ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
شۈكۈرنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى

شۈكۈرنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى

 

 

شۈكۈر قىلىش ئىجابىي ئويلاشنىڭ ئاساسى بولغان مۇھىم بىر ئامىلدۇر. ئىجابىي ئويلاش ئىجابى ھەرىكەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىنىڭ ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا شۈكۈرنىڭ رولى بەك چوڭدۇر.

شۈكۈر قىلىش قولىمىزدىكىگە خۇشال بولۇشنىڭ؛ خۇشاللىق بولسا، قولىمىزدىكىدىن تېخىمۇ كۆپرەكىگە ئېرىش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ مەنبەسىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۈكۈر قىلىش بەختنىڭ ۋە غەلىبىنىڭ ئاساسىدۇر.

ئىجابىي ئويلاش–دۇنيا قارىشىمىز، ئىچىدە بولغان ئەھۋالىمىزغا، قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەرگە، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇشتۇر.

شۈكۈر قىلىشنىڭ ئىنساننىڭ غەلىبە قىلىشىدا قانداق رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، شۈكۈر قىلغان كىشى بىلەن شۈكۈر قىلمايدىغان كىشىنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:

شۈكۈر قىلىدىغان كىشىنى [ئا شەخس] شۈكۈر قىلمايدىغان كىشىنى [ب شەخس] دەيمىز.

ئا شەخسنىڭ ئېڭىدا مۇنداق ئوي بار:

غەلىبىگە ئېرىشىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئىشلەشكە باغلىق. قولۇمدا بارغا شۈكۈر قىلىمەن. ئىمكانىيەتلىرىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن. باسقان ھەر بىر قەدەم غەلىبە شوتىسىنىڭ بىر بالدىقى، ھەر بىر بالداق ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

ب شەخسنىڭ ئېڭىدا مۇنداق ئوي بار:

غەلىبە پەقەت نەتىجىدىن ئىبارەت. غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئارىسىدا بىر ئالاقە يوق. نەتىجىگە ئېرىشتۈرمىگەن ھېچبىر قەدەم مېنى خۇشال قىلمايدۇ.

ئويلاش كۈچى بىلەن ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر:

ئا شەخس بىلەن ب شەخس بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز ئەينى مەقسەددە تەجرىبىلەر ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ھەر ئىككىسى مەقسىدىگە يېتىشى ئۈچۈن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋاقىت ۋە كۆپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. ھەر ئىككىسى 28- تەجرىبىگە كەلگەن بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

بۇ نوقتىدا ئا شەخس بىلەن ب شەخسنىڭ روھىي ھالىتى:

ئا شەخس: 28 قېتىم تەجرىبە ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندىكى ھەر بىر مەغلۇبىيەت ئۇنى غەلىبىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى، چۈنكى ئوخشىمىغان شەكىلدىكى 28 تەجرىبىنىڭ ئۇنىڭغا غەلىبىگە ئېرىشىش يولىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ خاتا بولغانلىق مەلۇماتىنى بەرگەنلىكىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا: ئېلىپ بارغان ھەر بىر تەجرىبىنىڭ ئەسلى مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەلۇمات سەرمايىسى سۇنغانلىقىنى ئويلايدۇ. بۇ ئويلاش ئا شەخسنىڭ پسىخولوگىيىلىك مايىللىقىنى ئىجابىي تەرەپكە يۈزلەندۈرمەكتە. چۈنكى ئا شەخسنىڭ ئېڭىدا ھازىر قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلار ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر پايدا بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىش ۋە تارتقان جاپالىرىنىڭ (28 قېتىم تەجرىبە قىلىشنىڭ) بىكارغا كەتمىگەنلىك چۈشەنچىسى بار.

نەتىجىدە ئا شەخس، خۇشال بولىدۇ؛ شۈكۈر قىلىدۇ ۋە باشلىغان ئىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەۋەس ۋە جىددىيەت بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.

ب شەخس بولسا، كەلگەن نوقتىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىم بىكارغا كەتتى، ئېلىپ بارغان شۇنچە تەجرىبىلىرىمدىن ھېچنەرسە قولغا كەلتۈرەلمىدىم دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئوي ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدە ھەسرەت، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىشقا خۇش ياقماسلىق كەيپىيىتى پەيدا قىلىدۇ. ئىشلەش رىغبىتى سۇسلىشىپ، ئىشىنىڭ نەتىجىسى ئازىيىدۇ.

بۇ شەخس كەلگەن نوقتىنى قەدىرسىز بىلىپ، قولىدىكىگە شۈكۈر قىلمايدۇ.

138- تەجرىبە:

ئا شەخس، 28- تەجرىبىدىن كېيىن شۈكۈر قىلىپ، ئىجابىي ئويلاپ، مەيۇسلانماستىن تەجرىبىلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ غەلىبىگە ئوخشاش قىممەتلىك بولغانلىقىنى، يەنى قىلىۋاتقان ئىشىغا خۇشال بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى 138- تەجرىبىدە چۈشەندى. چۈنكى ئۇ 138- تەجرىبىدىن كېيىن غەلىبىگە ئېرىشتى ۋە بىلىم ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجادىيەتنى مەيدانغا كەلتۈردى.

پەقەتلا قولىدا بارغا شۈكۈر قىلىشنى بىلىش بىلەن باشلىغان سەپەر، مەقسىدىگە ئېرىشىش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارغا خۇشال بولۇش تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈپ، نەتىجىدە كۈتكىنىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈردى.

بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: ئا شەخس غەلىبە قىلالمىغان بولسا قانداق بولاتتى؟

ئۇ غەلىبە يولىنى تۇتقان، خۇشاللىققا مايىل كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ئۇ غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ، خۇشاللىق بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇراتتى. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن يېڭى ئىشىك ئاچاتتى. چۈنكى بۇ يەردە كىشىنىڭ بىرەر ئىشتا غەلىبىگە ئېرىشىشىدىن بەكرەك، كىشىنىڭ بۇ ھايات مۇساپىسىدە ھەر خىل ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۈچلەندۈرۈشىدۇر. بۇنىڭغا مەيلى ياشاش پەلسەپىسى، مەيلى پرىنسىپ ياكى ئىجابى ئويلاش ماھارىتى دەيلى، كىشىنىڭ ئېڭىدىكى شۈكۈر قىلىش مايىللىقى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە بەختلىك بولۇش مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنجىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان مەنبەدۇر.

ب شەخسكە نېمە بولدى؟

بۇ كىشى 28- تەجرىبىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېڭىدىكى پايدا ۋە چىقىم قىممەت قارىشى يۈكسەلدى؛ روھىيىتى چۈشكۈنلەشتى ۋە ئىشىدا نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ھىسسياتى بېسىپ چۈشتى. بۇ كىشى 42- تەجرىبىدىن كېيىن باشلىغان ئىشىنى تاشلىۋەتتى. باشقا بىر ئىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ غەلىبە قىلىپ بەختلىك بولالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئېڭىدىكى پىكىر غەلىبىگە ئېرىشىدىغان يولدا خۇشال بولۇش ۋە ئىشىغا مەركەزلىشىشكە مەنبە بولمىدى.

مانا بۇ مىسال، غەلىبە بىلەن بەختلىك بولۇش ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ زىھىن خەرىتىسىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئاڭغا ئىگە ئىككى كىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نەتىجىسىدۇر.

غەلىبە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن بەختلىك بولۇشنى بىلمەيدىغان كىشى غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

شۈكۈر قىلىش ئىجابىي ئويلاش سەنئىتىدۇر. ئىجابىي ئويلاش قابىلىيىتى پىكىر ۋە ئاڭدىكى قىلىپلاردا مەۋجۇددۇر. ئىجابىي ئويلاش خۇشاللىقنىڭ، ياشاشقا ئىنتىلىشنىڭ ۋە غەلىبە قازىنىشنىڭ مەنبەسىدۇر. مۇھىم بولغىنى شۈكۈر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئاڭغا ئىگە بولۇشتۇر. قالغىنى ئۆزلىگىدىن كېلىدۇ.

ئۇستا باسكەتبولچى مىخائىل جوردىن مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىم بويىچە 9000 قېتىم گول قىلىش پۇرسىتىنى قاچۇردۇم، 300 مۇسابىقىدە مەغلۇب بولدۇم. ھاياتىمدا قانچىلىغان قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىم. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن شۇنچىلىك ئۇستىمەن.»

قاراڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ قايسىسى شۈكۈر قىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ؟

مەۋجۇدلىقىمغا شۈكۈر قىلىمەن.

شامال ئۈچۈن، يامغۇر ئۈچۈن، قۇياش ئۈچۈن، ماڭا ياشاۋاتقانلىقىمنى ئەسلىتىدىغان ھەر نەرسە ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

يىغلىيالىغانلىقىم ئۈچۈن، كۈلەلىگەنلىكىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

ئۇخلىيالىغانلىقىم ئۈچۈن، تاماق يېيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

مۇكەممەل بىر بەدەن بېرىلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئەقىللىق بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

بىلگەن ۋە بىلمىگەن بارلىق قابىلىيىتىم ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمەن.

قەدىرلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدىكى دىنغا تايانمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھايات تەجرىبىسىدىن چىقارغان نەتىجىسى. بۇنىڭدىن شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەھمىيەت ۋە پايدىلىرىنى كىشىلەرنىڭ تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتكە چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەمدى رەببىمىز قۇرئان كەرىمدە نېمە دەيدۇ؟ بىر قاراپ باقايلى:

﴿فَٱذْكُرُونِىٓ أَذْكُرْكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِى وَلَا تَكْفُرُونِ ﴿مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار.[1]

 ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لِلَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ﴾ ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئاللاھقا ۋە (ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار.[2]

 ﴿ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ﴾ ﴿ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ.[3]

﴿وَسَيَجْزِى ٱللَّهُ ٱلشَّـٰكِرِينَ﴾ ﴿ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.[4]

 ﴿مَّا يَفْعَلُ ٱللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِن شَكَرْتُمْ وَءَامَنتُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًا﴾ ﴿ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنىڭ ئەجرىنى بەرگۈچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.[5]

﴿قُلْ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَـٰتِ ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ تَدْعُونَهُۥ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَّئِنْ أَنجَىٰنَا مِنْ هَـٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّـٰكِرِينَ﴾ ﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايى ـ ئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) <ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز> دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسلەر[6]

﴿وَلَقَدْ مَكَّنَّـٰكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَـٰيِشَ ۗ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ﴾ ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.[7]

﴿وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِى لَشَدِيدٌ﴾ ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى.[8]

﴿وَهُوَ ٱلَّذِى سَخَّرَ ٱلْبَحْرَ لِتَأْكُلُوا۟ مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُوا۟ مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى ٱلْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾ ﴿ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گوشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، (ئۈنچە-مارجان قاتارلىق) تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.[9]

﴿وَٱللَّهُ أَخْرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَـٰتِكُمْ لَا تَعْلَمُونَ شَيْـًٔا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۙ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾ ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.[10]

﴿فَكُلُوا۟ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَـٰلًا طَيِّبًا وَٱشْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ﴾ ﴿ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار.[11]

﴿وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ﴾ ﴿ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتقان زاتتۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.[12]

يۇقىرىدا شۈكۈر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە بەزى ئەيەتلەرنى ئوقۇپ ئۆتتۇق. بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرلىكتە، شۈكۈر قىلمىغانلارنى ئەيىبلىدى. دېمەك، شۈكۈر قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولۇش بىلەن بىرگە ھاياتىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ۋە ئىشلىرىمىزدىن ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بىر ئىش ئىكەن. ئاللاھ تائالا بىزلەرنى شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىين.

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 

 

 

  

 



[1] بەقەرە سۈرىسى: 152- ئايەت.

[2] بەقەرە سۈرىسى: 172- ئايەت.

[3] بەقەرە سۈرىسى: 243- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[4] ئال ئىمران سۈرىسى: 144- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] نىسا سۈرىسى: 147- ئايەت.

[6] ئەنئام سۈرىسى: 63- ئايەت.

[7] ئەئراف سۈرىسى: 10- ئايەت.

[8] ئىبراھىم سۈرىسى: 7- ئايەت.

[9] نەھل سۈرىسى: 14- ئايەت.

[10] نەھل سۈرىسى: 78- ئايەت.

[11] نەھل سۈرىسى: 114- ئايەت.

[12] مۇئمىنۇن سۈرىسى: 78- ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر