ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
ئىسلامنىڭ بارلىق تەلىماتىغا مۇكەممەل ئەمەل قىلىش كېرەك

ئىسلامنىڭ بارلىق تەلىماتىغا مۇكەممەل ئەمەل قىلىش كېرەك

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

 

(/10/1432هـ 10/9/2011م (

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلامنىڭ بارلىق تەلىماتىغا مۇكەممەل ئەمەل قىلىش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بىر مۇئمىن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھىدايەت ۋە بۈيۈك ھۆججەت ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان تۆۋەندىكى خىتابىدۇر:

{يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱدۡخُلُواْ فِي ٱلسِّلۡمِ كَآفَّةٗ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ
ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ}

{ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر}[1].

ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئايىتى كەرىمىدە ھەقىقىي مۇئمىن بەندىلەرنى ئىسلامنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىنى ئەمەلىي ھاياتىدا ئىخلاس بىلەن تەتبىقلاشقا ۋە بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، توسقانلىرىدىن يېنىشقا بۇيرىغان. ئاللاھنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى، بارلىق مۇئمىنلەر شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەگىشىش يولىدا ئەسلىتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسىي روھى بار بولسىمۇ مۇئمىنلەر ئىمانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، روھىنى تازىلاش، روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەسلىتىش ۋە تەشۋىقاتقا موھتاجدۇر. مۇئمىنلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تۇرمۇشىدا ئۆزلەشتۈرۈش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىرادە قىلغان شەكىلدە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمنىڭ روھى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى مىزان قىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىدۇر. مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا كۆنگەن تەقدىردە بەخت-سائادەت ۋە تىنچلىق دۇنياسىغا كىرگەن بولىدۇ-دە، تۇرمۇشىدا مۇقىملىق، خاتىرجەملىك ۋە رازىمەنلىك ئۇمۇملىشىدۇ.

تەۋھىد بۇلىقى ۋە ئىمان دەرياسىدىن قەلبى سۇ ئىچكەن ئىنسان، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەن ھەقىقەتنى قەلبىدە مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسمى سۈپەتلىرىگە بولغان ئىمانىنى كۈچلەندۈرىدۇ، ماڭىدىغان يوللىرىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولمايدۇ، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ. ئەتراپىغا ھەر خىل شەكىلدىكى ئىلاھلار توپلىشىۋالمايدۇ، كۈندە بىرىنى ئەۋلىيا تىكلىۋالمايدۇ، بايغا خوشامەت قىلمايدۇ، باشلىققا چوقۇنمايدۇ، ئىمان ۋە ۋىجدانىنى بەش تىيىن ئۈچۈن ئەرزان سېتىۋەتمەيدۇ. مۇئمىن ئۆزىنىڭ ساپ ئىمانى بىلەن بېشى ئۈستۈن ۋە قەلبى پاك ياشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنى لايىقىدا چۈشەنگەن بويىچە، ئاللاھتىن باشقىغا باش ئەگمىگەن ھالدا ياشايدۇ ۋە دۇنيادا ھەممىدىن كۈچلۈك ياردەم قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ھېچبىر لەھزە ئېسىدىن چىقارمايدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، بالايى-مۇسىبەتنى كۆتۈرگۈچى ئىكەنلىكى، كېسەلگە شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكى ۋە غەم-قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايدۇ.

قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش بولسا، بەندىگە روھىي خاتىرجەملىك ئاتا قىلدۇ ھەمدە غەم-قايغۇ ۋە ئەندىشە-ئىزتىراپلاردىن يىراق بولۇش كۈچىنى ئاتا قىلىدۇ، ئۈمىتسىزلىككە يول قويمايدۇ. ئاللاھ سۈرە يۈسۈفتە مۇنداق دەيدۇ:

{يَٰبَنِيَّ ٱذۡهَبُواْ فَتَحَسَّسُواْ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَاْيۡ‍َٔسُواْ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ لَا يَاْيۡ‍َٔسُ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ}

{ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسنى ئىزدەڭلار، اﷲنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا اﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلىندۇ}[2].

ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغان ھېچقانداق ئىشى ھېسابسىز قالمايدۇ، ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

{فَمَن يَعۡمَلۡ مِثۡقَالَ ذَرَّةٍ خَيۡرٗا يَرَهُۥ  وَمَن يَعۡمَلۡ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖ شَرّٗا يَرَهُۥ}

{كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ}[3].

ئاللاھنىڭ كامالى ئادىللىقى شۇكى، ياخشى ئىش قىلغانلار ئۈچۈن مۇكاپات بېرىش، يامان ئىش قىلغانلاردىن ھېساب ئېلىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن قىساس ئېلىپ بېرىشتۇر. مۇسۇلمان كىشى، بۇ دۇنيانىڭ ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى ئەمەسلىكىنى، قىيامەتتە ئەبەدى ھايات بارلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ يېنىدا ھېچنەرسىنىڭ زايا بولمايدىغانلىقىنى بىلسە، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ئۈچۈن سەۋر قىلىدۇ، قىلغان ئىشلىرىدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ ۋە تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئەمەل قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ. ئاخىرەت كۈنىگە چىن ئىمان كەلتۈرۈش، كىشىلەر ئارىسىدىكى دۇنياغا ھېرىسمەنلىكتىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى پەسەيتىدۇ.

بىز كۆرۈۋاتقان ئەخلاقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، چەكلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلماسلىق، دۇنيالىقتا بەسلىشىش، شەھۋانىي ھەۋەسلەرنىڭ ئارقىسىغا بېرىلىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوتقا ئىتتىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئىمانغا بېرىپ تاقىلىدىغان نازۇك مەسىلىلەردۇر. قىيامەتتە ھېساب ۋە جازا بارلىقىغا ئىمانى بار كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ. مۇئمىننىڭ ئىسلامنىڭ بارلىق ئەركانلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئىسلامغا تولۇق ئەمەل قىلىش پىرىنسىپىغا قول قويغانلىقى بولۇپ، ئىنسان شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە تەسلىم بولغانلىقىدۇر.

ئىبادەت ۋە نامازلار بولسا، مەسجىدلەردە ئوقۇپ، چىقىپلا ئۆزى بىلگەن يولىغا ماڭىدىغان ئىش-ھەرىكەت بولماستىن، ھايات پىرىنسىپىدۇر. ئىبادەت قىلغان ئادەم، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن يانىدۇ. مال-دۇنياغا ئىشلىشىڭىز ئىبادەت بولغاندەك، قولغا كەلتۈرگەن مال-دۇنيانى جايىغا چىقىم قىلىشىڭىزمۇ ئىبادەتتۇر. خىزمەتچى بولسىڭىز بەلگىلەنگەن خىزمىتىڭىزنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىشىڭىزمۇ ئىبادەت بولۇپ، بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىڭىز ۋە ئىش-ئىزلىرىڭىزدا ئاللاھتىن قورقىشىڭىز كېرەك.

 ئىسلام دىنى ئېتىقاد، جان، مال، ئەقىل ۋە ئابرۇيىدىن ئىبارەت 5 تۈرلۈك زۆرۈرىيەتكە كېپىللىك قىلغاندۇر. ھەر بىر شەخسنىڭ مەزكۇر 5 تۈرلۈك ھوقۇقى ئىسلامدا تولۇق كېپىللىككە ئىگە قىلىنغان.

ئىسلام يەنە بەندىلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي كېپىللىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق، موھتاجلارنى تويغۇزۇش، سەدىقە بېرىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئىسلامنى لايىقىدا قوبۇل قىلغانلار جەمئىيەتتە پاھىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ ۋە ئۇنى تەشەببۇسمۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

 {إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ ٱلۡفَٰحِشَةُ فِي ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ}

{مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر}[4].

ئاللاھ يەنە پاك، ئەفىيف ئاياللارنى قارىلاش ۋە بۇزۇقلىق، پاھىشە بىلەن تۆھمەت قىلىشنىڭ قانچىلىك يامانلىقى، ئىنسانلارنىڭ شەرىپى، نۇمۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى، دەلىل-ئىسپاتى يوق تۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاياللارنى پاھىشىلىك بىلەن تۆھمەت قىلىشنىڭ نەقەدەر يامانلىقىنى مۇنۇ ئايەت ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسەتكەن:

{وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَأۡتُواْ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَ فَٱجۡلِدُوهُمۡ ثَمَٰنِينَ جَلۡدَةٗ وَلَا تَقۡبَلُواْ لَهُمۡ شَهَٰدَةً أَبَدٗاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ}

 {ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)}[5].

ئاللاھ ئاياللارغىمۇ باشقىلارنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىغا يول ھازىرلاپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئىففەت-نومۇسىنى ساقلاش بۇيرۇقىنى بېرىپ، باشقىلارنىڭ گۇمان قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان:

{قُل لِّلۡمُؤۡمِنِينَ يَغُضُّواْ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِمۡ وَيَحۡفَظُواْ فُرُوجَهُمۡۚ ذَٰلِكَ أَزۡكَىٰ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ  وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ}

 {مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن}[6].

مۇئمىنلەر ئىسلامنىڭ روھىنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەن، قۇرئان ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلغان چاغدا، بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ۋەز-نەسىھەتلەر توسالمىغان ئادەمنى شەرىئەتنىڭ جازا-ھەدلىرى توسالايدۇ.

ئاللاھ بىزلەرنى ئىسلام تەلىماتىغا مۇكەممەل ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن، باشقىلارنىڭ ئابرۇي-شەرەپلىرىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، پىتنە-پاسات ئۇرۇغىنى چاچىدىغانلاردىن قىلمىسۇن، ئامىن!!.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە بەقەرە: 208- ئايەت

[2]   سۈرە يۈسۈف: 87- ئايەت

[3]  سۈرە زەلزەلە7-8- ئايەت

 

[4]   سۈرە نۇر: 19- ئايەت

[5]   سۈرە نۇر: 4-  ئايەت.

[6]  سۈرە نۇر: 30- ۋە 31- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى

باشقا خىزمەتلەر