ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
جىھادنىڭ مەقسەتلىرى

جىھادنىڭ مەقسەتلىرى

ئىسلامدىكى جىھاد ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇ كۆڭلىنى قاندۇرۇۋىلىش يا ئۆچىنى ئېلىۋىلىش ياكى شەخسى مەنپەئەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋىلىشقا ئوخشاش تۇيغۇلار سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرىگە يېتىش ۋە بۈيۈك ئىنسانىي نىشانلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بولىدۇ.

قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارايدىغان بولساق ئاللاھ جىھادنى مۇئەييەن مەقسەت ۋە نىشانلار ئۈچۈن يولغا قويغان:

1  . دىن، مۇسۇلمان ۋە ئىسلام ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش.

2 . ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداش

3 . دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكى ئۈچۈن بازار ئېچىش ۋە پىتنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. پىتنە دېگەن: دىننى ئۆزگەرتىشكە زورلاش، دەۋەتكە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارغا تۈرلۈك ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

4 . مەزلۇم ئىنسانلارنى زالىم مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلاردىن زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىش.

5 . جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھىمايە قىلىش.

6 . كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلەرنى بۇزىدىغان بۇزغۇنچىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دۇنيادىن كۇپۇرلۇقنى تۈگىتىش، كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلاش ۋە ئىقتىسادى نىشان ئۈچۈن غەنىمەتنى دەپ جەڭ قىلىش جىھادنىڭ مەقسىتى قاتارىغا كىرمەيدۇ.

جىھادنىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلمىغاندا ئىنسانلارنىڭ جان ۋە ماللىرىغا سەل قارايدىغان، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سالىدىغان، پىتنە پەيدا قىلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك دىن ئىكەنلىك ئۇقۇمىنى سەتلەشتۈرۈۋىتىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

مەقسەت ئۇقۇمىغا رېئايە قىلغاندا يۇقىرىقى سەلبىي ئىشلاردىن ساقلانغىلى، دەلىل- پاكىتلارنى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بويىچە چۈشەنگىلى، تەپەككۈر قىلىش ھەرىكىتىنى خاتالىقتىن ساقلىغىلى، ئۈممەتنىڭ ئەقلىنى توغرا يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرگىلى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزەتكىلى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى دىنغا دەۋەت قىلغىلى بولىدۇ.

توغرا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراش چۈشەنچىسى، ئەۋزەللىك چۈشەنچىسى، رېئاللىقنى چۈشىنىش چۈشەنچىسى ۋە ھەقىقى ئۆلىمالارغا تايىنىپ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت ئامىللارنىڭ تېپىلىشى لازىم.

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي

باشقا خىزمەتلەر