ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
زاھىدلىق (دۇنياغا ھېرىسمەن بولماسلىق) تەركىدۇنيالىق دېگەنلىك ئەمەستۇر
پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللا بىن ھۇمەيد
(2010-12-17)
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «زاھىدلىق (دۇنياغا ھېرىسمەن بولماسلىق) تەركىدۇنيالىق ئەمەس» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. تەقۋالىق ئارقىلىق بىر لەھزىمۇ غايىپ بولمايدىغان ئاللاھنىڭ كۆزىتىشىنى ھېس قىلالايسىلەر، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلالايسىلەر، گۇناھلارغا تۆۋە قىلالايسىلەر، تاپاندىن ۋە كوكۇلا چاچلاردىن تۇتۇپ سۆرىلىدىغان قىيامەت كۈنىگە تەييارلىق كۆرەلەيسىلەر.
ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر يىڭى ھىجرىيە يىلىنى قارشى ئالدىڭلار، ئاللاھ بۇ يىلنى ياخشىلىق، بەرىكەت ۋە ئەمىن-ئامانلىق يىلى قىلسۇن، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەق ئۈستىدە جەملىسۇن، ئىسلام ۋە ئەھلى ئىسلامنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلىسۇن ۋە مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!.
زاماننىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىبرەتلەر بار، كۈنلەرنىڭ ھاۋادىسلىرىدا ئۆزگىرىشلەر بار. ئىنسان، دۇنيانىڭ زىننەتلىرىگە ئالدىنىپ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك، ئىنساننىڭ ئۆمرى چەكلىك ۋە كۈنلىرى ساناقلىقتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
{وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَاۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ}
{ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر}[1].
دۇنيادىن زاھىد بولۇش _ ئەمەللەردە، خىزمەتتە، دۇنيانى گۈللەندۈرۈشتە، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىشلاردا تەركىدۇنيالىقنى تاللاش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى زاھىدلىقتىن مەقسەت، قەلبنى تازىلاش، دىلدىكى ئىماننى كۈچلەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىمان بىلەن قەلبلەر نۇرلىنىدۇ، ياخشى سۆزلەر ئارقىلىق نەپسىمىز پاكلىنىدۇ، ياخشى ئەخلاق دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر.
ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى ئىدىئولوگىيە كىرىزىسى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ۋە مالىيە قىسىنچىلىقى ئىچىدە ياشىماقتا. بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىنساننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىشلەش، قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ چىقىش ۋە دۇنيانى گۈللەندۈرۈشتە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ دۇنيا يەنە ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق ۋە ئىمتىھان دۇنياسىدۇر. يۇقىرىقىلاردىن مەقسەت، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ بايلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن بەھرىمەن بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
زاھىدلىق (دۇنياغا ھېرىسمەن بولماسلىق) نىڭ 6 خىل تۈرى بولۇپ: نەپسىدە، خەلق ئاممىسىدا، شەكىلدە، مال-دۇنيادا ۋە مەنسەپتە مۇجەسسەملىنىدۇ. ھېچكىشى مال-دۇنيانى رەت قىلماسلىق كېرەك. داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ زاھىد كىشىلىرىدىن ھېسابلىناتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدا مەنسەپ، مال-دۇنيا ۋە خوتۇنلار بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئەڭ زاھىد زاتتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ گۆش يەيتتى، ھەسەل، ھالۋىغا ئوخشاش تاتلىق نەرسىلەرنى يەيتتى. ئاياللارنى، خۇشپۇراقنى ۋە چىرايلىق كىيىمنى ياخشى كۆرەتتى. مىسالغا ئالساق، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئوسمان بىن ئەففاندەك بۈيۈك ساھابىلار شۇنچە كۆپ بايلىقلىرىغا قارىماي زاھىد ئىدى. ئىمامى ئەھمەدتىن بىرسى: بىر ئادەمدە مىڭ تىللا پۇل بولسا، زاھىد بولالامدۇ؟ دېگەندە، ئۇ: شۇنداق؛ بولالايدۇ، بىراق تىللالىرى كۆپەيسە كۆرەڭلىمەي، كەمىيىپ كەتسە قايغۇرماي ئۆتەلىسە شۇنداق بولىدۇ، دېگەن.
كىمكى ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىدىكەن، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولىدۇ. قازا ۋە قەدەرگە رازى بولىدۇ، مەخلۇققا چوقۇنمايدۇ، مەخلۇقتىن ساۋاپ ئۈمىت قىلمايدۇ، بەندىدىن قورقمايدۇ، ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدا بوشاڭلىق قىلمايدۇ. ئىمانى كۈچلۈك بولغان ئىنسان بەندىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى غەزەپلەندۈرمەيدۇ. ئاللاھ بەرگەن رىزىق ئۈچۈن بەندىگە رەھمەت ئېيتمايدۇ. پايدا-زىيان ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى ھېچ ئىسىدىن چىقارمايدۇ. ئاللاھ بەندىگە بەرگەن رىزىقنى دۇنيادا ھېچقانداق ئىنسان تارتىۋالالمايدۇ، ئاللاھ بەرمىگەن رىزىقنى دۇنيادا ھېچقانداق ئىنسان بېرەلمەيدۇ. قەلبى باي بولغان ئىنساننىڭ قولى ئوچۇق كېلىدۇ. قەلبى فەقىر ئىنسانغا بايلىقى ئەسقاتمايدۇ. قانائەتچانلىق يېزىلغان رىزىقنى توسۇپ قويمايدۇ ۋە كېمەيتمەيدۇ.
كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھ كۈپايە قىلىدۇ. ئاللاھتىن سورىسا بېرىدۇ. قانائەت تۈگىمەس-پۈتمەس بايلىقتۇر. ئىھتىياجنى قامدىغان ئاز نەرسە، بىخۇتلاشتۇرغان كۆپ بايلىقتىن ياخشىدۇر. دۇنيا كۆزىگە چوڭ كۆرۈنۈپ قالغان ئادەم ماختانچاق كېلىدۇ، تەنقىت كۆتىرەلمەيدۇ، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. باشقىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدۇ.
ماددىي بايلىق بەخت ئۆلچىمى ئەمەستۇر. كۆپلىگەن بايلار بار، ئۇلارنىڭ تۇرۇقىدىن قاراپ كەمبەغەل چاغلاپ قالىسىز، كۆزى كىچىك، چىرايى سۇلغۇن، بېخىللقتىن ئۆلەي دەيدۇ، باشقىلارنىڭ بايلىقىدىن تەمە قىلىدۇ، باشقىلارغا ئامەت كەلسە ھەسەتتىن چىدىيالمايدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر