ھىجرىيە: | مىلادىي: 18 Ağustos 2022

چىكىنىڭ
دىندارلىق بىزنىڭ نىجاتلىق يولىمىزدۇر

دىندارلىق بىزنىڭ نىجاتلىق يولىمىزدۇر

  مۇھەممەد يۈسۈپ 

 

 

»دىندار» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە: «دىنغا ئەمەل قىلىدىغان، ئاللاھقا، دىنغا ئىشىنىدىغان كىشى»  دەپ شەرھلەنگەن. بۇ سۆزنى ئەرەبچىدە «متدين» (دىنغا ئەمەل قىلغۇچى» دەپ ئاتايدۇ. دېمەك، دىندار ياكى دىندارلىق ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىنغا ئەمەل قىلغۇچى دېگەنلىك بولىدۇ. «مۇسۇلمان» دېگەن سۆز بويسۇنغۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق مۇسۇلمان دىنغا ئەمەل قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، دىندار بولۇشقا تېگىشلىك. ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەرقانداق ئادەم دىندار بولۇشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى يالغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ] فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ(يەنى«(ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ» ( ).

 ئەگەر بىراۋ بىرەر دىنغا مەنسۇپ بولۇپ قويۇپ، ئۇ دىنغا ئەمەل قىلمىسا، ئۇنى دىندار دېگىلى بولمايدۇ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەگەر ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئىسلام دىنىغا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان ۋە راستتىنلا ئېتىقاد قىلىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم دىندار بولۇشقا تېگىشلىك. ئەكسى تەقدىردە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭا بىز دىندار بولۇشقا، بولغاندىمۇ ھەقىقىي مەنىدە دىندار بولۇشقا موھتاج. ئەگەر بىز دىندار  بولۇشنى خالىمىساق، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ يۈرگىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيەت بولۇپ، بىز مۇسۇلمان بولغان كۈنىمىزدىن  باشلاپ ئىسلام دىنىنىمىزنى قوغداشقا، ئۇنىڭغا ھەقىقىي مەنسۇپ بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىشقا مەسئۇلمىز. ئاللاھ تائالا بىزنى مۇشۇ مەسئۇلىيەت ھەققىدە سوراق-سوئال قىلىدۇ.

 

ھەقىقىي دىندارلىق

مۇسۇلمانلىق ياكى دىندارلىق شەكلەن ئورۇنداپ قويسا بولىدىغان ئادەت ياكى ئەنئەنە ئەمەس، بەلكى ئۇ مەسئۇلىيەت، ئەخلاق ۋە پاكلىقتۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇمىغان ۋە ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلىغان ھالدا، گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ھايات كەچۈرۈشكە بۇيرۇلغان. ھەقىقىي دىندارلىق — قەلبىنى ناتوغرا ئېتىقاد ۋە ئازغۇن پىكىرلەردىن، ھەسەت، ئىچى تارلىق دېگەندەك ناچار ئەخلاقتىن پاك قىلىپ، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. مۇشۇنداق قىلغان ئادەم ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان دېيەلەيدۇ. شۇڭا ھەرقانداق مۇسۇلمان دىندار بولۇشقا موھتاج. ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئېغىزىدىكى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

 

شەكلىي جەھەتتىكى دىندارلىق ئەسقاتمايدۇ

ھەربىر مۇسۇلمان ھەقىقىي دىندار بولۇشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇ شۇنىڭغا موھتاج. ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ شەكلىي جەھەتتىكى دىندارلىقى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇنداق دىندارلىق يەكشەنبە كۈنلۈكتە بىر كۈن چېركاۋاغا بېرىپ قويىدىغان خىرىستىيانلارنىڭ دىندارلىقىدىن پەرقلەنمەيدۇ. غەرب دۇنياسىدا ئۆزىنى خىرىستىيان دەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىرىستىيان دەپ ئاتىلىدۇ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم چېركاۋغا بېرىپ قويىدىغانلىرى دىندار سانىلىدۇ. بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىقى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ دىنغا ئەمەل قىلمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىمايدۇ، يەنە بەزىسى ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ، مۇسۇلمانچە يۈرىدۇ، مۇسۇلمانچە كىيىنىدۇ، ئەمما مۇئامىلىدە، ئەخلاقتا نۆل. بۇنداق كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان ياكى دىندار دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا دىندارلىقنىڭ ھېچبىر ئالامىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما مۇسۇلمانچە يۈرىدۇ، مۇسۇلمانچە گەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇناپىقلاردىن قىلچە پەرقى كۆرۈنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن»: ]وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ[ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قالىسەن، (دىلىنىڭ ئىماندىن خالىيلىقىدا) ئۇلار گويا تامغا يۆلەپ قويۇلغان قۇرۇق ياغاچلارنىڭ ئۆزىدۇر .

 

دىننىڭ نېگىزى مۇئامىلە ۋە ئەخلاقتۇر

جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسلام دىنىمىزنى مۇنداق تونۇشتۇرغان: «ئى پادىشاھىم! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا - پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق مىللەت ئىدۇق. بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر پەيغەمبەر كەلدى. ئۇ بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بىزنى زىنا - پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى يېۋىلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلىدۇ. ئۇ يەنە بىزنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا ئەمر قىلىدۇ» ( ).

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننىڭ يادروسى ئەخلاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقتۇر»( )، «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن» ( ).

 

تەقۋالىق دىندارلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر

تەقۋالىق دىندارلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدە تەقۋا بولغاندىلا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇرۇن ئۈچ قىتئەدە ھۆكۈم سۈرگەن كۈچلۈك مۇسۇلمانلار ھازىرقى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردەك ئېغىزىدا ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە مۇسۇلمان ۋە ھەقىقىي دىندار ئىدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى قوماندان ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندەك تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال ئورۇندايتتى.

 

تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى: ئاللاھتىن قورقۇش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر_ بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر- بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىر_ بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق مانا بۇ يەردە». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق مانا بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق قاتارىدىن سانىغان. ئۇ يەنە: «ئىنساننىڭ بىرەر مۇئمىن قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش، مال _ مۈلۈكىگە ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر»[9]  دېگەن. بىراۋنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى ئۇنى يۇقىرىقى گۇناھلاردىن توسالمىسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ قىلچە پايدىسى يوقتۇر. مۇنداق ئىبادەت ئۇنىڭغا يا دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە قىلچە ئەسقاتمايدۇ.

دىندارلىق بىزنىڭ نىجاتلىق يولىمىزدۇر (dinhayat.com)

باشقا خىزمەتلەر