ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە ئۇسلۇبى (2)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە ئۇسلۇبى (2)

ئىھتىياجقا قاراپ جاۋاب بېرىش

ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ھەر تۈرلۈك بۇيرۇقلارغا قارىتا پوزىتسىيەلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقىدىغان ياكى ئىشىغا يارايدىغان ۋەزىپىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن قىلسىمۇ، كۆڭلىگە ياقمايدىغان، شەخسىي پايدىسى ئاز بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلماسلىق ئۈچۈن مىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەپ ۋە باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا تىرىشىدۇ.

كۆڭۈللەرنىڭ دوختۇرى بولغان پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاجىز نوقتىلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىشلارنى بۇيرۇيتتى. مەسىلەن: بىر ساھابە كېلىپ: ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟ دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا بىر خىل جاۋاب بېرەتتى. باشقا بىر ۋاقىتتا باشقا بىر ساھابە كېلىپ يەنە: ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟ دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا باشقا بىر خىل جاۋاب بېرەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى سوئال سورىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ۋە قىزىقىشلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدۇر. يەنى بىر كىشى ئۈچۈن بىر ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل بولسا، باشقا بىر كىشى ئۈچۈن باشقا بىر ئەمەل ئەڭ ياخشى بولىدۇ. يەنە شەرت-شارائىتقا قاراپ ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە جاۋاب بېرىشتە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېتىبارغا ئالغاندەك، ياشاۋاتقان زامان ۋە يەرنىڭ شەرت-شارائىتىنىمۇ كۆز ئالدىدا تۇتاتتى. تىنچلىق ۋاقتىدا سورالغان سوئالغا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز، دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، ئۇرۇش زامانىدا ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دەپ جاۋاب بېرەتتى. بۇنىڭغا مىسال بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندە بەزى مىساللارنى بايان قىلىمىز.

ساھابە كىراملاردىن بىرى: يا رەسۇلەللاھ! ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان قايسى؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان كىشى» دەپ جاۋاب بەردى.[1] 

ئەجەبا بۇ سوئالنى سورىغان ساھابە كىشلەرگە ئازار بېرىدىغان كىشى بولغىمىدى؟ ئاشۇنداق كىشى بولۇشى مۇمكىن، ئاچچىغى يامان، تىز ئاچچىغى كېلىدىغان، ئاچچىغى كەلسە كۆزى ھېچنەرسىنى كۆرمەيدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن. سوئال سورىغۇچى بۇ سۈپەتتىكى كىشى بولمىسىمۇ، ئۇ مەجلىستە ئاشۇنداق كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى سەن ئۇنداق، سەن مۇنداق، ئۇنداق قىلما، مۇنداق قىل دېگەندەك كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئۇدۇل تەگمەيدىغان سۆزلەر بىلەن تەربىيە بېرەتتى. 

يەنە بىر قېتىمدا بىر ساھابە: قايسى مۇئمىن ئەۋزەل؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغان مۇئمىن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: ئەڭ ئەقىللىق كىشى كىم؟ دەپ، سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ ياد ئېتىدىغان ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەييارلىق قىلىدىغانلار. ئەنە شۇلار ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر» دېدى.[2]

باشقا بىر قېتىم بىر ئادەم كېلىپ: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىم؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆمرى ئۇزۇن، ئەمەلى ياخشى بولغان كىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەدى. ئۇ ئادەم: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كىم؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆمرى ئۇزۇن، ئەمەلى يامان بولغان كىشىدۇر» دېدى.[3]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«ئنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئىنسانلارغا ئەڭ پايدىلىق بولغىنىدۇر.»[4]

«ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى قەرزىنى ئەڭ ياخشى ئادا قىلىدىغان كىشىدۇر»[5]

«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار تائام يېگۈزىدىغان كىشىدۇر.»[6]

«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار، قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگىتىدىغان كىشىدۇر.»[7]

«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ياخشىلىقى كۈتۈلىدىغان، يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولىنىدىغان كىشىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ يامىنىڭلار ياخشىلىقى كۈتۈلمەيدىغان، يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدىغان كىشىدۇر.»[8]

«جاھىلىيەتتىكى ياخشىلىرىڭلار، ئەگەر ئىسلامنى ياخشى چۈشەنسە، ئىسلامدىمۇ ياخشىلىرىڭلار بولىدۇ.»[9]

بىر ئادەم كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى كىم؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ يولىدا مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھاد قىلغان ئادەم» دەپ جاۋاب بەرگەن.[10]

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يا رەسۇلەللاھ! ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىم؟ دەپ سورىدىم، رەسۇلۇللاھ: «قەلبى مەخمۇم، تىلى راسچىل كىشى» دېدى. مەجلىستە ھازىر بولغانلار ئېيتىدۇ: يا رەسۇلەللاھ! «تىلى راسچىل» دېگەننى چۈشەندۇق، «قەلبى مەخمۇم» دېگەن نېمە دېگەن بولىدۇ؟ دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ پاك-پاكىزە قەلب بولۇپ، ئۇنىڭدا نە گۇناھ، نە زۇلۇم، نە ھەسەت (چىدىماسلىق) بولمايدۇ» دېدى. بىز: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «دۇنيانى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئاخىرەتنى سۆيىدىغان كىشىدۇر» دېدى. بىز: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېدۇق: «گۈزەل ئەخلاقلىق مۇئمىن» دېدى.[11]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى مۇبارەك سۆزلىرى ۋە سوئاللارغا بەرگەن ھەرخىل جاۋابلىرى ئارقىلىق ساھابىلىرىنى قانداق شەكىلدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىنى، ھەربىر سوئالغا جاۋاب بېرىشتە، سوئال سورىغۇچىنىڭ ياكى ئاشۇ سورۇندا ھازىر بولغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشنى، كام يەرلىرىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئەھۋالغا قاراپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ جاۋابلارنى ئاڭلىغۇچىلار ئەلبەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتىغا ئەمەل قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق پاك، شۇنداق كۆيۈمچان، يامانلىقتىن قاچىدىغان، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان ۋە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەت مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

يەنە ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟ دېگەن سوئالغىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەرخىل جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: بىر كىشى: ئىسلامدا ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تائام يېگۈزۈش ۋە تونىغان-تونىمىغان ھەر كىشىگە سالام بېرىش» دېدى.[12]

ئەجەبا رەسۇلۇللاھ سوئال سورىغۇچىدا بېخىللىق ۋە كىبىرلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇشۇ ئەمەل ئەڭ ياخشى دەپ جاۋاب بەرگەنمىدۇ؟ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ياكى تەتۈرسى بولۇشى مۇمكىن. يەنى سوئال سورىغۇچى كىشىلەرگە تائام بېرىدىغان، كۆرگەن ھەر كىشىگە سالام بېرىدىغان كىشى بولغان بولسا، ئۇ مېنىڭ قىلغان ئىشىم ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەن دەپ، خۇشال بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق ئىشنى تاشلىماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق جاۋاب بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا جەمئىيەتتىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، سالاملىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەشكە تەرغىب قىلىپ شۇنداق جاۋاب بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ سوئال سورالغان ۋاقىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىشلارنى تەقەززا قىلاتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى: يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل قايسى؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دەپ جاۋاب بەردى. ئابدۇللاھ: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى. ئابدۇللاھ يەنە: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دەپ جاۋاب بەدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئەگەر سوراۋەرگەن بولسام، يەنە كۆپ ئىشلارنى ئېيتاتتى" دەيدۇ.[13] 

بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھادنى ئەڭ ئاخىرىدا بايان قىلدى. ھالبۇكى باشقا بىر يەردە، "يا رەسۇلەللاھ! ماڭا جىھادغا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرسىلە" دەپ سورىغان كىشىگە: «ئۇنداق بىر ئەمەلنى تاپالمايمەن» دېگەن ئىدى.[14]

دېمەك، بۇ سۆزنى جىھاد ۋاقتىدا ئېيتقان، شۇڭا ئۇنداق ۋاقتىدا جىھادقا چىقىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن، جىھادقا تەڭ كېلىدىغان باشقا  بىر ئىش بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى تەربىيەلەشتە – خۇددى بىر دوختۇر كېسەلگە ياخشى دىياگنوز قويۇپ ھەربىر كېسەلگە ئۆزىگە پايدىلىق دورا بەرگەندەك - زاماننىڭ تەقەززاسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەركىمگە كېرەك بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى ياراملىق تەربىيەلەپ چىققان. بۈگۈنكى ئالىملىرىمىز ئايەت-ھەدىسلەرنى مانا مۇشۇنداق ئۆز جايىدا چۈشىنىپ، چۈشەندۈرسە ۋە ياشلارنى مۇشۇنداق مېتود ۋە ئۇسلۇب بىلەن تەربىيەلىسە، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۈممەتكە كېرەكلىك كىشىلەر يېتىشىدۇ.   

ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ھەق يولدا دائىم قىلىپ، ئۆز رازىلىقىغا ئېرىشتۈرسۇن. قىز-ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىزگە تەۋپىق، ھىدايەت بەرسۇن. ئۇلارنى شەيتاننىڭ شەررىدىن، نەپىسلىرىنىڭ شەررىدىن ۋە يامان دوست-ئاغىنىدىن ئىبارەت ئادىمىي شەيتانلارنىڭ شەررىدىن ساقلىسۇن. ئامىين.

 

يازغۇچى؛ ئابدۇل ئەھەد ھاپىز



[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[2] ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ئىسنادى ھەسەن ھەدىس.

[3] ئىمام تىرمىزى ۋە  ئەھمەد  رىۋايىتى.  ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

[4] ئىمام تەبەرى رىۋايتى. ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايتى.

[6] ئىمام تاھاۋى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

[7] ئىمام بۇخارى.

[8] ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

[9] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[10] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[11] ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئەلبەنى سەھىھ دېگەن.

[12] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[13] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[14] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر