ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى ھازىرلىغانلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىشنى، دىنىنى مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.[1]
ئاللاھ ياردىمىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن زامان ۋە ماكاننى ئەمەس، بەلكى شەرت، سەۋەبلەرنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ھەرقانداق بىر جامائەت ياكى مىللەت قايسى زامان ۋە قايسى ماكاندا بولسۇن، ئۇ شەرت، سەۋەبلەرنى ھازىرلىغان ھامان ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان زاتتۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.[2]
زېمىن ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى ۋارىس قىلىدۇ. يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپدۇر.[3] بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا ئەزەلدە يازغاندىن كېيىن، داۋۇدقا نازىل قىلىنغان زەبۇردا زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق.[4]
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە يەنە بىر قانچە ئورۇنلاردا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: شەك-شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۇئمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.[5] (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى.[6] ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ.[7] بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان. ئۇلار چوقۇم ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر.[8]
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، بىر مەزگىل ۋەھشى زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى ھازىرلاپ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن نۇرغۇن جامائەت ياكى مىللەتلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. زالىملارنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتېۋېتىش خەتىرىگە دۇچ كەلگەن ساھابىلارمۇ ماددىي ئىمكانىيەتنىڭ ئازلىقى بىلەن تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى ھازىرلاپ، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە زالىم ئىمپىراتۇرلارنى يىقىتىپ، زېمىننىڭ ۋارىس ۋە خۇجايىنلىرىغا ۋە دۇنيادا بىرىنچى كۈچكە ئايلانغان.
خەلقىمىزدە ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت ۋە سەۋەبلىرى ئاساسەن تېپىلىدۇ، لېكىن جىددىي تۈزەتمىسە بولمايدىغان ئىللەت ۋە خاتالىقلار خېلى ئېغىر. ئىللەتلەرنىڭ ئازىيىشى، خاتالىقلارنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ تىزراق كېلىشى ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ئۆلىمالار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن يەكۈنلىگەن ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى، ۋە تارىختا ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئۆلىمالار خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنى غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بۇ يەردە، ناھايىتى ئىخچام بىر شەكىلدە، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ جەۋھىرىنى سۈزۈپ تاللاپ، خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. چۈنكى، خەلقىمىز ئۆزلىرىدە ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى، ۋە تارىختا ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىنى ھازىرلايدىكەن، تىز ۋاقىتتا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىدىغانلىقىدا شەك يوق.
ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرى
ئۆلىمالار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرتلىرىنى يەكۈنلىگەن بولۇپ، مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش. بۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمان ئىنساننى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ.
ئىمان ئىنسانغا قەدىر-قىممەت، ھىممەت ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ئىنساننى ئىززەت ۋە ئۈستۈنلۈك يوللىرىغا باشلايدۇ.[9]
ئەمەلسىز ئىمان ھېچنىېمىگە يارىمىغاندەك، ئىمانسىز ئەمەلمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىمەيدۇ. ئىماننى قاتناش قوراللىرىنىڭ موتورىغا ئوخشاتساق، ئەمەل ئۇنىڭ مېيىدۇر. ئىماننى مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشاتساق، ئەمەل ئۇنىڭ سۈيىدۇر.
ئىمان بىلەن ئەمەل ئىنساننى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ياردىمىگە نائىل قىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىسلامنى دەۋا قىلغانلارغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مۇئمىن بولۇپ، ئەمەل قىلغانلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئىبادەت ئۇقۇمىنى ياخشى چۈشىنىپ، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش. بۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ياردىمىنى ئىزدىگەن ھەرقانداق بىر جامائەت ياكى مىللەتتىن ئاۋۋال ئىبادەت ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىش ئاندىن ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.
ئىلگىرىكىلەر ئىبادەت ئۇقۇمىنى كەڭ ۋە ئومۇمىي دائىرىدە چۈشەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ چۈشەنچە بىلەن يېرىم ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن زېمىنلارنى پەتىھ قىلىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەپسۇسكى، كېيىنكىلەر ئىبادەت ئۇقۇمىنى تار ۋە چولتا دائىرىدە چۈشىنىۋېلىپ، نەتىجىدە ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى، رەھبەرلىك ئورنىنى يوقىتىپ، قۇللۇققا، خار-زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولدى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆپۈككە ئايلىنىپ، بۆرىلەر ئولجىسىنى چىشلىگەندەك، ئۇلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن چىشلەيدىغان ئولجىسى بولۇپ قالدى.[10]
ئىبادەت ئوقۇمىنى توغرا چۈشەنمىگەن مىللەت، ئاللاھقا خالىس، توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشتىن چەتنەپ كېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ، تۈرلۈك خوراپاتلارنىڭ ۋە تاغۇت-زالىملارنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالىدۇ.
شېرىك ئەقىدىگە قارشى كۈرەش قىلىش. شېرىكنىڭ بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېرىكنىڭ ھەقىقىتىنى، تۈرلىرىنى، خەتىرىنى تولۇق بىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.
ئۆلىمالار ئاللاھقا ئىبادەت قىلغاندەك مەخلۇققا چوقۇنۇش ياكى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك مەخلۇقنى ئۇلۇغلاش ۋە ياكى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىنى مەخلۇققا بېرىش شېرىكتۇر دەپ قارىغان. ئۇلار شېرىكنى كىچىك شېرىك، چوڭ شېرىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، رىيا ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنى تەدرىجىي چوڭ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان كىچىك شېرىكنىڭ نامايەندىلىرىدىن سانىغان.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە شېرىكنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا مۇپتىلا بولغۇچى ھەقىقىي تۆۋبە قىلمىغۇچە، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمايدىغانلىقى، ئۇنداق كىشىنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىنسان بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
شېرىك ئىنساننى دۇنيادا خار-زەبۇنلۇققا، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ، ھەقىقىي ئىمان مۇئمىنلەردىن داۋاملىق شېرىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شېرىك شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشتىن، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.[11]
تەقۋادار بولۇش. تەقۋادارلىق ئىنساننى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان؛ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشنى تەرك ئېتىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. تەقۋادارلىق ئىنساننى پاراۋانلىققا، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىقنىڭ ئىنساننى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىغا، رىزقىنىڭ كەڭ بولىشىغا، پايدىلىق مول ئىلىملەرگە، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان دىت ۋە زېرەكلىككە، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ خۇش خەۋەرلىرىگە، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە، قىيىن ئىشلىرىنىڭ ئاسانلىشىشىغا، ئاللاھنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە، ئاسمان-زېمىنلارنىڭ بەرىكەتلىرىگە، دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ساقلىنىشىغا، پەرزەنتلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا، ياخشى ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىغا، دۇنيا-ئاخىرەت ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا، گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا ۋە كاتتا ساۋابقا، جەننەت ۋارىسلىرىدىن بولىشىغا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئىززەت-ئىكرام بىلەن بېرىشىغا، جەننەتنىڭ بۇلاقلىرىدىن بەھرىمان بولىشىغا ۋە جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشىغا نائىل قىلىشتىن ئىبارەت دۇنيا-ئاخىرەتلىك نۇرغۇن مېۋىلىرى بايان قىلىنىدۇ.
مانا بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە ۋەدە قىلغان ياردىمىگە لايىق بولغۇچىلاردۇر.
ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ مۇھىم مەنىۋى سەۋەبلىرى
ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنى مەنىۋى سەۋەبلەر ۋە ماددىي سەۋەبلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، مۇھىم مەنىۋى سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
ئىخلاسمەن شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش. بۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىش، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىن قاتارىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاللاھنىڭ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ۋە كائىناتتىكى بارلىق نېمەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى؛ ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىنى تولۇق بىلىدىغانلىقى؛ پەرىشتىلىرى ئارقىلىق ئىنساننىڭ پۈتۈن سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى خاتىرلەپ تۇرىدىغانلىقى؛ بەندىلىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىناپ، ياخشى-يامانلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغانلىقى؛ قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغان ياخشى بەندىلىرىگە ئىگە چىقىدىغانلىقى، بۇ دۇنيانىڭ ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقى، دۇنيا مەنپەئىتىنىڭ ئاخىرەت مەنپەئىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ھېچنىېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى؛ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ، بارلىق ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىپ، يا جەننەتكە يا دوزاخقا ئورۇنلىشىدىغانلىقى؛ جەننەتنىڭ دۇنيادىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەتلەرنى، دوزاخنىڭ دۇنيادىكى بارلىق راھەت-پاراغەتلەرنى ئونتۇلدۇرىدىغانلىقى؛ قىيامەت زىلزىلىسى ۋە دەھشىتىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارنى بويىدىن ئاجرىتىۋېتىدىغان ۋە ئىنسانلارنى ئەس-ھوشىدىن كەتكۈزۈۋېتىدىغان دەرىجىدە قاتتىق ۋە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكى؛ بۇ قورقۇنچلاردىن قۇتۇلۇش يولىنىڭ بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاللاھ ھەققىدە توغرا تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا مەسئۇلىيەتلىرىنى، ئاللاھنىڭ ھوزۇرۇدىكى ئورۇن ۋە مەرتىۋىلىرىنى ئەسلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى ئىخلاسمەن شەخسلەر بولۇپ يېتىشكەن.
ئىخلاسمەن شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىم تەلىماتلىرىنى ئاساس قىلىپ سىزىپ بەرگەن بۇ سىستېمىسى ئاساس قىلىنىشى لازىم.
ئىخلاسمەن رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈش. ئىخلاسمەن رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بولماسلىقى ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىش، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
رەھبەرلىك مىللەتنىڭ بېشى بولۇپ، ئۇ ساغلام بولسا، مىللەت دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا، بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. رەھبىرىدىن ئايرىلغان مىللەت باشسىز تەنگە ئوخشاش بولۇپ، زۇلۇم ئىسكەنجىسىدىن ئەبەدىي قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىشغالىيەتچىلەر تارىختىن بېرى خەلقنى رەھبەرلىرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئورۇنۇپ كەلگەن.
تەپرىقىچىلىك ئامىللىرىنى تۈگىتىش. ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى، ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ يولىدىن چەتنەپ كېتىش؛ بىدئەتچىلىك؛ بىلىمسىزلىك؛ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش؛ ئەقىلنى شەرىئەتنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىش؛ قارىغۇلارچە ئەگىشىش قاتارلىقلار تەپرىقچىلىكنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بولۇپ، ئۆلىمالار ۋە مىللەت پېشۋالىرى بۇ ئىللەتلەرنى جىددىي داۋالىشى لازىم.
تەپرىقىچىلىك ئامىللىرىنى تۈگىتىش مىللەتكە ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىش، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش يولىنى ئاچىدۇ.
ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش. تەپرىقىچىلىك قالاقلىق ۋە ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولغىنىدەك، ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش تەرەققىي قىلىش، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر.
ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر. ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئايرىلماستىن ئاللاھنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىڭلار، ئايرىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى.[12]
ئاللاھنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىش ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.
ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش شەرىئەتنىڭ تەلەپ-مەقسەتلىرىدىن، ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر.
شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە بىرلىشىشىنىڭ پەرزلىكىگە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردىن نۇرغۇن دەلىللەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەڭ ئۇلۇغ جىھات ھېسابلىنىدۇ.[13]
ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىللىرىنى، سەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئەڭ ئۇلۇغ جىھاتتۇر. چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمدۇر.
ئەقىدە بىرلىكى بولۇش، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى ھۆكۈمران قىلىش قىزغىنلىقى بولۇش، ئىسلامغا تەۋە بولۇشتا راستچىل بولۇش، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولۇش، ئاللاھ يولىدا قېرىنداش بولۇش قاتارلىقلار بىرلىشىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىندۇر.
ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ مۇھىم ماددىي سەۋەبلىرى
ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ماددىي سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
ھەر ئىشقا مۇناسىپ كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ھەر ئىشقا مۇناسىپ كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پەنلەر بويىچە مەخسۇس كەسىپلەشكەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە ۋە تالانتلىقلارنى ياخشى بايقاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇھىم ئورۇنلارغا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلارنى ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالىغۇدەك مائاش بېرىپ ۋە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش لازىم. بۇنداق مۇھىم ئورۇنلارغا ئېشىنچا ۋاقىتلىرى بىلەن خالىسانە خىزمەت قىلىدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ.
كۆزلىگەن نىشان ۋە نەتىجىگە يېتىش ئۈچۈن، پەنلەر بويىچە مەخسۇس كەسىپلەشكەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش، مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش ۋە ھەر ئىشقا شۇ ئىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر.
مۇھىم ئورۇنلارغا خۇشامەتچىلەرنى، مەنپەئىتى تېگىدىغانلارنى، بىر يۇرتلۇقلارنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، يېقىن-يىراقلارنى، دوست-بۇرادەرلەرنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي تالانتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتىدۇر.
مەلۇمات ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى قۇرۇش. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشكە، بۇنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن مەلۇمات ۋە تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۆزىمىزگە، دوست-دۈشمەنلەرگە، قوشنا ئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى توپلاپ تەتقىق قىلىش ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇمات ۋە تەتقىقات مەركىزى مىللەتنىڭ پايدا-زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلارنى يىغىپ توپلاپ تەتقىق قىلىشى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رەھبەرلىك قاتلىمىغا دوكلات قىلىپ تۇرۇشى لازىم. تەتقىق قىلىش ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدە سوغۇققان ئويلىنىش، سېلىشتۇرۇش، تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش، ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، ئۆزىمىزنى سالماق دەڭسەش قاتارلىقلارغا ئىگە قىلىدۇ.
قارىغۇلارچە ئەمەس، بەلكى پىلان بويىچە ئىش قىلىش. ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئىنچىكە تەرتىپ، دانا تەدبىر ۋە پۇختا پىلان بولۇش لازىم.
پىلان بىلەن ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام مۇسۇلمانلارنى پىلان بىلەن ئىش قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇنى ھايات نىزامى قىلىپ بېكىتكەن.
پىلاننىڭ ئۇسۇل ۋە قائىدىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىسلام تەسەۋۋۇرىغا ئۇيغۇن تەتبىقلاش ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر.
ئىقتىساد، تەشۋىقات ۋە بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش. ئىقتىساد ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۇنىڭسىز ھېچقانداق ئىش يۈرۈشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادقا قەتئىي سەل قارىماسلىق لازىم.
تەشۋىقاتنىڭ رولىغا سەل قاراشقىمۇ قەتئىي بولمايدۇ. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تەشۋىقاتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى تەشۋىقاتنىڭ شەخس، ئائىلە، جەمئىيەت، دۆلەت ۋە خەلقئاراغا زور تەسىرى بار.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردىكى يول بەلگىلىرىدىن تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بەزى ئىسلام تەشكىلاتلىرى گېزىت، ژۇرنال چىقىرىش؛ رادىئو، تېلېۋزىيە قاناللىرىنى ئېچىش؛ يېڭى دەۋر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە يوشۇرۇن خىزمەت قىلىش، مەلۇمات توپلاش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ۋە رازۋېدكا ئەترىتى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ۋە نەتىجە قازانغان رەھبەرلەر بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ رەھبەرلەرنىڭ ئەقىللىق ۋە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىدا بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا نۇرغۇن كۆرسەتمىلەر بار.
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ھېمايە قىلالايدىغان ئەڭ ئىلغار بىخەتەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى نامايان بولىدۇ. بىخەتەرلىك ئاپپاراتى مۇسۇلمانلار سېپىنى ھېمايە قىلىش، دۈشمەنلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىش خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ. بۇ ئاپپاراتنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇشى، بۇ ئورگاندا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئەخلاقى مۇسۇلمان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سۈپەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالىغۇدەك گۈزەل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بىخەتەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر.
ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرى
ئۆلىمالار يەنە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن تارىختا ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى يەكۈنلىگەن بولۇپ، مۇھىملىرىنى راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇش، سەۋرلىك ۋە چىداملىق بولۇش، ئاللاھ يولىدا دوست ۋە قېرىنداش بولۇش، مەسئۇلىيەتچان ۋە پائالىيەتچان بولۇش، ئەمەلىيەتچان ۋە تىرىشچان بولۇش، تەقۋادار بولۇش، كەمتەر بولۇش، ئۆز مەنپەئىتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىدىغان بولۇش، ھەقىقەت يولىدا كۈرەش قىلالايدىغان بولۇش، ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان بولۇش، ئىخلاسمەن بولۇش، ئىسلاھاتچى بولۇش، ئاخىرەتنى كۆزلەپ ئىش قىلىدىغان بولۇش، سېخى بولۇش، قانائەتچان بولۇش، جامائەتلىشىپ ئىش قىلىدىغان بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇش، ئىرادىسى كۈچلۈك بولۇش، ھىممىتى ئالى بولۇش، ۋاپادار بولۇش، پىرىنسىپچان بولۇش، تەمكىن بولۇش، ئاللاھ ۋە رەسۇلنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇش، مال-دۇنياغا بېرىلمەيدىغان بولۇش قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
بۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرى بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ساھىبىلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بەنى نەزىر، بەنى مۇستەلەق، بەنى قەينۇقا ۋە خەيبەر يەھۇدىلىرىدىن ئازات قىلغان؛ بەدرى، ئەھزاب ۋە مەككە پەتھى كۈنلىرى بۇتپەرەسلىكنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىغان؛ يەرمۇك ۋە ھېتتىين غازاتلىرىدا يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ بايراقلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان؛ قادىسىيە غازىتىدە مەجۇسىيلارنى يەر چىشلەتكەن.
ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ شەرت، سەۋەبلىرىنى ۋە تارىختا ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى ھازىرلاشقا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ بۇ مۇبارەك ئايىتىنى ئەسلىتىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر؛ ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر.[14]
***
[1] سۈرە نۇر 55- ئايەت.
[2] سۈرە تۆۋبە 111- ئايەت.
[3] سۈرە ئەئراف 128- ئايەت.
[4] سۈرە ئەنبىيا 105- ئايەت.
[5] سۈرە غافىر 51- ئايەت.
[6] سۈرە رۇم 47- ئايەت.
[7] سۈرە مۇھەممەد 7- ئايەت.
[8] سۈرە ساففات 171-، 172-، 173- ئايەتلەر.
[9] في ظلال الإيمان، ص 63
[10] مفاهيم ينبغي أن تصحح لمحمد قطب، ص 173
[11] سۈرە زۇمەر 65-ئايەت.
[12] سۈرە ئال ئىمران 103- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[13] وجوب التعاون بين المسلمين، ص5.
[14] سۈرە بەقەرە 214-ئايەت.
مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى
باشقا خىزمەتلەر