ھىجرىيە: | مىلادىي: 18 Ağustos 2022

چىكىنىڭ
ئىجتىھاد، تەقلىد ۋە مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ پىرىنسىپلىرى

ئىجتىھاد، تەقلىد ۋە مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ پىرىنسىپلىرى


مۆمىنجان سىدىق

 

ئاللاھ تائالا ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾[1]. ئۇلارنىڭ بۇ يۈكسەك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئىنسانلار ئىچىدىن تاللانغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆگىتىش خىزمىتىنى تاپشۇردى. نەتىجىدە، ئۈستۈنكى ئالەم بىلەن تۆۋەنكى ئالەم ئارىسىدا تاكى قىيامەت كۈنىگىچە ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاندى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، تاكى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا توغرا يولدا مېڭىش، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش ۋە بۇ پانىي دۇنيادىكى ئۆمرىنى ھەق ئۈستىدە ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۆگەتتى.

پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئەمەلىي ھاياتى ئارقىلىق ئۆگەتتى. دۇنيادىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە: «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساڭلار، ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر؛ ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدۇر»[2] دېگەن مۇبارەك سۆزى بىلەن، ئۆزىدىن كېيىنمۇ بىزگە يول كۆرسىتىدىغان قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت شەرىپتىن ئىبارەت ئىككى دەستۇرنى قويۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر بىز ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساقلا، ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى ناھايىتى ئېنىق تەكىتلەپ ئۆتتى.

دېمەك، ئىنسان توغرا يولنى ئۆزلىگىدىن تېپىپ ماڭالمايدۇ. ئۇنىڭغا چوقۇم بىر يول كۆرسەتكۈچى، بىلمىگەننى بىلدۈرگۈچى بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىدىغانلاردىن سوراپ ئۆگىنىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار﴾[3].

بۇ ماقالىدە توختالماقچى بولغان تېما «ئىجتىھاد، تەقلىد ۋە مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرى» دېگەن ماۋزۇنى ئاساس قىلىدۇ. بىراق، ئاللاھ تائالا بىزگە قۇرئان كەرىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگەتكەن تۇرسا، بىزنىڭ يەنە بۇ قائىدە ـ پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ دېگەندەك سوئال قويغۇچىلارغا جاۋابىمىز شۇكى، ئەلۋەتتە بار. چۈنكى بىلمەيدىغانلار بىلەن بىلىدىغانلار ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى ئوچۇق تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ﴾[4].

شۇڭا ھەر زامان ۋە ھەر ۋاقىت بىلمەيدىغانلار بىلىدىغانلارغا موھتاج. «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر»[5]دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، بىلىدىغانلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغىنىنى قىلىدۇ، ئۆگەتكىنىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن ناھايىتى بەك قورقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ﴾[6].

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەمەل – ئىبادەتكە ئالاقىدار مەسىلىلىرىدە ئىجتىھاد قىلىپ، دەلىللەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خۇلاسە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئۆلىمالارنىڭ، شۇنداقلا ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن جاپالىق بىر ۋەزىپە. ئاللاھ تائالا بۇ ۋەزىپىنى كىمنىڭ ئادا قىلىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار ئۇنى (يەنى شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى﴾[7].

بۇ ۋەزىپە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭدىن: «بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسەڭ، نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن؟» دەپ سورىغان. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن، - دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قۇرئاندا تاپالمىساڭچۇ؟» دېگەندە، ئۇ: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن، - دېگەن. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قۇرئاندىمۇ، سۈننەتتىمۇ تاپالمىساڭچۇ؟» دېگەندە، ئۇ: كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىجتىھاد قىلىمەن، - دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەلچىسىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ، ئۆزىنىڭ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن[8].

ئەمما ئىجتىھاد قىلىش قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبىگە كەلسەك، ئۆلىمالار ئىسلام شەرىئىتىنىڭ دەلىللىرىنى دالالەت قىلىش كۈچىگە قارىتا مۇنداق تۆت تۈرگە بۆلگەن:

بىرىنچى، قەتئىي ئىسپاتلانغان ۋە قەتئىيلىككە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر. مەسىلەن، قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى ئېنىق ۋە كەسكىن، باشقا ھۆكۈملەرگە ئېھتىماللىقى يوق مۇھكەم (يەنى ئۆزگەرمەس) ئايەتلىرىگە ۋە قەتئىيلىكنى ئىپادىلەيدىغان مۇتەۋاتىر سۈننەتكە ئوخشاش.

ئىككىنچى، قەتئىي ئىسپاتلانغان، لېكىن ئېھتىماللىققا دالالەت قىلىدىغان دەلىل. مەسىلەن، تەۋىل قىلغىلى (يەنى باشقىچە چۈشەندۈرگىلى) بولىدىغان ئايەتلەرگە ئوخشاش.

ئۈچىنچى، ئېھتىماللىق بىلەن ئىسپاتلانغان، لېكىن قەتئىيلىككە دالالەت قىلىدىغان دەلىل. مەسىلەن، چۈشەنچىسى قەتئىيلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئاھاد ھەدىسلەرگە ئوخشاش.

تۆتىنچى، ئېھتىماللىق بىلەن ئىسپاتلانغان ۋە ئېھتىماللىققا دالالەت قىلىدىغان دەلىل. مەسىلەن، چۈشەنچىسى ئېھتىماللىقنى ئىپادىلەيدىغان ئاھاد ھەدىسلەر.

بۇ نۇقتىدىن، ئۆلىمالار بىرىنچى تۈرلۈك دەلىلدە ئىجتىھاد قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىغا، قالغان ئۈچ تۈرلۈك دەلىلنىڭ ئېھتىماللىق تەرىپىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىجتىھاد قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

فىقھى قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىنى بېكىتكۈچى ئۆلىمالار جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىپ، ئىجتىھاد قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرى (ئۇسۇلۇل فىقھى)، ئۇسۇللىرى، مۇجتەھىدنىڭ كىم ۋە ئۇنىڭدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشىنىڭ لازىملىقى، تەقلىد قىلىش ۋە مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ كىملەرگە دۇرۇس بولۇپ، كىملەرگە دۇرۇس بولمايدىغانلىقى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىپ چىققان.

ئۇلار بۇ قائىدە ـ پىرىنسىپلارنى بەلگىلەش نەتىجىسىدە ئىلمى كەم، دىنى ناقىس بىر قىسىم نادانلارنىڭ ئىجتىھاد چاپىنىنى كىيىۋېلىپ، دىنىي ئىشلاردا خالىغانچە پەتىۋا بېرىش، شەرىئەتنى ئۆز خاھىشى بويىچە بۇرمىلاش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى بۇزۇش، پىتنە قوزغاش، ئاخىرقى ھېسابتا ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ غالچىلىقىنى قىلىشتەك يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كېسىپ تاشلىغان. يەنى مەزكۇر قائىدە ـ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ پەتىۋا بېرىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! مەيلى تەپسىر ئىلمىدە بولسۇن، مەيلى ھەدىس ئىلمىدە بولسۇن، مەيلى فىقھى ئىلمىدە بولسۇن، ئىلگىرى ئۆتكەن ئەنە شۇ سەلەپ ئۆلىمالىرى ھەقىقەتەن ئەزىمەتلەر ئىدى. بىز مۇسۇلمانلار قايسى مىللەت ۋە قايسى ئىرقتىن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈنكى ھالىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەكلا: «بىز سەلەپ سالىھلارنىڭ تۇتقان يولىغا قايتمىغۇچە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلالمايمىز، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايمىز، تارتقۇزۇپ قويغان دىنىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ ئالالمايمىز» دەپ دەۋا قىلىمىز ۋە ھەدەپ جار سالىمىز. كاشكى، بىز شۇنداق قىلالىغان بولساق، ئىسلام دىنىمىزنى قوغدىغان ۋە ئەزىز ياشىغان بولاتتۇق. ئەپسۇسكى، بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق ۋە قىلالمايۋاتىمىز.

ئىسلام نۇرى چاقنىغان تارىختىن باشلاپ ھەر ئەسىر ۋە ھەر دەۋردە ئۆز دىيارىدا ئۆتكەن نوپۇزلۇق ئۆلىمالار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن فەقىھ ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇرۇشقا ئەمگەك سەرپ قىلىپ كەلگەن. بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ئەگەر بىز سەلەپ سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭساق، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ئەگەشكەن بولۇپ قالمايمىز، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىلىمىگە، تەقۋادارلىقىغا ۋە پەرھىزكارلىقىغا ئەگەشكەن بولىمىز. ناۋادا ئۇلار دىنغا ۋەكىللىك قىلماستىن، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋەكىللىك قىلسا ئىدى، ھەرقانچە بىلىملىك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆلىما دەپ ئاتالمايتتى، ئۆزلىرىنى ئۆلىما دەپ ئاتىۋالغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمانلار جامائىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايتتى. شۇڭا بىز ئىلگىرى ئۆتكەن ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، تىل ئۇزارتماسلىقىمىز، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەڭ ياخشى ئەسىر مېنىڭ دەۋرىمدۇر، ئاندىن قالسا كېيىن كېلىدىغانلاردۇر، ئاندىن قالسا كېيىن كېلىدىغانلاردۇر» دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنساپ ۋە ۋىجدان ساھىبى بولۇشىمىز، قانداقتۇر بىرىلىرىنىڭ پىتنە ـ ئىغۋاسىغا ئەگىشىپ قالماسلىقىمىز لازىم. ئۇنداق بولسا، ئەسلىي تېمىمىزغا كېلەيلى!

 

ئىجتىھاد قىلىشنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرى

«ئىجتىھاد» كەلىمىسىنىڭ سۆزلۈك مەنىسى:

ئىجتىھاد ئەرەب تىلى لۇغىتىدە: «قانداقلىكى قىيىن ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

شەرئىي ئاتالغۇدا: «ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىرەر شەرئىي ۋە ئىلمىي ھۆكۈمنى يەكۈنلەشتە بارلىق تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىش» دەپ تەرىپ قىلىنىدۇ.

مۇجتەھىدتە تېپىلىشقا تېگىشلىك شەرتلەر:

«مۇجتەھىد» دېگەن سۆزدىن شەرتسىز ئىجتىھاد قىلغۇچى مەقسەت قىلىنىدۇ. فىقھى ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى لازىم:

1- ئەرەب تىلىنى تولۇق بىلىش، يەنى گىرامماتىكا، سەرپ، بالاغەت ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى جەھەتلەردە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى شەرت.

2- قۇرئان كەرىمنى بىلىشى شەرت. قۇرئان كەرىم ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىرىنچى دەستۇرى. ئۇ ئىنسانىيەتكە ھەممە ساھەدە پارلاق يول كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ كىتابتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق﴾[9].

شۇڭا مۇجتەھىد قۇرئان كەرىمنى چوقۇم بىلىشى كېرەك. چۈنكى قۇرئان كەرىمنى بىلمىگەن ئادەم ئىسلام شەرىئىتىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ شەرت ئىچىگە قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىش، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرىنى، بالاغەت قىسمىنى، ناسىخ ۋە مەنسۇخ قىسمىنى، ئاممىبابلىق ياكى خاسلىق قىسمىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىلىملىرىنى بىلىش قاتارلىقلار كىرىدۇ.

3- سۈننەتنى بىلىش شەرت. سۈننەت − پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىنى، ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنى ۋە تەقرىرلىرىنى (يەنى كۆز ئالدىدا باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تەستىقلىشىنى) كۆرسىتىدۇ. ئۆلىمالار مۇجتەھىد ئۈچۈن سۈننەتنىڭ ھەممىنى بىلىشنى شەرت قىلمىغان. چۈنكى سۈننەت بىر دېڭىزدۇر. شۇڭا ئۇلار ئەھكامغا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى بىلىشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇجتەھىدنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت، قىسسە، ئاخىرەت ئەھۋاللىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارغا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى بىلىشى شەرت ئەمەس. لېكىن مۇجتەھىد ئىجتىھاد قىلىشقا ياكى پەتىۋا بېرىشكە موھتاج بولغاندا مۇراجىئەت قىلىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە ھەدىسلەرنىڭ بابلاردىكى ئورۇنلىرىنى بىلىشى كېرەك.

سۈننەتنى بىلىش دېمەك، ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنى، ئۇلارغا قويۇلغان شەرتلەرنى، رەت قىلىش سەۋەبلىرىنى، ئۇلارنى قارىلاش ۋە ئاقلاش (جەرھ ۋە تەئدىل) دەرىجىلىرىنى، ھەدىسنىڭ ناسىخ ۋە مەنسۇخلىرىنى، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرىنى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىلىملەرنى ئىنچىكىلەپ بىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

4- ئىجمائ مەسىلىلىرىنى (يەنى ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرنى) بىلىشى شەرت.

5- فىقھى ئىلمىنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىنى (ئۇسۇلۇل فىقھىنى) بىلىش، يەنى مەلۇم مەسىلىگە دەلىل كەلتۈرۈشتە قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياس قاتارلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىش، الاستحسان، مصالح المرسلة ئۆرپ ـ ئادەت قاتارلىق پىرىنسىپلاردىن قانداق پايدىلىنىش، بۇلارنى دەلىل قىلىشنىڭ شەرتلىرى جەھەتلەردە تولۇق بىلىمگە ئىگە بولۇشى شەرت.

6- شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشى شەرت. يەنى ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش، زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشى ناھايىتى مۇھىم.

7- ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىنى، دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە پىكرىي ئەھۋاللىرىنى بىلىشى شەرت.

8- ئادالەتپەرۋەر ۋە تەقۋادار بولۇش، ھەق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، دىنىنى دۇنيا مەنپەئەتىگە تېگىشىۋەتمەيدىغان بولۇشى شەرت.

 

ئەمدى ئىجتىھاد قىلىشنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىغا كەلسەك، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

بىرىنچى، پۈتۈن تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلماي تۇرۇپ ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى فىقھى قائىدىلىرىنى بېكىتكۈچى ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىشنى مۇنداق تەرىپ قىلغان: «ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىرەر شەرئىي ۋە ئىلمىي ھۆكۈمنى يەكۈنلەشتە بارلىق تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىش ئىجتىھادتۇر».

شۇڭا بىرەر مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلغاندا دەلىللەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بارلىق ئىلمىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ ئىزدىنىش، ئەگەر دەلىللەر ئارىسىدا زىتلىق كۆرۈلسە، فىقھىي ھۆكۈم چىقىرىش قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇ دەلىللەرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك.

بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن، بىرەر مەسىلىگە ئالدىراپ ـ تېنەپ پەتىۋا بەرگۈچى شەرىئەت ئېتىبارغا ئالغان مۇجتەھىد قاتارىغا كىرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ پەتىۋاسى قۇرئان كەرىمنىڭ ياكى سەھىھ ھەدىسنىڭ ۋەياكى مۇسۇلمانلار بىرلىكىنىڭ روھىغا خىلاپ بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئىككىنچى، دەلىلى قەتئىيلىك بىلەن ئىسپاتلانغان ۋە قەتئىيلىككە دالالەت قىلىدىغان مەسىلىلەردە، مەسىلەن، نامازنىڭ پەرز بولۇشى، روزىنىڭ پەرز بولۇشى، ھاراق ئىچىشنىڭ ھارام قىلىنىشى، چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەمما دەلىلى قەتئىيلىك بىلەن ئىسپاتلانغان، لېكىن ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدىغان ياكى دەلىلى ئېھتىماللىق بىلەن ئىسپاتلانغان، لېكىن قەتئىيلىكنى كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشقا بولىدۇ، شۇنىڭدەك دەلىلىمۇ ئېھتىماللىق بىلەن ئىسپاتلانغان (ۋە ھۆكۈم جەھەتتىمۇ) ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئېھتىماللىق تەرەپلىرىدە ھەم ئىجتىھاد قىلىشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، قەتئىيلىكنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى قەتئىيلىكنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىپ، ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە ئىجمائنى (بىرلىككە كەلگەنلىكنى) دەۋا قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.

تۆتىنچى، فىقھىشۇناسلىق بىلەن ھەدىسشۇناسلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارىدىكى بوشلۇقنى تۈگىتىش كېرەك. چۈنكى ھەدىس بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى فىقھىشۇناسلىققا، ئۇنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىختىلاپلىق مەسىلىلىرى، دەلىل كەلتۈرۈش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسلۇبلىرى، ئىجتىھاد ئىقتىدارى قاتارلىق مەسىلىلەرگە سەل قارايدۇ. شۇنىڭدەك، فىقھى ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ھەدىس ئىلمىدە ئاجىز كېلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ بەزىسى، مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئەسلىسىز ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ، سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلىدىغان ئېغىر ئەھۋاللاردىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا بۇ بوشلۇقنى قەتئىي تولدۇرۇش لازىم كېلىدۇ.

بەشىنچى، ئەمەلىي ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشتىن قەتئىي ھەزەر قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى باشقىلارغا ھەقىقەتنى بىلدۈرىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن، ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ ماڭىدىغان ئۈممەت قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ ياكى بىر ئىدىيەۋى قاراشنىڭ قۇيرۇقچىلىرى بولۇپ قېلىشىمىزغا رازى بولمايدۇ. قىسقىسى، شەرىئەت ئىشلىرىغا سەل قاراپ، دىن دۈشمەنلىرىگە يول قويۇپ، شەرىئەتنىڭ سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئالتىنچى، پايدىلىق يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. يەنى يېڭىلىقلارنى پۈتۈنلەي قارشى تۇرۇش نىشانى قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم. شۇ جۈملىدىن شەرق ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ نىزامنامىلىرىدىن ئەقىدىمىزگە، شەرىئىتىمىزگە زىت بولمىغان، شۇنىڭدەك جەمئىيىتىمىزگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى قېزىپ چىقىپ، دىنىي ۋە مىللىي روھىي قۇۋۋىتىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز بىلەن بېزەش ئارقىلىق قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىلغىماي ھەممىنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

يەتتىنچى، ھازىرقى دەۋرنىڭ روھىي ئوزۇقلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىز زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىكى مۇجتەھىدلەر دۇچ كەلمىگەن يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز. شۇڭا بۇ مەسىلىلەردە ئۆزىمىز ئىجتىھاد قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئىلگىرىكى مۇجتەھىدلەر بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ياشىغان ۋە بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسا ئىدى، خېلى كۆپ ساندىكى قاراشلىرىدىن يېنىۋالغان بولاتتى. بىز بۇنى مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ بەزى شاگىرتلىرىنىڭ كېيىنچە ئۆز ئىماملىرىنىڭ پەتىۋاسىدىن پەرقلىق ھالدا پەتىۋا بەرگەنلىكىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. ھەتتا بەزى ئىماملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا كېيىنكى قاراشلىرىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى بىلىمىز. مەسىلەن، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھتۇر.

سەككىزىنچى، يېڭىدىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردە يەككە ئىجتىھاد قىلىش باسقۇچىدىن گۇرۇپ ھالىتىدە ئىجتىھاد قىلىش باسقۇچىغا قەدەم بېسىشىمىز، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلىشىمىز، بولۇپمۇ ئاۋام - خەلققە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىر ھەدىستە كۆپچىلىكنىڭ پىكرى يەككە كىشىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا بەكراق توغرا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ دۇچ كەلگەن بىرەر مەسىلىگە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل تاپالمىسا، ئىلغار ئۆلىمالارنى يىغىپ، ئۇلاردىن مەسلىھەت ئالاتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى بويىچە ھۆكۈم قىلاتتى. ئىجمائ مەسىلىسى مانا مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىققان.

ئەسلىدە گۇرۇپ ھالىتىدە ئىجتىھاد قىلىش يەككە ھالەتتە ئىجتىھاد قىلىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. چۈنكى يەككە ئىجتىھاد زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن يەككە ئىجتىھاد ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن مەسىلىلەر كۆپچىلىك مۇجتەھىدلەرنىڭ مەسلىھەتىگە قويۇلغاندىن كېيىن قارار ئېلىنسا، مەسىلە تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئوچۇق ھەل بولىدۇ.

توققۇزىنچى، مۇجتەھىدنىڭ خاتالىشىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇنىڭ خاتاسىغا قارىتا كۆڭلىمىزنى كەڭ تۇتۇشىمىز، ئالدىراپ ـ تېنەپ بوھتان قىلماسلىقىمىز، قاتتىق پوزىتسىيەدە بولماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەردىن باشقا ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. ناۋادا بىز مۇجتەھىدنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولىدىغان بولساق، ئىجتىھادنىڭ روھىغا زەربە بېرىپ قويىمىز. نەتىجىدە، ئىجتىھادىي قاراشلار ئۆز ساھىبلىرىنىڭ دىللىرىدا بوغۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن فىقھىي ئەمگەككە ۋە پۈتۈن ئۈممەتكە چوڭ زىيان يېتىدۇ. ئىجتىھاد قىلغۇچىنىڭ خاتاسىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. لېكىن بۇ مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھاد قىلىش قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىغا تولۇق ئىگە بولۇشى، ئادالەتپەرۋەر ۋە گۈزەل ئەخلاق ساھىبى بولۇشى كېرەك. چۈنكى فىقھى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى بۇ ھەقتە كىتاب يازغان ۋەياكى بىر تۈركۈم ھەدىس يادلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى مۇجتەھىد ھېسابلانمايدۇ.

 

تەقلىد قىلىش (ئەگىشىش)نىڭ پىرىنسىپلىرى

«تەقلىد» كەلىمىسىنىڭ سۆزلۈك مەنىسى:

تەقلىد ئەرەب تىلى لۇغىتىدە: ئېسىپ قويماق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇلاپكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى باشقا بىرىگە ئېسىپ قويۇشىدىن كېلىپ چىققان.

شەرئىي ئاتالغۇدا بىرىنىڭ شەرئىي دەلىل بولالمايدىغان سۆزىنى: نېمىگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم قىلدىڭ؟ دېمەستىن قوبۇل قىلىش تەقلىد دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەۋلادلارنىڭ ئەقىدىدە ئەجدادلارغا تەقلىد قىلىشىنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار ئېيتتى: ئۇنداق ئەمەس، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق﴾[10].

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار: ئەقىدىدە تەقلىد قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىمان بىرەر نەرسىگە كەسكىن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىماندا تەقلىد قىلىشقا بولمايدۇ، - دەپ قارايدۇ.

ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «دىننىڭ ئاساسلىرىغا ئالاقىدار ئېتىقادىي ئىشلاردا تەقلىد قىلىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا پۈتۈن ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى ئېتىقادىي ئىشلار قەتئىي ئىشەنچ تەلەپ قىلىدۇ». ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ﴾[11].

لېكىن ئۆلىمالار بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەمەل - ئىبادەتكە ئالاقىدار ئىشلاردا ئالىمغا تەقلىد قىلىشىنى ماقۇل كۆرگەن، لېكىن بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتكەن:

بىرىنچى، تۈرۈك ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۈرۈك ئادەمگە تەقلىد قىلىشى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا ھارامدۇر.

ئىككىنچى، بىرەر مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلغان بىر مۇجتەھىدنىڭ شۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىدە ئىجتىھاد قىلغان يەنە بىر مۇجتەھىدكە تەقلىد قىلىشى، ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاق قارىشىدا مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇجتەھىدنىڭ تۈرۈك ئادەمگە تەقلىد قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. گەرچە بۇ نادىر ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى يىراق سانىغىلى بولمايدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەقلىد قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ:

1ـ تەقلىد قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىللەردىن يۈز ئۆرۈش.

2ـ بىراۋنىڭ تەقلىد قىلىنىشقا سالاھىيىتى بارلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، تەقلىد قىلىش.

3ـ تەقلىد قىلىنغۇچىنىڭ قارىشىغا خىلاپ ھالدا دەلىل كۆرسىتىلگەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا جاھىللىق بىلەن تەقلىد قىلىش.

 

مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ قائىدە ـ پىرىنسىپلىرى

«مەزھەپ» كەلىمىسىنىڭ سۆزلۈك مەنىسى:

مەزھەپ ئەرەب تىلى لۇغىتىدە: بارىدىغان جاي دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. شەرئىي ئاتالغۇدا: ئىسلام فىقھىسىدا داڭلىق مۇجتەھىد ئىماملار تۇتۇپ ماڭغان، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مۇئەييەن يول مەزھەپ دېيىلىدۇ.

ئىسلامىي مەزھەپلەر فىقھى ساھەسىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ۋە شۇ مەزھەپ ئىگىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار مول ئىلمى، ئىجتىھاد قىلىش جەھەتتىكى ئۆنۈملۈك رولى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان نوپۇزلۇق مۇجتەھىدلاردۇر.

ئۆلىمالار بۇ ھەقتە مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: «تارماق ئەھكاملارنىڭ دەلىللىرىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەربىر مۇسۇلمان دىن ئىماملىرىدىن بىر ئىمامغا ئەگىشىشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىنىڭ دەلىلىنى بىلىشتە ئىمكان قەدەر ئىجتىھاد قىلىشى، قاچانىكى ئۆزىگە يول كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ دەلىل بىلەن كۆرسەتكەن كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئەگەر ئىلىم ئىگىلىرىدىن بىرى بولسا، دەلىللەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن كەم قالغان ئىلمىنى تولۇقلىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ».

مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ياكى ئوقۇمىغان ئادەملەر بىرەر مەزھەپكە ئەگەشمەكچى بولسا تۆۋەندىكى بىر قاتار مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلنىدۇ:

بىرىنچى، ئىسلامىي مەزھەپلەر شەرىئەت دەلىللىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن فىقھىي ئەمگەكتۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ يېڭى شەرىئەت ئەمەس، شۇنداقلا ئىسلام دىنىدىن باشقا نەرسىمۇ ئەمەس.

ئىككىنچى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ دەستۇرى قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. ئۇنىڭ ساھەسى ھەرقانداق بىر مەزھەپ دائىرىسىدىن كەڭ ۋە ئاممىبابتۇر.

ئۈچىنچى، ئىسلام شەرىئىتى ھەرقانداق مەزھەپ ئۈچۈن دەلىلدۇر، ئەمما مەزھەپ ئىسلام شەرىئىتى ئۈچۈن دەلىل بولالمايدۇ.

تۆتىنچى، مەزھەپنىڭ بارلىققا كېلىشى ئېھتىماللىقى بار دەلىللەردە ئىجتىھاد قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم بىر مەزھەپ بويىچە يول تۇتۇپ كەلگەن بولسا، شۇ مەزھەپنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىدە خاتالاشقانلىقى ئېنىق بولۇپ، ئوخشاش شۇ مەسىلىنىڭ توغرا تەرىپى يەنە باشقا بىر مەزھەپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، مەزكۇر مەزھەپكە ئەگەشكۈچى كىشى شۇ مەسىلىدە توغرا قاراشقا ئىگە مەزھەپنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

بەشىنچى، مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگەشكۈچىنىڭ بەزى مەسىلىلەردە باشقا مەزھەپكە ئەگىشىشى، شۇنداقلا شەرئىي ھۆكۈمنى باشقا مەزھەپ فىقھى ئالىمىدىن سورىشى دۇرۇستۇر. چۈنكى مۇئەييەن بىر مەزھەپنىڭ پۈتۈن ئىجتىھادلىرىغا ئەگىشىش زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەرز ياكى ۋاجىپ دەپ قارالمايدۇ.

ئالتىنچى، مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگەشكۈچىنىڭ كەڭ قورساق بولۇشى، مۇتەئەسسىبلىك قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھەربىر مەزھەپ مۇجتەھىدلىرى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگەن مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمگەك سەرپ قىلغان. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي ئەمگىكى ئەمەس.

يەتتىنچى، مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا تار نەزەر بىلەن قارىماسلىق لازىم. چۈنكى مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە يەكۈن چىقىرىشتا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولۇش، شۇنىڭدەك ئوخشاش بىر مەسىلە ھەققىدە پەرقلىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش غايەت نورمال ئەھۋال.

سەككىزىنچى، پەرقلىق مەزھەپلەردىكى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى بىلىشىمىز، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، دۇئا قىلىشىمىز، ئۇلار بىرەر مەسىلىدە توغرا ھۆكۈم چىقارسۇن ياكى خاتالاشسۇن، ئىككىلى ئەھۋالدا ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1ـ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2- ئىمام مالىكنىڭ «الموطأ» ناملىق ھەدىس كىتابى

3- ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ «سنن أبي داود» ناملىق ھەدىس كىتابى

4- ئىمام تىرمىزىينىڭ «سنن الترمذي» ناملىق ھەدىس كىتابى

5- ئىمام ئەھمەدنىڭ «مسند أحمد بن حنبل» ناملىق ھەدىس كىتابى

6- يۈسۈف قەرزاۋىنىڭ «الاجتهادفي الشريعة الإسلامية» ناملىق كىتابى

7ـ ئابدۇلكەرىم زەيداننىڭ «الوجيز في أصول الفقه» ناملىق كىتابى

8ـ جۇمئە ئەمىن ئابدۇلئەزىزنىڭ «فهم الإسلام في ظلال الأصول العشرين للإمام الشهيد حسن البنا» ناملىق كىتابى

9ـ ئابدۇللاھ قاسىم ۋەشلىنىڭ «النهج المبين لشرح الأصول العشرين» ناملىق كىتابى

10ـ يۈسۈف قەرزاۋىنىڭ «الاجتهاد المعاصر بين الانضباط والانفراط» ناملىق كىتابى

11ـ مەھمۇد تەھمازنىڭ «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد» ناملىق كىتابى

 

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى تاھىرجان ئابباس

 


[1] سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت.

[2] مۇۋەتتە، 1395 – ھەدىس.

[3] سۈرە نەھل، 43 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[4] سۈرە مۇجادىلە، 11 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد، 3157 – ھەدىس، سۈنەنى تىرمىزى، 2606 – ھەدىس.

[6] سۈرە فاتىر، 28 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[7] سۈرە نىسا، 83 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8] سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد، 3119 ـ ھەدىس. مۇسنەدى ئەھمەد، 21000 ـ، 21049 ـ ۋە 21084 ـ ھەدىسلەر.

[9] سۈرە نەھل، 89 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[10] سۈرە شۇئەرا، 74 ـ ئايەت.

[11] سۈرە ئىسرا، 36 ـ ئايەت.

باشقا خىزمەتلەر