورىغان مەسىلە ئۈستىدە بولسۇن مۇجتەھىدنىڭ ھۆكمى ۋە پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ (مۇپتى)نىڭ شەخسىي كۆزقارىشىنى ئەمەس، ئۇ مەسىلە ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ھۆكمى سورالماقتا. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇجتەھىد ئىجتىھاد قىلغاندا ياكى بىر مۇپتى پەتىۋا بەرگەندە دىندا ھۆكۈمى قەتئىي دەلىل بىلەن سابىت بولغان، بارلىق مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق قىلغان بىر مەسىلە ئۈستىدە يېڭىدىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش،  ئۆز بېشىمچىلىق  بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بار بولغان ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشى كۇپايىدۇر.

بۇ يەردە ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە قەتئىي دەلىل بىلەن ئىسپاتى بولغان ھۆكۈملەر قەتئىي ھۆكۈملەر بولۇپ،  ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ۋە تولۇق كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈملەردۇر. ئەمما مۇجتەھىد ۋە مۇپتىلەرنىڭ بەرگەن ھۆكۈملەرنىڭ بەزىلىرى قەتئىي ئەمەل قىلىش كېرەك بولغان ھۆكۈملەر بولغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى ئىجتىھاد خاراكتېرلىق (زەننى/گۇمانى) تولۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان مەسلىھەت خاراكتېردىكى ھۆكۈملەردۇر. يەنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئاساسى بولغان ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار ھۆكمىدە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر ئىسلام شەرىئىتىدە ھۆكمى سابىت ۋە قەتئى ھۆكۈملەر بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ھۆكۈملەرگە كۆرە ئېتىقاد ۋە ئەمەل قىلىشى شەرتتۇر ۋە پەرزدۇر. بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىش قاتتىق گۇناھتۇر. ئەمما مۇجتەھىد ۋە مۇپتىلەرنىڭ ئۆز ئىجتىھاد ۋە تىرىشچانلىقى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پەتىۋا ۋە ھۆكۈملەر، كۆزقاراش خاراكتېرلىق ھۆكۈملەر بولۇپ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغان بىر مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھادىنى ۋە يا بىر مۇپتىنىڭ پەتىۋاسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى باردۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللىمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كۆرە ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ[6]

تەكرار دېيىش توغرا كەلسە، پەتىۋا بېرىش مەسىلىسى مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇسۇلمانلىققا ئائىت مەسىلىلەرنى، جانابى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە شەرىئىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق ھالەتتە بايان قىلىش، يورۇتۇپ بېرىش، ھۆكمىنى ئىزاھلاشتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن سۆز قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىغا گەپ قىلىشتۇر. بۇنداق نازۇك، مۇھىم ۋە جىددى بىر مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلىش ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ۋە قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى ئۈچۈن قانچىلىك ساۋاپ بىر ئىش بولغان بولسا، بۇ سالاھىيەتكە ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولمىغان بىرىسى ئۈچۈنمۇ ئۇ قەدەر چوڭ گۇناھتۇر، ھەتتا ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ پەتىۋاغا ئەڭ جۈرئەتلىكىڭلار دوزاخقا ئەڭ جۈرئەتلىكىڭلاردۇر»[7].  ئىمام مالىك (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «دىنىي بىر مەسىلىدە جاۋاپ بەرمەكچى بولغان كىشى، جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن جەننەت ۋە دوزاخنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن جاۋاپ (پەتىۋا) بېرىشى كېرەك»[8].  ئىمام نەۋەۋى (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «بىر فىقھى ئالىمىنىڭ كۆپ سۆز سۆزلىمەسلىكى ۋە كۆپ ھۆكۈم بايان قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ئىلمىي كىشىلېكىنى ۋە سەمىمىيلېكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

پەتىۋا مەسىلىسى دىنغا ئالاقىدار ھالال – ھارام، ساۋاپ – گۇناھ، ياخشى – يامان قاتارلىق ھۆكۈملەرنى ئىسلام دىنىي نامىغا بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشتۇر. ھەر بايان قىلىنغان ھۆكۈم ۋە پەتىۋادا، پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ (مۇپتىنىڭ) مەسئۇللۇقى باردۇر ۋە چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىجتىھاد سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ، توغرىنى ۋە ئەڭ توغرىسىنى تېپىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىش دېمەكتۇر. ئىجتىھاد ۋە پەتىۋا ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىك ۋە قابىلىيەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ۋەزىپىدۇر. دىنىي بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلغۇدەك ئىلمى ئىستېداتى ۋە قابىلىيىتى بولماي تۇرۇپ، ئۇ مەسىلە ئۈستىدە  ھۆكۈم بايان قىلىشتىن ۋە پەتىۋا بېرىشتىن بۇرۇن ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئەڭ ئۇيغۇن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر ئىككى دۇنيا بەخت – سائادىتىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، ئۆز ھاۋايى – ھەۋىسىگە كۆرە پەتىۋا ۋە ھۆكۈم بايان قىلىش قاتتىق خەتەرلىكتۇر، ھەتتا توغرا پەتىۋا بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۆز ھاۋايى – ھەۋىسىنىڭ ئارقىسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى يۈزەكى ئۆگىنىۋېلىپ، بىر قانچە ئايەت ۋە ھەدىسنى ياد ئېلىۋالغانلارنىڭمۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ زاھىرىي مەنىسىگە كۆرە پەتىۋا ۋە ئەھكام كېسىشكە ھەۋەس قىلىشىمۇ قاتتىق گۇناھتۇر.

كىم ۋە قانداق ئالىم – ئۆلىما بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر شەخىسنىڭ دىنىي ئاساسلارغا تايانمىغان، دىندا ئاساسىي بولمىغان ياكى دىندا يېڭىدىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولمايدىغان دىنىي بىر مەسىلە ئۈستىدە  ئۆز خاھىشى ۋە ھاۋايى - ھەۋىسىگە تايىنىپ خالىغانچە ئىجتىھاد قىلىشى، ھۆكۈم چىقىرىشى ۋە پەتىۋا بېرىشى قاتتىق چەكلەنگەندۇر.

دانا، ئەقىللىق ئىنسانلار ئۆزىنى تارتىدۇ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلىدۇ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەنلەر ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ، ئۆزگىنى گالۋاڭ ۋە ھاماقەت چاغلىمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا كۆرە ئىش كۆرىدۇ. خەلقنىڭ قىزىقىشىنى تارتىدۇ. ئەڭ گالۋاڭ ئادەم باشقىلارنى ئەخمەق چاغلىغانلاردۇ. بۇنداق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەپ ئىززەت قىلساڭ ئۆزىنىڭ پەزىلىتى سانايدۇ، خاتالىرىغا گەپ قىلىپ، ئەيىبلىرىگە نەزەر سالمىساڭ ئەخمەقلىقىڭ دەپ قارايدۇ. تۈركىيە شائىرى يۇنۇس ئەمرە مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم - ئىلىم بىلمەكتۇر، ئىلىم - ئۆزىنى بىلمەكتۇر، سەن ئۆزۈڭنى بىلمىسەڭ، بۇ قانداق ئوقۇماقتۇر؟».

شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە 5 - ئېيۇل 2009 ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتايغا قارشى نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ  كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىزدە ئۆزىنىڭ كىملېكىنى ۋە مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا مۇستەھكەم ئېسىلىشتىن ئىبارەت بىر ياخشى خاھىش ئوتتۇرىغا چىقتى. خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان بۇ يۈزلىنىشنى كۆرگەن بەزى ئاتالمىش داموللام، زىيالىي، يازغۇچى، تىجارەتچى، سىياسەتچى دېگەندەك كىشىلەر، پات – پات ئىسلام ھەققىدە سۆز قىلىپ قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى، دىنىنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، ئىسلام دىنىغا «ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەندەك» ساپ، خالىس مۇسۇلمانلىق ۋە دەۋاگەرلىك قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ساھەسى بولمىغان دىنىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشماقتا ۋە دىنىي جەھەتتىن مۇپتىلىق تونىنى كىيىشكە ئۇرۇنماقتا. بىر تۈركۈم ياخشى نىيەتلىك ياش زىيالىيلىرىمىز، دىنغا بولغان ئىشتىياقى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دىنىي جامائەتلەردىن ۋە يا ھەمسۆھبەت بولغان كىشىلەردىن تەسىرلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامى ئاڭ چۈشەنچىسى، سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ھېچ ھېسابقا قاتماي، ھەر خىل دىنىي ئېقىملەرنىڭ كىتاپ، ئۈن-سىنلارنى ھارماي – تالماي تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلماقتا. بىر تۈركۈم دىندا يېتىشكەن داموللام، دوكتور، ئاخۇنۇملىرىمىزمۇ ئىجتىھاد ۋە پەتىۋا ئىشىنىڭ بەسى مۈشكۈل، ئاللاھ دەرگاھىدا مەسئۇلىيەت، مىللەت ئالدىدا جاۋابكارلىق بىر مەسىلە ئىكەنلېكىنى بىلىپ – بىلمەي، پەتىۋانى مۇسۇلمانلىق بازىرىدا ئەزان تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ، ئالىدىغان خېرىدار تالاشماقتا. مۇسۇلمان خەلقىمىزمۇ كىمنىڭ كانىيى بەكرەك چىقسا،  كىم بەكرەك ۋارقىرىسا، كىمنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ بەك رېتىملىق ۋە چاراڭلىق بولسا، ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇنى ئېلىشقا تىرىشماقتا، ھەتتا «يېقىندىكى موللام بار موللام، ئۇزاقتىكى موللام داموللام» دېگەندەك، شەرقىي تۈركىستانلىق ئالىم – ئۆلىمالىمىزنى كىچىك چاغلاپ، باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ پەتىۋالىرىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىنمۇ ئەڭ رادىكال ۋە شاز (ئاجىز) كۆز قاراشتىكى پەتىۋالىرىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەقۋالىقىنى نامايان قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئىسلام دىنىدا پەتىۋا مەسىلىسىدە، پەتىۋا بەرگۈچى (مۇپتى)نىڭ كىملىكى، بەرگەن پەتىۋاسىنىڭ ماھىيىتى، ۋە پەتىۋا سورىغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بەكلا مۇھىمدۇر. ئىجتىھاد ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بىر كىشىنىڭ نامى قانچىلىك ئۇلۇغ، ئۇنۋانى قانچىلىك يوقىرى بولۇپ كەتسە كەتسۇن، ئۇنداق بىرىنىڭ دىن نامىغا دېگەن گەپلىرى ۋە بەرگەن پەتىۋالىرىنىڭ ھېچ بىر قەدرى – قىممىتى بولمايدۇ. پەتىۋا بەرگۈچى ھەر قانچە ئىجتىھاد ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، بەرگەن پەتىۋاسى ئىسلام شەرىئىتىدە پەتىۋاغا ئائىت مەسىلە بولۇشى ۋە پەتىۋا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن پەتىۋا بولمىسا ئۇنىڭمۇ ۋەز – نەسىھەتتىن باشقا بىر تەرىپى بولمايدۇ. پەتىۋا بەرگۈچى ھەر قانچە ئىجتىھاد ۋە پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە، بەرگەن پەتىۋاسىمۇ پەتىۋا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان تەقدىردىمۇ، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم قائىدىلەردىن بىرى بولغان «ئەزىمەت ۋە رۇخسەت» پىرىنسىنى كۆز ئالدىدا تۇتقان ئاساستا، بىر مۇسۇلمانغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن بىر پايدىنى ساقلىغان ۋە يامانلىقنى زىياننى ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشتۇرغان، ئىسلام روھى بىلەن شەخىسنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى كۆز ئالدىغا ئالغان بىر پەتىۋا بولمىسا ئۇنىڭمۇ پەتىۋالىق تەرىپى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالاردا ئۆيدە ئولتۇرۇپ چىقارغان پەتىۋا ۋە كەسكەن ئەھكاملارنىڭ ھېچبىر ئېتىبارى يوقتۇر. بۇنداق پەتىۋالار شۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالىم – ئۆلىمالىرى، شۇ مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ئەقىل بىلەن ئىسلام روھىغا ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بېرىلىدىغان پەتىۋالاردۇر.

مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭمۇ دىنىي ئەھكاملار ۋە پەتىۋا مەسىلىسىدە، ئەھلى سۈننەت سىزىقى ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ، سەھىھ مەنبەلەردىن ئوتتۇرىغا قويغان پەتىۋالارنى دىققەت ئېتىبارغا ئېلىشى مۇھىمدۇر. «گوگېل»دىن ئىبارەت «مەۋھۇم داموللام» دىن  سورالغان ۋە مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋە مۆتىۋەر كىتابلاردا بايان قىلىنمىغان پەتىۋالارنىڭ ھېچبىر ئېتىبارى يوقتۇر. خەلقىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىغا، بولۇپمۇ كوللېكتىپ ئېلىنغان پەتىۋاغا بەكرەك ئېتىبار بېرىشى زۆرۈردۇر. بىر كىشىنىڭ پەتىۋاسىغا كۆرە، ئىككى كىشىنىڭ پەتىۋاسى، ئىككى كىشىنىڭ پەتىۋاسىغا كۆرە تېخىمۇ كۆپ ئالىمنىڭ ئورتاق قىلغان پەتىۋاسى تېخىمۇ كۈچلۈكتۈر. 

ئاللاھ تائانىڭ كالامى بىر دېڭىز سىيا بولۇپ كەتسىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز چوقۇم تۈگەپ كەتكەن ۋە بىز سۆزلەپ، يېزىپ تۈگىتەلمىگەنلىكىمىزگە قارىغاندا،[9] ھەر قانچە ئالىم – ئۆلىما بولساقمۇ بىلمەيدىغانلىرىمىز كۆپتۇر. «بىلگەنلىرىنى بىلىش ھەر كىمنىڭ ئىشى، بىلمىگەنلىرىنى بىلىش ئالىمنىڭ ئىشى» دەيدىغان ماقال بار. پەيغەمبەر ۋارىسى بولغان بىر ئالىم، بىلمىگەن، بىلگەن تەقدىردىمۇ قەتئىي جەزم قىلالمىغان دىنىي شەرئىي بىر مەسىلىدە دادىللىق بىلەن «بىلمەيمەن» دېيەلىشى كېرەك. بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئىچىدە «لا أدرى نصف العلم» (ئۇقالمىدىم، بىلەلمىدىم دېيىش ئىلىمنىڭ يېرىمىدۇر) دېگەن ھېكمەتلىك بىر گەپ بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «بەزى كىشىلەرنىڭ ‹لا أدرى نصف الإيمان› (ئۇقالمىدىم، بىلەلمىدىم دېيىش، ئىماننىڭ يېرىمىدۇر) دېگەن سۆزلىرى ھەققىدە نېمە دەيلا؟» دەپ سورىغاندا. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە: «بىلمەيمەن دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم دېسۇن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىلمى مۇكەممەل بولىدۇ»[10] دېگەن. كىشى ھەرقانچە ئالىم ۋە مەلۇماتلىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ھەر سۆز ھەرىكىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىشى، ھەر دېمەكچى بولغاندا «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ئەجداد تەجرىبىسىگە قۇلاق سېلىشى لازىم. بولۇپمۇ دىنىي ئالىم – ئۆلىمالىرىمىز، ئۆزىنىڭ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش مەۋقەدىكىلەرنىڭ ۋە مەنسۇپ بولغان ئىسلام دىنىنىڭ شان – شەرىپىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەر سۆزىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، ھەر جايدا، ھەممە يەردە ۋە ھەممە ئىشتا سۆز ۋە ئەھكام بايان قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى مۇھىمدۇر. ئاللا تائالا شۇنداق دېگەن: «ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان بىر پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ»[11].

            جانابى ئاللاھ، ئالىم – ئۆلىمالىرىمىزغا بەسىرەت ۋە ئىستىداد، ئىش ئۈستىدىكىلىرىمىزگە شەنىگە ئۇيغۇن ھال – ھەرىكەت، زىيالىيلىرىمىزغا ئۆز ئىشىدا غەلىبە ۋە نەتىجە، ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان خەلقىمىزگە ئاشۇرۇۋېتىش ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي توغرا يولنى ۋە ھەممىمىزگە ھەقنى ھەق بىلىپ ھەقگە ئەگىشىدىغان، باتىلنى باتىل بىلىپ باتىلدىن نېرى تۇرىدىغان ساغلام ئەقىدە نېسىپ قىلسۇن.  ئامىن.

 

 بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: مۇھەممەد يۈسۈپ.



[1]نىسا سۈرىسى: 127، 176– ئايەتلەر.

[2] بەقەرە سۈرىسى: 189، 219، 217، 222، ئايەتلەر، ئەنفال سۈرىسى: 1- ئايەت.

[3]نىسا سۈرىسى: 127، 176 -ئايەتلەر.

[4]ئەبۇ داۋۇد سۇلەيمان ئەتتەيالىسى: «مۇسنەد ئەبۇ داۋۇد»، «دارۇلھىجر نەشرىياتى»، مىسىر 1999- يىلى 1- نەشرى، 1- جىلد 454- بەت.

[5]ئەبى ئىسھاق ئىبراھىم بىن مۇسا ئەششاتىبى: «ئەلئىئتىسام»، «دار ئىبن ئاپپان نەشرىياتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان 1992 – يىلى 1- نەشرى، 2- جىلد 597- بەت.

[6]ئەبۇ بەكىر ئەھمەد بىن ئەلى ئەلجەسساس: «ئەلئۇسۇل پىلپۇسۇل»، «دارۇلكۇتۇپ ئەلئىلمىيە نەشرىياتى»، لۇبنان 2010 – يىلى 2 – نەشرى، 2 – جىلد 412 – بەت.

[7]ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبن ئابدۇرراھمان ئەددارىمى ئەسسەمەرقەندى: «سۈنەنى دارىمى»، «دارۇلمۇغنى نەشرىياتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان 2000 – يىلى 1- نەشرى، 1- جىلد 258- بەت.

[8]ئابدۇلغىنى ئەددەقەر: «ئىما مالىك ئىبنى ئەنەس»، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، سۇرىيە 1998 – يىلى 2 – نەشرى، 229- بەت. 

[9]كەھف سۈرىسى: 109– ئايەت.

[10]ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى نەسر ئەلمەرۋەزى: «تەزىمۇ قەدرۇسسالات»، «مەكتەبەتۇددار» نەشرىياتى، سەئۇدى ئەرەبىستان 1985 – يىلى – نەشرى، 1 – جىلد  435- بەت.

[11]قاف سۈرىسى: 18 – ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر