ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
سۇخەنچىلىك ۋەگەپ توشۇش قەتئىي ھارام
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن ھۇمەيد
2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «سۇخەنچىلىك ۋە گەپ توشۇش قەتئىي ھارام» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. سىلەر ئۆتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭلار! ھايات بارلار بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانلاردىن ئىبرەت ئالماسلىق، ئېغىر زىيانكارلىقتۇر.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغىن، ئۆلۈم بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ھالقىسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ. ئاخىرەتتە ئەيىب يوق، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە خاھىشلىرى بىلەن مەست بولغان كىشى ئىبرەت ئالمىغان كىشىدۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:
{يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُلۡهِكُمۡ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ}
{ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار، سىلەرنى اﷲنىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲنىڭ تائەت- ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر}[1]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَاۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ}
{ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر}[2].
بىز توختالماقچى بولغان كېسەل، ئېغىر كېسەل بولۇپلا قالماستىن، كېسەللەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن ئېغىرراقى بولمىغان كېسەلدۇر. بۇ كېسەل مىڭلىغان قەلبلەرنى قانغا بويىغان، نەچچىلىگەن ئائىلىنى ۋەيران قىلغان، ئۆيلەرنى يىقىتقان، پىتنىلەرنى قوزغىغان، ئالاقىلارنى بۇزغان ۋە يارىشىش-سۈلھىگە ئورۇن قويمىغان كېسەل بولۇپ، ئۇ سۇخەنچىلىك ۋە گەپ توشۇش كېسىلىدۇر. سۇخەنچىلىك كېسىلى ئىنسانلاردا بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەت ئوتىنى قوزغايدىغان رەزىل بىر كېسەلدۇر. سۇخەنچىلىك بولسا، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىرىنىڭ گېپىنى يەنە بىرىگە ئاداۋەت پەيدا قىلىش مەقسىتىدە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
{وَلَا تُطِعۡ كُلَّ حَلَّافٖ مَّهِينٍ هَمَّازٖ مَّشَّآءِۢ بِنَمِيمٖ مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ عُتُلِّۢ بَعۡدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ}
{قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن}[3].
سۇخەنچى ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكى، ئىچى باشقا، تېشى باشقا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. سۇخەنچى دېگەن تەبىئىتى پەس، شەكلى گۈزەل، تۇرقى كۆركەم، لېكىن ئۆزىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. مېلى كۆپ، مەنسىۋى يۇقىرى بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمىتى يوق. ئۇ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي كۆز قىسىدۇ، كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق ھاقارەت قىلىدۇ. سۇخەنچى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان ئېھسان ئىگىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ياخشىلىق قىلىدىغانلارنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. سۇخەنچى ئۆزىنى ھارامدىن تارتمايدۇ، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تەبىئىي بولماستىن، سۈنئىيلىكنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، ئىككى يۈزلىمە بولۇپ، بۇلارنىڭ قېشىغا كەلسە بىر يۈز بىلەن، ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغاندا يەنە بىر يۈز بىلەن بارىدۇ.
سۇخەنچىنىڭ دوستلىرى ناچار ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرى غەيۋەت-شىكايەت ۋە باشقىلارنىڭ ئابرۇي-شەرەپلىرىنى تۆكۈش بىلەن تولغان. سۇخەنچى داۋاملىق ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كولايدۇ، ياخشىلىقىنى كۆرسە كۆرمەسكە سالىدۇ، يامانلىقىنى كۆرسە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلەيدۇ. سۇخەنچىلىككە ئامال تاپالمىسا، يالغانچىلىق ئېتىغا مىنىدۇ-دە! نىشان ئوبىكتى قىلغان كىشىنىڭ ئۈستىدىن يالغانلارنى توقۇشقا باشلايدۇ. سۇخەنچىلەر، گەپ توشۇيدىغان، دىنىنى باشقىلارنىڭ دىنىغا ساتىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئورنىغا ئىنسانلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەردۇر. سۇخەنچىنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر بولۇپ، ئۆزىنىڭ شەرىپى ۋە ئىناۋىتىنى ساقلاشنى بىلمەيدۇ ھەمدە باشقىلار بىر يىلدا بۇزالمىغاننى بىر سائەتتە بۇزالايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئىككى قەبرىنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «بۇ ئىككى قەبرىدىكىلەر ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار چوڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەمەس، ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىدۇ، بىرى گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىك قىلاتتى، يەنە بىرى سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «قىيامەتتە ئەڭ يامان كىشىلەر ئىككى يۈزلۈك كىىشىلەر بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قېشىغا بىر يۈز بىلەن، يەنە بەزىلەرنىڭ قېشىغا يەنە بىر يۈز بىلەن كېلىدۇ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سۇخەنچى ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر».
ئىسلام ئۈممىتى سۇخەنچىلىكنىڭ ھاراملىقىغا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، گەپ توشۇش گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنىڭ يامىنى سۇخەنچىلىك قىلىدىغانلاردۇر، ئۇلار دوستلارنى ئايرىۋېتىدۇ، ئارىلىقىنى بۇزىدۇ ۋە بىگۇناھ كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىدۇ» دېگەن.
سۇخەنچىلىك ئىنساننى يالغانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ، يالغانچىلىق، خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. سۇخەنچىلىك سۆز ۋە ئىما-ئىشارەت ئارقىلىق بولۇپ، ئىنسانلار ئوتتۇرىدىكى قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت رىشتىسىنى بۇزىدىغان ئىللەتتۇر. سۇخەنچىلىك شۇنداق ئېغىر كېسەلكى، كۆپلىگەن ئائىلە، ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئوتتۇرسىنى بۇزۇپ، ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. سۇخەنچىلىك دوست-بۇرادەرلەر، ئائىلە تاۋاباتلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرسىدىمۇ ھەمدە مەسئۇللار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئىچىدىمۇ يۈز بېرىدۇ، لېكىن ھاكىمىيەتتىكىلەر ئىچىدە يۈز بەرگەن سۇخەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر زۇلۇمغا ئۇچراپ قالىدۇ، شۇڭا ئالىملار ۋە ھاكىملار باشقىلار ھەققىدە سۇخەنچىلەردىن گەپ-سۆز ئاڭلىغاندا، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقى، كەلگەن خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرىشى كېرەك.
بىز ياشاۋاتقان زامان ئۇچۇر زامانى بولۇپ، توردىن ئىبارەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىمۇ گەپ توشۇش ۋە سۇخەنچىلىككە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. بەزى تەرەپلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تائىپەۋازلىق، مەزھەبچىلىك ۋە سىياسىي پىتنە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، شۇڭا خەلق ئاممىسى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقى كېرەك. مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا يامان گۇماندا بولماسلىقى كېرەك. ھەقىقىي مۇسۇلمان دىللارنى بۆلگۈچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى بىرلەشتۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا بىر ئادەم، باشقا بىر كىشىنىڭ گېپىنى دەپ كەلگەندە، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب: «گېپىڭ راست بولسا ساڭا كايىشىمىز كېرەك، يالغانچى بولساڭ جازاغا تارتىشىمىز كېرەك، خىزمەتچى بولساڭ خىزمىتىڭدىن قالدۇرىشىمىز كېرەك» دېگەندە، ئۇ كىشى: مىنى خىزمىتىمدىن ئېلىپ تاشلاڭ، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! دېگەن.
سىزنىڭ ھەقىقىي دوست-قېرىندىشىڭىز سىزنى يوق يېرىڭىزدە مۇداپىئە قىلىدۇ، شەرىپىڭىزنى ساقلايدۇ، ئابرۇيىڭىزغا داغ تەككۈزمەيدۇ ۋە غەيۋىتىڭىزنى قىلمايدۇ. كىم سىزگە باشقىلارنىڭ سىزنى سۆككەنلىكىنى يەتكۈزسە، ئۇ كىشى سىزنى سۆككەن ۋە سىزگە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. سىز داۋاملىق كۆڭلى - كۆكسىڭىز كەڭ، كەچۈرۈمچان ۋە ئەپۇچان بولۇڭ. باشقىلارغا قەلبىڭىزدە ئاداۋەت ۋە ھەسەتكە ئورۇن بەرمەڭ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى سۇخەنچىلىك، گەپ توشۇش، ھەسەت ۋە چىدىماسلىق كېسەللىرىدىن ساقلىسۇن، ئامىن!.
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر