ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
جازالارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پەرقلىق بولۇشى

جازالارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پەرقلىق بولۇشى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ دەرىجىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى جازالىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مۇۋەپپەقيىتى بىلەن تۆۋەندە بىز گۇناھلار ھەققىدە قىسقىچە، ئىخچام، ئاممىباب توختىلىپ ئۆتىمىز.

گۇناھلار ماھىيەت جەھەتتىن «ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلماسلىق، ئاللاھ چەكلىگەندىن يانماسلىق»تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەر ئارقىلىق سىنىدى.

«ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلماسلىق، ئاللاھ چەكلىگەندىن يانماسلىق»تىن ئىبارەت ئىككى گۇناھ سادىر بولۇش نۇقتىسىدىن جىسمانىي ۋە قەلبىي گۇناھلار؛ قاراتمىلىق ئىتىبارى بىلەن ئاللاھقا قىلىنغان گۇناھلار ۋە بەندىگە قىلىنغان گۇناھلار دېگەندەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

گەرچە بەندىلەرگە قىلىنغان گۇناھلار ئاللاھقا قىلىنغان گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقدىردىمۇ، بەندىلەرگە قىلىنغان گۇناھلارنىڭ جازالىرى بەندىلەرنىڭ ئۆتۈۋېتىشى بىلەن ساقىت بولىدىغان، جازا تەلەپ قىلىشى بىلەن جازا ئىجرا قىلىنىدىغان بولغاچقا يەنىلا بەندىلەرنىڭ ھەققى دەپ ئاتىلىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

باشقا خىزمەتلەر