ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام

تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام
مۇھەممەد يۈسۈپ
بۇ تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، مۇرات ئىسىملىك بىر كىشى مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ:
مەن بىر كۈنى بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسجىدنىڭ ئاستىن قەۋىتىدىكى تەرەتخانىغا كىرگەن ئىدىم. تەرەتخانىلار بوش ئەمەسكەن، كۈتۈپ تۇردۇم. شۇ ئارىدا مەسجىدنىڭ ئىمامى تەرەتخانىدىن (تۇۋالېتتىن) چىقتى ۋە تاھارەت ئالمايلا چىقىپ كەتتى. مەن ھەيران قالدىم. ئىچىمدە: «بۇ مەسجىدنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاھارەت ئالىدىغان يېرى بولمىسا، بۇ ئىمام تاھارەت ئالمايلا چىقىپ كەتتىغۇ، توختا! ئارقىسىدىن بىر ماراپ باقاي» دېدىم-دە، ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. ئىمام ئۇدۇل مېھرابقا ئۆتتى ۋە نامازنى باشلىۋەتتى. مەن ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي قالدىم. ناماز ئوقۇپ بولۇپ جامائەتكە ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇلار ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى. ئەتىسى ئەھۋالنى شۇ مەھەللىدىكى ماڭا ئىشىنىدىغان بىر مويسىپىت كىشىگە ئېيتتىم. ئۇ كىشى تۇرۇپ كېتىپ، «بۇ قانداق گەپ بولغىنى ئەمدى، بولدى ئەمدى بىز نامازنى يالغۇزدىن ئوقۇيلى» دېدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىمامنىڭ تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغانلىقى مەھەللىگە يېيىلىپ كەتتى، ھەممە ئىمامنى تىللايدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئىمامغا سالاممۇ بەرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بەزىلەر ئىمامنى مۇسۇلمان ئەمەسكەن ۋە ئارىمىزغا كىرىۋالغان مۇناپىق ئىكەن دېيىشتى ، مەسجىدكە ھېچكىم كەلمىدى، ئىمام نامازنى بىر قانچە كۈن ئۆزىگە ئۆزى ئىمام بولۇپ يالغۇز ئوقۇدى. ئىمامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كىشىلەرنىڭ تىل، ئازارلىرىغا چىداپ تۇرالماي، ئىمام بىلەن جەڭگى-جېدەل قىلىشىپ ئاخىر ئائىلە پارچىلاندى، ئايالى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ ئىمامنىڭ ئۆيىدىن كېتىپ قالدى. ئىمام بولسا بۇ مەھەللىدە تۇرالمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاياققىدۇر كېتىپ قالدى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. مەن ھەرەمگە ئۆمرىگە بارغان ئىدىم، ئۇ يەردە ھاۋا ئالماشقانلىقتىن، قاتتىق زۇكامداپ ئاغرىپ كەتتىم ۋە تۈركىيەگە ساقىيالماستىن قايتتىم. مەھەللەمدە داۋالىنىشنى باشلاپ ھەر كۈنى ئوكۇل سالدۇرۇشقا باشلىدىم. بىر كۈنى ئوكۇل سالدۇرۇپ بولۇپ، بەدىنىمگە قان يۇققانمىدۇ، دېگەن گۇمان بىلەن شۇ دوختۇرخانىنىڭ تەرەتخانىسىغا كىردىم ۋە بەدىنىمنىڭ ئوكۇل سېلىنغان يېرىنى كۆرۈپ چىقىپ، قان يۇقمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولدۇم. شۇ ئەسنادا ئىككى يىل بۇرۇن ئىمامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋالنى ئەسكە ئالدىم ۋە ئىچىمدە: «ئەگەر ئىماممۇ مەندەك ئوكۇل سالدۇرغان بولۇپ، بەدىنىمگە قان يۇققانمىدۇ، بۇنىڭدىن بىر خاتىرجەم بولاي دەپ تەرەتخانىغا كىرگەن بولسىچۇ؟» دېدىم. قاتتىق ئويغا چۆكتۈم، يۈرىكىم سوقۇپ كەتتى. ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىر شۇ ئىمامنىڭ ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ چىققۇم كەلدى. ئەمما ئۇ ئىمام يوقاپ كەتكىلى ئىككى يىل بولغان تۇرسا، ئەمدى ئۇنى نەدىن تاپىمەن؟ ئەقلىمگە بىر پىكىر كەلدى. ئىمامنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستى بار ئىدى، بەلكى ئىمامنىڭ ئەھۋالىنى ۋە كەتكەن يېرىنى دەپ بېرىشى مۇمكىن. مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ، ئاخىر ئىمامنىڭ ھېلىقى دوستىنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ كىشى مېنى ناھايىتى خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى ۋە تەلىپىمگە ئاساسەن ئىمامنىڭ ئەھۋالىنى دەپ بەردى. ئىمام ئۇنىڭغا ئىككى يىل بۇرۇن مۇنداق دەپ بەرگەن ئىكەن: «مەن ئوكۇل سالدۇرغان ئىدىم. قان چىقىپ تاھارىتىم بۇزۇلدىمۇ ياكى بۇزۇلمىدىمۇ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەسجىدنىڭ تەرەتخانىسىغا كىرىپ قاراپ باقتىم. تاھارىتىم بۇزۇلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدكە كىرىپ كەتتىم ۋە نامازنى تاماملىدۇق. شۇ كۈنىدىن باشلاپ جامائەت مېنى تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغان ئىمام دەپ يەكلەشكە ۋە سۆكۈشكە باشلىدى، ياكى ئۇلاردىن بىرەرسى ئالدىمغا كېلىپ، بۇ قانداق ئەھۋال دەپ سورىمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئائىلەممۇ بۇزۇلدى، ئەمدى مەن بۇ يېزىدا تۇرالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالدىم. شۇڭا مەن ئىراق تەرەپكە كېتىمەن».
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاسمان ئۈستۈمگە يىقىلغان بولۇپ كەتتىم، قاتتىق پۇشايماندا ئىچىمنى يېيىشكە باشلىدىم، كۈنلىرىم غەمكىنلىك ۋە ھەسرەت-نادامەت بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. دۇنيادا نۇرغۇن خاتالىقلارنى تۈزەتكىلى بولىدىكەن ۋە بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشىغىلى بولىدىكەن، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۆھمەت بىلەن پارچىلانغان ئائىلىنى، يېتىم بولغان سەبىيلەرنى ۋە مۇساپىرلىق كوچىسىغا چۈشكەن بىچارىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىكەن. مەن ھەرقانچە پۇشايمان قىلساممۇ ۋە ھەرقانچە تىرىشساممۇ ئۆزۈم بۇزۇپ قويغان بۇ ئىشنى تۈزەلمەيدىكەنمەن. شۇڭا، كېيىنكى ھاياتىم ۋىجدان ئازابى ۋە قاتتىق ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدى.
يۇقىرىقىلار مۇرات ئىسىملىك كىشىنىڭ سۆزلىرىدۇر. ئەسلىدە بىز ئۇلۇغ دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلساق ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ھايات كەچۈرىدىغان بولساق، بىلىپ-بىلمەي باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئۆزىمىزگە ئۇۋال قىلىشتىن ساقلىنىپ قالالايمىز. قۇرئان كەرىم بىزگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» . وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا « ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسئۇلىيەتسىز گەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن.
گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھى ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت – نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەر _ ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا »ئەر _ ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (بۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىمكى باشقىلارغا ئەيىب قويۇش ئۈچۈن يوق ئىشنى بار دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغان بولسا، شۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلىپ كەلمىگۈچە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن چىقارمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. يالغاندىن چاپلىغان تۆھمەتنىڭ ھەقىقىتىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولسۇن؟!
Görüntünün olası içeriği: bir veya daha fazla kişi ve ayakta duran insanlar
 

 

 

باشقا خىزمەتلەر