ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر

)نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن(

الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آَمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ (157) قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ فَآَمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

تەرجىمىسى

 157 _ ئۇلار ئەلچىگە _ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا (ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ مۇنداق) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا _ كىشەنلەر (يەنى قىيىنچىلىقلار) دىن بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر(قۇرئان)غا ئەگەشكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر».

_158  (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا (ھەقىقىي) ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە _ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار».

تەپسىرى

مېنىڭ كەڭ رەھمىتىمنى مەندىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقىدىغان، تەقۋالىق دائىرىسىدە ئىش كۆرىدىغان، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، خۇسۇسەن مېنىڭ بارلىق ئايەتلىرىمگە ئىمان كەلتۈرىدىغان مەن ئەۋەتكەن ئەلچى — ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغان مۇئمىن كىشىلەرگە تېگىشلىك قىلىمەن.

«قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ دىنىنى تۆۋەندىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن:

1 .ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىگەن پەيغەمبەر( ) . بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۈپەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىغا ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۆجىزىنى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىشتە، ئۇنىڭدىكى خەۋەرلەرنى، قىسسىلەرنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ھاياتىنىڭ قانۇن، مىزانلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشتە راستچىل ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەرەبلەردىن ئىبارەت ساۋاتسىز، بىلىمسىز بىر قەۋمنىڭ ئىچىدىن چىققان، ئۆزى ساۋاتلىق بولمىغان، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىگەن بىر پەيغەمبەر ناۋادا بۇلارنى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلمىگەن بولسا، نەدىن تاپتى؟ نەدىن ئېلىپ كەلدى؟

2  . سۈپەتلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكى «تەۋرات» بىلەن «ئىنجىللار»دا يېزىلغان پەيغەمبەر. چۈنكى يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى بولغان«تەۋرات» ۋە «ئىنجىللار»دا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى، ئۆزگىچىلىكى، ئۇنىڭ توغرىسىدا بېرىلگەن بېشارەتلەر، ئۇنىڭ كېلىش ۋاقتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيتتى. شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىي ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالامغا، خىرىستىيانلاردىن تەمىم ئەل دارىغا ئوخشىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان. رەھمەتۇللا ھىندىينىڭ «ھەقىقەتنىڭ ئېلانى»( ) ناملىق ئەسىرىدە بۇ ماۋزۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

3.4.  كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلىدىغان، تەبىئىتى ياقتۇرىدىغان، مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇلارنى ياخشىلىققا چاقىرىدىغان، ئۇلارنى ساغلام تەبىئەتلىك ئىنسانلار ياقتۇرمايدىغان، زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن ۋە بارچە يامانلىقلاردىن توسىدىغان، شەرىئىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا يارايدىغان پەيغەمبەر. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر كىشىلەرنى ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقلاردىن توسقان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتىدە خىرىستىيان دىنىدا بولغىنىدەك تەركىدۇنيالىققا تەرغىب قىلىدىغان، قەدىمقى يەھۇدىيلاردا بولغىنىدەك ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدىغان ئەھكاملار يوقتۇر.

5  . ساغلام تەبىئەتلىك ئىنسانلار يېيىشنى ياقتۇرىدىغان، پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدىغان پەيغەمبەر.

6  . يارىتىلىشتىكى ساپ تەبىئىتىنى ساقلاپ قالغان ئىنسانلار يىرگىنىدىغان ۋە تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدىغان پەيغەمبەر. مەسىلەن: چوشقا ئۆزىنىڭ تەرىتىنى يەيدىغان ھايۋان. ئىسلام دىنى بۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى ۋە ھەممە نەرسىسىسىنى ھارام قىلغان بولۇپ، ھەرقانداق ئەقىللىق ۋە ساپ تەبىئەتلىك ئادەم بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولىدۇ.

7  . ئۈممىتىنى ئېغىرچىلىقلارغا بۇيرۇمايدىغان، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە بۇيرۇلغان مۇشەققەتلىك ئىبادەتلەرنى ۋە تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇشقا ئوخشىغان قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىپ، دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى يېنىكلىتىدىغان پەيغەمبەر.

بۇ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى چىن قەلب قاتلىرىدىن سۆيۈش، قەدىرلەش ۋە چەكسىز ھۆرمەتلەش بىلەن ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كەلگەن نۇرلۇق دەستۇر «قۇرئان كەرىم»گە ۋە ئۇنىڭدىكى شەرىئەتكە ئەگىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار كامالەت دەرىجىلىرىدە يۈكسەلگەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەقسىتىگە يېتىدىغان بەختلىك كىشىلەردۇر. بۇنىڭغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىكى بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ياخشى كىشىلەرمۇ كىرىدۇ.

ئەللامە ئەبۇ سۇئۇد مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ﴿ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ ﴾ دېگەن ئايەتتە ‹قۇرئان كەرىم›نى «نۇر» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ‹قۇرئان كەرىم»نىڭ ناھايىتى ئوچۇق ۋە روشەن بىر كىتاب ئىكەنلىكى، ھىدايەت تاپقۇچىلار ئۈچۈن روشەن داغدام يول ئىكەنلىكى ۋە ھەقىقەتلەرنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بىر كىتاب ئىكەنلىكى يۈزىسىدىندۇر. بۇ ئايەتنى ‹ئۇلار قۇرئانغا ئەگىشىش بىلەن بىرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن، ئۇنىڭ يولىنى يول تۇتقان، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يانغان كىشىلەردۇر› دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتتىكى ﴿ أُولَئِكَ ﴾ دېگەن سۆز يۇقىرىقى ئېسىل سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ﴿ الْمُفْلِحُونَ ﴾ دېگەن سۆز ‹مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر›، ‹ئازابتىن ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالغۇچىلاردۇر› دېگەننى ئىپادىلەيدۇ»( ).

ئى پەيغەمبەر! بارلىق ئىنسانىيەتكە، ھەممە مىللەتكە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە سېنىڭ راستتىنلا ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئوچۇق جاكارلىغىن. ﴿بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى﴾( ) دېگىن. ﴿(ئى پەيغەمبەر!) سېنى بىز ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾( ) ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ ھەدىس توپلاملىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكى كۆپ بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «وَكَانَ النَّبِيُّ يُبْعَثُ إِلَى قَوْمِهِ خَاصَّةً وَبُعِثْتُ إِلَى النَّاسِ عَامَّةً» يەنى «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگىلا پەيغەمبەر بولۇپ كېلەتتى. ئەمما مەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدىم»( ) دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

مەن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنى پەرۋىش قىلىپ ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئومۇمىي پەيغەمبەرمەن. ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولغان ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلار كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خۇراپاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرەلەيدىغان، ئۆلتۈرەلەيدىغان، كائىناتنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئىلكىدە بولغان ئۇلۇغ زاتتۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى كائىناتنىڭ يېگانە باشقۇرغۇچىسى، ھەقىقىي ئىلاھ ۋە ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى، دەپ ئۈچ سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن.

ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى چۈشۈرۈش، پەيغەمبەرلەرنى قوغداش پەقەت مۇشۇنداق قۇدرەتلىك ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغان ئاللاھ تائالانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر. ئى ئىنسانلار! بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ يېگانە ئىلاھ ۋە ھەقىقىي مەبۇد ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭلار. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار. ئۇ پەيغەمبەر سىلەرگە ساماۋى كىتاب «قۇرئان كەرىم»نى ۋە توغرا ئىش، توغرا سۆزدىن ئىبارەت ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ، سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىقلارنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، سىلەرنى بارلىق خۇراپاتنىڭ، بۇددىستلىقنىڭ، گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنىڭ كىرلىرىدىن تازىلايدۇ. ئۇنىڭ دىنى كەڭچىللىكنى تەرغىب قىلىدىغان، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ھەر زامانغا، ھەر ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئۇلۇغۋار دىندۇر.

ئۇ ئاللاھ تائالاغا چىن ئىمان كەلتۈرگەن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ئىلاھىي ۋەھيىلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇلۇغ پەيغەمبەردۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، سىلەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار، ئۇنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا يېتەكچى ۋە ئۈلگە قىلىڭلار.

ئى مۇسۇلمانلار! يۇقىرىقىلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، پەيغەمبىرىڭلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىڭلار. چۈنكى ياخشىلىق ۋە نىجاتلىق پەقەت پەيغەمبىرىڭلار دەۋەت قىلغان ئىسلام دىنىدىدۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1 . پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئومۇمىي پەيغەمبەردۇر.

2 . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە كەلگەن بېشارەتلەر يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا ئورۇن ئالغان.

3 . يەھۇدىيلادىن ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ياخشى كىشىلەر بولغىنىدەك، توغرا يولدىن ئازغان، ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقان ئازغۇنلارمۇ بار ئىدى. ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى «تەۋرات»تىن ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى ئوقۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن يەھۇدىي ئۆلىمالىرى ۋە خىرىستىيان كاتتىلىرىمۇ كۆپ ئىدى.

4 . ئىنسانلارنىڭ دىنىي جەھەتتە توغرا يول تېپىشى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەر توغرا يولنىڭ مەشئەللىرىدۇر.

 

باشقا خىزمەتلەر