ھىجرىيە: | مىلادىي: 28 Kasım 2023

چىكىنىڭ
شېرىكنىڭ ماھىيىتى

 شېرىكنىڭ ماھىيىتى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

شېرىك – ئاللاھ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنى ئىسپاتلاش ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىغا ئوخشىۋېلىش ياكى ياراتقۇچىنى ئاللىقانداقتۇر بىر مەخلۇققا ئوخشىتىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قەلبىنى ھەقتىن بۇرۇۋەتكەن، ئەقىل كۆزىنى كور قىلىۋەتكەن، ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ كەينىگە چىكىندۈرۈۋەتكەن ئادەملەر بۇ ئىشلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇلار ساغلام تەۋھىد چۈشەنچىسىنى ئاللاھقا بىر نەرسىنى ياكى ئاللاھنى بىر نەرسىگە ئوخشاتقانلىق دەپ تۇرۇۋالدى. ئاللاھقا بىر نەرسىنى ئوخشىتىش ياكى ئاللاھنى بىر نەرسىگە ئوخشىتىشنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىق، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق دەپ قارىدى. دېمەك، بارلىق ئىلاھىي خۇسۇسىيەتلەردە ئاللاھقا بىر نەرسىنى ئوخشىتىش ياكى ئاللاھنى بىر نەرسىگە ئوخشىتىش قاتارلىقلار شېرىك ئەقىدىدۇر.

شۈبھىسىزكى، پايدا-زىيان، بېرىش ۋە چەكلەشتىكى مۇتلەق ئىگىدارچىلىق پەقەتكىنە ئىلاھىي خۇسۇسىيەتلەردىندۇر. شۇنداق بولغانىكەن، دۇئا قىلىش، قورقۇش، ئۈمىد قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش پەقەتكىنە بىر ئاللاھقا قارىتىلغان بولۇشى لازىم. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھقا قاراتماي مەخلۇققا قاراتقان بولسا، ئۇ، ئېنىقلا مەخلۇقنى ياراتقۇچىغا ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ. باشقىلارغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىگىمۇ ھېچقانداق پايدا-زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىققا ئىگە بولالمايدىغان، قايتا تىرىلدۈرەلمەيدىغان مەخلۇقنى بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغىلا خاس بولغان، ئىشلارنىڭ تۇتقىسى ئۇنىڭ قولىدا بولغان، بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغىلا قاراشلىق بولغان، خالىغىنىنى قىلالايدىغان، ئۇ بەرگەننى ھېچكىشى چەكلىيەلمەيدىغان، ئۇ بەرمىگەننى ھېچكىشى بېرەلمەيدىغان، ئۇ رەھمەت ئىشكىنى ئاچسا ھېچكىشى ياپالمايدىغان، ئۇ ياپسا ھېچكىشى ئاچالمايدىغان يېگانە پەرۋەردىگارغا ئوخشاتقانلىقتۇر.

ھېچنەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ئاجىز، پەقىر مەخلۇقنى ھەممىدىن بىھاجەت ئاللاھقا ئوخشىتىش ئەڭ قەبىھ شېرىكتۇر.

ھەر قايسى تەرەپلەردىكى نۇقسانسىز مۇتلەق كامالەت ئىلاھىي خۇسۇسىيەتلەردىندۇر. شۇنداق بولغانىكەن، بارلىق ئىبادەتلەر پەقەتكىنە شۇ ئاللاھقا خاس بولۇشى كېرەك. ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش، قورقۇش، دۇئا قىلىش، ئۈمىد قىلىش، قايتىش، تەۋبە قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، ياردەم تەلەپ قىلىش، چەكسىز مۇھەببەت باغلاپ تۇرۇپ قورقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي نۇقتىدىن، شەرئىي نۇقتىدىن، ئىنسانىي تەبىئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولۇشى كېرەك. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلاردىن بىرەرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىدىكەن، ئۇنداقتا باشقىلارنى ئاللاھقا ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ. مانا بۇ، ئىنتايىن قەبىھ ۋە باتىل ئوخشىتىشتۇر. بۇ ئوخشىتىش شۇ قەدەر قەبىھ، ئوخشاتقۇچىلار شۇ قەدەر زالىم بولغاچقا، ئۆزىنى شۇ قەدەر رەھمىتى كەڭرى دەپ سۈپەتلىگەن ئاللاھ بۇ خىل جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلەرنى قەتئىي كەچۈرمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاللاھقا قىلىنىدىغان قۇلچىلىق چەكسىز مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى چەكسىز تۆۋەن تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساس ئۈسىتگە بەرپا بولىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھقا قىلىنىدىغان كامالىي قۇلچىلىقتۇر. مەخلۇقلار ئاللاھقا قىلىنىدىغان قۇلچىلىقلاردا چەكسىز مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى چەكسىز تۆۋەن تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساس ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ.

كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە مۇھەببەت باغلىسا، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا، ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوي سۇنسا، ئۇ، ئاللاھقىلا خاس بولىدىغان ئىشلاردا ئاللاھقا باشقىلارنى ئوخشتىۋالغان بولىدۇ. بۇ ئىشلار نە شەرىئەتتە، نە ساغلام ئىنسانىي تەبىئەتتە، نە ساغلام ئەقىلدە مۇتلەق قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىشلاردۇر. لېكىن شەيتان مەخلۇقاتلارنىڭ تەبىئىتى، ئەقللىرىنى بۇزۇۋەتتى ۋە ئۇلارنى ساغلام تەبىئەت، ساغلام ئەقىللىرىدىن ئايرىۋەتتى. ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتىگە مۇيەسسەر بولغانلارلا ساغلام تەبىئىتىنى ساقلاپ قالدى. ئاللاھ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەقلىگە ئۇيغۇن كىتابلارنى نازىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ئەقىل، نۇرىغا نۇر قوشتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.»[1]

سەجدىمۇ يالغۇز پەرۋەردىگارغىلا خاستۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەجدە قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئۇ مەخلۇقنى ئاللاھقا ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ.

تەۋەككۇلمۇ يالغۇز پەرۋەردىگارغىلا خاستۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەۋەككۇل قىلىدىكەن، تەۋەككۇل قىلىنغان مەخلۇقنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ.

تەۋبىنىمۇ يالغۇز پەرۋەردىگارغىلا قىلىش كېرەكتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەۋبە قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھقا ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ.

قەسەمنىمۇ يالغۇز پەرۋەردىگارغىلا قىلىش كېرەك. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ، ئاللاھقا باشقىلارنى ئوخشىتىۋالغان بولىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى ئاللاھقا بىر نەرسىنى ئوخشىتىۋېلىش مەسىلىسىدۇر. ئەمما كۆرەڭلەش؛ تەكەببۇرلۇق قىلىش؛ ئۆزىنى ماختاپ-ئۇچۇرۇش؛ ئۆزىنى چوڭ بىلىش؛ باشقىلارنى ئۆزىگە بوي سۇنۇشقا، ئۆزىدىن ئۈمىد قىلىشقا ئۈندەش، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە دىل باغلىشىنى، ئۆزىدىن قورقۇشنى، ئۈمىد قىلىشنى، ئىلتىجا قىلىشنى، مەدەت تەلەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىقلار ئاللاھقا ئوخشىۋېلىش، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى ۋە ئىلاھلىقىنى تالىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلغان ئادەملەر ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك خارلىشىغا، ئېغىر خورلۇققا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.

«سەھىھۇل بۇخارى»دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ: كىبىرلىك ۋە ئۇلۇغلۇق مېنىڭ خاس سۈپەتلىرىم بولۇپ، كىمكى ئۇنىڭدىن بىرىنى تالىشىدىكەن ئۇنى ئازابلايمەن.»

رەسساملار ۋە ھەيكەلتاراشلار پەقەت شەكىل ياساش جەھەتتىلا ئاللاھقا ئوخشىۋالغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېغىر ئازابقا مۇبتىلا بولىدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا ئاللاھقا پەرۋەردىگارلىقتا ۋە ئىلاھلىقتا ئوخشىۋېلىش قەستىدە بولغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېغىر ئازابلىنىدىغانلار رەسىم سىزغۇچىلاردۇر. ئۇلارغا: ياراتقان نەرسىلىرىڭلەرگە جان كىرگۈزۈڭلار، دېيىلىدۇ.»[2]

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا: مەن ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى سىزغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوق، قېنى ئۇلار بىر تال قوناق ياكى بىر تال دان ۋەياكى بىر تال ئارپا يارىتىپ باقسۇنچۇ؟ ـ دەيدۇ». بۇ ھەدىستە قوناق ۋە ئارپا تىلغا ئېلىنىشى «شۇنچىلىك كىچىك نەرسىلەرنى يارىتالمىغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە بۈيۈكراق نەرسىلەرنى يارىتالىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەنلىككە ئىشارەت قىلىدۇ.

خۇلاسىكالام، سۈرەت، ھەيكەل ياساشتا ئۆزىنى ئاللاھقا ئوخشىتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا، مۇتلەق ئىلاھىي خۇسۇسىيەتلەر ۋە پەرۋەردىگارغا خاس ئالاھىدىلىكلەردە ئاللاھقا ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار-ھە؟! شۇنىڭدەك، شاھىنشاھ، قازى قۇززات دېگەندەك پەقەتكىنە ئاللاھقا لايىق كېلىدىغان ئاتالغۇلاردا ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغۇچىلارنىڭچۇ؟!

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئەڭ خار نام ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىۋالغان ئادەمنىڭ نامىدۇر. ھەقىقى پادىشاھلىق ئاللاھقىلا خاستۇر.»[3]

يۇقىرىقىلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگىغىنە خاس بولغان ئىسىملىرىدا ئوخشىۋالغانلارغا قىلغان غەزىپىدۇر. ئاللاھ ئۆزى يالغۇز شاھىنشاھتۇر. ئاللاھ ئۆزى يالغۇز قازى قۇزاتتۇر. ئاللاھ ئۆز يالغۇز ھاكىممۇتلەقتۇركى، ئۇ ھەممىگە ھۆكۈم يۈرگۈزەلەيدۇ. ھېچ كىشى ئاللاھقا ھۆكۈم يۈرگۈزەلمەيدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە نۇر 35-ئايەت

[2] ئەھمەد رىۋايىتى

[3] ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر