ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
تەقدىرنىڭ جازالىرى
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەقدىرنىڭ جازالىرى روھىي جازالار ۋە جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جازالار دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
تەقدىرنىڭ روھقا بېرىدىغان قەلبىي جازالىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ
قەلىب روھىي ئوزۇقتىن ئايرىلسا، روھى ئازابلارغا مۇپتىلا بولىدۇ. قەلىب ئازابى ئەڭ ئېغىر ئازابتۇر. تەقدىرنىڭ قەلىبكە بېرىدىغان جازاسى جىسمانىي جازانىڭ تۈپ يېلتىزىدۇر.
گويا جسىمانىي ئازابلار قەلبكە تەسىر كۆرسەتكەندەك، روھىي جازالار كۈچەيگەنسېرى، ئاشقانسېرى قەلبتىن بەدەنگە تارقاشقا باشلايدۇ. جان تەندىن ئايرىلغاندا ئىنسان ئۇچرايدىغان ئازاب روھىي ئازاب بولىدۇ. ئۇ چاغدا روھىي ئازاب ئاشكارا، ئوچۇق بىر ئازابقا ئايلىنىدۇ. بۇ قەبرە ئازابى دېيىلىدۇ. قەبرىدىكى روھىي ئازابلار بۇ دۇنيادىكى جىسمانىي ئازابلارغا ئوخشايدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر