ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
مۆمىنلەرگە تىل ۋە قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر
ھۆرمەتلىك دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات
مۆمىنلەرگە تىل ۋە قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر
ھۆرمەتلىك دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات
2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «مۇئمىنلەرگە تىل، قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھەر بىر جان ئىگىسىگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش، تاجاۋۇز قىلماسلىق ۋە ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇش، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ خىسلەتتۇر. ئەكسىچە، مۇئمىنلەرگە ئازار بېرىش، بۆھتان چاپلاش ۋە يامان گېپىنى قىلىپ، غەيۋەت قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر. ئۇنداق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا خارلىق شارابىنى ئىچىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر، مۇئمىن ئاياللارغا ئازار بېرىش، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى تۆكۈش مەقسىتىدە تىل ئۇزارتىش ئېغىر گۇناھ ھېسابلانسا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ساھابىلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىش، كەچۈرگۈسىز ئېغىر گۇناھ ۋە ھالاكەتتۇر.
ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىش جىنايەتلىرى تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن، ھەتتاكى بۇ جىنايەت تەرەققىي قىلىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى سەييىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تىل ئۇزارتىشقىچە يېتىپ بارغان، ۋەھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا ئازار بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئائىشە ئانىمىز بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئائىشە توغرىلىق ئازار بەرمەڭلار، ماڭا ئائىشەدىن باشقا ھېچقايسى ئايالنىڭ قېشىدا بولغىنىمدا ۋەھىي نازىل بولمىغان». ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى رەسۇلەللاھ! ئاياللاردىن سىزگە ئەڭ يېقىملىقى كىم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئائىشە» دېگەن. ئەرلەردىنچۇ؟ دېگەندە: «ئائىشەنىڭ دادىسى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن.
يەنە بىر شەرەپ شۇكى، ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىكى ئايالى بولسا، ئاخىرەتتىمۇ ئايالىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى رەسۇلەللاھ! ئاياللىرىڭىزدىن كىملەر جەننەتكە كىرىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن: «جەننەتكە كىرىدىغانلار ئىچىدە سىز بار» دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: «سىزگە جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامى بار» دېگەندە، ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ». دەپ بولۇپ، سىز ئۇنى كۆرەلەيسىز، لېكىن بىز كۆرەلمەيمىز» دېگەن. ئائىشە ئانىمىز تەيەممۇم ئايىتى نازىل بولۇشقا سەۋەب بولغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزلى-كەرىمى شۇنچە كۆپكى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم ئائىشە ئانىمىزغا يۈز مىڭ دىرھەم پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن. پۇل كەلگەن كۈننىڭ ئۆزىدە ئائىشە ئانىمىز يۈز مىڭ دىرھەمنىڭ ھەممىنى پېقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىۋەتكەن. ئائىشە ئانىمىزنىڭ چۆرىسى ئائىشە ئانىمىزغا:«كەچلىك تاماققا گۆش ئالىدىغانغا ئازراق قالدۇرغان بولساڭمۇ» دېگەندە «بالدۇرراق خاتىرلەتكەن بولساڭ شۇنداق قىلاتتىم»دېگەن. بۇرۇنراق دېگەن بولسىڭىز شۇنداق قىلغان بولاتتۇق، دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرىدىن يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالىمايتتى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئېغىر كېسەللىك ۋاقتىدا بەلكى سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن قېشىغا كىرىشكە رۇخسەت سورىغان، ئائىشە ئانىمىز: ئۇ قېشىمغا كىرسە، مىنى ماختىشىدىن قورقىمەن، دېگەندە ساھابىلار: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، مۇسۇلمانلارنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى، دېگەندە: كىرسۇن، دەپ رۇخسەت بەرگەن. ئىبنى ئابباس ئائىشە ئانىمىزدىن ھال سوراپ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دەپ سورىغاندا: مەن تەقۋادار بولساملا ياخشى، دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىز ياخشى، سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى، قىز ئۆيلەنگەن ئايالى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سىزدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمىگەن. سىزنىڭ پاكلىقىڭىز ئاسماندىن نازىل قىلىنغان، دېگەن.
ئىبنى زۇبەير مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېشىغا كىرگەندە: ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭغا: ئىبنى ئابباس كەلگەن ئىكەن، ئۇ مىنى ماختاپ كەتتى، مەن ئۆزۈمگە مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم، دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بەرىكەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ مول بىلىم بايلىقى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلمىگەن مەسىلىلىرىدە مۇراجىئەت قىلىدىغان فىقھى ئالىمى ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدە، مېنىڭ نۆۋىتىمدە ۋە مېنىڭ قۇچىقىمدا نەپەس ئۈزدى، دېگەن.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرى، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆپ بولۇپ، بۇ پەزىلەتلەرنى كەڭ ئامما ئارىسىدا تارقىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا تىل ئۇزارتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەنلىك بولۇپ، ئىمانغا تاقىشىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى بولسا، ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ئەڭ ياخشى ئىنسانلارنى ياخشى كۆرگەن، پەيغەمبىرىمىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىماندىندۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى، ئاياللىرى، بولۇپمۇ ھەققىدە قۇرئان چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەلللاھۇ ئەنھانى ئۇلۇغلىشى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ۋە تىل ئۇزاتماسلىقى كېرەك.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنى، پەيغەمبىرىنى، ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشى كۆرىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن! تەۋەللا-تەبەررادىن ئىبارەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش نېمىتىنى ئاتا قىلسۇن! مەنپەئەت كەلسە ماختاپ، مەنپەئەت ئۈزۈلسە غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدىغان روھىي مەرەزلىكتىن ساقلىسۇن، ئامىين!!. .
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر