ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
توسالغۇلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

توسالغۇلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى

    ئىسلامدا دەۋەت ۋە دەۋادىن شەرەپلىك، ئەجىر-ساۋابى كاتتا بىر خىزمەت يوق. چۈنكى خەلققە ئىسلامنى يەتكۈزۈش دەۋەت، ئۇنى يەر يۈزىدە ھاكىم قىلىش يولىدا تىرىشىش دەۋا بولۇپ، ھەر ئىككىسى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرەپلىك خىزمىتى ۋە قىممەتلىك مىراسىدۇر.

   تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقنى ئىسلامغا چاقىرىش، ئۇلارغا ئىسلامنى يەتكۈزۈش دەۋەت؛ خەلقنى كۇفرى قاراڭغۇلىقىدىن ئىمان نۇرىغا، زۇلۇم خارلىقىدىن ئىسلام ئادالىتىگە چىقىرىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دەۋا بولۇپ، بۇلار بىر بىرىدىن ئايرىلالمەيدىغان بىر جۇپ قوشكېزەكلەردۇر[1].

   دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىكى خىزمەتلەر پۈتۈن خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، بۇ يولدىكى سۆزلەر پۈتۈن سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ گۈزىلىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِّمَّن دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ(. يەنى «ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە <مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن> دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟»[2].

   بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە چوقۇم بىر جامائە ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: )وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وأولئك هُمُ الْمُفْلِحُونَ(. يەنى «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر»[3]. بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغانلار داۋاملىق ھېكمەت، ياخشى ۋەز-نەسىھەت ۋە چىرايلىق سۆزلەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى لازىم. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: )ادْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ(. يەنى «رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، (مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن»[4].

   قۇرئان كەرىمدە، خەلققە ھەرۋاقىت بىر پەيغەمبەر كەلسە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم شەقىيلەرنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە تۇرلۈك ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزگەنلىكى، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرنىڭ چىداملىق بولۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى، مەسخىرە قىلغان شەقىيلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى بىلەن ھالاك بولغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ تەكرار تەكىتلىنىشى بۇ شەرەپلىك خىزمەتنىڭ سىناقلىرىنىڭ كۆپ، توسالغۇلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت بولۇپ، بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلىماقچى بولغان ھەربىر شەخسنىڭ پۇختا تەييارلىق بىلەن يولغا چىقىشىنى تەققەززا قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدا، جۈملىدىن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىدا كۈندىن-كۈنگە ئىماننىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، يېتىلۋاتقان ياشلارنىڭ تور ۋە ئەقىللىق تېلېفونلارنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئىسلام كىملىكىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئامىللار بۇنىڭدىن كېيىن دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىكى سىناق ۋە توسالغۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىش ئېھتىماللىقىنى كۆچەيتمەكتە.

   دەۋەت ۋە دەۋا يولى بەزىلەر گۇمان قىلغاندەك، پاياندازلار سېلىنغان، ئەتىر-گۈللەر چېچىلغان يول بولماستىن، بەلكى ھىممىتى تۆۋەن، ئىرادىسى ئاجىزلارنى ئاقسىتىپ قويىدىغان، ھەتتا سىقىپ ۋە شاللاپ چىقىرىۋېتىدىغان نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى سىناق ۋە توسالغۇلىرى بار يول بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلاردىن بىر قانچىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز:

   1. تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە ئۇچراش. دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەر خەلقنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادىتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، بەزىلەر قوللاشنىڭ ئورنىغا، تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىن توسۇشقا ئورۇنۇپ كەلمەكتە.

  ھەل قىلىش چارىسى: سەۋرچان بولۇش ۋە تەقۋالىقنى ئاشۇرۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَلَتَسمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الكِتَابَ مِن قَبلِكُم وَمِنَ الَّذِينَ أَشرَكُوا أَذىً كَثِيراً وَإِن تَصبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَلِكَ مِن عَزمِ الأُمُورِ(. يەنى «سىلەر ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋا بولساڭلار (يەنى سۆز ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر»[5].

   2. تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەرگە ئۇچراش. دۈشمەنلەر ھەر زامان، ھەر ماكان دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەرگە قارشى تۈرلۈك سۈيقەست ۋە ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يولدا توسالغۇ پەيدا قىلىشقا ئورۇنىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى:ئاللاھقا ھەقىقىي تايىنىش، سەۋر قىلغان ۋە تەقۋا بولغان مۇئمىنلەرگە دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وقد مكروا مكرهم وعند الله مكرهم وإِن كَانَ مَكرُهُم لِتَزُولَ مِنهُ الجِبَالُ(. يەنى «ئۇلار ھەقىقەتەن  (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (چوڭ) بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ»[6].

   ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغان ۋە تەقۋا بولغان مۇئمىنلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن، زىيان-زەخمەتلىرىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَإِن تَصبِرُوا وَتَتَّقُوا لا يَضُرٌّكُم كَيدُهُم شَيئاً إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعمَلُونَ مُحِيطٌ(. يەنى «ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋا بولساڭلار يەنى (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر»[7].

   3. بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە ئۋچراش. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بېسىم ۋە تەھدىتلەر كۈچىيىدۇ. بېسىم ۋە تەھدىتلەرنىڭ كۈچىيىشى دەۋەت ۋە دەۋا يولىدا ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: ئاللاھتىن مەدەت تىلەش، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش. تارىختا پەيغەمبەرلەر، دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكى مۇئمىنلەر زالىملارنىڭ بېسىملىرىگە؛ رەجىم قىلىش، يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىش قاتارلىق تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھتىن مەدەت تىلەش، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرغان. نەتىجىدە، ئاللاھ پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىپ، بېسىم ۋە تەھدىت قىلغان زالىملارنى ھالاك قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُمْ مِنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا فَأَوْحَى إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ(. يەنى «كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: <سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك> دېدى. ئۇلارغا رەببى (مۇنداق) ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز»[8].

   4. چەكلىمە ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچراش. دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەر بەزىدە باتىل نىزام ۋە زالىم ھاكىملارنىڭ چەكلىمە ۋە توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچرايدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە دەۋەت ئىشلىرى قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، تائىف شەھىرى ئەھلىدىن ياردەم سوراپ قايتىشىدا بىر توپ كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇرەيش كاپىرلىرى جىددىي يىغىن ئېچىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلكىدىكى پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى، قەۋم-جامائەتلىرىنى تاشلاپ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. شۇنىڭدەك تارىختا نۇرغۇنلىغان دەۋەتچى ۋە رەھبەرلەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان شەھەرنى تاشلاپ، باشقا شەھەرلەردە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

   5. مەسخىرەگە ئۇچراش. مەسخىرىنىڭ كۈچىيىشى بەزى ئىنسانلاردا ئۈمىدسىزلىك ۋە روھىي چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئىچىدىكى بىر تۈركۈم شەقىي ئىنسانلار تارىختىن بېرى پەيغەمبەرلەرنىڭ، دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىكى مۇئمىنلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتا، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن. 

   ھەل قىلىش چارىسى: چىداملىق بولۇش، مەسخىرىلەرگە پىسەنت قىلماستىن خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ شەقىيلەرنىڭ مەسخىرىلىرىدىن سالامەت قالغان ئەمەس. ئۇلار  ئاللاھنى «ئۈچ ئاللاھنىڭ ئۈچىنچىسى»، «بېخىل»؛ پەيغەمبەرلەرنى «سېھرىگەر»، «كاھىن»، «مەجنۇن» دەپ مەسخىرە قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەر چىداملىق بولۇپ، شەقىيلەرنىڭ مەسخىرىلىرىگە پىسەنت قىلماستىن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. چۈنكى، مەسخىرە قىلغۇچىلار ھەرگىز جازاسىز قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ(. يەنى «سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى»[9].

   6. پۇل-مال ۋە مەنسەپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئالداشقا ئۇچراش. بۇ، ئادەتتە دۈشمەنلەر كۆپ قوللىنىدىغان تاكتىكا بولۇپ، تارىختا بۇ تاكتىكىغا ئالدىنىپ يولدىن ئاداشقانلار ئاز ئەمەس.

   ھەل قىلىش چارىسى: دۈشمەنلەرگە باشتىلا مەقسەتنىڭ پۇل-مال ۋە مەنسەپ ئەمەس، بەلكى ئىسلاھ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش. كاپىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «إن أردت مُلكًا ملكَّناك علينا، وإن أردت مالًا جمعنا لك حتى تصير أغنانا» يەنى «ئەگەر پادىشاھ بولۇشنى ئىزدىسەڭ، سېنى ئۆزىمىزگە پادىشاھ قىلايلى، ئەگەر پۇل-مال ئىزدىسەڭ، سەن بىزنىڭ ئەڭ بېيىمىز بولغۇدەك مىقداردا ساڭا پۇل-مال يىغىپ بېرەيلى» دېگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە باتىل يولدىكىلەرمۇ ھەق يولدىكىلەرگە ئوچۇق ياكى دارتمىلاپ شۇنداق دېمەكتە. دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىكىلەر بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ھامان، ئۇلارغا مەقسەتنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشى ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك:  )وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى رَبِّ الْعَالَمِينَ(. يەنى «دەۋەت قىلغىنىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن»[10]. )إِنْ أُرِيدُ إِلَّا الْإِصْلَاحَ مَا اسْتَطَعْتُ وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّهِ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ(. يەنى «مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنى خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن»[11].

   7. ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە ئۇچراش. ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ كېچىكىشى ۋە ئەزىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، بەزىدە ئىنسانلارغا ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك يېتىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ روھىي مەغلۇبىيەت بولۇپ، چوڭ توسالغۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. 

   ھەل قىلىش چارىسى: ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ مەلۇم ۋاقىت كىچىككەن تەقدىردىمۇ، چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )أَم حَسِبتُم أَن تَدخُلُوا الجَنَّةَ وَلَمَّا يَأتِكُم مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوا مِن قَبلِكُم مَسَّتهُمُ البَأسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلزِلُوا حَتَّى يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَى نَصرُ اللَّهِ أَلا إِنَّ نَصرَ اللَّهِ قَرِيبٌ(. يەنى «سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۇئمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر: <ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟> دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»[12].

   8. ئىقتىساد كەمچىل بولۇش. يېتەرلىك پۇل-مال بولمىسا، دەۋەت ۋە دەۋا خىزمىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: جىددىي ئىزدىنىش بىلەن بىرگە، تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا چات كىرىۋالماي، ماددىي ئىمكانىيەتكە كۆرە ئىش ئېلىپ بېرىپ، خىزمەتنى توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا(. يەنى «بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز»[13]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «أحب الأعمال الى الله أدومه وإن قل». يەنى «ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ داۋام قىلغىنىدۇر»[14].

   ئۆلىمالار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتا ئۆشرە، زاكات، ئېھسان، ئىئانە ۋە بەدەل بۇلى يىغىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش؛ ۋەقپە-راباتلارنىڭ كىرىملىرىدىن پايدىلىنىش؛ تەجرىبىلىك تىجارەتچىلەرنى تەشكىللەپ بازار ئېچىش؛ زاۋۇت، كارخانا ۋە شىركەت قۇرۇش؛ ئىسلامىي بانكا تەسىس قىلىش؛ زىرائەت، سانائەت، ئىمپورت، ئېكسپورت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش؛ بىخەتەر ئىقتىسادىي ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

   9. قوللىغۇچىلار ئاز بولۇش. دەۋەت ۋە دەۋا خىزمىتى ھەقىقەتەن كۆپ قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج. چۈنكى قوللىغۇچىلار قانچە كۆپ بولسا، خىزمەت شۇنچە بەرىكەتلىك بولىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: قوللىغۇچىلار ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئالغا ئىلگىرلەش. چۈنكى، بۇ دۇنيادا كۆپىنچە، باتىلنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ، ھەقنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ(. «ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ»[15].

   فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «باتىل يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدانمىغىن، ھەق يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىغا ئەجەبلەنمىگىن». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەن (ھەق يولدا) يالغۇز بولساڭمۇ، بىر ئۈممەتسەن».

   10. ئىمكانىيەت ئاز بولۇش. بۇ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خىزمەتنى ئاقسىتىپ قويىدۇ، ۋاقتىدا چارە كۆرۈلمىسە، خىزمەتنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇشىمۇ مۇمكىن.

   ھەل قىلىش چارىسى: ئىمكانىيەت يارىتىش. مۇسا ئەلەيھىسسالام تىلى كېكەچ بولغان بولسىمۇ، راۋان سۆزلىيەلمەيمەن دەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچمىغان. بەلكى ئاللاھتىن قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچىسى قىلىپ بېرىشنى تىلەش ئارقىلىق خىزمەتنىڭ ھوددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا مۇنداق ئىلتىجا قىلغان: )وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي. هَارُونَ أَخِي. اشْدُدْ بِهِ أَزْرِي. وَأَشْرِكْهُ فِي أَمْرِي(. «ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن. ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن. مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن»[16].

   11. قىزغىنلىقى ئاجىزلاپ قېلىش. بەزىلەر دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدە بىر مەزگىل ناھايىتى قىزغىن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋالقى قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ، خىزمەتتە بوشىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

   ھەل قىلىش چارىسى: تىرىشچان ئىخلاسمەن ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇش، جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش.

   12. مېۋىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ قېلىش. بۇ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ قالغانلار ئۈچۈن چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشكە كۆزى يەتمىسە، خىزمەت قىلىشتىن توختاپ قالىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: مەسۇلىيەتنىڭ نەتىجىنى كۆرۈش ئەمەس، بەلكى يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىكەنلىكىنى بىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُم(. تەرجىمىسى: «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر)»[17].

   13. كىبىر پەيدا بولۇپ قېلىش. كىبىر ئىنساننى ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىشتىن ۋە توغرا يولدا مېڭىشتىن توسۇپ قويىدىغان ناچار ئىللەت بولۇپ، بۇ ئىللەت ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئاقىۋىتى ياخشى بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: كەمتەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىمانىنى يېڭىلاش. چۈنكى كىبىر ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى توغرا چۈشۈنەلمەيدىغان، ھەقنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنداق ئىنسان توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنى ياراتماي ئۇ يولدا ماڭمايدىغان، خاتا يولنى كۆرسە، ئۇنى ماختاپ ئۇ يولغا ئۆزىنى ئاتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )سَأَصْرِفُ عَنْ آَيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آَيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا(. يەنى «يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ»[18].

   14. نىيەت ئۆزگىرىپ قېلىش. ھەق يولدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان بەزى كىشىلەرنى شەيتان ئازدۇرۇپ، دۇنيا مەنپەئىتى ياكى نەپسىنىڭ ئىستىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

  ھەل قىلىش چارىسى: ئۆزىنى قەتئىي چوڭ تۇتماسلىق، داۋاملىق كەمتەر بولۇش ۋە ئۆزىدە ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىش روھىنى يېڭىلاش. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ كېسەل ۋە دورىنى بىرلا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىشلارنى ئەڭ بوزىدىغان نەرسە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئەڭ ئىسلاھ قىلىدىغان نەرسە ئىخلاستۇر».

   15. ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قېلىش. ھەقىقەتەن بۇ چوڭ بىر توسالغۇدۇر. ئاۋۋال نېمە ئىش قىلىشنى، ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەسلىك بۇگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرىدۇر.

   ھەل قىلىش چارىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىش ۋە تەلىماتىغا ئەمەل قىلىش. يەنى ئىشنى ئاۋۋال خەلقنى تەۋھىدكە چاقىرىش، ئىماننى ئۆگىتىشتىن باشلاش لازىم. خەلقنىڭ دەۋەت ۋە دەۋا خىزمىتىنى قوللاش-قوللىماسلىقى ئۇلارنىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسىگە ۋە ئىماننى ئۆگىنىشىگە باغلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىش ئالدىدا، ئۇنىڭغا مۇنداق تەۋسىيە قىلغان: «إنك تأتي قومًا من أهل الكتاب، فليكن أول ما تدعوهم إليه شهادة أن لا إله إلا الله». يەنى «سەن ئەھلى كىتاپتىن بىر قەۋمنىڭ يېنىغا بارىسەن، سەن ئۇلارنى چاقىرىدىغان نەرسىنىڭ ئاۋۋىلى ئاللاھتىن باشقا مەبۇد يوق دەپ شاھادەت ئېيتىشقا چاقىرىش بولسۇن»[19].

   16. خەلقنىڭ قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىش. بۇمۇ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەندىشە قىلىش ۋە تەشۋىشلىنىش روھىي مەغلۇبىيەتنىڭ ئالامىتىدۇر.

   ھەل قىلىش چارىسى: دەۋەت ۋە دەۋا يولىدا تىرىشىش بىزدىن، تەۋپىق-ھىدايەت ئاللاھتىن دەپ بىلىپ، ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ(. «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ»[20].

   17. خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. بۇنىڭغا كىبىر، تارتىنچاقلىق، قورقۇنچاقلىق قاتارلىقلار سەۋەب بولسا كېرەك.

   ھەل قىلىش چارىسى: مەسئۇلىيەتنىڭ خەلقنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلىش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنىڭ خەلقنىڭ ئالدىغا بېرىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: )كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ. قَالُوا بَلَى قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ(. «دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: <سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟> دەپ سورايدۇ. ئۇلار: <ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېگەنىدۇق> دەيدۇ»[21]. يەنە بىر ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىر كىشىنىڭ خەلقنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشكە چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: )وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَى قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ(. «شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار»[22].

   18. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن چەتنەپ كېتىش. ھەقىقەتەن بۇ چوڭ توسالغۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

   ھەل قىلىش چارىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا قايتىش. دەۋەت ۋە دەۋا يولى تىكەنلەر بىلەن تولۇپ تاشقان، ئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بىلەن قورشالغان يولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بەزى دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ بىرەر ئاپەت ياكى كۈلپەتكە يولۇققان ھامان، يولىنى داۋاملاشتۇرالماي قايمۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ھەقىقىي قايتسا، ئۆزلىرى يولۇققان كۈلپەتلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ يولۇققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، يولىنى تەمكىنلىك بىلەن داۋاملاشتۇرالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى سەۋر قىلىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۈمىۋار بولۇپ، ئالغا ئىلگىرلەش يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىدا توسالغۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن چارىلىرى بار.

   19. قوپال، باغرى قاتتىق بولۇش. بۇ قوللىغۇچىلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ناچار ئىللەت بولۇپ، دەۋەت ۋە دەۋا خىزمىتىدىكى ئەڭ يامان ئاپەتلەردىن سانىلىدۇ. 

   ھەل قىلىش چارىسى: مۇلايىم، باغرى يۇمشاق ۋە ئەپۇچان بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ(. يەنى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تايانغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) تايانغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»[23].

   20. تۆر، شۆھرەت ۋە مەنسەپ تەمەسىدە بولۇش. دۇنياپەرەسلەردە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى ھەيران قالارلىق بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى دەۋەت ۋە دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ۋە ئېچىنارلىقتۇر.

   ھەل قىلىش چارىسى: ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، خىزمەت تەقسىماتىغا رازى بولۇش، سەلەف سالىھلەرنىڭ كەمتەر بولۇش، تۆر، شۆھرەت ۋە مەنسەپ تەمەسىدە بولماسلىق روھىدىن ئۆگىنىش.

   ئۆلىمالار شۆھرەت ۋە مەنسەپ تەمەسىدە بولۇشنىڭ ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، ماختىنىشنى ياخشى كۆرۈش، باشقىلارنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنى كۆتۈرۈشكە ئورۇنۇش، ئۆزى باش بولمىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى قوللىماسلىق، باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىملىي ئاساسسىز تەنقىت قىلىش، خاتالىقى ئېنىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىش، باي ۋە مەنسەپدارلارغا خۇشامەت قىلىش، پەتىۋاچى بولۇشقا ئالدىراپ كېتىش قاتارلىق بىر قانچە تاشقى كۆرۈنۈشلىرىنى بايان قىلغان. ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىخلاسمەن نامسىز مۇجاھىتنى مەدھىيلەپ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى يايان قىلىدۇ: «طوبى لعبد آخذٍ بعنان فرسه في سبيل الله، أشعثٍ رأسه، مغبرةٍ قدماه، إن كان في الحراسة كان في الحراسة، وإن كان في الساقة كـان فـي الـسـاقة، إن استأذن لم يؤذن له، وإن شفع لم يُشَفّع». يەنى «ئېتىنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇپ ئاللاھ يولىدا ماڭغان، چاچىلىرى چۇۋۇلغان، قەدەملىرى توپىغا مىلىنگەن بەنىدىگە جەننەت بولسۇنكى، ئۇ قوشۇننىڭ ئاۋۋىلىدە تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئاۋۋىلىدە تۇرۇشقا رازى بولىدۇ، ئاخىرىدا تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئاخىرىدا تۇرۇشقا رازى بولىدۇ، (خەلق ئارىسىدا ئابرويى ۋە نوپۇزى بولمىغانلىقتىن) ئۇ رۇخسەت سورىسا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ، بىرەرسىگە شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ»[24].

   بۇ ھەدىستە، دۇنياغا ئالدىنىپ قېلىش؛ نەپسى خاھىشىغا بېرىلىش كېتىش؛ تۆر، شۆھرەت ۋە مەنسەپ تەمەسىدە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، كەمتەرلىك، ئىخلاسمەنلىك ۋە نامسىز قەھرىمانلىق روھى مەدھىيلەنگەن.

   مانا بۇلار دەۋەت ۋە دەۋا يولىدىكى بەزى توسالغۇلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى بولۇپ، دەۋەت ۋە دەۋا خىزمىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ توسالغۇلارنىڭ تېخىمۇ زورىيىشى ۋە ئېغىرلىشىشى مۇقەررەر. لېكىن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى يەنى سەھىھ ھەدىسلەرگە چىڭ ئېسىلغان ئىمان كارۋانلىرىنىڭ ھەرقانداق توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرلەپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىدا شەك يوق.

   بۇ يەردە، دوكتۇر ئەھمەد ئابدۇلمۇنئىمنىڭ فەيسبوك بېتىدىكى بۇ مەكتۇپىنى پايدىلىق ۋە ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم[25]:

ئىسلام خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەكتۇپ

   1. ئورنىڭىزنى بىلىڭ. تۈزىمەن دەپ بۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ئۈچۈن، ئۆز ساھەڭىزدىن ھالقىپ كەتمەڭ. )وَمَا مِنَّا إِلَّا لَهُ مَقَامٌ مَّعْلُومٌ(. يەنى «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار»[26].

   2. ئورنىڭىزنى ۋە ئىمكانىيىتىڭىزنى بىلگىنىڭىزدىن كېيىن، ئۇنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭ. )خُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُن مِّنَ الشَّاكِرِينَ(. يەنى «ساڭا مەن ئاتا قىلغاننى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»[27].

   3. ھەرقانداق بىر ساھەدە ئۆزىڭىزدىن ئەۋزەل كىشىنى تاپسىڭىز، ئۇ ساھادە شۇ كىشىنى ئالدىغا چىقىرىڭ. )وَأَخِي هَارُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّي لِسَانًا(. يەنى «قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر»[28].

   4. ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندەك، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىڭ. شۇنداق قىلىش ئىختىلاپقا ئەمەس، بەلكى تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ. خەزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقان بۇ سۆزىدىن دەرس ئېلىڭ: «يَا مُوسَى إِنِّي عَلَى عِلْمٍ مِنْ عِلْمِ اللَّهِ عَلَّمَنِيهِ لاَ تَعْلَمُهُ أَنْتَ، وَأَنْتَ عَلَى عِلْمٍ عَلَّمَكَهُ لاَ أَعْلَمُهُ». يەنى «ئى مۇسا! مەندە ئاللاھنىڭ ئىلىمىدىن ئاللاھ ماڭا بىلدۈرگەن، سەن بىلمەيدىغان ئىلىم بار؛ سەندە ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن، مەن بىلمەيدىغان ئىلىم بار».

   5. باشقىلارنى چۈشۈرۈش، ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلاردىن بىلىش ۋە چۈشىنىش سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلماڭ. )وَقَالَتِ الْيَهُودُ لَيْسَتِ النصارى عَلَى شَيْءٍ وَقَالَتِ النصارى لَيْسَتِ الْيَهُودُ عَلَى شَيْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ الْكِتَابَ(. يەنى «يەھۇدىيلار: <ناسارالار توغرا دىندا ئەمەس> دېدى. ناسارالارمۇ: <يەھۇدىيلار توغرا دىندا ئەمەس> دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ»[29]. دۇنيانىڭ مال-مۈلكىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەپ ئىش قىلىدىغان بولۇڭ. )وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ أَلْقَىٰ إِلَيْكُمُ السَّلَامَ لَسْتَ مُؤْمِنًا تَبْتَغُونَ عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَعِندَ اللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٌ(. يەنى «سىلەرگە (مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ) سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال-مۈلكىنى (يەنى غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ـ سەن مۇئمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ئەجىر-ساۋابلار) بار»[30].

   6. قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ھەرگىز ئىختىلاپلاشماڭ. چۈنكى ئىختىلاپ ھەيۋەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. )وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ(. يەنى «ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ»[31].

   7. مەن باشقىلار كۆرمىگەننى كۆردۇم دېگەن قاراشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى بۇ سامىرىيچە قاراش بولۇپ، تەپرىقچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ يولىدۇر. )بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا بِهِ(. يەنى «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم»[32]. دوكتۇر ئەھمەد ئابدۇلمۇنئىمنىڭ مەكتۇپى بۇ يەردە تۈگىدى.

   خۇلاسە:

   دەۋەت ۋە دەۋا مۇئمىن-مۇسۇلماننىڭ بۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقىنىدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئالىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. چۈنكى بۇ، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ، سالىھ ۋە تەقۋادارلارنىڭ خىزمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مەدھىيلىگەن ۋە بۇ خىزمەتنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ خىزمەتنىڭ ئەڭ ئەۋزەل، ئەڭ شەرەپلىك، ئەجىر-ساۋابى ئەڭ كاتتا خىزمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە مۇئىن-مۇسۇلمانلارنى بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە چاقىرغان.

   لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، دەۋەت ۋە دەۋا يولى پاياندازلار سېلىنغان، ئەتىر-گۈللەر چېچىلغان يول بولماستىن، بەلكى تىكەنلەر، ئېغىر كۈلپەتلەر، نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى سىناق ۋە توسالغۇلار بىلەن قورشالغان قىيىن ۋە جاپالىق يولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يولغا ئۆزىنى بېغىشلىماقچى بولغانلارنىڭ پوختا تەييارلىق قىلىشى ۋە كۈچلۈك قوراللىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، پوختا تەييارلىق قىلغان، كۈچلۈك قوراللانغان، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى يەنى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنى ياشاش مىزانى قىلغان دەۋەت ۋە دەۋا كارۋىنى ئىلگىرىكى ئىمان كارۋىنىغا ئۇخشاش، ھەرقانداق قىيىن توسالغۇلارنى يېڭىپ، يولىنى راۋان داۋاملاشتۇرالايدۇ. بۇ كارۋاننى داۋانلار توسالمايدۇ، پىتنە-پاساتلار قايمۇقتۇرالمايدۇ، بالا-مۇسىبەتلەر توختىتالمايدۇ، دۈشمەنلەر قورقۇتالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ئىمان كارۋىنى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: )الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيل.ُ فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ(. يەنى «(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: <كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) ھەقىقەتەن سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار> دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: <بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!> دېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر»[33].

 

 

****

 



[1] بۇ يەردە ئىسلام كىملىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان دەۋا كۆزدە تۇتىلىدۇ.

[2] سۈرە فۇسسىلەت 33-ئايەت.

[3] سۈرە ئال ئىمران 104-ئايەت.

[4] سۈرە نەھل 125-ئايەت.

[5] سۈرە ئال ئىمران 186-ئايەت.

[6] سۈرە ئىبراھىم 46-ئايەت.

[7] سۈرە ئال ئىمران 120-ئايەت.

[8] سۈرە ئىبراھىم 13-ئايەت.

[9] سۈرە ئەنئام 10-ئايەت.

[10] سۈرە شۇئەرا 145-ئايەت.

[11] سۈرە ھۇد 88-ئايەت.

[12] سۈرە بەقەرە 214-ئايەت.

[13] سۈرە مۇئمىنۇن 62-ئايەت.

[14] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[15] سۈرە ئەنئام 116-ئايەت.

[16] سۈرە تاھا 29-31 ئايەتلەر.

[17] سۈرە بەقەرە 272-ئايەت.

[18] سۈرە ئەئراف 146-ئايەت. 

[19] ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[20] سۈرە بەقەرە 272-ئايەت.

[21] سۈرە مۈلك 7-9 ئايەتلەر.  

[22] سۈرە ياسىن 20-ئايەت.

[23] سۈرە ئال ئىمران 159-ئايەت.

[24] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[25] المصدر: صفحة الدكتور أحمد عبد المنعم على موقع "فيسبوك".

[26] سۈرە ساففات 164-ئايەت.

[27] سۈرە ئەئراف 144-ئايەت.

[28] سۈرە قەسەس 34-ئايەت.

[29] سۈرە بەقەرە 113-ئايەت.

[30] سۈرە نىسا 94-ئايەت.

[31] سۈرە ئەنفال 46-ئايەت.

[32] سۈرە تاھا 96-ئايەت.

[33] سۈرە ئال ئىمران 173-. 174-ئايەتلەر.

باشقا خىزمەتلەر