ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ۋىرۇستىن ساقلانغىلى بولىدۇ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر بىز بۇ ئايەت ئۈستىدە ئوبدان تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بارلىق قورقۇشلارنىڭ ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنىڭ ئۆزىلا بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خەتەرلىرىدىن قۇتقۇزۇشقا كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ناۋادا بىز ئاللاھ تائالادىن ھازىر دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئېلىۋالغان ئاشۇ لەنىتى ۋىرۇستىن قورققاندەك قورقىدىغان بولساق، ئەلۋەتتە بىز ۋىرۇس بالاسىدىن ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچىسىدىن ئۈزۈلكېسىل ساقلىنىپ قالالايمىز. چۈنكى ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھازىرقى تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى قىلغان تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىمىز بىزگە ئاللىبۇرۇن تەۋسىيە قىلغان ۋە ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆزىدۇر. مەسىلەن:
1. ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن تازىلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تازىلىق قىلىشنىڭ، خۇسۇسەن، كۈندە ئاز دېگەندە بەش قېتىم قول، يۈز، پۇت قاتارلىق كىرلىنىشكە يۈزلىنىپ تۇرىدىغان ئەزالىرىمىزنى ئاز دېگەندە ئۈز قېتىمدىن يۇيۇشنىڭ، ئېغىزىمىزنى مۇكەممەل چايقاپ، بۇرنىمىزنى تولۇق تازىلاشنىڭ ئىسلام پەزرلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزنى مەسلىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىمىز.
2. سەلبىي ئوي-پىكىرلەردىن، قورقۇنچ-ئەندىشىلەردىن كۆڭۈلدىن يىراق تۇتۇش، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ سانسىزلىغان نېمەتلىرىنى ياد ئېتىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. كۆڭۈلنىڭ ئارامىدا بولۇشى كېسەللىككە قارشى كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئامىللىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسىدۇر.
3. ئاچچىقلانماسلىق، غەزەپلەنمەسلىك دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزى ئاز ۋە ئەڭ پايدىلىق بىر ئىشنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانما» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە سورىغاندا، يەنە ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانما» دېگەن. ئاچچىقلانماسلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، غەزەپلەنمەسلىك كېسەلگە قارشى كۈچنى ئاشۇرۇش يولىدا تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھىم تەۋسىلىرىنىڭ بولۇپ قالدى.
4. بېسىمدىن ساقلىنىش، ئۆزىمىزنى راھەت تۇتۇش دىنىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بولۇپ، ئىشلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش، ئۇنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىش، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش كۆڭلىمىزنى ئازادە، قەلبىمىزنى راھەت قىلىدۇ. كېسەلگە قارشى كۈچىمىزنىڭ ئاشۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىدىن بىرى بېسىمدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىمىزنى ئازادە، راھەت ھېس قىلىشتۇر. بۇ ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش، ئۇنى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سىغىنىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
5. ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلاپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. «كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا ئويغىنىپ ساڭا خاس نەپلە ناماز ئوقۇغىن» دېگەن ئايەت ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بەدىنىمىزنىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ چارىلىرىدىن بىرى ساغلام ئۇيقۇدۇر. ساغلام ئۇيقۇ ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلاشتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كېچىدە ئادەم ئۇخلىغاندا ئۇنىڭ يۈرە، جېگەر، بۆرەك، ئاشقازان قاتارلىق مۇھىم ئورگانلىرى يېڭىلىنىپ، ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. بۇنى «بىيولوگىيەلىك سائەت» دەپ ئاتايدىكەن.
6. يېمەك-ئىچمەكتە ھالال-ھارامغا ۋە پاكىزلىققا دىققەت قىلىش دىنىمىزنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەسىدۇر. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار« دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ۋىرۇستىن ۋە ھەرقانداق باكتېرىيەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالدىنقى تەۋسىيەلىرىدىن بىرىدۇر.
دېمەك، بىز ھەممىدىن ئاۋۋال دىنىمىزنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغان بولساق، بارلىق تېببىي تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلغان ۋە بۇ دۇنيادا ئۆزىمىزنى ئاغرىق-سىلاقتىن، ئاخىرەتتە ئازابتىن ساقلاپ قالغان بولىمىز. شۇ ناھايىتى ئېنىقكى، مەنىۋى جەھەتتىكى ساغلاملىق بەدەننىڭ ساغلام بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا ئېتىقادى كۈچلۈك، ئىبادەتلىرى جايىدا، خۇش تەبىئەتلىك، كەڭ قورساق كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقى جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمز .