ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش
بۇ دۇنيا، دۇنيادىكى كائىنات ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇتلۇق ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، كائىناتتا ھېچقانداق نەرسە ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىنلا ئوزۇقلىنىپ ھەرىكەت قىلالمايدۇ . كائىناتقا قاراپ ئەقىل يورگۈزىدىغان بولسىڭىز، زېمىنغا تىكىلگەن دانچە ئاستا-ئاستا توپىنى يېرىپ ئۈنۈپ چىقىدۇ، ھەر خىل شەكىلدە ئۆسۈپ ، ئىنساننى مەھلىيا قىلغۇدەك ھالەتكە كىلىدۇ. مانا شۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ۋە بارلىقىغا پاكىتتۇر . دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىرى ، ئىللىق شاماللارنىڭ ئادەم يۈزىگە مەيىن ئۇرۇلۇپ، راھەت بەخىش ئىتىشلىرىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دەلىلدۇر.
كىشىلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ، مۇھەببەت- نەپرەتكە ئوخشىغان، خۇشال- قايغۇ ئارىلاش تۆيغۇلىرىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دەلىلدۇر.
سىز ھەرگىز كائىناتتىكى شەيئىلەر ئۆز- ئۆزىگە قادىر ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدۇ دېگەن چۈشەنچىدە بولماڭ.
تەبىئەت ئالىملىرىدىن بولغان بەزى دىنسىزلار ئاللاھنىڭ بارلىق-بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان، كۈن نۇرىدەك كۆزلىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلارغىمۇ كۆز يۇمىدۇ.
ئىلىكتىر سىملىرى بىلەن تارقىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان نۇر ، تۇربىلار ئارقىلىق ماڭغان پاردىن پەيدا بولغان ھەرىكەت ، ھاۋادا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن تۆمۈر پارچىلىرى ھەممىسى ئۆزى پەيدا قىلغان ئىنىرگىيە بىلەن ھەرىكەتلىنىپ قالمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەرتىپلەپ، تەدبىر قىلىپ، يوقتىن بار قىلغان ۋە ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقان بىر ئىجاتچى باردۇر.
ئېچىنارلىقى شۇكى، تەبىئەت ئالىملىرى تەييار تۇرغان ماددا ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدۇ. شەيئىلەر ئارىلىقىدىكى ئالاقىلار ئۈستىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتەلمەيدۇ. بۇنداق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالىسا دۇنياغا داۋراڭ سېلىپ، نەتىجىسىز قالىسا ئاستا تەتقىقاتىنى توختۇتۇپ قويىدۇ، بۇ بىر خىيانەتتۇر .
ھەقىقەتنى ئىزدېگەن كىشى ئەتراپىدىكى كائىناتنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆپ كۆرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە دەلىل ئىزدەپ يىراقلارغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەتلا ئۆز جىسمىدىكى ئاللاھنىڭ قۇدرەت-كامالى يىتىپ ئاشىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
"وَفِي أَنفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ"(زارىيات21)
«ئۆزەڭلاردا اﷲ غا چىن ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر».
ئاللاھ بىزلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ ھىدايەتكە باشلىسۇن، ھەقنى كۆرىدىغان ئەقىل ئاتا قىلسۈن ، ئامىن !
سىراجىدىن ئەزىزى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە «مۇسۇلمان قېرىندىشىم» ناملىق رادىئو پروگراممىسىغا تەييارلانغان، ئۆز ۋاقتىدا ئاۋازلىق تارقىتىلغان ئىدى.
باشقا خىزمەتلەر