ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
تەقدىرنىڭ جىسمانىي جازالىرى

 تەقدىرنىڭ جىسمانىي جازالىرى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

تەقدىرنىڭ جىسمانىي جازالىرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى دۇنيادا يەنە بىرى ئاخىرەتتە بولىدۇ.

بۇ جازالارنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار پەيدا قىلغان ئاقىۋەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قارىتا بولىدۇ. ھەر قانداق يامانلىقلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۇناھ ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا سەۋەبتۇر. دېمەك يامانلىق گۇناھنىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر. بارلىق يامانلىق، ئەسكىلىكلەر قارا كۆڭۈللۈك ۋە يامان ئىشلاردىن سادىر بولىدۇ. قارا كۆڭۈللۈك بىلەن ئەسكىلىك ئۆز ئارا يىلتىزداش بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ خۇتبىلىرىدە «ئاللاھقا سېغىنىپ كۆڭۈللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز» دەپ بۇ ئىككىسىدىن پاناھ تەلەپ قىلاتتى. بۇ يەردە بارلىق يامانلىقلاردىن پاناھ تەلەپ قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۈبھىسىزكى، كۆڭۈللەرنىڭ يامانلىقى يامان ئىشلارنىڭ يېلتىزىدۇر. يامان ئىشلار يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ يېلتىزىدۇر. شۇڭلاشقا كۆڭۈللەرنىڭ يامانلىقى بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان يامان ئەمەللەردىن تەڭلا پاناھ تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆڭۈلنىڭ يامانلىقى يامان ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككىسى تەڭلا تىلغا ئېلىندى. كۆڭۈللەرنىڭ يامانلىقى بىلەن يامان ئىشلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. كۆڭۈل قارا بولسا يامان ئىشلار سادىر بولىدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىۋەرگەنسېرى كۈڭۈل تېخىمۇ قارىلىشىپ، ئەسكىلىشىپ كېتىدۇ. دېمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى خۇتبىسىدىكى پاناھ تىلەش يامانلىقنىڭ يېلتىزى، شېخى، يۇقىرى پەللىسى... ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەرىشتىلەر مۇئمىنلار ھەققىدە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر.»[1]

گەرچە يۇقىرىقى ئايەت ساقلىنىش تەلەپ قىلىنغان جازالار ھەققىدە بايان قىلىنغاندەك تۇرسىمۇ، پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھتىن مۇئمىنلەرنى يامان ئىشلاردىن ساقلىشىنى تەلەپ قىلىشى يامان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى بولغان يامان جازالاردىن ساقلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بولغان يامان جازالاردىنمۇ ساقلاپ قالىدۇ.

ناۋادا بەزى كىشىلەر پەرىشتىلەرنىڭ «مۇئمىنلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دېگەن دۇئاسى يامان جازالاردىن ساقلىغىن دېگەنلىكى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا پەرىشتىلەر بۇ يەردە تىلغا ئالغان يامانلىق يامان ئەمەللەر دېگەنلىك بولۇپ، پەرىشتىلەرنىڭ بۇ تىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن پاناھ تەلەپ قىلغان دۇئا بىلەن ئوخشاشقۇ؟! يۇقىرىقىدەك چۈشىنىش مەزكۇر ئايەتتىكى «شۇ كۈنىدە» دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردىكى مەقسەت يامان ئەمەللەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى يامان ئاقىۋىتىدۇر. مانا بۇ يامانلىقنىڭ دەل ئۆزى بولمامدۇ؟-دەپ سورىسا، ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېيىلىدۇ:

يامانلىقتىن ساقلىنىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن يامانلىقنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، ئۆزىدىن شۇ يامانلىقلارنىڭ سادىر بولۇشىغا زادىلا يول قويماسلىق.

ئىككىنچى: ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يامانلىقنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش. دېمەك، مەزكۇر ئايەت يۇقىرىقى ھەر ئىككى خىل ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەرىشتىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرلەردە پەرىشتىلەرنىڭ ئىمان كەلتۈرگەنلىكى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغانلىقى، مۇئمىنلارغا ئىستىغپار تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئېھسان قىلىغانلىقىدىن ئىبارەت مەدھىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا ئىستىغپار تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ۋەسىلە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كەڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ گۇناھلار ۋە گۇناھلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەمدە مۇئمىنلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانلار دۈشمەنلىرى ۋە نەپسى-خاھىشى ئالدىدا، دۇنيانىڭ ماددىي زىبۇ-زىننەتلىرى ئالدىدا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى تۇپراقتىن ياراتقان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ۋە ھامىلە ۋاقتىدىكى ئەھۋاللارنى بىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن پۈتۈنلەي ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلگەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالا ئەپۇ ۋە مەغپىرەتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىشى بىلىپ بولالمايدىغان كەڭ ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى تەۋھىدى دۇرۇس، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ساغلام مۇئمىنلارنىڭ ھالاك بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى شۇ قەدەر كەڭ ئىكەنكى، شەقىي، بەدبەختلەردىن باشقىلار ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. ھەر نەرسىنى سىغدۇرغان ئىلاھىي رەھمەتنىڭ سىرتىدا قالغان ئادەمدىنمۇ بەختسىز ئادەم بارمۇ؟!

يۇقىرىقى ئايەت كەرىمدە پەرىشتىلەر ئاللاھتىن ئۆز يولىغا ئەگەشكەن ۋە تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈشىنى، تەۋبە قىلغانلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاپ قېلىشنى تىلەيدۇ. مۇئمىنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداد ۋە ئەۋلادلىرىنى ۋە جۆرىلىرىنى ئۆزى ۋەدە قىلغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشنى تىلەيدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى سەۋەبلەرگە قاراشلىقتۇر. پەرىشتىلەرنىڭ مۇئمىنلارنى ۋە تەۋبە قىلغۇچىلارنى جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشىنى سورىغانلىقىمۇ مۇشۇ سەۋەبلەردىندۇر.

يۇقىرىقى ئايەت كەرىمنىڭ كەينىدىلا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنىڭ مەزكۇر دۇئانىڭ ئاخىرىدا «سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»[2] دەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. يەنى بۇ جۈملىدىن مەقسەت «سەن غالىپلىق ۋە ھېكمەتنىڭ مەنبەسى، سەۋەبى ۋە غايىسىدۇرسەن. يۇقىرىقى ئىشلار سىنىڭ كامالى قۇدرەت ۋە كامالى ئىززىتىڭدىن سادىر بولغاندۇر. شۈبھىسىزكى ئىززەت دېمەك كامالى قۇدرەتتۇر. ھېكمەت دېمەك كامالى ئىلىمدۇر. مەزكۇر ئىككى سۈپەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ، خالىغاننى بۇيرۇيدۇ، خالىغاننى توسىدۇ ۋە خالىغانغا مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ». دېمەك، مەزكۇر ئىككى سۈپەت يارىتىش ۋە بۇيرۇشنىڭ مەنبەسىدۇر.

خۇلاسىكالام، يامانلىقلارنىڭ جازالىرى شەرئىي جازالار ۋە تەقدىرىي جازالار دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ جازالار ياكى قەلبكە بېرىلىدۇ ياكى بەدەنگە بېرىلىدۇ ياكى ھەر ئىككىسىگە بېرىلىدۇ. بەزى جازالار ئۆلگەندىن كېيىن قەۋرىدە بولىدۇ، بەزىلىرى قىيامەت كۈنى بولىدۇ. ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن گۇناھ جازاسىز قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئىنسان نادان بولغاچقا جازالارنى ھەقىقى ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى نادان ئىنسان مەست، ناركوز قىلىنغان، ئۇخلاپ قالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ناۋادا ئۇ ئويغىنىپ ھوشىغا كەلسە دەرت-ئەلەملەرنى ھېس قىلىدۇ. دېمەك، گويا ئوتقا كۆيۈش ئەگەشكەندەك، سۇندۇرۇشقا سۇنۇش ئەگەشكەندەك، سۇغا چۈشۈپ كېتىشكە چۆكۈپ كېتىش ئەگەشكەندەك، زەھەرلىنىشكە بەدەننىڭ نورمالسىزلىشىشى ئەگىشىپ كەلگەندەك گۇناھ-مەئسىيەتكە جازا ئەگىشىپ كېلىدۇ.

بەزى ۋاقتلاردا گۇناھ-مەئسىيەت ئىشلەنگەن ھامان جازال بېرىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئازدۇر-كۆپتۈر كېچىكىپ بېرىلىدۇ. بۇ گوياكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتا كېسەل بولۇپ قالغان ياكى كىچىكىپ كېسەل بولغانغا ئوخشايدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەر مۇشۇ نۇقتىدا خاتالىشىدۇ. بەزىدە گۇناھلارنىڭ تەسىرى دەل ۋاقتىدا كۆرۈنمەيمۇ قالىدۇ. لېكىن ئۇ جازالار ئاستا-ئاستا تەسىرىنى كۆرسەتكىلى تۇرىدۇ. بۇ گويا زەھەر ياكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا دەرھال قارشى چارە-تەدبىر قوللانمىسا بىمارنىڭ ھالاك بولۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىش. يۇقىرىقى ئەھۋال بىرەر گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ ئەھۋالى. ئۇنداقتا ھەر كۈنى ھەر سائەت، ھەر مېنۇتىنى گۇناھ – مەئسىيەت ئۈستىدىلا ئۆتكۈزۈدىغان، گۇناھ-ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟! (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن)

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە غافىر 9-ئايەت

[2] سۈرە غافىر 9-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

باشقا خىزمەتلەر