ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئىنسانلار ئارا ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش، يامان ئىشلاردا ھەمكارلاشماسلىق، ئىسلامنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر
شەيخ دوكتور: ئۇسامە ئابدۇللا خەييات
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىنسانلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتە ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش، يامان ئىشلاردا ھەمكارلاشماسلىق ئىسلامنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا ۋە مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. بەندە ئاللاھتىن قورقۇپ تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاخىرىتى ئۈچۈن ئۇزۇق توپلايدىكەن ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىنى كونترول قىلالايدىكەن، ياخشىلىق ئۈستىدە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىرلا ئايەت، بەندىلەرنىڭ دۇنيالىق تۇرمۇشى ۋە ئاخىرىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى بىلەن پەرۋەردىگارى، ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە مەنپەئەتلەرنىڭ مىزانىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئايەتنىڭ مەنالىرىنى ياخشى چۈشىنىش، مۇرادىغا يېتىش ۋە روھىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇ ئايەت بۇدۇر: {... وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ} {(ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر}[1].
سۈرە مائىدىدىكى بۇ ئايەت مۇكەممەل بىر ئايەتمۇ بولماستىن، بەلكى ئايەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، يامانلىق ۋە زوراۋانلىققا ھەمكارلاشماسلىق، ئاللاھتىن قورقۇش، ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئازابى قاخشاتقۇچ بولىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن. ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى ئېيتقاندەك ھەر بىر بەندە مەزكۇر ئىككى ھالەت ۋە ئىككى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ بولسا: ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۆزى بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەت. ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە پۈتۈن ئالاقىلار، ھەمكارلىق، دوستلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى، شۇ ھەمكارلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقى، ئىتائىتى ئاساسىدا بولىشى لازىم. چۈنكى، بۇ بەندىنىڭ سائادىتى ۋە نىجاتلىقىنىڭ غايىسىدۇر. ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق دىننىڭ ئومۇمىي شەكلىدۇر. ياخشىلىقنىڭ ھەقىقىتى ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولۇپ، ياخشىلىق سۆزى پۈتۈن ياخشى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدۇر. يامانلىق ياكى گۇناھ سۆزى بولسا، ئىنسانلاردا تېپىلىدىغان يامان قىلىقلار، ئەيىب- نۇقسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزدۇر.
ياخشىلىق سۆزىنىڭ كاتىگورىيىسىگە ئىمان ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۈرلىرى كىرىدۇ. تەقۋا بولسا، ئەنە شۇ ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر. ياخشىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئۇنى ھېس قىلىدىغان ئورۇن ئاساسەن يۈرەك بولۇپ، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى ئىنساننىڭ قەلبى ھېس قىلىدۇ. قەلبنىڭ راھىتى، كۆڭۈل خۇشاللىقى ئىماندا تېپىلىدۇ. ئىنسان ياخشى ئىشلاردىن روھىي لەززەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلمايدىكەن، ئىمانى ئاجىز ياكى يوقلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك.
ئاللاھ ياخشىلىقنىڭ بارلىق خىسلىتىنى تۆۋەندىكى ئايەتكە يىغىنچاقلىغاندۇر: {لَّيۡسَ ٱلۡبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ قِبَلَ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلۡكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّۧنَ وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُوفُونَ بِعَهۡدِهِمۡ إِذَا عَٰهَدُواْۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِي ٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلۡبَأۡسِۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ} {سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھ غا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش- ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل- مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر}[2].
ئاللاھ مەزكۇر ئايەتتە ياخشىلىقنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىماننىڭ بەش ئۇسۇلى شۇلاردۇر، ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ. ئىماننىڭ ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىبادەتلەر: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىماننىڭ روھىي تەرىپى، قەلبكە ئالاقىلىق تەرەپلىرى، سەۋرچانلىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق دېگەندەك ئىشلاردۇر. تەقۋانىڭ ھەقىقىتى بولسا، ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن بىجانىدىل قول ئۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ پىرىنسىپى ۋە غايىسى بولىدۇ. مەنبىئى ئىمان بولمىغان ئەمەل، ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن ئۆرپ-ئادەت، ھاۋايى-ھەۋەس، مەنسەپ-ئابرۇي ئىزدەپ قىلىنغان ئەمەللەر ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. ھەرقانداق ئەمەلنىڭ غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بولىدىكەن، ئىبادەت ھېسابلىنىپ ئەجرىگە ۋە ساۋاپقا لايىق بولىدۇ. بۇ ئاساستا ئىنسانلارنىڭ بارلىق باردى-كەلدى مۇئامىلىلىرى ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، تەقۋادارلىق پىرىنسىپى بويىچە بولىدىكەن، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا ياردەم قولىنى سۇنالايدىكەن، ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىقنىڭ روھىنى ئەمەلىلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئىنسان ئۆزى يالغۇز ھەممە ئىشنى بىلىپ، قىلىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا بارلىق ئىنسانىيەتنى بىر-بىرىگە موھتاج قىلىپ قويغانلىقى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدۇر.
ئەمما ئاللاھتائالا شۇ موھتاجلىقتا ھەمكارلىق پىرىنسىپى ئورناتقان، ئۇ پىرىنسىپ بولسا، ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش. يامانلىق ۋە تاجاۋۇزغا ھەمكارلاشماسلىق پىرىنسىپىدۇر. بۇ پىرىنسىپنى ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسىدە ئەۋلادلارغا كىچىكىدىن سىڭدۈرۈش ۋە پۇختا ئۆگىتىشى كېرەك. كىچىك بالىلار قايسى ئۇسۇلدا تەربىيلەنسە، شۇ بويىچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئەۋلادلىرىمىز، ياخشىلىقنىڭ نېمىلىكى، يامانلىقنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان روھ بىلەن تەربىيلىنىشى كېرەك.
ئاخىرىدا مۇئمىن، مۇئمىن ئۈچۈن خۇددى بىر گەۋدە قۇرۇلۇشقا ئوخشاش بولۇپ، بىر- بىرىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا ھەمكارلىشىدىغان، يامانلىق ۋە تاجاۋۇزغا قارشى تۇرىدىغان تەقۋادار مۇئمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن!!.
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر