ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
مۆمىننىڭ ئورۇن-مەرتىۋىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش بىلەن كۆتۈرىلىدۇ

مۆمىننىڭ ئورۇن-مەرتىۋىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش بىلەن كۆتۈرىلىدۇ

ھۆرمەتلىك دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب ئۇستاز.

(4/10/1431هـ 13/9/2010م )

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «مۆمىننىڭ ئورۇن-مەرتىۋىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش بىلەن كۆتۈرىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىچكى دۇنياسىنى تازىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە، ئۆزىنىڭ سۆزلىرى، پىئىللىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە يېتىپ-قوپۇشلىرىدا ئەگىشىش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ ھاياتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق تەرتىپ-ئىنتىزامغا چۈشىدۇ. ھازىرقى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھەببىتى بارلىقىنى داۋا قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، بىز بۇ مۇھەببەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە قانچىلىك ئەمەل قىلىش، قىلماسلىق بىلەن ئۆلچەيمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان:

{قُلۡ إِن كُنتُمۡ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِي يُحۡبِبۡكُمُ ٱللَّهُ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ
رَّحِيمٞ} {(ئى مۇھەممەد!ئۇلارغا)ئېيتقىنكى « ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر}[1].

مۆمىننىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆلچەيدىغان تارازا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ھاياتىدا قانچىلىك مۇكەممەل رەۋىشتە تەتبىقلىسا، شۇنچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھەببەت قىلغان بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسى شۇنچە كۆتۈرىلىدۇ. يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرگەن ئادەم، پەرىز، ۋاجىپلارنى قاچۇرمايدۇ. ھەمدە سۈننەتكە ئەمەل قىلغان ئادەمنىڭ ئەجرى زىيادە، ياخشىلىقلىرى كۆپ بولۇپ، دىنى تاكامۇللىشىدۇ. سۈننەتكە مۇكەممەل ئەمەل قىلغان ئادەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىپ كەتمەيدۇ، مۇھىمى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. بەزى سۈننەتلەر بار بولۇپ، ئۇنى بىجا كەلتۈرگەن ئادەم، تەقۋادار ۋە ياخشى كىشىلەر ماقامىغا ئېرىشىدۇ، نەتىجىدە جەننەتكە مۇشەررەپ بولىدۇ.

شۇڭا بىز سۈننەتنى پۇختا ئۆگۈنۈپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىش ۋە قۇلۇم-قوشنا، جامائەتلەرگە ئەسلىتىپ، بىر-بىرىمىزگە سۈننەتنى تەۋسىيە قىلىش ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئەمەلىيىتىمىزدە ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.

 ھەقىقىي مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئاخشامدا ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلىغاندىن باشلاپ ئەتىسى ئويغۇنۇپ، كۈندۈزنىڭ بارلىق ھەلەكچىلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە ئاخشامدا تۈشەككە كىرگەنگە قەدەر، بارلىق ئىش، سۆز، ھەرىكەتلىرىدە سۈننەتكە مۇۋاپىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇخلاش ئۈچۈن تۈشىكىگە بېرىش ئالدىدا تاھارەت ئالاتتى، ئىككى ئالقىنىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئالقىنىغا تۈكۈرەتتى، «چاھارقۇل»نى ئوقۇپ بولۇپ، ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن يەرلىرىگىچە سىلاپ چىقاتتى. بەدىنىنى سىيلاشتا بېشى، يۈزىدىن باشلايتتى ۋە ئۈچ قېتىم سىلايتتى. ئايەتەل كۇرسىينى ئوقۇيتتى. كىمكى ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ساقلايدۇ ۋە شەيتان يېقىن كېلەلمەيدۇ.

بەندە ئەتتىگەندە ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا، يۈزىدىن ئۇيقۇنىڭ تەسىرىنى سىلاپ يوقۇتىدۇ، ئاللاھقا ھەمدى ئېيتىپ: «بىزنى ئۆلۈك ھالىتىمىزگە قايتۇرغاندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، ئاخىرى بىزلەر يەنە ئاللاھ تەرەپكە قايتىمىز» دەپ دۇئا قىلىش كېرەك.

 مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشتا ھاجەت ئادا قىلىش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا كىرىپ-چىقىشتىكى سۈننەتلەر، تاھارەتنىڭ سۈننىتى، مىسۋاك سۈننىتى، كىيىم-كىچەك سۈننىتى، ئۆيگە كىرىپ-چىقىش سۈننىتى، مەسجىدگە بېرىپ كېلىش سۈننىتى، ئەزان ئاڭلىغاندىكى سۈننەتلەر، يىمەك-ئىچمەكتىكى سۈننەتلەر، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ تەبەسسۈم قىلىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، چىرايلىق سۆز قىلىشتەك سۈننەتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىغان كىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]   سۈرە ئالى ئىمران: 31- ئايەت

باشقا خىزمەتلەر